قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: mustafa127

خوتەن قاشتېشىنى سېتىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

27

تېما

0

دوست

4604

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   86.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5169
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 950
تۆھپە : 788
توردىكى ۋاقتى: 683
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 10:49:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋىجدانىنى، غۇرۇرىنى ساتىدىغانلار ھەم بار. تاشمۇ،ياشمۇ...بىزنىڭ!

1

تېما

0

دوست

3592

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   53.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4675
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 856
تۆھپە : 511
توردىكى ۋاقتى: 339
سائەت
ئاخىرقى: 2012-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 11:10:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى بۇلاقدە2012-03-29 10:49يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ۋىجدانىنى، غۇرۇرىنى ساتىدىغانلار ھەم بار. تاشمۇ،ياشمۇ...بىزنىڭ!  

بۇ ئىنكاسنى تازا چۈشىنەلمىدىمغۇ؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

251

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35
يازما سانى: 1277
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 8342
تۆھپە : 5069
توردىكى ۋاقتى: 1843
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-9

تۆھپىكار باشقۇرغۇچى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 12:24:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كارۋان يامان يەردىن تۇتىۋالدىڭىز .بۇ مەسىلىگە نۇرغۇن ئالىملار ئوچۇق جاۋاپ بىرەلمەيدۇ .لېكىن بەزى يەرلەردە بىرىنچى خوتۇننىڭ رۇخسىتىنى ئالمىسىمۇ بولىدۇ دەيدىغان قاراش ئەۋجىگە چىققان .بۇ توغرىسىدا ئېنىق ھۆكۈمگە مۇھتاجمىز .

1

تېما

0

دوست

489

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   94.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3749
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 92
تۆھپە : 89
توردىكى ۋاقتى: 92
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 12:46:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كارۋاننىڭ قارشى ناھايىتى ئورۇنلۇق،ھەممە ئادەمنى ئانسى تۇققان،ھەممە ئادەمنىڭ ئايال بىر تۇققانلىرن بار.ئاشۇ كۆپ خوتۇنلۇق بولغانلارنىڭ بىر تۇققانلىرى باشقىلارغا توقال ياكى مانچىنچن،ئۇنچىنچى خوتۇن بولسا،ئۇلارنىڭ بىر يەرلىرى ئېيچىشماسمۇ؟

71

تېما

0

دوست

6187

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   23.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1558
تۆھپە : 832
توردىكى ۋاقتى: 541
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 15:34:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Share |
سوئال: يولدىشى ئىككىنچى ئايال بىلەن توي قىلسا، ئەۋۋەلقى ئايالى بۇنىڭغا سەبىر قىلسا قانداق ئەجىر بېرىلىدۇ؟، بۇ ئايالنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئايرىم ئەجىر بولامدۇ ياكى ئېرىگە ئىتائەت قىلىپ، ئاللاھنىڭ ئىبادەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلغان ئاياللار ئېرىشىدىغان ئەجىرگە ئېرىىشەمدۇ؟ ئەگەر ئايرىم ئەجىر بولىدىغان ئىش بولسا ئېرىمنىڭ قىلمىشىنى نورمال قوبۇل قىلىشىمغا ياردىمى بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس. مەن بۇنداق ئىشقا سەبىر قىلغان ئايالنىڭ ئەجرى ئاللاھ يولىدا جىھادقا ئاتلانغان مۆمىننىڭ ئەجرىدىنمۇ كاتتا بولىدۇ، ھەج قىلىش ئاياللارنىڭ جىھادى، يولدىشىنىڭ كۆپ ئاياللىق بولىشىنى قوللىغانلىق جىھادتىنمۇ كاتتا دەپ ئاڭلىغان، بۇ سۆزنىڭ دەلىلى بارمۇ؟


