- تىزىملاتقان
- 2011-4-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 631
- نادىر
- 0
- يازما
- 29
ئۆسۈش
26.2%
|
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى karwan@دە2012-03-29 07:59يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مېنىڭچە يەرلىك خەلق دىنىي ئېتىقدقا تاقاپ قاشتېشىنى كولىمىسا،ساتمىسا ئۇنى بەرىبىر خەق بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ كولايدۇ،ساتىدۇ،پوققا ئولاشقان چىۋىندەك يوپۇرۇلۇپ كېلىپ يوقىتىدۇ،ئۇنىڭدىن كۆرە يەرلىك خەلق ئازراق بولسىمۇ پايدىلانسا گۇناھ بولماس؟
مېنىڭ نەزىرىمدە قانداق شارائىتتا بولسۇن مۇشۇ دەۋىردە بىردىن ئارتۇق خوتۇن ھارام دەپ قارايمەن ۋە مۇتلەق شۇنداق بولىشى كېرەك،چۈنكى،ھەرقانداق كىشى ئۆزىگە تەۋە بىر نەرسىنىڭ باشقىلارنىڭ ئورتاق پايدىلىنىشىنى مۇتلەق خالىمايدۇ،قايسىڭلار خالايدۇ دېيەلەيسىلەر؟دىنىي ئۆلىمالارنىڭ ئېيتىشىچە ئەر بولغان كىشى قانچە خوتۇنى بولسا شۇنچە خوتۇنىغا ئوخشاش مۇئامىلىدە،ئوخشاش تەمىناتتا بولالىشى كېرەك،دەيدۇ،ھازىرقى ئەرلەر مۇتلەق ئۇنداق قىلالمايدۇ،ئۇنداق قىلالىشى ئۈچۈن مىللىي ئەخلاقنى بىر چەتتە قايرىپ قويۇش كېرەك،ئاياللارغا نىسبەتەن،ئەرلەر ئۆز ئايالىنىڭ باشقىلارنىڭ قوينىدا يېتىشىنى خالىمىغاندەك ئاياللارمۇ ئېرىنىڭ يەنە بىر ئايالنىڭ قوينىدا يېتىشىنى مۇتلەق خالىمايدۇ،كۆرىنىشتە رازى بولغاندەك قىلغان بەزى ئاياللار ئەمەلىيەتتە ئېرىنىڭ تاياق-توقمىقىدىن قۇتۇلۇش ياكى تالاق بوپ كېتىشىدىن قورقۇپلا قوشۇلغان قىياپەتتە ئامالسىز ياشايدۇ.چۈنكى بۇ 7-ئەسىردىكى ئەرلەر غازاتقا چىقىپ ئۇرۇشتا ئەرلەرنىڭ سانى ئازىيىپ ئە-ئايال تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلغان زامان بولماستىن،ئەر-ئايال نىسمىتى تەڭپۇڭ 21-ئەسىر.بوپتۇ دىنىي ئەقىدىسى كۈچلۈك بىر ئايال ئېرىنىڭ يەنە بىر خوتۇن ئېلىشىغا قوشۇلدىمۇ دەيلى،ئېرى ئۆيگە كىرمىگەن كېچىسى ئۇنىڭ يۈرىكى ھەسەتتىن ئازراق بولسىمۇ پۇچىلانمايدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟مۇمكىن ئەمەس ھېچكىم ئېيتالمايدۇ.ئۇنداقتا ھالال بولامدىكەن؟
1. بېشىدىكى بىر ئابزاس سۆزدە پىرىنسىپاللىق خاتالىق بار:
ئەگەر بىر نەرسە ھارام بولسا، ھالال -ھارامنى ئايرىماي ئىستىمال قىلىدىغانلار بەزىرىبىر ئىستىمال قىلىدۇ دەپلا ئۇنى ھالالغا چىقىرىشقا بولمايدۇ. بىر نەرسىنىڭ ھالال ياكى ھاراملىقىنى بېكىتىشتە ئىنساننىڭ نەفسىنى ئاساس قىلىشقا بولمايدۇ. بەلكى شەرىئەت قانداق كۆرسەتكەن بولسا شۇنى ئېلىش لازىم.
