ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار، يېڭى ئەزا ھەمدۇللا ئابدۇراخمان (ئۇيغۇربېك) تىن ھەممىڭلارغا سالام.
بۇرۇن نۇرغۇن تورداشلىرىم ئۇيغۇربېك دېگەن نېمەڭ بۇ؟ تەخەللۇس دېگىنىڭ شۇمۇ يا؟ دەپ سورىغانتى، پەقەت ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان ئۈچ بوغۇملۇق سۆز، بۇ سۆزنى ئىسىمىمنىڭ ئارقىسىغا يېزىپ قۇيۇشنى ياخشى كۆرىمەن دەپ جاۋاب بەرگەن، ھازىر شۇ بەزى مۇنبەرداشلارنىڭ مەسخىرە قىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئەسكەرتىپ ئۆتتۈم، دېمەك تەخەللۇس ئەمەس ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان سۆز بۇ توغرىلىق كۆپ ئويلىۋالماڭ . (كىچىك چاغلىرىمدا ئۆز ئىسمىمنى تازا ياقتۇرۇپ كەتمەيتتىم چۈنكى دوسېلۇرۇم ئىسمىمنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ھەملا ياكى ھەمدۇل دەپ ئۆزگەرتىۋالاتتى،شۇنداق چاقىرغىنىغا نارازى بولساممۇ ئامالسىز ئىدىم ،كېيىنچە ئىسمىمنى ئۆزگەرتىپ بېقىش خىيالىنىمۇ قىلىپ باقتىم لېكىن نېمىگە ئۆزگەرتىش كېرەك؟ ئۆزبېكلەر ئىسمىنىڭ ئاخىرىدىكى <بېك> سۆزىگە قىزىقىپ قالدىم مەسىلەن جەسۇربېك، شىرزاتبېك، ئۇلۇغبېك، ئازادبېك دېگەندەك، شۇنداق قىلىپ مۇشۇنداقراق ئىسىمغا ئۆزگەرتىش ئويىدا يۈردۈم.ئۆزۈممۇ ئۆزبېك مىللىتىگە قىزىقىمەن، ئۆزبېك سەنئىتىنى ياقتۇرىمەن،بۇ يەردە بەزىلەردەك ئاڭلىشى ساپ خەنزۇچە يا ئۆزبېكچە ناخشىلار تۇرۇقلۇق بىرەرسى پالانى مىللەت بىزنىڭ ناخشىمىزنى ئاڭلىمايدىكەن دەپ قويسا ۋاي قانچىلىك خەقتى ئۇلار، بىزنىڭ سەنئىتىمىز دېگەن ... دەپ گەپ باشلايدىغان مىللەتپەرۋەرلەردىن بۇلىۋالغۇم يوق، ھەق مەن ئۆزبېكلەرنىڭ ناخشىسىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن ، كىنولىرىنىمۇ ياقتۇرۇپ كۆرىمەن ،بۇنىڭغا كىم نېمە دېسە دېسۇن، لېكىن مېنى مىللىتىنى سۆيمەيدىغانلار قاتارىغا ئىتتىرۋەتمىسۇن.
كېيىنچە ئاتامدىن ھەمدۇللا دېگەن بۇ ئىسىمنىڭ بوۋامنىڭ بوۋىسىنىڭ ئىسمى ئىكەنلىكىنى يەنە شۇ بوۋامنىڭ بوۋىسىنىڭ شۇ ۋاقىتلاردا پىچان ناھىيەسى تۇيۇق(قەدىمىي يۇرت تۇيۇق)يېزىسىدىكى چوڭ ئالىم ئىكەنلىكى شۇ ۋەجىدىن شۇ بوۋامنىڭ ۋارىسى بولسۇن دەپ ئىسمىمنى ھەمدۇللا قويغانلىقىنى ئاڭلىدىم ۋە بۇرۇنقى ئويلىرىمغا پۇشايمان قىلدىم . كۆپ سۆزلەپ كەتتىم كەچۈرۈۋېتىڭلار.)
