جاڭ شۆلىياڭ (1901-2001) تەخەللۇسى خەنچېىڭ ،ۋەتەنپەرۋەر گېنرال ،گومىنداڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيسنىڭ 1-دەرىجىلك گېنرال پولكوۋنىكى ،فېڭتىيەن مىلتارسىت،گورۇھنىڭ كاتتبېشى جاڭ زولىننىڭ چوڭ ئوغلى ،1901-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى لىياۋنىڭ ئۆلكىسى تەيئەن ناھىيسىدە تۇغۇلغان ،1915-يىلى يۈەن شىكەيگە قارشى ھەرىكەتكە قاتناشقان،1919-يىلى شەرقى شىمال ئۈچ ئۆلكە ھەربىي مەكتىپنىڭ توپچلار سىنىپغا ئوقۇشقا كىرگەن ،1920-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ فېڭتىيەن ئارمىيسىدىكى گوسۇڭلىنڭنىڭ قىسمدا لۈيجاڭ بولغان،11-ئايدا گېنرال مايۇر،ئۇنۋانى بېرىلگەن،1922-يىلى فېڭتىيەن-جىلى ئۇرۇشىغا قاتناشقان،شۇ يىلى 7-ئايدا جاڭ زولىن شەرقى شىمالدا مۇستەقل بولغاندا جاڭ شۆلىياڭ شەرقى شىمال ئۈچ ئۆلكە قوماندانلىق شىتاب تازلاش باشقارمىسنىڭ شىتاب باشلقى بولغان ھەمدە قۇشۇمچە ئاۋىئاتسىيە كومىتتىنىڭ باش نازارەتچلكنى قۇشۇمچە ئۆتىگەن،1924-يىلى فېڭتىيەن ئارمىيسى قۇرۇقلۇق ئارمىيە 27-شىنىڭ شىجاڭى ،شەرقى شىمال قاتناش كومىتىتنىڭ ھەيئىتى بولغان ،9-ئايدا 3-جۈننىڭ جۈنجاڭلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن ،1925-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنرال لېيتناتلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن ،شۇ يىلى شەرقى شىمال ئارمىيسى تەربىيلەش باشقارمىسنىڭ مۇئاۋىن باش نازارەتچىسى ،ئاۋىئاتىسيە مەكتىپى نازارەتچىسى قۇشۇمچە ئاۋىئاتسىيە ئۇچقۇچلار ئەتىرتنىڭ باشلقى بولغان،10-ئايدا 3-جىتۈەنجۈن قوماندانلىقغا تەيىنلەنگەن.
1926-يىلى 3-يۆلىنىش ئارمىيە جۈنتۈەن قوماندانى بولغان ،8-ئايدا شەرقى شىمال ھەربىي مەكتىپنىڭ باش نازارەتچىسى بولغان ،1927-يىلى گېنرال پولكوۋنىكلىققا ئۆستۈرۈلگەن ،1928-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى دادىسى جاڭ زولىن ياپون ئارمىيسى تەرپىدىن خۇاڭگۇدۇن ۋوگزالىدا پارتىلىتىپ ئۆلتۈرۈلدى ،جاڭ شۆلىياڭ شەرقى شىمال ئۈچ ئۆلكە كېڭەش يىغىندا شەرقى شىمال ئامانلىق ساقلاش باش قوماندانى قۇشۇمچە فېڭتىيەن ئۆلكسنىڭ ئامانلىق ساقلاش قوماندانى ،شەرقى شىمال ئۇنۋېرسىتتى مۇدىرى ،شەرقى شىمال دېڭىز ئارمىيسى قوماندانى ،شەرقى شىمال ئارمىيسنىڭ باش نازارەتچىسى ،شەرقى شىمال ئاۋىئاتسىيە ئارمىيسنىڭ باش قوماندانى.