جاۋاپ:
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.
بىرىنچى: يۇقىرىدا سىز سۆزلىگەن ئىشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغان ياكى ئايرىم ئەجرى بولىدىغان سەھىھ ھەدىس ئۈستىدە توختالمايمىز. لېكىن تىبرانىي ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئاياللارنىڭ تەبىئىتىگە كۈنلەشنى پۈتۈۋەتكەن، قايسى بىر ئايال بۇنىڭغا سەبىر قىلىپ، ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئېشىنىپ ۋە ساۋاپ ئۈمىت قىلسا، ئۇ ئايال ئۈچۈن بىر شەھىدنىڭ ئەجرى بولىدۇ». بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانىي زەئىپ دەپ قارايدۇ. (جامىئۇسسەغىر 1646)
ئىككىنچى: ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىشتا سەۋىرچان بولىشى جەننەتكە كىرىشنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى، ئىبنى ھىببان رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: «ئايال كىشى بەش ۋاقىت نامازنى ئوقۇسا، رامىزان روزىسىنى تۇتسا، ئىپپىتىنى ساقلىسا ۋە ئېرىگە ئىتائەت قىلسا، ئۇ ئايالغا، جەننەتنىڭ قايسى ئىشىكىدىن كىرىشنى خالىسىڭىز كېرىڭ دېيىلىدۇ». بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانىي سەھىھ دەپ بايان قىلغان. (جامىئۇسسەغىر 660)
يولدىشىنىڭ ئىككىنچى ئايال بىلەن تۇرمۇشلۇق بولىشىغا سەبىر قىلغان ئايال ئۈچۈن يۇقىرىدا سۆزلەنگەندىنمۇ كاتتا ئەجىر بولىدىغانلىقى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە تەرەپتىن ئىسپاتلىنىدۇ:
1- يولدىشىنىڭ ئىككىنچى ئايال بىلەن تۇرمۇشلۇق بولىشى ئەۋۋەلقى ئايال ئۈچۈن بىر سىناق، بۇنىڭغا سەبىر قىلسا، ئۇ ئايال ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئېيتقاندەك: «پەقەت سەبىر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ» مۇسىبەتكە سەبىر قىلغاننىڭ ئەجرى بولىدۇ.
ھەدىستە:« مۇسۇلمانلارغا ئېغىرچىلىق ياكى كېسەل ياكى غەم-قايغۇ ياكى ئەزىيەت ياكى ھەسرەت ھەتتا تىكەن سانجىلىشتەك ئەزىيەت يېتىپلا قالسا، ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىدىن ئۆچۈرىدۇ» (بۇخارىي-مۇسلىمدىن).
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۆمىن ئەر- ئاياللار دائىم ئۆزى، بالىلىرى ۋە مال-مۈلكىدە ئىمتىھان قىلىنىپ تاكى ئاللاھغا ئۇچراشقىچە ئۇ كىشىدە خاتالىق قالمايدۇ». تىرمىزىي2399-ھەدىستە رىۋايەت قىلغان. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانىي سەھىھ دەپ بايان قىلغان. (جامىئۇسسەغىر 5815)
2- يولدىشىنىڭ ئىككىنچى ئايال بىلەن تۇرمۇشلۇق بولىشىنى قىزغىن قوللاپ ۋە ئىككىنچى ئايالغىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلسا ئۇ ئايال ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرى بېرىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «كىمىكى ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلىدىكەن، سەبىر قىلىدىكەن ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ». سۈرە يۈسۈپ 90- ئايەت. يەنە بىر ئايەتتە: «ياخشى ئىش قىلغۇچى پەقەت ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ». سۈرە رەھمان 60-ئايەت. يەنە بىر ئايەتتە: «ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر». سۈرە ئەنكەبۇت 69- ئايەت.
3 - يولدىشىنىڭ ئىككىنچى ئايال بىلەن تۇرمۇشلۇق بولغىنىغا نارازى بولسىمۇ بۇنى يوشۇرسا، يامان سۆزدىن تېلىنى يىغسا ئۇ ئايال ئۈچۈن ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلارنىڭ ئەجرى بېرىلىدۇ. ئاللاھ تائالا جەننەت ئەھلىنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار، يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك قىلغان كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ». (سۈرە ئال-ئىمران 134- ئايەت).
بۇ ئادەتتىكى ئەھۋالدا يولدىشىغا ئىتائەت قىلغان ئاياللارغا بېرىلىدىغان ئەجرىدىن كاتتىدۇر.
ئەقىللىق ئايال ئاللاھنىڭ قىسمىتىگە رازى بولىشى، يولدىشىنىڭ ئىككىنچى ئايال بىلەن تۇرمۇشلۇق بولىشىنىڭ شەرىئەتتە يوللۇق ئىكەنلىكى، بۇنىڭغا ئىتىراز بىلدۈرۈشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، يولدىشىنىڭ ئىككىنچى ئايال بىلەن تۇرمۇشلۇق بولۇش بىلەن يەنىمۇ ئىپپەتلىك بولۇپ ھارام ئىشلاردىن ساقلىنىشقا توساق بولىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك.
ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش، كۆپىنچە ئاياللار يولدىشىنىڭ ئىككىنچى ئايال بىلەن تۇرمۇشلۇق بولۇپ ھالال ئىش قىلىشىغا ئىنتايىن نارازى بولىدۇ، لېكىن ھارام ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بىلگەندە ئانچە نارازى بولۇپ كەتمەيدۇ ۋە «ئەركىشىكەن نېمىقىلغىلۇق» ئەركىشىدىگەن « ئۆيدە بىرنىڭ تالادا مىڭنىڭ» دەپ ئاسانلا كەچۇرىۋىتىدۇ. بۇ قىز-خانىملارنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرگە دۇچار بولغاندا ئەقلىنى ئىشقا سالماستىنلا ياكى دىنى ھۆكۈملەرگە مۇراجىئەت قىلماستىنلا ئالدىراقسانلىق بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئۇرىنىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
ئاياللار تۇرمۇش ئىشلىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنى ئۈلگە قىلىشى كېرەك، ئەگەر يولدىشى ئىككىنچى ئايال بىلەن تۇرمۇشلۇق بولۇپ قالسا بۇنىڭغا سەبىر قىلىپ، رازى بولۇپ ۋە ياخشى مۇئامىلىدە بولسا ئۇ ئاياللار سەبىر قىلغۇچى ۋە ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.
سىڭىلچىقىم! بىلىشىڭىز كېرەككى،پانى ھايات ناھايتى تىز ئاخىرلىشىدىغان سىناق دۇنياسى، بۇنىڭغا سەبىر قىلىپ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش بىلەن ياشاپ، ئۆزىڭىز ۋە ئېرىڭىز، پەرزەنتلىرىڭىزنى ئىسلامىي ئەخلاق بىلەن يىتەكلنىشىڭىزنى ئىمانىي بۇرچ دەپ بىلىشىڭىز جەننەتكە نائىل بولۇشىڭىزنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرىدىن بىرىدۇر. دائىملىق جەننەتتە مەڭگۈلۈك نېمەتلىنىش بىلەن بەخت تاپقانلارغا مۇبارەك بولسۇن!.
توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.


http://islamqa.info/ug/ref/21421

71

تېما

0

دوست

6187

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   23.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1558
تۆھپە : 832
توردىكى ۋاقتى: 541
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 15:37:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسلام دىنىدىكى كۆپ خۇتۇنلۇق بولۇشنىڭ ھەقىقىتى نىمە؟

بۇ ھەقتە پەيدا بولغان شۈبھىلەرگە قانداق رەددىيە بىرىمىز؟

چۈشەنچىلەرنى توغرىلاش ۋە ھەقىقەتلەرنى ئىسپاتلاش بابىدىن شۇنى بىلىشىمىز كىرەككى، ئىسلام دىنى بەزىلەر گۇمان قىلغاندەك كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشقا بۇيرۇش ئۈچۈن كەلگەن ئەمەس، بەلكى كۆپ خۇتۇنلۇق بولۇشقا چەك توختۇتۇش ئۈچۈن كەلگەن.

ئىمام ئەھمەد ۋە ئىبنى ماجە سالىم دادىسىنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:“غەيلان ئىبنى سەلەمە سەقەفى مۇسۇلمان بولغاندا ئۇنىڭ ئون ئايالى بار ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئون ئايالىڭدىن تۆتنى تاللاپ قىلىپ قالغىنىنى قويىۋەت“ دىگەن.(ئىمام ئەھمەد ۋە ئىبنى ماجە بايان قىلغان).

مۇشۇ ھەدىستىن چۈشەنگىلى بولىدۇكى، ئىسلام دىنى كۆپ خوتۇنلۇق بۇلۇشقا چەك بەلگىلىگەن، ئەكسىچە بىر ئايالى بار ئادەمنى يەنە باشقا خۇتۇن ئىلىشقا بۇيرىمىغان، ئۇنداق بولىشى كۆپ خوتۇنلۇق بۇلۇشنىڭ ئۆزى مەقسەت قىلىنغان ئەمەس، لىكىن بىر ئايالى بار ئادەمنىڭ يەنە بىر خۇتۇن ئىلىشى باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بولغان.