گەپنىڭ جەۋھىرىگە كەلدۇق، گەرچە مۇشۇ ناخشا مۇزىكىدىن زەررىچە خەۋىرىم بولمىسىمۇ ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدىكى بىر تال خەلق ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ ناخشىچىلىرىمىزنىڭ سادىق ئاڭلىغۇچىسى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ يەردە ئازغىنە تەكلىپ پىكىر ۋە كۆز قارىشىمنى تاشلاشقا ھەققىم بار دەپ قارايمەن . ئۇشبۇ سۆزلىرىم تۈپەيلى مېنى كىچىك تۇرۇپ ئاقساقاللىق قىپتۇ ناخشىلىرىمىزغا، ناخشىچىلىرىمىزغا، سەنئىتىمىزگە چاق چاق قىپتۇ دېگەندەك گەپلەر بىلەن خاتا چۈشۈنۈپ كەتمەسلىكىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن . ئادەم دېگەن خاتامۇ توغرىمۇ سۆزلەپ قۇيىدۇ ، سۆزلىرىم توغرا بولسا ئويلىنىپ باقساڭلا خاتا بولسا كىچىك بولغاندىكىن ساددىلىق قىپتۇ دەپ كەچۈرۋەتسەڭلار.
قۇرۇق گەپنى قىلىۋەردىم ،ئەمدى نەخ گەپنى باشلاپ كېتەي بىر ناخشا پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن بەلكىم نۇرغۇن ئادەمنىڭ ۋاقتى ،زېھنى ، سەرپ بولغاندىن سىرت نۇرغۇن ئىقتىسادىي چىقىم سەرپ بۇلىشى مۇقەررەر. ھەركىمنىڭ مۇڭ ئاۋازى بولسىغۇ بۇ يەردە بۇ سۆزلېرىم ئارتۇقچە بۇلتى لېكىن خۇدا ھەركىمگە ھەر يەردىن ئارتۇقچىلىق بېرىپتىكەن شۇڭا،ھەركىم ئۆز ئارتۇقچىلىقى بىلەن ، ئۆز قىزىقىشى بىلەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا تىرىشسا دېگەن ئارزۇلار بىلەن بۇ خەتلەرنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن ، شۇنچىلىك ۋاقىت ،زېھىن، پۇللارنى سەرپ قىلىپ ئوقۇغان ناخشېلېرىمىز زادى ئاڭلىغۇچىلېرىمىزغا ياراۋاتامدۇ ؟ بۇ ھەقتىمۇ ئويلىنىپ كۆرسەك ھەرگىز ئازراق پۇلىمىز ئېشىپ قالسىلا نام چىقىرىپ قالامەنمۇ دەپ ناخشا ئېيتىپ يۈرمىسەك . بىر ناخشا تېكىستى 300 سوم ئاككوردلاشتۇرۇش ،مۇزىكا ئىشلىتىش ،ئۈنگە ئېلىشلارغا 4000سومدىن 10000سومغىچە ،MTVئىشلىتىشكە 5000سوم كەتسە ئويلىنىپ كۆرەيلى تەخمىنەن 15000سوملا پۇلى بولغان بىر ئادەم بىر ناخشىنى ئۇقۇپ كىتەلەيدىكەن ، 15000 سوم كىملەر ئۈچۈن ئازغىنە پۇل يەنە كىملەر ئۈچۈن بىر يىللىق ئومۇمىي كىرىم بۇنىسى ئېنىق ئەمەس ،دېمەكچى بىزنى ئەزىز قىلغان پۇللارنى ئىسراپ قىلىپ ئادەملەرگە يارالمىغاندىن كۆرە ئېشىپ قالغان پۇلىمىز بولسا ئاجىزلارغا ياردەم قىلساق ياراتقۇچىغا ياراپ كېتەتتۇق . پۇلىمىز بار دەپ ئاۋۇ يەردىن بىر ناخشا تېكىست ئېلىپ ماۋۇ يەرگە ئەكېلىپ مۇزىكا ئىشلىتىپ كەلسە كەلمىسە ئۇقۇپ سەنئىتىمىزنى لاۋزىلاشتۇرمايلى . ئاخىرقى سۆز بۇلبۇل سايرىسۇن قاغا ئاڭلىسۇن .