1928-يىلى 12-ئايدا شەرقى شىمالدا بايراق ئالماشتۇرۇپ شىمالى مىلتارستلار ئارمىيسىدىن چېكىنىپ چىققانلقنى ،نەنجىڭ ھۈكۈمىتنى ھىمايە قىلدىغانلقنى ،جىياڭ جىيشنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇندىغانلقىنى جاكارلىدى،شۇنداق قىلىپ شىمالى مىلتارستلار ھۈكۈمىتى تارىخ سەھنىسدىن غايىپ بولۇپ جوڭگۇ بىرلىككە كەلدى (1928-يىلى 7-ئايداشىنجاڭدىكى ياڭ زىڭشىن گومىنداڭنى ھىمايە قىلدىغانلقنى جاكارلىغان،شۇنىڭ بىلەن شەرقى شىمالدىن باشقا يەر مىنگوغا تەۋە بولغان )نەنجىڭ ھۈكۈمىتى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ جاڭ شۆلىياڭنى شەرقى شىمال چېگرا مۇداپىئە ئامانلىق ساقلاش قوماندانلىقىغا ،شەرقى شىمال مەمۇرىي ئىشلار كومىتتنىڭ رەئىسلىكىگە، مەركىزى ھۈكۈمەت مالىيە كومىتتنىڭ ھەيئىتى ،دۆلەت مۇداپئە كومىتتى ھەيئىتى ،مىللى ھۈكۈمەت ھەيئىتى قاتارلىق ۋەزىپلەرگە تەيىنلىدى ،1930-يىلى جاڭ شۆلىياڭ جۇڭخۇا مىنگو قۇرۇقلۇق،دېڭىز،ھاۋا ئارمىيسنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانلىقغا تەيىنلەندى ،شەرقى شىمالدىكى سوۋېت ئارمىيسى ئىگەللىۋالغان تۈمۈر يولنى قايتۇرۋالدى،ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئۇرۇشىدا جىياڭ جىيشنى ھىمايە قىلىپ جىياڭ جىيشغا 200مىڭ كىشلىك ياردەمچى قۇشۇن ئەۋەتتى ،جىياڭ جىيشى بىلەن جاڭ شۆلىياڭ ئاغا-ئىنى ،سۇڭ مېيلىڭ بىلەن جاۋيىجى ئاچا-سىڭل بولدى ،1931-يىلى 18-سىنتەبىر ۋەقەسى يۈز بەردى ،جىياڭ جىيشنىڭ قارشى تۇرماسلىق بۇيرۇقنى تاپشۇرۋالغان جاڭ شۆلياڭ ياپونيىنىڭ 14مىڭ كىشلىك كانتۇن ئارمىيسنىڭ ھۇجۇمدا 290مىڭ كىشلىك شەرقى شىمال ئارمىيسنى شەنخۈەيگۈندىن چېكىندۈردى ،ھەمدە بېيپىڭ تىنجىتىش مەھكىمسنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى ،1932-يىلى مەركىزى ھەربىي كومىتت بېيپىڭ شۆبە كومىتتنىڭ مۇۋاققەت كومىتىت باشلىقىغا تەيىنلەندى.
كېيىن جاڭ شۆلىياڭ جىياڭ جىيشنىڭ قارشى تۇرماسلىق سىياسىتگە خىلاپلىق قىلىپ ياپونيىنىڭ بىر قىسىمغا تۇيۇقىسز ھۇجۇم قىلىپ زور تالاپەتكە ئۇچراتتى ،ياپونيىنىڭ نەنجىڭدىكى باش ئەلچىسى بۇنى باھانە قىلىپ جىياڭ جىيشغا بېسىم ئىشلەتتى ،جىياڭ جىيىشى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ جاڭ شۆلىياڭنى بارلىق ۋەزىپسدىن قالدۇرۇپ ياۋروپاغا تەكشۈرۈشكە ئەۋەتتى،1933-يىلى مەركەز جاڭ شۆلىياڭنى شەرقى شىمال ئارمىيسنىڭ ئالى قوماندانلىقغا تەيىنلىدى،1934-يىلى جاڭ شۆلىياڭنى ئۈچ ئۆلكە باندىت تازلاش باش قوماندانلىقغا تەيىنلىدى ھەمدە قۇشۇمچە مۇۋاققەت قوماندانلىققا