قۇرئان كەرىمدىكى كۆپ خوتۇنلۇق بۇلۇش ئۈچۈن كەلگەن بۇيرۇق سەۋەپلىرىدىن خالىي كەلمىگەن اللھ مۇنداق دەيدۇ:

(وَۈِنْ خِفْتُمْ ۆَلَّا تُقْسِطُوا فِي الْيَتَامَۈ فَانْكِچُوا مَا طَابَ لَكُمْ مِنَ النِّسَاءِ مَڭْنَۈ وَڭُلاڭَ وَرُبَاىَ فَۈِنْ خِفْتُمْ ۆَلَّا تَىْدِلُوا فَوَاچِدَەً ۆَوْ مَا مَلَكَتْ ۆَيْمَانُكُمْ ۇَلِكَ ۆَدْنَۈ ۆَلَّا تَىُولُوا) يەنى:(ئەگەر يىتىم قىزلارغا (ئۆيلىنىپ) ئادىل مۇئامىلىدە بولالماسلىقىڭلاردىن (يەنى تەربىيەڭلاردا بىرەر يىتىم قىز بۇلۇپ، ئۇنىڭغا شۇ قىزغا باراۋەر تۇرىدىغان قىزغا بىرىلدىغان مەھرىنى بىرەلمەىسلىكىڭلاردىن) قورقساڭلار، ئۇنى تەرك ئىتىپ، ئۆزەڭلار ياقتۇرىدىغان باشقا ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى ۋە تۆتنى ئىلىشىڭلارغا بولىدۇ، ئەگەر (ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، بىر خوتۇن بىلەن ياكى قول ئاستىڭلاردىكى چۆرىلەر بىلەن كۇپايىلەنسەڭلار بولىدۇ…).(نىسا سۈرىسى 3-ئايەت)

بۇ ئايەتنى تەپسىر قىلغۇچىلار ئۇ ئايەت چۈشكەن ۋاقتىدا كۆزدە تۇتۇلغان ئاساسلىق سەۋەپتىن يىراق تەپسىر قىلغان. ئۇ سەۋەپ بولسا تۇل ۋە يىتىملەرنىڭ بولغانلىقى، چۈنكى بۇ يەردىكى (ئىككى، ئۈچ ۋە تۆت دىگەن سان) يىتىملەر بىلەن بىرگە كەلگەن، ئۇلار اللھ نىڭ (فانكچوا ماطاب لكم من النساء مڭنۈ وڭلڭ ورباى) يەنى: (ئۆزەڭلار ياقتۇرىدىغان باشقا ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى ۋە تۆتنى ئالساڭلا بولىدۇ) دىگەن سۆزىنى بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى شەرىت ئۇسلۇبى بىلەن كەلگەن اللھ نىڭ (وۈن خفتم ۆلا تقسطوا فۈ اليتمۈ).يەنى: ( ئەگەر يىتىم قىزلارغا (ئۆيلىنىپ) ئادىل مۇئامىلىدە بولالماسلىقىڭلاردىن (يەنى تەربىيەڭلاردا بىرەر يىتىم قىز بۇلۇپ، ئۇنىڭغا شۇ قىزغا باراۋەر تۇرىدىغان قىزغا بىرىلدىغان مەھرىنى بىرەلمەىسلىكىڭلاردىن) قورقساڭلار)دىگەن ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئاشۇ رۇخسەتنى ئادىللىق بىلەن شەرت قىلىدىغان (فۈن خفتم ۆلا تىدلوا فواچدە) يەنى: (ئەگەر (ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، بىر خوتۇن بىلەن كۇپايىلەنسەڭلار بولىدۇ…).دىگەن سۆزىدىن ئايرىپ چۈشەنگەن.

قۇرئان كەرىمنى تەپەككۇر قىلىپ ئۇقۇغان كىشى بىز يۇقۇردا تىلغا ئىلىپ ئۆتكەن شەرتلەردىن خالىي ئوچۇق-ئاشكارا كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشقا دەۋەت قىلغان بىر ئايەتنى تاپالمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىگە نەزەر سالغان كىشى ئىسلام دىنىنىڭ تۆتتىن كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشتىن توسقانلىقىنى بايقايدۇ، ئىسلام دىنىنىڭ تۆت خوتۇنلۇق بولۇشىقا روخسەت قىلىشى بىلەن تۆتتىن كۆپ خوتۇن ئىلىشتىن توسىشىنىڭ ئارىسىدا چوڭ پەرق بار.

ئىسلام دىنى كىلىشتىن ئىلگىرى چەكسىز كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش تۈزۈمى ئەرەب، يەھۇدىلار ۋە پارىسلارنىڭ ئارىسىدا كەڭ تارقالغان بىر ئىش ئىدى، تارىختا زىكىر قىلىنىشچە ئىلگىرىكى پادىشالار ئۆزلىرىنىڭ ئاياللىرى ۋە دىدەكلىرىنىڭ تۇرىشى ئۈچۈن مىڭلارچە كىشى پاتقىدەك چوڭ-چوڭ ئۆيلەرنى سالاتتى، بەزى ۋاقىتلاردا ئاياللىرىنى باشقا پادىشاھلارغا سوۋغات قىلىۋىتىپ يەنە يىڭى ئاياللارنى ئەكىلەتتى، يەھۇدىلارنىڭ شەرىئەتلىرى ۋە قانۇنلىرىدىمۇ تا ھازىرغا قەدەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش يولغا قويۇلغان، ئۇلارنىڭ دىنى ۋە ئەقىدىلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئەيىبلەشكە ھىچكىم پىتىنالمايدۇ.

ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى، ئۇلار ئائىلە مۇناسىۋەتلەر بۇزۇلغان، زىنا-پاھىشىلەر تارقالغان، سانسىز ۋە چەكلىمسىز ئاشىق-مەشۇق تۇتۇش يولغا قويۇلغان زاماندا ئەركىشىنىڭ يەنە بىر خوتۇنلۇق بولىشىغا كەڭچىلىك قىلىدىغان ئىسلام دىنىنىڭ تۈزۈمىگە ھۇجۇم قىلىدۇ.