ئەمدىكى گەپ MTV لىرىمىزغا كەلدى ، ھازىرغا قەدەر كۆرگەن MTV لىرىم ئىچىدە ماڭا ئالاھىدە يارىغان ھەم تەسىر قىلغان پەقەت مۇھاممەتجان ئابدۇقادېر ئاكامنىىڭ <تۇرمۇش>دېگەن MTVسى پەقەت شۇ بىرلا . بەلكىم ئۇنىڭدىن ياخشېلېرى باردۇر ، مەن كۆرۈپ باقمىغان بۇلۇشۇم مۇمكىن لېكىن مىنىڭ تا ھازىرغىچە كۆرگەنلېرىممۇ ئاز ئەمەس ، دېمەكچى قۇربىتىمىز يەتمىسە MTVئىشلەپ يۈرمىسەك قۇربىتىمىز يەتسە ياخشى سىنارىستلارنى تېپىپ سېنارىيەنى راۋرۇس يازدۇرۇپ ئاندىن MTVغا تۇتۇش قىلساق ، ئىچىمىزدە MTVنى ئادەمگە تەسىر قىلغۇدەك يازالايدىغانلار بەك ئازكەن بۇنى ناخشا MTV لېرمىزنى كۆرۈپلا بىلىۋالغىلى بۇلدۇ ،شۇنداق بولسىمۇ ئىزدىنىپ باقساق ، ھەرگىزمۇ تېكىستكە ئازراق ماس كەلسىلا ئىشلىتىپ يۈرمىسەك .
مەن كۆرگەن نۇرغۇن MTVدا ئوغۇل بىلەن قىز مۇھەببەتلىشىدۇ، ئاندىن قىز ئوغۇلنىڭ باي كېلىشكەن دوستلېرىنى كۆرۈپ ئوغۇلنى تاشلېۋېتىپ دوستلېرى بىلەن يۈرىۋالىدۇ ، ئاندىن بۇ يەردە تىلغا ئالغۇسىز ئىشلار يۈز بېرىدۇ ،ئاخىرىدا قىز تاشلېۋېتىلدۇ ،ئوغۇل قىزنىڭ ھالىغا قاراپ مەسخىرلىك كۈلۈپ قۇيىدۇ ، ئويلاپ باقايلى بىز باشقا مىللەتنىڭ MTVلېرىنى كۆرىمىز ، ئۇلارمۇ بىزنىڭكىنى كۆرۈشى مۇمكىن ،ئۇلاركۆرگىنىدە نېمە دەپ ئويلار ،ئۇيغۇر قىزلىرى شۇنداق ۋاپاسىزكەن ،ئۇغۇللېرى شۇنداق نامەردكەن دەيدىغىنىغۇ ئېنىق بۇنىڭغا قوشۇپ تېخىچە مۇشۇنداق قاتمال كاللىدا MTV ئىشلەيدىكەن ما خەق دېمەسمۇ .ئادەمنىڭ ۋاپاسىزلىق قىلغىنىنى باشقا يوللار ئارقىلىقمۇ ئىپادىلەپ بەرگىلى بۇلىدىغۇ بۇلارنى مىسال ئېلىپ ئولتۇرۇش ھاجەتسىز دەپ ئويلايمەن . يەنە نۇرغۇن تەرەپلەردىن مۇشۇ MTV لېرىمىزغا پىكىرىم باتتى مۇشۇنچىلىك ئاقساقاللىق قىلغىنىم يېتەر دەپ ئويلىدىم .