تەيىنلىدى،1935-يىلى مەركىزى ھەربىي كومىتت ۋۇچاڭ گازارمىسنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلىدى،4-ئاينىڭ 2-كۈنى 1-دەرىجىلك گېنرال پولكوۋنىكلىققا تەيىنلىدى،شۇ يىلى يەنە غەربىي شىمال باندىت تازلاش مۇئاۋىن قوماندانى ،مۇۋاققەت قوماندانى،مەركەز ئىجرائىيە كومىتتى ھەيئىتى ،تەپتىش كومىتىتى ھەيئىتى قىلىپ تەيىنلىدى،شۇ يىلى شەرقى شىمال ئارمىيسى قىزىل ئارمىيگە ھۇجۇم قىلىپ 109-شىنىڭ شىجاڭى نىيۇيۈەنفېڭ بىلەن 100-شىنىڭ شىجاڭى خې لىجۇڭ ۋە شىتاب باشلقى جەڭدە قۇربان بولۇپ ئىككى شى پۈتۈنلەي يۇقىتىلدى ،بۇ شەرقى شىمال ئارمىيسى تارىخىدا كۈرۈلۈپ باقمىغان زور يوقىتىش ئىدى ،لىكىن جىياڭ جىيشى ئىككى شىنىڭ شىتاتنى تۇلۇقلاپ ،بېرىپ جەڭدە قۇربان بولغانلارغا نەپىقە پۇلى بەرمەكتە يوق جاڭ شۆلىياڭنى تىللاپ جەڭدە مەغلۇپ بولدۇڭ دەپ ئەيىپلەپ ئۇنى يەنە داۋاملىق قىزىل نارمىيگە ھۇجۇم قىلىشقا ئالدىراتتى ،دەل بۇ چاغدا شەرقى شىمال ئارمىيسى بىلەن بىر يەردە تۇرۋاتقان شەنشى ئارمىيسنىڭ 17-يۆلىنىش ئارميسمۇ قىزىل ئارمىيە تەرپىدىن مەغلۇپ قىلنىپ بىر لۈي تۇلۇق يوقىتىلىپ لۈيجاڭ ئەسىرگە چۈشتى.
جاڭ شۆلىياڭ 17-يۆلىنىش ئارمىيسى قوماندانى ياڭ خۇچىڭنىمۇ ئەيىبلەپ ئۇنى جەڭگە چىقىشقا ئالدىراتتى.
ياڭ خۇچىڭ (1893-1949)شەنشىدىن ،مىنگونىڭ ۋەتەنپەرۋەر گېنرالى،قۇرۇقلۇق ئارمىيە 2-دەرىجىلك گېنرال پولكوۋنكى ، 18يېشدا فېڭ يۈيشىياڭ قىسىمغا قاتنىشىپ يىڭجاڭ ،تۈەنجاڭ ،شىجاڭ ،جۈنجاڭ ،شەنشى ئۆلكسنىڭ رەئىسى ،17-يۆلىنىش ئارمىيە قوماندانى ،شەنشى تىنجىتىش قوماندانى بولغان 1937-يىلدىن باشلاپ نەزەربەند قىلىنىپ 1949-يىلى مەخپى ئۆلتۈرۈلگەن.
ئىككەيلەن كۆپ قېتىم جىياڭ جىيشغا يالۋۇرۇپ شەرقى شىمالغا قايتىپ ياپونغا قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلسىمۇ تەلىپى رەت قىلىنغان ،شۇنىڭ بىلەن ئككىسى شەرقى شىمال ئارمىيسىدىكى گېنراللار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ 1936-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى شىئەندە ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىپ شىئەنگە تەكشۈرۈشكە كەلگەن جىياڭ جىيشى ۋە ئۇنىڭ چېن چىڭ ،جىياڭ دېڭۋېن ،جۇشاۋلىياڭ قاتارلىق قوماندانلىرنى قولغا ئېلىپ دۇنياغا مەشھۇر شىئەن ۋەقەسنى قوزغىغان ،ھەمدە ج ك پ بىلەن ئالاقىلىشىپ جىياڭ جىيشى بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئۇنى بىرلىكتە ياپونغا قارشى تۇرۇشقا قايىل قىلغان ھەمدە 12-ئاينىڭ 25-كۈنى جىياڭ جىيشىنى ئۈزى مۇھاپىزەت قلىپ نەنجىڭغا ئاپىرىپ قويغان.
