(بىر زابويغا نەسىھەت)
ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي
ھاراق ئېكەك ئۆمۈرگە، ياشاي دېسەڭ جىق ئىچمە،
لەززىتىنى ھاياتنىڭ ئالاي دېسەڭ جىق ئىچمە.
جاپا- مۈشكۈل ئالدىڭدا، تۇرمۇش يولى ئوي-دوڭغۇل،
داۋانلاردىن مەردانە ئاشاي دېسەڭ جىق ئىچمە.
كۆپ كۆردۇق بىز ئەتراپتا، ھاراق نابۇت ئەتكەننى،
ۋەيرانچىلىق يولىدىن قاچاي دېسەڭ جىق ئىچمە.
ئائىلەڭنى گۈللۈتۈش ۋەزىپىسى زىممەڭدە،
پەرزەنتلەرنى قاتارغا قوشاي دېسەڭ جىق ئىچمە.
خالىي ئىدى ئەزەلدىن، مەھەللىمىز زەھەردىن،
ئەجدادىڭغا چىن ۋارىس بولاي دېسەڭ جىق ئىچمە.
ھەر قەدەمگە زەن قويۇر، دەۋرىم ئالتۇن تارازا،
ئەل-يۇرتۇمنىڭ كۆڭلىگە ياقاي دېسەڭ جىق ئىچمە.
ھېچنەدە يوق مەي بىلەن ئىشتا نۇسرەت تاپقىنى،
ئەمگىكىڭدىن شان- شەرەپ قۇچاي دېسەڭ جىق ئىچمە.
ھاراق نى-نى ساغلام،مەرد،ئوغلانلارنى يىقىتتى،
بۇ ساۋاقنى ئېسىڭدە تۇتاي دېسەڭ جىق ئىچمە.
بىزار قىلۇر مەست دېگەن،ئۆيدە بالا-ۋاقىنى،
مېھرىبان بىر ئەر سىياق،تۇراي دېسەڭ جىق ئىچمە.
دەلدەڭشىسەڭ تىترەيدۇ، خوتۇن-بالاڭ يۈرىكى،
ئاجىزلارنى خاتىرجەم قىلاي دېسەڭ جىق ئىچمە.
ھاراق باشلار ئىنساننى،چۈشكۈنلۈككە-خارلىققا،
ئىشلەپ يۇرتقا تۆھپىنى،قاتاي دېسەڭ جىق ئىچمە.
ئاسرا جاننى،ۋاقىتنى،قايتا كەلمەس ياشلىقىڭ،
مېغىزىنى ھاياتنىڭ چاقاي دېسەڭ جىق ئىچمە.
ئاتا-ئاناڭ قېرىدى،مۆھتاج ساڭا ھەر قاچان،
رازى قىلىپ بىر ئۆمۈر باقاي دېسەڭ جىق ئىچمە.
بىر تەمسىل بار بۇرۇندىن:«ئوڭدا قالار ئويۇنچى»،
ئەجرىڭ بىلەن بەختىڭنى تاپاي دېسەڭ جىق ئىچمە. |