جەمئىيەتتە ئەخلاق كرىزىسىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئەڭ ئاددى تۈردىكى سۆزلەردىن باشلايلى .مەسىلەن: چوڭلارغا سۆز قىلغاندا { بوۋا ، تاغا ، ئاكا } دىگەندەك سۆزلەر بىلەن ، ئاياللارغا بولسا : { موما ، ئاچا ، ھامما ، ھەدە } دىگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىش ، يەنى تەڭ دېمەتلىك كىشىلەرگە بولسا { ئاغىنە ، ئاداش ، بۇرادەر }دىگەندەك ، كىچىكلەرگە { ئۇكام ، سىڭلىم ، } دىگەندەك سۆزلەر بىلەن قىلىش كېرەك .
ئۆزىمىزنىڭ يىقىن تونۇشلىرىنى سەنلەپ كۆنگەن بولساق ، سەنلەپ گەپقىلسا ئانچە ياختۇرمايدىغانلارغا ، سىلى ياكى ئۆزلىرى ، دەپ سۆزلىشىش كېرەك .
لېكىن ھازىر ئۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە ، سەنلەپ گەپقىلما دىسەك ، نىمە دىسەم نىمە كارىڭ ، ئۆزەمنىڭ ئىشى دەپ يۈگۈرۈپ قوپىمىز .
يەنە لەقەم قويۇش ، لەقىمى بىلەن { بولۇپمۇ زىتىغا تېگىدىغان ، جىسمانىي ئەيىبلەرنى ئىپادىلەيدىغان لەقەملەر } بىلەن چاقىرىشمۇ ئىنتايىن قاملاشمىغان بىر قىلىق .
باشقىلار بىلەن سۆزلەشكەندە بولسا ، كەمتەرلىك بىلەن مۇلايىملىق بىلەن قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنى بۆلىۋەتمەي دىققەت بىلەن ئاڭلاپ ، سۆزنى بۆلمەسلىك كھاېرەك ، ھاكاۋۇرلۇق قىلىش ، باشقىلارنىڭ سۆزىگە پىسەنتمۇ قىلىپ قويماسلىق ، سۇئالغا جاۋاب بەرمەسلىك ئەدەپسىزلىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپ قالىدۇ .
مەسىلەن : بىر نەرسە ئۆتۈنگەندە { قىل ، بەر ، ئال } دىگەندەك تەكەللۇپسىز قوپال سۆزلەرنى قىلماي ، { قىلىڭ ، ئېلىڭ ، بىرىڭ } دىگەندەك تەكەللۇپ سۆزلەرنى قىلىش كېرەك .
ھازىرغۇ كۆپ ئانى قىلە ، بۇنى بىرە ، ئالە مانى ، دەيدىغان ئىشلار .
سىرتلاردا مىڭۋاتقاندا ، ئىككى پۇتىمىزغا كىيىلگەن ئاياغقا نىجاسەت يۇقتۇرشتىن ئىھتىيات قىلىشىمىز كېرەك . يولدا ماڭغاندا ، ئالدىغا قاراپ مىڭىش ، ئۇيان-بۇيانغا قاراپ ، ئىسقايتىپ ، باشقىلارنى سوقۇپ مىڭىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك . ئەگەر بىرەرسى بىلەن سۆزلەشمەكچى بولساق ، ماڭىدىغان يولدا تۇرۋالماي ، چەتكىراق چىقىپ پاراڭلىشىشىمىز لازىم . كوچىلاردا ، قورۇلاردا ماڭغاندا ئۇدۇل كەلگەن يەرگە تۈكۈرمەسلىك ، ۋە پارچە-پۇرات قەغەزلەرنى قالايمىقان تاشلىماسلىق كېرەك .
يولدىكى ۋاقىتتا نامەھرەملەرگە قەتئىي نەزەر سالماسلىق لازىم ، ئاجىز كىشىلەر ئۇچۇرسا ئىغزىمىزنىڭ ئۇچىدا مەسخىرە قىلىپ قويماي ، قولىمىزدىن كەلسە ياردەم كىچىككىنە ياردەم قىلىپ قويۇپ رەھمىتىنى ئىلۋىلىش كېرەك .
يولدىن كىسىپ ئۆتۈش توغرا كەلسە ، پىيادىلەر يولىدىن مىڭىشىمىز ، چوڭ يولغا كىرىپ قاتناشقا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزمەسلىك كېرەك . شەھەر كوچىلىرىدىكى گۈللەرنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم دەپ ئۈزمەسلىك ، دەرەخلەرنىڭ شاخلىرىنى قايرىماسلىق كېرەك .
يولدا ئەما كىشىلەر مىڭىۋاتقان بولسا ، ھەي قارا ، قارا ئاۋۇ قارغۇكەن ، شۇنداق مىڭىپ ئاۋۇ تۈرۈككە بىر ئۈسسىگەن بولسا دىمەي ، يولدىن ئۆتمەكچى بولسا ئۆتكۈزۈپ قويىشىمىز لازىم .
پىيادىلەر يولىدا باشقىلارغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ، ئۈچتىن ئارتۇق ئادەم قاتار ماڭماسلىق كېرەك .
يولدا كىتىۋىتىپ ، مىۋە-چىۋىلەرنى يىيىش ، تاماكا چېكىش ياخشى ئادەت ئەمەس بۇ . يول يۈرگەندە ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىپ مىڭىش ئىنتايىن ئەدەپسىزلىك .
بەزىلەر بار ، ئۆزلىرى ئىچىملىكلەرنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىچكەندىن سىرت ، ئىچمەيمەن دىگەن ئادەمگە ئىچىشكە زورلايدۇ . سالامەتلىكىم زىيانلىق دىسە ، ئورۇنسىز سۆزلەر بىلەن چاتاق چىقىرىدۇ . نەتىجىدە بولسا ، خۇشال-خۇراملىققا چۆمگەن سورۇننى جىدەل مەيدانىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ . بەزىلەر قەۋەتلىك بىنادا كىچىچە ناخشا توۋلاپ قالايمىقان دەسسەپ ، خوشنىلارنى ئارام ئالغۇزماي ، ئۆزلىرى بىلەن خوشنا ئارىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلىدۇ .
يىغىپ ئېيتساق ، توي- تۆكۈن ياكى باشقا كۆڭۈل ئېچىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ، مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىشىمىز ، ھەر تەرەپلىمە ئەھۋالنى نەزەردە تۇتۇپ، كۆڭۈللۈك ئۆتۈش ئۈچۈن بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەش ، بىر -بىرىگە يول قويۇش ، بىر-بىرىگە ياردەم قىلىش كېرەك .
مۇشۇنداق كىچىك ئىشلار ئارقىلىق ، ئادەمنىڭ مەنىۋىيتى يۈكسەكلىشدۇ ، شۇنداق كىچىك ئىشلار ئارقىلىق جەمىيەت تۈزلىنىپ ماڭىدۇ ، ھەم بالىلار ياكى بالىلىرىمىزمۇ بىزدىن دوراپ ، ئۆگىنىپ ماڭىدۇ .
ئاپتۇرى: سۇھەيل
2016-يىلى 8-ئۆكتەبىر (ئۈرۈمچى) |