ھېكمەت:
بىر كارخانىنىڭ باش دېرىكتورى خادىملارغا باشتىن ئاخىر مۇشۇ ئىدىيەنى،يەنى ئىش ھەققىڭلارنى سىلەرگە شىركەت بەرگەن ئەمەس،سىلەر تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ تاپقان پۇلۇڭلار بىلەن شىركەتنى بېقىۋاتىسىلەر،شىركەت سىلەرگە رەھمەت ئېيتسا بولىدۇ،دەيدىغان ئىدىيەنى سىڭدۈرۈشى كېرەك.
ئەمەلىيەتتە ،خادىملارنىڭ جاپالىق ئەجرى بولمىسا،ھەرقانچە قابىلىيەتلىك خوجايىن بولسىمۇ يالغۇز چاڭ چىقىرالمايدۇ.ئەكسىچە خادىملار سەمىمىي ۋە ئىتتىپاق بولۇپ شىركەت ئۈچۈن كۈچ چىقارسا ،بۇنداق كارخانىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق بولىدۇ.
-كارخانا باشقۇرۇش ئەڭگۈشتىرى @
يېقىندىن بېرى كۆپلىگەن كارخانا قۇرغان ،ئۇتۇق قازانغان بىرقىسىم كارخانىچىلار ياكى ئۇلارنىڭ شېرىكلىرى ئاغزىدىن ،ھەتتا كارخانا باشقۇرۇشنى ئۆگىتىدىغان مۇئەللىملەرنىڭ ئاغزىدىنمۇ پات پاتلا«بىز نۇرغۇن ئادەمنى بېقىۋاتىمىز ،بىز شىركەت قۇرۇپ نۇرغۇن ئىشسىزلارنى غەمدىن خالاس قىلدۇق» دېگەندەك سۆزلەرنى ئاڭلىدىم.چوڭ كارخانا پائالىيەتلىرى ۋە لېكسىيەلەردىمۇ«پالانى كارخانا مانچىلىك ئادەمنى باقتى،ئۇلارنىڭ بۇ نەتىجىسى ماختاشقا ئەرزىيدۇ »دېگەن سۆزلەر ئۈزۈلمەيدۇ.
لېكىن مەن نېمىشقا «ئۇلار (يەنى خادىملار) شىركەتنى بېقىۋاتىدۇ» دېگەن سۆزنى ئاڭلىمىدىم؟بۇ دەل بۇ ماقالىنى يېزىشىمغا سەۋەب بولغان بىر چوڭ ئامىل بولۇپ،مەن بۇنداق گەپنى ئاڭلىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەيران قالىدۇ ياكى مىيىقىدا كۈلىدۇ دەپ ئويلايمەن.
مەن بىر كارخانىنىڭ ئاشۇنداق بېقىلىۋاتقان «ئاددىي» خادىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى دېمەكچىمەنكى ،مەيلى قانداق مۇۋاپىقىيەت قازانغان ،يۈز ئابروي تاپقان كارخانىچى ياكى كارخانىچىلارنى ئوقۇتىدىغان مۇئەللىم بولۇڭ سىز پەقەت ئۆزىڭىز قىلىۋاتقان ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايسىز، ئەگەر سىز بېقىۋاتقان شۇ ئاددىي خىزمەتچى خادىمڭىزدىن ئايرىلسىڭىز شىركەتنى سىز باقامسىز؟ئەگەر شۇ ئاددىي خادىملارنىڭ قان تەرى ۋە مېھنىتى بولمىسا ،سىزنىڭ پۇلىڭىز ۋە ھوقۇقىڭىز شىركەتنى باقامدۇ؟
بېقىش مەسىلىسىگە كەلسەك،ئادەم پەقەت بالىسىنى باقالىشى مۇمكىن.ئەگەر رىزقى بولسا.....ئانىسى بالىسىنى سۈت بېرىپ باقتىم دېسە مەيلى،ئەمدى بىر چوپچوڭ ئەرنىڭ چوپچوڭ ئەرلەرنى بېقىشى ئەلۋەتتە ئېچىنىشلىق بىر ئىشتۇر. شۇ كارخانىچىلىرىمىزنىڭ شۇنداق دېيىشىدە ئاساسى بار.ئەمما بۇ ئەسىر باراۋەرلىك تەرغىپ قىلىنىدىغان.ھەممەيلەن باراۋەرلىكنى، ئۆز خاسلىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان،نازۇك بىر دەۋر.
مېنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىم نېمە ئۈچۈن ياخشى ئىشلىمەيدۇ دېمەڭ!ئۇلار نېمە ئۈچۈن ياخشى ئىشلەيدۇ دەڭ! خۇددى«بالام نېمە ئۈچۈن تىرىشمايدۇ؟دېمەي،بالام نېمە ئۈچۈن تىرىشىدۇ؟زادى نېمە ئۈچۈن؟» دېگەندەك.
كىچىككىنە مۇۋاپىقىيەت سىزنى ھوقۇقتىن بەھرىمان بولۇشقا،كۆرەڭلىك قىلىشقا ئۈندەيدۇ.شۇنداقلا سىزنى چوڭ مۇۋاپىقىيەتتىن مەھرۇم قىلىدۇ.چۈنكى سىز خادىملارنى شىركەت ئۈچۈن بەرگەن قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىنى ئېتىبارغا ئالمايسىز،ئېتىبارغا ئالغان تەغدىردىمۇ ھەل قىلىشقا تىرىشمايسىز. ھەرقانداق مەسىلە دەل سىز ئېتىبارغا ئالمىغان يەردىن چىقىدۇ.
خادىملارنى ھەرگىزمۇ تۆۋەن كۆرمەڭ.ئەگەر ھەممە ئادەم سىزدەك دېرىكتور بولۇپ كەتسە كىم تەر تۆكۈپ جان جەھلى بىلەن ئىشلەيدۇ؟بەلكىم سىز ئاددىي چاغلىغان شۇ ئىشچىلار كەلگۈسىدە خوجايىنىڭىز بولۇشى مۇمكىن.
ھەقىقىي ئۇتۇق قازانغۇچى ئۆز ئارزۇسى ئۈچۈن ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە تىرىشقان خادىملارنى ئۆزىدىن تۆۋەن كۆرمىگەن،ئۇلار بىلەن تەڭ ئۇتۇق قازىنالىغان ئادەمدۇر.ھەرگىزمۇ ئۇلارنى باققان ئادەم ئەمەس.
|