مەن 1998-يىلى نەشىر قىلىنغان مەلۇم بىر كىتاپتىن تۆۋەندىكى شىئېرنى ئوقۇدۇم . بۇ شىئېر، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 200 يىل بۇرۇن يازىلغاندەك قىلىدۇ. بۇ شىئېر مۇنداق يازىلغان ئىكەن:
«كىمگە بارىپ ئايتايىن زالىم فەلەكنىڭ دادىنى، ئۇقماغاي ئەھلى زەمانە نالەيۇ فەريادىنى. ئەيىب قىلماڭ، ئاھ ئۇرسام، مەن نەچۈك ئاھ ئۇرمايىن، شاد ھەرگىز تاپمادىم مەن خاتىرى ناشادىنى». «دۇنيانى كەزسەم يۈرۈپ دەردىمگە دەرمان تاپمادىم، ئەرز ئېتەرگە داد دەپ، بىر ئەدلى سۇلتان تاپمادىم. تەن سىزىپ ئاقتى سۇدەك، بولدۇم چۈلەتى ئۇستىخان، كاۋلادىم داغلى جىگەرنى، قەترەئى قان تاپمادىم. ئەي ھۇۋەيدا، ئىشق دەردى تۇرفە قاتتىق، بىدەۋا، يىغلاماق، دىل ئۆرتەمەكتىن ئۆزگە دەرمان تاپمادىم»
ئەمدى مەن مۇشۇ تىل تەتقىقاتچىلىرىمىزدىن سوراپ باقاي:
1- سۇئال: بۇ شىئېر قايسى تىلدا يازىلغان؟ ياكى قايسى مىللەتنىڭ تىلىدا يازىلغان؟
2- ھازىر مۇشۇ شەكىلدە يازىش خاتامۇ توغرامۇ؟ ياكى ھازىر بۇ خىل يازىشنى خاتا دەپ قارايمىزمۇ؟ نىمە ئۈچۈن؟
3- بىز نىمە سەۋەپتىن، قانداق زۆرۆرىيەتتىن بۇ خىل يازىش شەكلىنى ئۆزگەرتتۇق؟ ئۆزگەرتكەندىن كىيىن تىلغا ۋارىسلىق قىلغالى بولامدۇ-يوق؟ |