قاشتېشى مەسىلىسىگە كەلسەك، ئەگەر قاشتېىشى پەقەت بۇت ياساشتىن باشقا نەررسە ياساشقا ئىشلىتىلمىگەن بولسا، قاشتېشى سېتىش ھارام بولىدۇ(چۈنكى، بۇت ياساپ سېتىش ھارام قىلىنغان). ئەگەر ئۇنى باشقا گۈزەل- سەنئەت بۇيۇملىرى ياساشقىمۇ ئىشلەتسە، قاش تېىشى سودىسى قىلىش ھارام بولمايدۇ.
2. كۆپ خۇتۇنلىۇقنىڭ ھۆكۈمىدىمۇ شەرىئەت نىمە دىگەن بولسا شۇنى ئۆلچەم قىلىپ ئالىمىز. نەفسىمىزنى ئۆلچەم قىلمايمىز.
مەيلى قايسى دەۋېىردە بولسۇن ، ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولىدۇ. شەرىئەتنىڭ ھۆكۈمى ئەرنىڭ ياكى ئاياللارنىڭ نەفسىنى ئاساس قىلمىغان، بەلكى سىز ياخشى كۆرۈڭ ياكى يامان كۆرۈڭ، شەرىئەتنىڭ ھۆكۈملىرىگە ھېكمەت يۇشۇرۇنغان. شەرىئەت رۇخسەت قىلغان ئىشنىڭ شۇنىڭغا چۇشلۇق ېكىمىتى بولىدۇ. رۇخسەت ئىشنى ھارامغا چىقىرىشقا بولمايدۇ.
مەيلى قايسى دەۋىردە بولسۇن، رايونلاردا ئاياللارنىڭ نىسبىتى ئەرلەردىن يۇقۇرى بولىدۇ، ئاياللارنى خار كۆرۈش ئىدىيىسىنىڭ نەجىسىدە ئۇنى ئانىسىنىڭ قۇسىقىدىلا ئۇجۇقتۇرۇپ كېلىۋاتقان ھىندىستاندەك رايونلاردا بولسا ئەرلەرنىڭ نىسبىتى يۇقۇرى بولىدۇ. نەتىجىدە بىرمۇنچە ئەرلەر بويتاق ياشاپ ئۆتۈشى لازىم. خەۋەرلەرگە قارىغاندا تاجىكىستاندا ئاياللارنىڭ نىسبىتى يۇقۇرى بولۇپ، بىر ئەرگە يەتتە ئايال كىشىنىڭ تۇغرا كېلىدىغانلىقىنى مۇشۇ تورلاردا خەۋەر بەرگەندەك قىلغان. ناۋادا شۇنداق بولسا، بىر ئەر بىر ئايالغا مۇتلەقلەشتۇرۇلسە، قالغان ئاياللارنىڭ ھەممىسى مۇھەببەت ئېھتىياجىدىن مەھرۇم بولۇپ ياشاشى كېرەك. ياكى شۇنچە كۆپ ئاياللار جىنسىي بۇزۇقچىلىق يوللىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشلار ئەۋج ئالىدۇ. شۇنداق جەمىيەتتە ، بىر ئەر 1-4 كىچە ئايال ئېلىشقا رۇخسەت قىلىنغانلىقىنىڭ جەمىيەتكە نىسبەتەن پايدىلىق ئىكەنلىكى روشەن كۆۈلىدۇ.
مەيلى قايسى زامان ياكى ماكاندا بولسۇن، بىردىن ئارتۇق ئايال ئېلىشنىڭ ھالال بولۇش شەرتىگە خلاپلىق قىلىنمىغانلا بولسا، ئۇنى ھارامغا چىقىرىشقا بولمايدۇ. |
|