ئاخىرقى گەپ ناخشا تېكىستلېرىمىزدە، ئۆزۈممۇ ئانچە-مۇنچە شېئىر يېزىشقا قىزىقىمەن، لېكىن كەسپى شائىر ئەمەس بۇنىسى ئېنىق بولۇپ كەتسۇن.
بىزنىڭ سۆيۈملۈك ئاڭلىغۇچېلېرىمىز ناخشىنىڭ كىمنىڭ قولىدا يېزىلغانلىقىغا پەقەت كۆڭۈل بۆلمەيدۇ دېسەم مۇبالىغە بولمايدۇ . سەۋەب نەدە مەن بىلەلمەي قالدىم . بەلكىم بۇ سوئال جاۋاپسىزدۇر .سەنئىتىمىزدە ناخشا تېكىستى يازغۇچى 300 يۈەن قەلەم ھەققى ئالىدۇ ، مۇزىكا ئىشلىگۈچى ئاككورتلاشتۇرغۇچىلار بولسا 2000 دىن يۇقىرى ، شۇنىڭ بىلەن ناخشا ئوقۇلىدۇ، بىلمىگەنلەر سورايدۇ، -كىم ئۇقىغان ناخشىكەن ؟ - پالانى بىر ناخشىچى . -ھە قالتىس ئۇقۇپتۇ . گەپ تۈگىدى .
نېمە ئۈچۈن ناخشىنىڭ سول قانىتى بولغان تېكىستى 300 يۈەن بولۇپ قالىدۇ دەپ سورالغاندا ، تېكىست يېزىش ئاسان ، يازىدىغان ئادەم كۆپ، 100 ئادەمدىن بىرى چوقۇم يازالايدۇ، لېكىن مۇزىكا ئىشلەش ئاككوردلاشتۇرۇش ئونداق ئەمەس ،دېگەندەك ئاددىي جاۋابلار ناخشىچېلېرىمىز ئېغىزىدا تەييار.
شۇنىڭ بىلەن ئانچە مۇنچە يېزىقچىلىق قىلالايدىغانلىكى ئادەملېرىمىز ئۈچ-تۆت كوپلىت قاپىيە ئويۇنى ئويناپ 300 يۈەن پۇل تېپىشنىڭ يولىغا كىرۋالدى . ناخشېچىلارمۇ 300 يۈەن دېگەن قانچىلىك پۇلتى دەپ كەلسە كەلمىسە ئىشلىتىۋەردى . ئاقىۋەت ناخشېلېرىمىزنىڭ مەزمۇنىدا يېڭىلىق يوق ، پەقەت تاشلاپ كەتتىڭ ۋاپاسىز، قەدىرىمگە يېتىسەن بىر كۈن ، كۈلۈپ ياشايمەنەي دېگەندەك مەزمۇنلار ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتتى . مەقسەت ناخشېچېلېرىمىز چوقۇم ناخشا تېكىستىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرسە ، 3000يۈەن بولسىمۇ ياخشىسىنى تەربىۋېي ئەھمىيىتى بار، ياكى ئوقۇلسا ئادەمگە مۇڭ بېرەلىگۈدەك تېكىستلەرنى ئىشلەتسە ، يەنە بىرسى تېكىستنى شائىرغا قاراپ ئەمەس مەزمۇنىغا قاراپ ئىشلەتسە .
مەنمۇ شېئىر يېزىشقا قىزىققىلى 2 يىلچە بولۇپ قاپتۇ ، ھازىرغىچە باشقىلارغا ئونچە تېكىستنى يېزىپ بەردىم دېسەم بولىدۇ ، لېكىن بىرەرسىدىن بىر پۇڭ ھەق تەلەپ قىلىپ باقمىدىم ، دېمەك بىرەر تېكىستىمنى پۇلغا ئالماشتۇرۇپ باقمىدىم .(مەمتىمىن مامۇت ئاكامنىڭ ئۇنىمىسام ئۇنىماي كۆڭۈل قىلغان 200 يۈەن پۇلى بۇنىڭ سىرتتىدا ) ئىت ئۇرغانغا ئامراق دېگەندەك بەزى بىر ناخشېچىلېرىمىز باركەن ھەقسىز بەرگەندىكىن چوقۇم بۇ تېكىست ياخشى چىقمىدى دەپ ئويلاپ قالامدۇ ئىچىدە ئىشقىلىپ رەھمەت سۆزىمۇ يوق يوقاپ كېتىدۇ.