شەرىئەتكە خىلاپ ”ئاشنا“ دىگەن ئەر-خوتۇنلۇق ھەقلىرىدىن پايدىلىنالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىيانەت قىلىش، قانۇنسىز بولغان بالىنى چۈشۈرىۋىتىش، ئۇ بالىنى ۋە ئانىسىنى قوشۇپ ئىتىراپ قىلماسلىقتىن ئىبارەت نۇرغون ئىجتىمائىي بۇزۇقچىلىق كىلىپ چىقىدۇ. دىمەك ئۇ ئايال ئۆزى يالغۇز بالىنى چۈشۈرۋىتىش ياكى ئۇ بالىنى بىقىپ تەربىيىلەش ئۈچۈن مەڭگۇ تۇل قالىدۇ:“ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار، (ئىيتىڭلارچۇ) بۇ ئىككى گوروھنىڭ قايسىسى خاتىرجەملىككە ھەقلىق؟“(ئەنئام سۈرىسى 81-ئايەت).

ياۋرۇپادىكى كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش چەكسىز بولۇپ، ئايال كىشىنىڭ ھىچقانداق ھوقۇقىغا كىپىللىك قىلمايدۇ، بەلكى ئەر كىشى ئايال كىشىنى قۇل ئورنىدا كۆرۈپ ئۇنىڭ بىلەن قانۇنسىز ئالاقە قىلىپ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى قىممەتلىك گۈلىنى ئۈزىۋالغاندىن كىيىن خارلاپ تاشلايدۇ. ئەركىشى ئىتىراپ قىلمايدىغان قانۇنسىز بالىلارنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشىغا سەۋەپ بولۇپلا قالماي ئۆز ئائىلىسىگە خەتەرلىك جىنسىي كىسەللەرنى ئىلىپ كىلىدۇ.

سىتاتىستىكىلىق ساننىڭ كۆپلىكىدىن بىز غەرب دۆلەتلىرىدىن ئامىرىكىنى مىسالغا ئالايلى:

1. 1980-يىلى (1,553000)بالىنى چۈشۈرۋىتىش ھالىتى يۈز بەرگەن، ھامىلدارلارنىڭ 30% يىشى 20دىن ئاشمىغان قىزلار ئىدى، ساقچىلارنىڭ ئىيتىشىچە ھەقىقىي سان ئۇنىڭدىن ئۈچ ھەسسە كۆپ ئىكەن.

2. 1982-يىلى توي قىلغىلى 15 يىل بولغان ئاياللارنىڭ 80% تالاق قىلىنغان.

3. 1984- يىلى 8 مىليۇن ئايال بالىلىرى بىلەن يالغۇز سىرىتتىن ھىچ قانداق ياردەمسىز ياشايدىغانلىقى بايان قىلنغان.

4. 1986-يىلى خەلقنىڭ 27% ئاياللارنىڭ ياردىمى بىلەن ياشايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

5. 1982- يىلى 65 مىڭ قىزغا تاجاۋۇز قىلىنغان، تاجاۋۇزچىلىق قىلىش ۋەقەلىرى ھەر 10مىڭدىن بىر ئايالغا توغرا كەلگەن.

6. 1995-يىلى 82 مىڭ قىزغا تاجاۋۇز قىلىش ھالىتى يۈز بەرگەن، بۇنىڭدىن 80%تى بىر ئائىلە ۋە دوستلار ئوتتۇرسىدا يۈز بەرگەنلىكى، ساقچىلارنىڭ ئىيتىشچە ھەقىقىي سان بۇنىڭدىن 35 ھەسسە كۆپ ئىكەن.

7. 1997-يىلى ئاياللارنىڭ ھوقۇقلىرىنى مۇداپىئە قىلىش جەمئىيەتلىرىنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا ھەر 3سىكۇنتتا بىر ئايال تاجاۋۇز قىلىنغانلىقى، ئەمما رەسمىي ئورۇنلار بۇنىڭغا رەددىيە بىرىپ ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ھەر 6 سىكۇنتتا بىر ئايال تاجاۋۇز قىلىنىش ۋەقەسى يۈز بىرىۋاتىدۇ دىگەنلىكى بايان قىلىنغان.

8. ياشانغان كەمبەغەللەرنىڭ 74%تى ئاجىز ۋە پىقىر ئاياللار ئىكەنلىگى، ئۇلاردىن 85%تى ھىچقانداق ياردەمسز ھەم يالغۇز ياشايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

9. 1979-1985-يىلىغىچە لاتىن ئامىرىكىدىن ئامىرىكىغا كەلگەن قىزىل ھىندىئانلار ئاياللارغا بىلدۈرمەي تۇغماسلىق ئوپىراتسىيەسى قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان.

10. 1980- 1990 – يىلغا قەدەر ئامىرىكىدا بىر مىليۇنغا يىقىن ئايال پاھىشە بىلەن شۇغوللىندىغانلىقى بايان قىلىنغان.

11. 1995-يىلى ئەيش-ئىشرەت ۋە بۇزۇقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاياللارنىڭ سانى مىليۇنغا يەتكەن. 1995-يىلى بۇزۇقچىلىق ئورگانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىلان ساھەسىنىڭ كىرىمى 2500 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكى بايان قىلىنغان(مادرىدتىكى ”ئاياللار ھەققىدىكى خەلقئارالىق تەتقىقات ئىنىستوتى“ نەشىر قىلغان“ ئايال قامۇسى“ دىگەن يىللىق دوكىلاتقا قاراڭ.

مۇشۇ سان-سىفىرلارنىڭ ھەممىسى ئۇلار ھۇجۇم قىلىۋاتقان ئىسلام شەرىئىتىدىكى ئاياللارنى ھۆرمەتلەش ۋە ئائىلە تۈزۈمىنى ئاشىق-مەشۇقلۇق ۋە ئاشنا تۇتۇش تۈزۈمىگە ئالماشتۇرشىمىز ئۈچۈن بولىۋاتقان تەبىئىي نەتىجە.

