- تىزىملاتقان
- 2016-6-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2017-3-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8438
- نادىر
- 1
- يازما
- 374
ئۆسۈش
100%
|
بۇ فىلىم بىلەن نەچچە يىل بۇرۇن kino8.com توردىكى ئەزمەتلەرنىڭ ئويغۇرچە خەتلىك فىلىم نۇسقۇسى بىلەن يۇز كۆرۇشكەن ئىدىم ھەقىقەتەن كۆرۇشكە ئەرزىگۇدەك ئىسىل فىلىم ئىدى. تۇلىمۇ ئەپسۇس بۇ توربەت ھازىر تاقىلىپ قاپتۇ.
شۇڭلاچقا فىلىمنىڭ خەنچە ئادىرىسىنى قالدۇرۇپ قويدۇم https://v.qq.com/x/cover/2m4qq1iun64fzgm.html?ptag=baidu_aladdin.movie
ئىلتىماس بىلدىغانلار بولسا ئويغۇچە خەتلىك ياكى ئاۋازلىقنى يوللاپ قويارسىلە.
«بۈگۈنكى خەۋەرلەر تورى» خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
1970-يىلى ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى فىلىپ زىمباردو ئىككى ھەپتىلىك ئىجتىمائىي پىسخىكا تەجرىبىسى-«سىتانفورد تۈرمىسى تەجرىبىسى» تۈرىنى يولغا قويدى. تەجرىبىنىڭ مۇددىئاسى بولسا، ئىنسانلارنىڭ ئىجىتمائىي مۇھىت ئىچىدىكى ئىنكاسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىدى. بۇ قېتىملىق تەجرىبىدە ئۇ ئۆزى «تۈرمە باشلىقى»نىڭ رولىنى ئالغان.
پىروفېسسور يازلىق تەتىل ۋاقتى بىلەن قۇرۇق ئىشخانىدىن پايدىلىنىپ كۈنلۈك ئىش ھەققى 15 ئامېرىكا دوللارلىق شەرتى بىلەن پىسخىكىسى ساغلام 24 سىتۇدېنتنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارغا «كۆزەتچى»، «مەھبۇس» ئوبرازىنى تەقسىم قىلدى. بۇ ئەمەلىيەتتە رول ئوينايدىغان تەجرىبە بولۇپ، 24 سائەت ئىچىدە توختىماستىن تۈرمىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى تەقلىد قىلىدۇ.
تەجرىبىگە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەسلەپتە قاتنىشىش مۇددىئاسى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، ئۇلار قىزىقارلىق تەجرىبىگە قاتنىشىپ، بىر تەرەپتىن ئوينىغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن پارچە خىراجەت تاپماقچى بولغان. بىراق ئۇلار قارىماققا قىزىقارلىقتەك كۆرۈنگەن بۇ تەجرىبىنىڭ ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكى مەڭگۈ ئۆچۈرۋەتكىلى بولمايدىغان قارا داغقا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى.
تەجرىبە باشلىنىشتىن بۇرۇن، چىنلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلار بۇ يەر ئاستى ئۆيىنى تۈرمىگە ئايلاندۇردى. «مەھبۇسلار» كىيىملىرىنى سېلىپ، ئۈستىگە پىت ئۆلتۈرۈش پاراشوكىنى چاچقاندىن كېيىن، مەھبۇس كىيمىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئاق رەڭلىك ئۇزۇن كۆڭلەك، بېشىغا پايپاق كىيىپ، ئۆزىنىڭ ئىسمىنىڭ ئورنىغا نومۇرنى ئالماشتۇرۇپ، ئوڭ پۇتى كىشەنلەنگەن ھالدا، رەسىمىي «مەھبۇس»قا ئايلاندى.
«كۆزەتكۈچى»لەر ئۇچىسىغا فورما كىيىپ، ساقچى كالتىكىنى كۆتۈرگىنىچە، نۇر قايتۇرماس كۆز ئەينەك ئارقىلىق، كۆزىنىڭ نۇر بىلەن ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. بۇ يەردە دېرىزە ۋە سائەت بولمىغاچقا، «مەھبۇسلار» سائەتنىڭ قانچە بولغانلىقنى بىلمەيتتى. «كۆزەتكۈچى»لەر بولسا، ئۆزلىرىنىڭ قىزىقىشى بويىچە مەھبۇسلارنى خالىغانچە قاتتىق جازالىسا بولاتتى.
دەسلەپتە «مەھبۇسلار» بىلەن «كۆزەتكۈچى»لەرنىڭ مۇناسىۋىتى شۇنچە يېقىشلىق ۋە ئەركىن-ئازادە بولغان. بىراق تەجرىبىنىڭ داۋاملىىشىغا ئەگىشىپ، ئەسلىدىكى پىسخىكىسى نورمال ياشلار ناھايىتى تېزلىكتە رولغا كىرىپ كەتكەن. «كۆزەتكۈچى»نىڭ رولىنى ئالغان ياشلار بارا-بارا دەرىجىدىن ھالقىغان رەھىمسىىز ئوبرازى بىلەن «مەھبۇسلار»نى قاتتىق مەسخىرە قىلغان. ھەتتا ئۇلارنى ھاقارەتلەپ ئېغىر جازالىغان. «مەھبۇسلار»مۇ ئۇلارنىڭ بېسىمى ئاستىدا بارا-بارا ئۆزلىرىنىڭ «جىنايەتچى» ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان.
