- تىزىملاتقان
- 2011-10-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-1-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 439
- نادىر
- 0
- يازما
- 23
ئۆسۈش
0%
|
1959-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى دالاي ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن سۇكاڭ،لىيۇشا،شياسۇ دىن ئىبارەت گالون،دالاينىڭ دىنى ئۇستازى لىنساڭ،مۇئاۋىن دىنى ئۇستازى چېجياڭ، مۇۋەققەت جىچىياۋ كامبۇ(ۋلىغا باراۋەر مەنسەپ)،گاجاڭ، مۇئاۋىن ھەربى باشلىق پالا،دالاينىڭ ئانىسى، ھەدىسى، بىرىنچى ئەۋلات بېنپىڭشىجىياشى، ئىككىنچى ئەۋلات بىنجاشىبەيرې، تۆتىنچى ئەۋلات بېندوكاسى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، مۇھاپىزەتچىلىكنى ئۈستىگە ئالغان 200 نەپەر زاڭزۇ ئەسكەر بۇلۇپ جەمئى 600دىن ئارتۇق كىشى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچ سائەت ئونلاردا لخاسادىن قېچىپ چىقتى.
3-ئاينىڭ 18-كۈنى توپىلاڭچىلار دالاي ئىمزا قويغان بىر گۇۋاھنامىنى جاكارلىدى. گۇۋاھنامىدە مۇنداق دىيىلگەن:
شىزاڭ ئەسلىدە مۇستەقىل دۆلەت ئىدى، ھازىر خەنزۇلار بىلەن زاڭزۇلارنىڭ ئىتىپاقى پارچىلىنىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى. مەن جېنىمنى ساقلاپ قېلىش، بۇددا دىنى ۋە سىياسىيغا زىيان يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن سىياسى ئىشلارغا مەسئۇل مۇھىم ئادەملىرىم بىلەن بىللە ۋاقتىنچە قېچىپ كىتىشكە مەجبۇر بولدۇم.خەلق يېغىنىنىڭ مۇلكى ۋە ھەربى ئەمەلدارلىرى ئۆز ئارا كېڭىشىپ، خەنزۇلار بىلەن زاڭزۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى تىنىچ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش يۇلى بىلەن پەسەيتىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كىرەك. راھىبلار، پۇقرالار ۋە ھەرقايسى جايلاردىكى ئەمەلدارلار ھەرقايسى قۇراللىق قۇماندانلارنىڭ ئورتاق قۇماندانلىقىغا بوي سۇنۇشى لازىم.
ئارىدىن بەش يىل ئۆتتى ، دالاي قايتىپ كىلىش بۇياقتا تۇرسۇن، بۆلگۈنچىلىك يۇلىدا مېڭىۋىرىپ بارغانسىرى يىراقلاپ كەتتى.
1964-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى، گوۋۇيۇەن 151-قېتىملىق يېغىنىدا «دالاي نى ۋېزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش توغرىسىدا قارار »ماقۇللىدى.
جىيۈن بيەنجى نىڭ «دالاي لاما» دىگەن كىتابىدىن |
|