بۇ مەسىلىدە ياۋرۇپادىكى ئىنساپلىق كىشىلەرنىڭ سۆزىگە قۇلاق سىلىپ باقايلى:

ياۋرۇپالىق ئاياللارنىڭ بىرى مۇنداق دەپ دات ئەيلىگەن: بىزنىڭ قىزلىرىمىزدىن يولدىن چىقىپ كەتكەنلەر كۈندىن-كۈنگە كۆپەيمەكتە، بالايى-ئاپەت پۈتۈن يەرگە ئومۇملىشىپ كەتتى، تەتقىقاتچىلار ئۇنىڭ سەۋەپلىرىنى ئىزدىمەكتە. مەن بىر ئايال بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۇ قىزلارغا قارىغىنىمدا ئۇلارغا ئىچىم ئاغرىغانلىقتىن قەلبىم پارە-پارە بولۇپ كەتكىلى تاس قالىدۇ، پۈتۈن ئىنسانلار مىنىڭ غەم قايغۇم، دەرت ئەلىمىم ۋە ئىچ ئاغرىتىشىمغا ھىسداشلىق قىلغان تەقدىردىمۇ ئۇ قىزلارغا نىمە پايدىسى يىتەتتى، چۈنكى مۇشۇ نىجىس ئەھۋالنى توسۇشقا ھەرىكەت قىلىشتىن باشقا ھىچ قانداق بىر چارە يوق.

ئالىم (توس) مۇنداق دەيدۇ: مۇشۇ كىسەلدىن ساقىيىشقا كىپىللىق قىلىدىغان دورا بار دىيىلسە، ئۇ دورا ھەر بىر ئەر كىشىنىڭ بىردىن كۆپ خوتۇنلۇق بولىشىغا روخسەت قىلىشتۇر. مۇشۇ چارە بىلەن بىزگە كەلگەن بالا شەكسىز تۈگەيدۇ، قىزلىرىمىز ئۆيلەرنىڭ تەربىيلىگۈچىسى بولىدۇ، بىزدىكى بالايى-ئاپەت ياۋرۇپالىق ئەر كىشىنى بىر ئايال بىلەن كىپايىلىنىشكە مەجبۇرلاشتۇر. مۇشۇ سەۋەپ بىزنىڭ قىزلىمىزنى يولدىن چىقىرۋەتكەن ۋە ئۇلارنى ئەر كىشىلەر قىلىدىغان خىزمەتنى قىلىشقا مەجبۇرلىغان، بىر كىشىگە بىردىن كۆپ خوتۇنلۇق بۇلۇشقا روخسەت قىلمىغاندا ئىش كۈندىن-كۈنگە يامانلىشىدۇ. ئىنسانىي جەمئىيەتكە يۈك ۋە ئار-نۇمۇس بولۇپ قالغان قانۇنسىز بالىلىرى بار كىشىلەرنى قايسى تەرەپ ھىسابلاپ بىرەلەيدۇ؟ ئەگەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش يولغا قويۇلغان بولسا ئىدى، ئاشۇ بالىلارغا ۋە ئانىلارغا ئۇلارغا يەتكەن خارلىق ۋە ئازاب يەتمىگەن بولاتتى، ئۇلارنىڭ ۋە ئەۋلاتلىرىنىڭ ئابرويى ۋە ئىپپەت-نۇمۇسلىرى ساق قالغان بولاتتى. ئايال كىشىنىڭ ئەرلەر بىلەن قىستىلىشى بىزگە ۋەيرانلىقنى كەلتۈرىدۇ، ئاياللارنىڭ يارىتىلىش قۇرۇلمىسىغا قاراپ باقمامسىلەر؟ ئاياللار قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار ئەرلەرنىڭ تەبىئىتىگە مۇناسىپ كەلمەيدۇ، ئەرلەر قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار ئاياللارنىڭ تەبىئىتى ۋە مىجەز خاراكتىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنى يولغا قويۇش بىلەن ھەر بىر ئايال بىر ئۆينىڭ ئىگىسى ۋە قانۇنلۇق ئەۋلاتلارنىڭ ئانىسى بولىدۇ.( مانار تەپسىرى، 4-قىسىم، 485 -بەت).

بىر يازغۇخى ئايال مۇنداق دىگەن: بىزنىڭ قىزلىرىمىزنىڭ ئۆيلەردە خىزمەتچىدەك ياشىغىنى زاۋۇتلاردا ئىشلىگىنىدىن ياخشى، بالايى-ئاپەت جەھەتتىنمۇ يەڭگىلراق، چۈنكى قىزلارنىڭ ھاياتىدىكى گۈزەللىكى زاۋۇتلارنىڭ قاسماقلىرى بىلەن بۇلغۇنۇپ تۈگەيدۇ، بىزنىڭ شەھەرلىرىمىز مۇسۇلمانلارنىڭ شەھەرلىرىدەك بولغان بولسا كاشكى، ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىدە شەرمى-ھايا، ئىپپەت- نۇمۇس ۋە قەلبى پاكلىك بار، ئۆيدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر خوددى ئۆز بالىلارغا مۇئامىلە قىلىنغاندەك مۇئامىلە قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىپپەت-نۇمۇسىغا تىگىدىغان ئىش بولمايدۇ. ئار-نۇمۇس دىگەن ئۆزلىرىنىڭ قىزلىرىنى ئەرلەر بىلەن كۆپ ئارىلاشقانلىقتىن رەزىللىك ۋە ئەخلاقسىزلىققا نەمۇنە قىلىپ قويغان ئىڭگىلىزلارغا بولىدۇ، نىمىشقا بىز قىزلىرىمىزنى ئۆيلەردە ئۆزلىرىنىڭ تەبىئىتىگە مۇناسىپ ئىشلارنى قىلىپ ئەرلەرنىڭ ئىشىنى ئۇلارغا بىرىپ ئۆزلىرىنىڭ شەرىپىنى ساقلايدىغان قىلالمايمىز؟( مانار تەپسىرى، 4-قىسىم، 362-بەت).