كېيىن، «مەھبۇسلار» بارا-بارا ئېتىراز بىلدۈرۈشكە باشلىدى. ئۇلار بىر ئۆيگە يىغىلىپ، بەدىنىدىكى نومۇر تاختىسنى يىرىتىپ، بۇيرۇققا بوي سۇنۇشىنى رەت قىلدى ۋە تىل ئارقىلىق «كۆزەتكۈچىلەر»گە «جەڭ» ئېلان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن «كۆزەتكۈچىلەر» ناھايىتى كەسكىنلەشكەن ھالدا «مەھبۇسلار»غا تەدبىر قوللىنىپ، ئۇلارنى يەر بېغىرلاش ھەرىكىتى، كىيىمنى سېلىۋېتىپ قاماقتا تۇرۇش، ئورۇن-كۆرپىلىرىنى يىغىۋېلىش، قولى بىلەن تەرەت تۇڭىنى تازىلاش، ھەتتا ئۇيقۇسىنى ھارام قىلىشتەك قاتتىق جازا تەدبىرلىرىنى قوللانغان.
«كۆزەتكۈچى»لەرنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارى خېلىلا كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلارنىڭ جازالاش ئۇسۇلى بارغانسېرى «ئەسەبىيلەشكەن». كېيىن، ئۇلار بارا-بارا پىسخىكىنى پارچىلاش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، بۇيرۇققا بويسۇنغان مەھبۇسلارغا ئالاھىدە ھوقۇققا بېرىپ، تېخىمۇ ياخشى تەمىناتلارغا ئېرىشىدىغان قىلغان.
ئىپادىسى ناچار بولغان «مەھبۇسلار»نىڭ ياشاش مۇھىتى تېخىمۇ ناچارلىشىپ كەتكەچكە، قالغان مەھبۇسلار ئاستا-ئاستا بوي سۇنۇشنى ئۆگەنگەن. شۇنداق بىلەن بىر مەھبۇس خورلۇققا ئۇچراشقا چىداپ تۇرالماي، روھىي جەھەتتىن قاتتىق تەسىرگە ئۇچراپ، ئەڭ دەسلەپتە يۇقىرى ئاۋازدا يىغلىغان كېيىن، ھەممەيلەننى تىللىغان، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ تەجرىبىدىن چېكىنىپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە ئۇ باشقا مەھبۇسلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرىغان.
تەجرىبە داۋاملىشىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ھەممەيلەن ئۆزىنى بۇ تەجرىبىدىن تارتىپ چىقىرىشقا ئامالسىز قالغان. ئەينى ۋاقىتتا تەجىربىگە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان پىروفېسسورنىڭمۇ پىسخىكىسدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئىسپاتلاپ چىقىدىغان ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسىنى ئەمەس، بەلكى «مەھبۇسلار»نى قانداق بىر تەرەپ قىلىش، پىدائىيلارنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەمدە بۇ ئويۇننى قانداق قىلىپ ئەڭ ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشنى ئويلايدىغان بولغان.
تەجرىبە باشلىنىپ، 6-كۈنى فىلىپ زىمباردونىڭ قىز دوستى تۈرمىگە زىيارەتكە كېلىپ، نەق مەيداندىكى «كۆزەتكۈچى»نىڭ رەزىل ۋاستىلەر بىلەن «مەھبۇسلار»نى قاتتىق جازالىغاندىكى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتكەن ۋە غەزەپلەنگەن ھالدا، فىلىپ بىلەن قاتتىق سوقۇشۇپ، ئۇنىڭ كاللىسىنى «سەگىتكەن»دىن كېيىنلا بۇ «ئەسەبىي» تەجربىە ئاياغلاشقان.
ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ تەجرىبىگە قاتناشقان نۇرغۇنلىغان كىشىلەردە ئوخشىمىغان دەرىجىدە كۆڭۈل جاراھەتلەر قالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۈچلۈك دەرد-تالاش قوزغىغان بۇ تەجرىبە كىنو قىلىپ ئىشلەنگەن. تەجرىبىدە ئېرىشكەن قائىدە «لۇسفېر ئېففېكتى» دەپ ئاتىلىپ، «سىزنىڭ مۇتلەق ياخشى ئادەم بولۇشىڭىز مۇمكىن ئەمەس، سىز پەقەت ئۆزىڭىزنى ئەڭ ناچار ھالەتكە ئېلىپ بارىدىغان مۇھىتقا بارمىدىڭىز خالاس» دېگەن قاراش يەكۈنلەنگەن.
بۇ فىلىم بىلەن نەچچە ىىل بۇرۇن kino8.comتوردىكى ئەزمەتلەرنىڭ ئويغۇرچە خەتلىك فىلىم نۇسقۇسى بىلەن يۇز كۆرۇشكەن ئىدىم ھەقىقەتەن كۆرۇشكە ئەرزىگۇدەك ئىسىل فىلىم ئىدى. تۇلىمۇ ئەپسۇس بۇ توربەت ھازىر تاقىلىپ قاپتۇ.
|
|