بىر كۈنى تېخى تېكىست بەرگەن بېرەيلەن بارمۇسىز ئۈندىدار توغرىلىق تېكىست بولسا شوخراق قىلىپ يېزىپ ئەۋەتىپ بىرڭە لازىمتى دەيدۇ ، مېنىڭ سىزگە تېكىست يېزىپ بېرىدىغان قەرزىم بامىتى ، شېئىرنى مەن ئۈزۈم ئۈچۈن يازىمەن ، ھەرگىز سىز ئۈچۈن ئەمەس ، دەپ جاۋاب قايتۇرۇشنى ئويلىغان بولساممۇ ، ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ كەچۈرسىز ئۈندىدار توغرىلىق ناخشا يېزىلىپ ، ئۇقۇلۇپمۇ بولدى ، سىز كېچىكىپ قاپسىز دەپ قويدۇم . دېمەكچى خۇدانىڭ ھەر بەندىسى ھۆرمەتلىنىشكە ھەقلىق ، ئۆزىڭىزنى داڭلىق ناخشىچى دەپ ئويلېۋېلىپ ، ماھىيەتتە سىز گە ياردەم بەرگەن كىشىلەرنى ھۆرمەت قىلماي يۈرسىڭىز مەڭگۈ 300 يۈەنلىك ناخشا تېكىستلېرىنى ئۇقۇپ يۈرىسىز.
ئاخىرقى تەكلىپ ناخشا تېكىستلېرىمىز ساختا مۇھەببەت بىلەن چەكلىنىپ قالمىسۇن ، ئامال بار جەمئىيىتىمىزنى كۆزىتىپ بىزدە قايسى ئىللەتلەر پەيدا بولۇپ قېلىۋاتىدۇ ، شۇلار ئۈچۈن تەربىۋېي ئەھمىتى بار تېكىستلەرنى يېزىپ ئۇقىساق ، يېقىندا تارقىتىلغان ئۈندىدار ناملىق ناخشا بۇنىڭ ياخشى ئۈلگىسى بۇلۇپتۇ . مىسال قاراپ باقساق ھازىر باشلانغۇچ بەشىنچى يىللىقنىڭ بالىلېرىمۇ مۇھەببەتلىشىپ يۈرىدىكەن ، بۇلارغا زادى نېمە سەۋەب ئۇلار راستتىنلا مۇھەببەتنى چۈشىنەمدۇ . بولسا مۇشۇنداق تېمىلاردا ناخشىلار ئوقۇلسۇن . دېمەك ،پۇل ،يۈز تېپىش ئۈچۈنلا شائىر بۇلىۋالمايلى، ناخشىچى بۇلىۋالمايلى .
ۋاقىت قىس بولۇپ قېلىپ تاققا -تۇققا سۆزلەپ قويدۇم ، چۈشۈنۈپ ئۇقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن ئاقساقاللىق قىلىپ قويغىنىمنى كەچۈرۋېتەسىلە ، بۇلار مېنىڭ ئاڭلىغۇچى،كۆرگۈچى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇزۇندىن ئويلىغانلېرىم ۋە شەخسىي كۆز قاراشلېرىم . ئەلۋەتتە دېمەكچى بولغىنىم بارلىق ناخشېلېرىمىزنى كۆرسەتمەيدۇ . شاكىلىنى ئايرىۋېتىپ ئويلىنىپ كۆرۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .
ئاخىرىدا ئۆزۈم مۇشۇ تېمىنى يېزىشتىن بۇرۇن يازغان شېئېرلېرىمدىن بىر قانچىنى قالدۇرۇپ قۇياي كۆرۈپ قىممەتلىك پىكىر تەكلىپىڭلارنى بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
مۇھەببەتكە سۆز
قانداق نەرسە مۇھەببەت ئۆزۈڭ ، چىرايلىققا قىلغان ھەۋەسمۇ؟ ھەققىڭ بارمۇ سىڭلىم قەلبىدە، سىڭلىم تېخى كىچىك ئەمەسمۇ؟
سىڭلىم ياخشى ئۇقۇشى كېرەك، بىزنىڭ زۆھرە يۇلتۇزىمىز ئۇ . تاھىر بولۇپ ئالداپ يۈرمىگىن، ئۈمىدىمىز ، يالغۇزىمىز ئۇ.
ئەي مۇھەببەت سەندىن ئۆتۈنەي، نېرى تۇرغىن سىڭلىم كۆزىدىن. بۇنچە بالدۇر ئاشىق سۆزلېرى، ئاڭلىغۇم يوق سىڭلىم سۆزىدىن.
سەبىيلەرنى زەھەرلەپ يۈرمەي، ئاجراشماقچى بولغانلارنى تاپ. سېنىڭ بىلەن ئىللىسۇن دۇنيا، قەلبى مۇزدەك ئوكيانلارنى تاپ.
يىغلىما ئاسمان
كۆز ياشلېرىڭ بىلىمەن يامغۇر، يىغلاپ بەرمە دۇنياغا ئاسمان. چۈشەنمەيدۇ قان يىغلىساڭمۇ، تاپالمايسەن جاھاندىن دەرمان.
بەلكىم سېنى رەنجىتتى ئىنسان، دەتلېرىڭنى قىلدىڭمۇ بايان . تەسىرلەندىڭ ياكى كىملەردىن ، نېچۈن بۇنچە يىغلايسەن ئاسمان.
ئۈتۈنەيمەن سەندىن يىغلىما، ياشلېرىمغا ئەمدى بەر ئىمكان. يىغلىۋالاي مەنمۇ قانغۇچە، يۈرىكىمدە قالمىسۇن ئارمان .
تەبەسسۇم
مىسكىنلەرگە بۇلۇر ساخاۋەت، يىقىلغاننى يۆلەر تەبەسسۇم، ئۈمىد ئۈزگەن پېقىرلار ئۈچۈن، جاندىن ئەزىز گۆھەر تەبەسسۇم.
ھايات دېمەك رىقابەت دېمەك، تىنماي غەيرەت بېرەر تەبەسسۇم. مۇھەببەتسىز تاشتەك يۈرەكنى، مېھىر بىلەن ئېزەر تەبەسسۇم.
بەلكىم ھايات بەئەينى قەھۋە، گاھى ئاڭا شېكەر تەبەسسۇم، مەن - مەن دېگەن ھالى چوڭلارنى، ئەسسالام دەپ ئېگەر تەبەسسۇم .
كۆرگۈم كەلدى سىزنى ئەي ئانا
يالغۇز قالدىم سىز يوق يېنىمدا، كۆرگۈم كەلدى سىزنى ئەي ئانا. باھار كەلدى گۈل يوق بېغىمدا، كۆرگۈم كەلدى سىزنى ئەي ئانا.
قەدرىڭىزنى بىلدىم ئايرىلىپ، يىغلار يۈرەك سىز يوق زارلىنىپ، مىسلى قۇلدەك كەتتىم خارلىنىپ، كۆرگۈم كەلدى سىزنى ئەي ئانا.
چېھرىڭىزنى سېغىندىم شۇنچە، مېھرىڭىزنى سېغىندىم شۇنچە، بېغىڭىزدا بۇلايچۇ غۇنچە، كۆرگۈم كەلدى سىزنى ئەي ئانا،
ئارمىنىم يوق سىزنى بىر كۆرسەم، كەشىڭىزگە ئېسىلىپ سۆيسەم، باغرىڭىزدا رازىتىم ئۆلسەم، كۆرگۈم كەلدى سىزنى ئەي ئانا |