گىرمانىيىلىك ئاتاقلىق پەيلاسوپ (شوبىنھور) مۇنداق دەيدۇ: ”ياۋرۇپادىكى توي قىلىش قانۇنىنىڭ ئاساسى توغرا قۇرۇلمىغانلىقتىن، ئاياللارنى ئەرلەر بىلەن بارابەر قىلىپ، ئەرلەرنى بىر خوتۇن بىلەن كىپايىلىنىشىكە مەجبۇرلاپ بىز ئەرلەرنىڭ يىرىم ھەققىمىزنى بىكار قىلىش بىلەن بىرگە، بىزگە نۇرغۇنلىغان ۋەزىپىلەرنى ئارتىپ قويغان… كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنى دۇرۇس دەپ قارايدىغان مىللەتلەردە بىرەر ئايال بارلىق ئىشلىرىغا كىپىللىق قىلىدىغان بىر ئەرسىز قالمايدۇ، بىزنىڭ دىيارىمىزدا ئىرى بار ئاياللار ئاز ئۇچرايدۇ، ئەمما ئىرى يوقلىرى سان-ساناقسىز، ئۇلار ھەسرەت چىكىپ چىقىش يولى تاپالماي تىڭىرقاپ يۈرىيدۇ، ئۇلار يا قىرىپ قالغان يوقىرى تەبىقىدىكى قىزلار، يا قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كىلىپ ئىغىر ئىشلارنى بىشىدىن كەچۈرۈپ ئىپپەت-نۇمۇسلىرىنى ساقلىماي رەسۋالىق ۋە خارلىق بىلەن ياشاۋاتقان تۆۋەن تەبىقىدىكى ئاجىز ئاياللاردىن ئىبارەت بولۇپ ئۆزلىرىگە كىپىل بولىدىغان ئەرسىز ياشايدۇ. لوندۇندەك بىر شەھەردە 80 مىڭ ئۇمۇمنى كۈتىدىغان پاھىشە قىزلىرى بار بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شەرىپىنى ئەرلەرنىڭ گوداڭلىرىدا تۇكىۋەتكەن، بۇنىڭ ھەممىسى كۆپ خوتۇنلۇق بولماسلىقنىڭ قۇربانى، ياۋرۇپالىق ئايالنىڭ بويانتاۋلىقى ۋە ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىشنىڭ نەتىجىسى ئىدى. مۇشۇنداق زور ئىجتىمائىي پاساتچىلىقتىن كىيىن بىز كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىزامىنى پۈتۈن ئاياللىرىمىزغا چۈشەندۈرىدىغان ۋاقىت كەلمىدىمۇ؟“(مۇستاپا غەلايىنىنىڭ“ئىسلام مەدەنىيەتنىڭ روھى“ نامىلىق كىتاۋىنىڭ، 224-بىتىگە قاراڭ، ئۇ بايان قىلغان رەقەم ئۆز دەۋردىكى رەقەمدۇر، ئۇ 1860م ۋاپات بولغان).

ئانى بىزانىت ”ھىدىستاندا تارقالغان دىنلار“ نامىلىق كىتاۋىدا مۇنداق دىگەن:“بىز ئىشلارنى ئادىل تارازا بىلەن جىڭلاپ كۆرگىنىمىزدە ئاياللارنىڭ كىيىم-كىچىكى، ئوزۇقلۇقى ۋە شەرىپىگە كىپىللىق قىلىدىغان ئىسلام دىنى رۇخسەت قىلغان كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش، ئايال كىشىنى پەقەت ئۆزىنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىۋالىغاندىن كىيىن ئەرزىمەس بىر نەرسە قاتارىدا كوچىغا تاشلىۋىتىدىغان ياۋرۇپانىڭ ئەخلاقسىزلىقىدىن ئەۋزەل چىقىپ قالدى“.

جوستاف لوبون مۇنداق دىگەن: كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش تۈزۈمى ياخشى تۈزۈم بولۇپ، ئۇ يولغا قويۇلغان مىللەتلەرنىڭ ئەخلاقى سەۋىيەسىنى يوقىرى كۆتۈرىدۇ، ئائىلىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدۇ ۋە ئاياللار ياۋرۇپادا تاپالمايدىغان ھۆرمەت ۋە بەخىت-سائادەتنى بىغىشلايدۇ.

بىز مۇشۇنىڭدىن كۆرىۋالالايمىزكى، ئىسلام شەرىئىتى مۇئەييەن شارائىتلار ئاستىدا يولغا قويغان كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش تۈزۈمى بەزى ئىنساپلىق ياۋرۇپالىق ئالىملارنىڭ گۇۋاھلىق بەرگىنىدەك غەربتىكى پۈتۈن مۇتەپەككۈرلەر رەت قىلىدىغان مەسىلە ئەمەس.

ئاخىرىدا بىز شۇنى تەكىتلەيمىزكى، يوقۇرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن پايدىلار ۋە ياۋرۇپالىق ئالىملار گۇۋاھلىق بەرگەن سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئىسلام شەرىئىتى ئەر كىشىنىڭ كۆپ ئاياللىق بولىشىغا رۇخسەت قىلغان، بۇ رۇخسەت قۇرئان كەرىمدە مۇتلەق ئەمەس، بەلكى شەرتلىك ھالدا كەلگەن، اللھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

(وَۈِنْ خِفْتُمْ ۆَلَّا تُقْسِطُوا فِي الْيَتَامَۈ فَانْكِچُوا مَا طَابَ لَكُمْ مِنَ النِّسَاءِ مَڭْنَۈ وَڭُلاڭَ وَرُبَاىَ فَۈِنْ خِفْتُمْ ۆَلَّا تَىْدِلُوا فَوَاچِدَەً ۆَوْ مَا مَلَكَتْ ۆَيْمَانُكُمْ ۇَلِكَ ۆَدْنَۈ ۆَلَّا تَىُولُوا) يەنى: (ئەگەر يىتىم قىزلارغا (ئۆيلىنىپ) ئادىل مۇئامىلىدە بولالماسلىقىڭلاردىن (يەنى تەربىيەڭلاردا بىرەر يىتىم قىز بۇلۇپ، ئۇنىڭغا شۇ قىزغا باراۋەر تۇرىدىغان قىزغا بىرىلدىغان مەھرىنى بىرەلمەىسلىكىڭلاردىن) قورقساڭلار، ئۇنى تەرك ئىتىپ، ئۆزەڭلار ياقتۇرىدىغان باشقا ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى ۋە تۆتنى ئىلىشىڭلارغا بولىدۇ، ئەگەر (ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، بىر خوتۇن بىلەن ياكى قول ئاستىڭلاردىكى چۆرىلەر بىلەن كۇپايىلەنسەڭلار بولىدۇ).(نىسا سۈرىسى 3-ئايەت).

