- تىزىملاتقان
- 2015-8-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-11-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8536
- نادىر
- 0
- يازما
- 926
ئۆسۈش
100%
|
ھىلارىنى دۆلەت باشلىقى بولىدۇ دەپ ئولتۇرسام كالامپاي ترامپ دۆلەت باشلىقى بولۇۋاپتۇ دە. ترامپنىڭ تەختتە ئولتۇرغىنىنى كۆرگەن روسىيەلىكلەرنىڭ ئاغزى قۇلاق تۈۋىگە كېتىدىغان بولدى، لېكىن، بىراق، ئەمما ياپونىيە، كورېيە قاتارلىق ئامېرىكىنىڭ مۇھاپىزەت كۈنلۈكى ئاستىدىكى دۆلەتلەر ئەمدى قوغداش پۇلى تاپشۇرمىسا بولمايدىغان يەرگە كېلىپ قالدى، ترامپ ئاللىبۇرۇن يۇقارقى دۆلەتلەر پۇل چىقارمىسا بىز ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىمايمىز دەپ سۆزلەپ يۈرگەنتى. ئەگەر ئامېرىكا شەرقىي ئاسىيادىن قوشۇن چېكىندۈرسە بولۇپمۇ ياپونىيەنىڭ كۈتكۈنىدەك بولىدۇ، ھازىر ياپونلار ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى كېڭەيتىشكە باھانە تاپالماي يۈرىۋاتىدۇ، بىز ئابى شىنزۇنىڭ قىلىۋاتقان ھەرىكىتىگە قارىساقلا ئۇنىڭ ياپونىيەگە سېلىنغان چەمبىرەكنىڭ ئەپسۇنىنى تېپىش بىلەن ئاۋارە ئىكەنلىكىنى بايقايمىز، ئەگەر ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ياپونىيەنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتسە ياپونىيە پۈتكۈل دۇنيانىڭ ۋەزىيتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان دۆلەت بولۇپ چىقىشىدا گەپ يوق، گەرچە ياپونىيەنىڭ زېمىنى كىچىك بولسىمۇ ئۇنىڭ ئىلغار پەن-تېخنىكىسى، مائارىپى، مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، جاسارىتى يېتىپ ئاشقۇچە بار. قانداقلا بولمىسۇن ترامپ ياپونىيە بىلەن كورېيەگە بىكاردا ئىش يوق، توخۇدا چىش يوق دېگەن تەمسىلنى دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ بولغىلى خېلى بولدى. ترامپنىڭ بەزى ئىدىيە، كۆز قاراشلىرى رادىكاللىققا تولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، بەزى گەپ-سۆزلىرى جايىدا، ئۇنىڭ تەشەببۇس قىلىۋاتقىنى ئامېرىكا دۇنيانىڭ ھەممە ئىشلىرىغا چات كېرىۋالماسلىقى كېرەك، ئامېرىكىلىقلار تۆلىگەن باج پۇلىنى ئامېرىكىنىڭ ئۆزىگە ئىشلىتىش لازىم دەپ قارايدۇ، ترامپنىڭ بۇ كۆز قارىشى توغرا، ترامپنىڭ دەل يۇقارقى كۆز قارىشى ئۇنى دۆلەت باشلىقىلىق تەختىگە ئېلىپ چىقتى دەپ قارايمەن. مەيلى ھىلارى بولسۇن ياكى ترامپ دۆلەت باشلىقى بولسۇن ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشى بەك جىق ئۆزگەرمەسلىكى مۇمكىن. مۇنازىرە قىلغاندا مەن ئۇنداق قىلىمەن، بۇنداق قىلىمەن دېگەن بىلەن ئۇنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرماق ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس، ئۆيدىكى ھېساب تالاغا توغرا كەلمەپتۇ دېگەن شۇ. ترامپ دۆلەت باشلىقى بولغان بىلەن سايلامدا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرالامدۇ يوق بۇنى كېيىنچە بىلىمىز. |
|