ئۇنداقتا جاڭ شۆلىياڭ بىلەن ياڭ خۇچىڭنىڭ ئاخىرقى قىسمىتى قانداق بولدى؟
جىياڭ جىيشى نەنجىڭغا بېرىۋېلىپلا جاڭ شۆلىياڭنى قولغا ئالدى ھەمدە ھەربىي سوت كوللگىيىسگە تاپشۇرۇپ بەردى ،كوللگىيە باشلقى لى لىيجۈن 12-ئاينىڭ 30-كۈنى جاڭ شۆلىياڭنى سوتلىدى،ھەمدە 10يىللىق قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىپ پۇقرارلىق ھوقۇقدىن بەش يىل مەھرۇم قىلدى ۋە نەنجىڭدىكى كۇڭ شىياڭشنىڭ قەسىردە نەزەربەند قىلدى،كەينىدىنلاجىياڭ جىيشى لىيۇدېچۈەن،سۇن مىڭجىيۇ قاتارلىقلارنى سېتۋېلىپب شەرقى شىمال ئارمىيسى گېنراللىرى ۋە جاڭ شۆلىياڭنىڭ يېقىنلىردىن ۋاڭ يىجى (67-جۈننىڭ جۈنجاڭى )،گاۋفۇيۈەن(619-تۈەننىڭ تۈەنجاڭى ،جاڭ شۆلىياڭنىڭ كومپارتىيە بىلەن ئالاقلاشقۇچىسى)قاتارلىقلارنى مەخپى ئۆلتۈرگۈزدى ھەمدى شەرقى شىمال ئارمىيسنى مەركەز ئارمىيسىگە قۇشۇۋالدى ،شۇنىڭدىن كېيىن جاڭ شۆلىياڭ جىياڭ جىيشى ۋە جىياڭ جىڭگو ساق 53يىل نەنجىڭ ،جېجىياڭ ،گۇاڭجۇ ،تەيۋەن قاتارلىق جايلاردا نەزەربەند قىلدى ،1990-يىلى جاڭ شۆلىياڭ ئازاد بولدى جاڭ شۆلىياڭ كۆپ قېتىم يۇرتىغا قايتىشى تەلەپ قىلسىمۇ تەيۋەن دائىرلىرى رەت قىلدى ،كېيىن جاڭ شۆلىياڭ ئامرىكىغا كەتتى 2001-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى ئامرىكىدا دوختۇرخانىدا ۋاپات بولدى ،2011-يىلى جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى مەركەزدىكى 11مىنسترلىك بىرلىشىپ ئېلان قىلغان «يېڭى جۇڭگۇنىڭ قۇرۇلۇش يولىدا ۋاپات بولغان 100قەھىرىمان »قاتارىغا كىردى .
file:///C:\Users\Administrator\Documents\Tencent Files\919003340\Image\C2C\AC2B5AAEB6CDCD14A648A04E997D304F.jpg
جاڭ شۆلىياڭ
ئوڭدىن جاڭ شۆلىياڭ، ۋۇپىيفۇ، جاڭ زوڭچاڭ، جاڭ زولىن
جىياڭ جىيشى بىلەن جاڭ شۆلىياڭ
ئۈچ خىل ئارمىيە مۇئاۋىن قوماندانى جاڭ شۆلىياڭ
جاڭ شۆلىياڭ بىلەن ئايالى جاۋيىجى
جاڭ شۆلىياڭ بىلەن كومپارتىيە شاڭجىياڭى لۈجېڭساۋ(ئىلگىرى جاڭ شۆلىياڭ قىسمدا تۈەنجاڭ ئىدى)
ياڭ خۇچىڭ بىلەن جاڭ شۆلىياڭ
مىنگودىكى تۆت ئەڭ كېلىشكەن ئەرنىڭ بىر جاڭ شۆلىياڭ (جىياڭ جىيشى ،مېي لەنفاڭ ،جۇئېنلەي،جاڭ شۆلىياڭ
مەزكۇر تىما تارىخچى سالونىدىن ئېلىندى. tarihqi |