- تىزىملاتقان
- 2016-4-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2017-3-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3470
- نادىر
- 2
- يازما
- 157
ئۆسۈش
49%
|
ئەگەر، كومپيۇتېرنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىدىكى بۇيرۇق ئېقىمىنى 0 ۋە 1 دىن تەركىب تاپقان تاشيول تورى دېسەك، ئۇنداقتا مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) بۇ تاشيولدا تېز سۈرئەتتە كېتىپ بارغان ئاپتوموبىلغا ئوخشايدۇ. (CPU) خىزمەت قىلىش جەريانىدا «يولدىكى» بۇيرۇقلارنى ئىجرا قىلىپ ھەرخىل ئىقتىدارلارنى ئورۇنلايدۇ. بۇ جەريان ئىجرا بولۇۋاتقان مۇرەككەپ ئارىفمېتىكىلىق ھېسابلاش ياكى كەسكىن ئوينىلىۋاتقان تور ئويۇنى بولۇشىمۇ مۇمكىن.
دەسلەپكى مەزگىلدىكى كومپيۇتېرلار تاق مەركىزيي بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە تاق ۋەزىپىلىك ئىدى. بىردانە مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە پەقەت بىرلا خىل ۋەزىپە ئورۇنلىيالايتتى. بىردانە بۇيرۇق ئىجرا بولغاندىن كېيىن يەنە بىرى ئىجرا بولاتتى. بۇ خۇددى ئادەتتىكى تاشيولدا بىرلا ماشىنا ماڭغىنىغا ئوخشايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا «ماشىنا سوقۇلۇش» ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى يوق بولىدۇ. ھەم «خاتا يول مېڭىش، ئەھۋالىمۇ ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ. لېكىن مەلۇم خىل ئويلىمىغان ئەھۋال ياكى مېخانىك كاشىلا سېستىمىنىڭ نورمال يۈرۈشىنى توختىتىپ قويىدۇ. مەسىلەن:بۇرۇن UNIVAC چوڭ تىپلىق ماشىنىدا خىزمەت قىلغنا ئاللېن رېيت UNIVAC قا مۇناسىۋەتلىك ئەسلىمە ماقالىسىدە مۇنداق بىر قىزىقارلىق ھېكايىنى بايان قىلىدۇ. ھېكايىنىڭ باش پېرسۇناژى ئامېرىكا پولات تۆمۈر شىركىتىدە ئىشلىتىلگەن 14-نومۇرلۇق UNIVAC بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا كومپيۇتېر ئاز بولغاچقا، ھەربىرىگە ئايرىم-ئايرىم نومۇر قۇيۇلغان. بۇ UNIVAC يېقىن ئەتراپتىكى كۆلنىڭ سۈيى ئارقىلىق سوۋۇتۇلاتتى. بىر قېتىم بىر بېلىق سوۋۇتۇش سېستىمىسىغا قىسىلىپ قېلىپ، UNIVAC نى قىزىپ كېتىش سەۋەبلىك قاتۇرۇپ قويغان. ھازىرمۇ سېستىمىنىڭ بەك قىزىپ كېتىشى قېتىۋېلىشنىڭ بىر مۇھىم سەۋەبى ھېسابلىنىدۇ.
كومپيۇتېر قېتىۋېلىشنىڭ سەۋەبلىرى كۆپىنچە يۇمشاق دېتالنىڭ كاشىلىسى سەۋەبىدىن CPU نىڭ خىزمەت ئوربىتىسىدىن چەتنەپ كېتىپ داۋاملىق خىزمەت قىلالماسلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. ھەيران بولۇش بىلەن ئېسىلىپ قېلىش بولسا دائىم كۆرۈلىدىغان ئىككى خىل قېتىپ قېلىش ئەھۋالىدۇر ئالدىنقىسى ئاساسلىقى CPU نىڭ خاتا بۇيرۇققا يولۇقۇپ قېلىشى، يەنى 0 گە بۆلۈش بۇيرۇقىغا يولۇقۇشى، چۈنكى 0نى بۆلگۈچى قىلىشقا بولمايدۇ. شۇڭلاشقا كومپيۇتېر ھېسابلاش ئېلىپ بارالماي مەشغۇلات سېستىمىسىغا خاتالىق دوكلاتىنى يەتكۈزىدۇ. مەشغۇلات سېستىمىسى خاتالىق بۇيرۇقىنىڭ كېلىش مەنبەسىگە ئاساسەن ھۆكۈم قىلىدۇ. ئەگەر خاتالىق بۇيرۇقى تۆۋەن دەرىجىلىك قوللىنىشچان پىروگراممىغا تەۋە بولسا، ئۇ ھالدا مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ بىرتەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. ئەگەر يۇقىرى دەرىجىدىكى سېستىما پىروگراممىسىغا تەۋە بولسا ئۇ ھالدا سېستىمىنى ۋەيران قىلىش مېخانىزمى قوزغىلىپ، پۈتۈن سېستىما خىزمەتتىن توختاپ، خاتالىق ئۇچۇرى كۆرسىتىلىپ قايتا قوزغىلىدۇ. ئەگەر Windows سېستىمىسى مۇشۇنداق ئەھۋالغا يۇلۇقسا كۆك ئېكرانلىق كۆرۈنۈشنى كۆرسىتىدۇ. ئاندىن كېيىن سېستىما ئاپتوماتىك قايتا قوزغىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال CPU چىقىش ئېغىزى يوق «ھالقىسىمان يول» غا كىرىپ قېلىپ، توختىماستىن چۆرگىلەپ باشقا ۋەزىپىلەرنى بېجىرەلمەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئابۇنىچىنىڭ كىرگۈزۈشىگە قارىتا ھېچقانداق ئىنكاس بولمايدۇ.
دوكتوردىن: كومپيۇتېر ئىشلىتىش ساۋاتلىرى _ ئادەتتە كومپيىۇتېر 180~250V قىچە بولغان توك بېسىم دائىرىسىدە خىزمەت قىلىدۇ. كومپيۇتېرنىڭ توك مەنبەسى ئادەتتە ئىشلىتىدىغان 220V لىق ئۆزگىرىشچان توكنى كومپيۇتېرغا كېرەكلىك بولغان تۇراقلىق توكقا ئايلاندۇرىدۇ. بىز سېتىۋالغان كومپيۇتېر توك مەنبەسىنىڭ قۇۋۋىتى 200 ۋولت، توك مەنبەسى ئۆزگىرىشچان توك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، بىخەتەر بولۇشى ئۈچۈن ئادەتتە توك مەنبە ئۈستىدىكى ئەسكەرتىشكە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.
مەنبە: «يۈزمىڭلىغان نېمەئۈچۈن» دىن ئېلىندى.
|
|