اللھ يەنە بىر ئايەتتە ئاياللارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق قىلىشىنىڭ قىيىنلىقىغا ئىشارەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: (وَلَنْ تَسْتَطِيىُوا ۆَنْ تَىْدِلُوا بَيْنَ النِّسَاءِ وَلَوْ چَرَپتُمْ)يەنى: (قانچە تىرىشساڭلارمۇ ئاياللىرىڭلارغا (مۇھەببەت ۋە دىلنىڭ مايىللىغىدا) باراۋەر مۇئامىلىدە بۇلۇشقا ھەرگىز قادىر بولالمايسىلەر…).(نىسا سۈرىسى 129-ئايەت)

بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە كۆرگىنىمىزدەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر خوتۇن ئالغان ئادەمنى يەنە خوتۇن ئىلىشقا بۇيرىمىغان، بەلكى ئەكسىچە يوقۇرىدا زىكىر قىلىنغان غەيلان ئىبنى سەلەمەنىڭ قىسسىسىدە كەلگەندەك تۆتتىن كۆپ خوتۇن ئىلىۋالغان ئادەمنى تۆتنى قالدۇرۇپ قالغىنىنى قۇيۇپ بىرىشكە بۇيرىغان.

مىنىڭچە كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش مەسىلىسى ئايدىڭلىشىپ، بۇ مەسىلىدىكى گۇمان يوقۇلۇپ ئىسلام شەرىئىتىنىڭ مۇئەييەن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى ئەمەليەتتە ئاياللارغا بولغان ھۆرمەت ئىكەنلىگى ئاشكارا بولدى، چۈنكى ئىنساننىڭ نەزەر يۈرگۈزۈشى مۇكەممەل بولىشى كىرەك. ئىرى ئايالى ئۈستىگە ئالغان ئايالغىلا قاراش ئىنساپنىڭ جۈملىسىدىن ئەمەس، ئەر ئايالىنىڭ ئۈستىگە ئالماقچى بولغىنىمۇ ئايالدۇر. ئىسلام شەرىئىتى جەمئىيەتتە يۈز بىرىۋاتقان ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادى قىيىنچىلىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ ئەر كىشىنىڭ بىر قانچە ئاياللىق بولۇشىغا رۇخسەت قىلغان.

اللھ بىزگە دىن ۋە دۇنيا ئىشلىرىنىڭ ھەقىقىتىنى بىلدۈرگەي، ئامىن.

0

تېما

0

دوست

5603

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   12.06%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6068
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1343
تۆھپە : 803
توردىكى ۋاقتى: 289
سائەت
ئاخىرقى: 2012-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 17:25:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاشتېشىدا بۇددىنى ياساپ سېتىشنىڭ گېپى چىقىپ قالدى،ھازىر قاشتېشىدىن ياسالغان بۇددا ئويمىسىنى نۇرغۇن خەنزۇلارنىڭ بوينىغا ئېسىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز، مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا بۇ ئۇلارنىڭ بۇددىغا چوقۇنىشىنىڭ ،يەنى بۇدد دىنىغا ئېتىقاد قىلىشىنىڭ ئىپادىسى ،جوڭگۇدا پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دىنغا ئىتىقاد قىلىشى چەكلىنىدۇ،قارايدىغان بولساق نۇرغۇنلىغان پارتىيىلىك خەنزۇ كادىرلارنىڭ بوينىدا مۇشۇنداق بۇلاپكىدىن بىرى بار، ئۇنداقتا ھۆكۈمەت نېمىشقا ئۇلارنىڭ بۇنداق نەرسىلەرنى تاقىشىنى چەكلىمەيدىغاندۇ؟ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ساياھەت نۇقتىلىرىدا كىشلەر ئاشكارا ھالدا بۇتقا تازىم قىلىپ كۈجە كۆيدۈرىدىكەن،بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تېخى  پارتىيە ئەزالىرى(ھۆكۈمەت ئورگانلارىدىكى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ساياھەت قىلىدىغان كادىرلار) ، بىراق بۇ يەردە مەسچىتلەرگىمۇ كامېرا ئورنىتىلغان،ئىشقىلىپ بىزدە پوسمىسىنى ئەكەل دېسە كاللىسى بىلەن كۆتۈرۈپ بارىدىغان مۇناپىقلار كۆپ جۇمۇ؟

