دالاينىڭ ئوڭۈشلۇق قېچىپ كېتەلىشىدىكى سىر
1959 - يىلى 3 - ئاينىڭ 10 كۈنى شىزاڭدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر ئاشكارا ھالدا قۇراللىق توپىلاڭ قوزغىدى . 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى كېچىسى توپىلاڭچىلار گورۇھىدىكىلەر دالاينى ئىككى ياقتىن يۆلىگىنىچە لوبرىنكانىڭ يېنى بىلەن لاسا دەرياسىدىن ئۆتتى . يول بويى ھېچقانداق توسقۇنلۇققا ئۇچىرىماي شەننەن رايۇنىغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ باردى . كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغىنى شۇكى ، ئاشكارا توپىلاڭ يۈز بېرىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن دالاي ئازادلىق ئارمىيىمىز قاتتىق ئېھتىيات قىلىۋاتقان ئەھۋالدا قانداقسىگە ئوڭۇشلۇق قېچىپ كېتەلىدى ؟
بۇ تارىخى سىرنى ھازىر جاھانغا ئاشكارىلاشقا بولىدۇ . ئەسلىدە بۇ ئىش ماۋزېدۇڭنىڭ " ئۇلارنى توسىماڭلار " دېگەن بۇيرۇقنى چۈشۈرگەنلىكىدىن بولغان . توپىلاڭ يۈز بەرگەن كۈننىڭ ئەتىسىلا خۇبىيدىكى ماۋزېدۇڭ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن شىزاڭدىكى يوقىرى قاتلام ئەكسىيەتچى گۇرۇھنىڭ ئاشكارا توپىلاڭ كۆتەرگەنلىكى توغرىسىدا مەركەزگە ، غەربىي جەنۇب بىيوروسى ، غەربىي جەنۇب ھەربىي رايۇنى ، شىزاڭ خىزمەت كومىتېتىغا جىددى تېلېگرامما ئەۋەتكەن . تېلېگراممىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن : " شىزاڭ خىزمەت كومىتېتىنىڭ نۆۋەتتىكى تاكتېكىسى ھەربىي جەھەتتىن قوغدىنىش ، سىياسي جەھەتتە ھۇجۇم قىلىش بولىشى كېرەك . يوقىرى قاتلامنى پارچىلاش ، ئىمكان قەدەر كۆپرەك ئادەمنىڭ بىز تەرەپتە تۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ؛ تۆۋەن قاتلامدىكىلەرنى تەربىيلەپ ، ئاممىۋى شەرت - شارائىت ھازىرلاش مەقسىدىگە يېتىش كېرەك . تېلېگراممىدا يەنە : دالاي ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى قاچماقچى بولسا ئارمىيىمىز " ئۇلارنى بىردەك توسىماسلىقى كېرەك " دەپ ئالاھىدە كۆرسىتىلگەن .
دالاي قاچقاندا خەلق ئازادلىق ئامىيىمىز جىمى ھازىرلىقلارنى ئاللىقاچان پۈتتۈرۈپ ، لاسانى مۇھاسىرىگە ئېلىش ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈپ بولغانىدى . مەركەز توسۇش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەنلا بولسا ، گاشيا توپىلاڭچىلار گۇرۇھىدىن بىرەرسىمۇ لاسادىن بىر قەدەممۇ نېرىغا بارالمىغان بولاتتى . بۇ خۇددى شۇ چاغدىكى شىزاڭ ھەربىي رايۇنىنىڭ شىتاب باشلىقى لى جۆ ئەسلىمىسىدە ئېيتىپ ئۆتكەندەكلا بىر ئىش ئىدى : " 1959 - يىلى 3 - ئاينىڭ 17 كۈنى دالاي قاتارلىقلار لاسا دەرياسىنىڭ شىمالى قىرغىغىدىكى قۇملۇقتا دەريادىن ئۆتمەكچى بولىۋاتقاندا ، بىز زەمبىرەكلىرىمىزنى ئاللىقاچان ئۇلارغا توغرىلاپ قويغانىدۇق ، زەمبىرەكلىرىمىز ئېتىلسىلا ئۇلارنىڭ بىرەرسىمۇ دەريا بويىدىكى قۇملۇقتىن تىرىك چىقىپ كېتەلمەيتتى . ئەمما ، مەركەز ئۇلارنى توسۇشنى بۇيرۇمىدى ، بىز ئورماندا جىمجىت ئولتۇرۇپ سۈتتەك ئايدىڭدا ئۇلارنىڭ كالا تېرىسىدىن ياسالغان كېمە بىلەن لاسا دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىغىغا ئالاقزادىلىك ئىچىدە ئادەم توشۇۋاتقانلىقىنى كۆردۇق . "
كەڭ قۇساقلىق قىلىپ دالاي قاتارلىقلارنىڭ تاغنىڭ جەنۇبىغا قېچىپ كېتىشىگە يول قويۇش ماۋزېدۇڭنىڭ تاكتېكىسى . ماۋزېدۇڭ يەنە : دالاي مەيلى تاغنىڭ جەنۇبىغا بارسۇن ياكى ھىندىستانغا بارسۇن ، ئۇلارنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىڭلار ، دەپ كۆرسەتكەن . شۇنداق قىلىپ 3 ئاينىڭ 31 كۈنى دالاي قاتارلىقلار ھىندىستانغا قېچىپ كېتىپ ، شۇندىن ئېتىبارەن ئۆزىنىڭ نەچچە ئون يىللىق سەرگەردانلىق ھاياتىنى باشلىغان .
" ئەدەبىي تەرجىمىلەر" دىن ئېلىندى .
" باغداش تورى" غا خاس .
|