بىلگەنلەر بىلەن

25

تېما

5

دوست

7842

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3266
يازما سانى: 315
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1893
تۆھپە : 1116
توردىكى ۋاقتى: 698
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 19:14:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئىسلامدىكى تۆت خوتۇنلۇق بولۇش تۈزۈمىگە قارشى ئەمەس. بىراق، مەلۇم شەرت ئاستىدا قارشى ئەمەس. ئەگەر ئەرلەر نەپسى ئۈچۈنلا كۆپ خوتۇن ئالماقچى بولسا، مەن بۇنىڭغا مۇتلەق قارشى. ئەرلەرنىڭ كۆپىنچە ئىككىنچى، ئۈچىنچى ئاياللىرى كىچىك، يۇمران قىز-ئاياللار. ھالبۇكى، بۇنداق ئاياللارنى ئۇلار ھىمايىسىگە ئالمىسىمۇ ئۇلارغا يىگىتلەر ۋە ياش ئەرلەر چىقىدۇ. جەمئىيەتتە بىر ئەرنىڭ ھىمايىسىگە مەھرەم بولىشىغا ھەقىقىي ئېھتىياجلىق مۇسۇلمان ئاياللار ئازمۇ؟ ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يا بىرەر بالىسى بىلەن تۇل قالغان. ياكى پۇلى بولسىمۇ گۇناھتىن قورقۇپ بىرەر مۇسۇلمان ئەركەكنىڭ ئۆزىگە مەھرەم بولىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان ئاياللار. ئۇلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، ئۇنداقتا شۇلارغا مەھرەم بولىدىغان ئەرلەر قېنى؟ نېمىشقا ئاشۇلارنى ئىككىنچى، ئۈچىنچى ئايال قىلىپ ئېلىشنى ئويلاپ بېقىشمايدۇ ئەرلىرىمىز؟! ئاللاھ تائالا «(قانچە تىرىشساڭلارمۇ ئاياللىرىڭلارغا (مۇھەببەت ۋە دىلنىڭ مايىللىغىدا) باراۋەر مۇئامىلىدە بۇلۇشقا ھەرگىز قادىر بولالمايسىلەر…).(نىسا سۈرىسى 129-ئايەت)» دەپ ئەسكەرتىش بەرگەن. ئەرلەرنىڭ باراۋەر بولالمىغانلىقىنىڭ گۇناھى ئىنتايىن ئېغىر. ئەگەر ئىمان ئېيتقان ئەر كىشى بولسا ئىككىنچى ئايالغا ئۆيلىنىشتىن بۇرۇن قىيامەتتە ئادىل بولالماسلىقنىڭ جازاسىنى قانداق تارتىپ بولارمەن؟ دېگەن سوئالنى ئۆزىگە قويسىلا ئۇ دەھشەتتىن قارا تەرگە چۆمىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقىدىغانلىقى يالغان دېگەن گەپ.  كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش ھەقىقەتەنمۇ ئاياللارنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى قوغداشقا، جەمئىيەتتىكى بۇزۇقچىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق. بىراق، ئاللاھ بۇنىڭغا رۇخسەت قىلغىنى بىلەن تەشەببۇس قىلغىنى يوق.بىرى بىلەن كۇپايىلىنىشنىڭ زۇلۇم قىلماسلىققا ئەڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.  نېمىشقا ھەممىلا ئىشتا ئاياللارغا سەبىر تەۋسىيە قىلىنىدۇ؟ ئاياللار ھېلىمۇ  ئاجىزلىقى تۈپەيلى ئەرلەرنىڭ  نۇرغۇن ئىشلىرىغا سەبىر قىلىپ ئۆتىدىغۇ؟! نېمىشقا ئەرلەرنىڭ ئۆز نەپسىگە ھاي بېرىپ، ئايالىغا سادىق بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ  ئىناقلىقىنى قولغا كەلتۈرىشى تەشەببۇس قىلىنمايدۇ؟! مۇشۇ كۆپ خوتۇن ئېلىشنىڭ كويىدا قالغان ئەرلەردىن سوراپ باققۇم كېلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  كۆپ خوتۇنلۇق بولغان ھەم پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاياللىرىغا باراۋەر بولغان. بىراق، شۇ نۇقتا ئايانكى ئۇنىڭ تۇنجى نىكاھى 25 يېشىدا 40  ياشلىق ئايال بىلەن قىلىنغان. ھەم ھەزرىتى خەدىچە ئانىمىز ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن ئىككىنچى بىر ئايالغا ئۆيلەنمىگەن. ئۇنىڭغا سادىق بولغان. كېيىنكى ئاياللىرى ئۇنىڭ كۈچلۈك ئارزۇسى تۈپەيلى ئەمەس بەلكى ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن بەزىلىرى ھىمايىسىز قالغان ئاياللارنى ھىمايىسىگە ئېلىش يۈزسىدىن، بەزىلىرى ئىككى قەبىلە ئارىسىدىكى ئىناقلىقنى قولغا كەلتۈرۈش، قوغداش يۈزسىدىن ...دېگەندەك ئىسلام ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلار سەۋەبىدىن نىكاھىغا ئېلىنغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت ۋە پەقەت ھەزرىتى ئائىشە ئانىمىز باكىرە قىز ھالىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نىكاھىغا ئۆتكەن. باشقىلىرى
بۇرۇن بىر ياكى بىر قانچە نىكاھلىق بولغان ئاياللار ئىدى.  ئەگەر سىز ھەقىقىي بىر ئىمان ئېيتقان ھەق يولچىسى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىپ ماڭغۇچى بولسىڭىز، سىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدەك 25 يېشىڭىزدا 40 ياشلىق ئايال ئەمەس بىر توي قىلغان قۇرداش ھەمشىرىڭىزدىن بىرنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن دەپ نىكاھىڭىزغا ئالالامسىز؟! گۈزەل بىر ئايالىڭىز بولۇپ يېنىڭىزدا، يەنە بىر قىيىنچىلىقتا قالغان چىرايى ئادەتتىكىچە بىر ھەمشىرىڭىزنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن دەپ تۇرۇپ نىكاھىڭىزغا ئالالامسىز؟ ئالالىسىڭىز ئۇلارغا (كۆڭۈل جەھەتتىن باراۋەر بولۇشقا ئىنسان كاپالەتلىك قىلالمايدۇ، چۈنكى، كۆڭۈللەرنىڭ ئىگىسى ئاللاھ) ماددىي تەمىنات ۋە مۇئامىلە جەھەتتىن باراۋەر بولالامسىز؟  ئەگەر مۇشۇلارنى قىلالايمەن دەيدىغان ھەم قىلالايدىغان ئەرلەر بولسا مەن تۆت خوتۇنلۇق بولۇشقا تامامەن قوشىلىمەن. (ئاللاھ رۇخسەت قىلغان ئىشقا قارشى تۇرۇشقىمۇ ھەقلىق ئەمەسمەن) بىراق، بۇلارنى قىلالىشىغا كۆزى يەتمىگەن قېرىنداشلارنىڭ ئەينى چاغدا ئۆزى تاللاپ ئۆمۈردىشىم دەپ بىكىتكەن ھەمراھىغا سادىق بولۇپ، بىر ئايال بىلەن چەكلىنىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى، ئادىل بولالماسلىقنىڭ قىيامەتتىكى ئازابى ئىنتايىن قاتتىق. بۇنى ئويلاڭ! قىيامەت كېلىشتىن  ئاۋال ئائىلىدە بولىدىغان «قىيامەت» تىن قورقۇڭ! چۈنكى، كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش كۆپ ھاللاردا ئائىلىدە جىدەل -ماجرانى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سىزنىڭ كۆپ خوتۇن ئېلىپ كۆرگەن مەئىشىتىڭىزدىن جاپايىڭىز كۆپ بولۇپ كېتىدۇ. چۈنكى، سىزمۇ ھەم ئاياللىرىمىزمۇ ساھابىلەردەك ئىمانغا ئىگە ئەمەس. كۆڭۈل ئىشىدا ھەممە ئادەم شەخسىيەتچى كېلىدۇ. بەزى ئىشلارغا سەبىر قىلىش ھەقىقەتەنمۇ بەك تەس. كارۋان ئەپەندى ئېيتقاندەك سىز بىر ئەر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئايالىڭىزنىڭ باشقا بىرى بىلەن تۇرغان ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ! شۇندىلا سىزنى سۆيگەن ئايالىڭىزنىڭ كۈندەشلىكىنى توغرا چۈشىنىسىز. ئاللاھ ئەڭ ياخشىسىنى بىلگۈچى.
گۈزەل قەلب گۈزەللىككە ھامىلىدار...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )