- تىزىملاتقان
- 2011-11-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 444
- نادىر
- 0
- يازما
- 15
ئۆسۈش
72%
|
مەن بۇ تىمىنى پىتنە تېرىش ياكى بىلەرمەنلىك قىلىپ يازغىنىم يوق، پەقەت ئاڭلىغىنىم ھەم ئۆزەمنىڭ قىلىۋاتقىنىمنى يازدىم، خاتا بولسا ئاللاھىم كەڭ رەھمەت ئىگىسىدۇر. مېنى مەغپىرەت قىلغاي. توغرا بولسا يەنىلا ئاللاھىم رەھمەت قىلغاي. ئۇنى بىلمەيدۇ، بۇنى بىلمايدۇ دەپ ئەيىپلىگەندىن كۆرە مۇنداق، مۇنداق قىلىمىز دەپ ئۆگىتىپ قويساق تېخىمۇ توغرا بولامدىكىن دەيمەن. خاتا سۆزلەپ قويغان بولسام تورداشلارنىڭ بىلىدىغانلىرى كۆرسەتمە بەرگەيسىلەر، مەنمۇ توغرىسىنى بىلىۋالاي، توغرا بولسا توغرىكەن دەۋەتكەيسىلەر كۆڭلۈم تېخىمۇ قارار تاپقاي.
ئاللاھ ھالال قىلپ بەرگەن جانلىقلارنى بوغۇزلاشتىن ئاۋال «بىسمىللاھى ئاللاھ ھۇئەكبەر» دەۋېتىپ بوغۇزلايمىز.(بەزىلەر ھەرقانداق جانلىقنى بوغۇزلاشتىن ئاۋال شۇنداق دەيمىز دەپتۇ)
غۇسلى تاھارەتتىن ئاۋال مەينەت جايلارنى(ئالدى تەرەت يولىنى)پاكىز يۇيۇۋەتكەندىن كىيىن خۇددى نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالىمىز(پۇتنى يۇيۇمايمىز) ئېغىزىمىزنى يەنە ئۈچ قېتىم، بۇرنىمىزنى يەنە ئۈچ قېتىم چايقاپ، ئاندىن ئوڭ مۈرىنى، كىيىن سول مۈرىنى يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن بېشىمىزنى يۇيۇشتىن باشلاپ ئاۋال ئوڭدىن باشلاپ پۈتۈن بەدەننى يۇيۇيمىز. سۇ تەگمىگەن بىر تال چاچنىڭ ئورنىچىلىكمۇ يەر قالماسلىقى كېرەكقۇ دەيمەن.ئاخرىدا ئوڭ پۇت ئاندىن سول پۇتنى يۇيۇپ ئاخىرلاشتۇرۇمىز.
نىكادا گۇۋاچىلار ئالغۇچى ۋە تەككۈچى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ«قوبۇل ئەتتىم ياكى ئالدىم، تەگدىم» دىگەن سۆزىنى ئاڭلاپ گۇۋھ بولۇشى، ياكى شۇ سۆزنى دىگۈچىنىڭ يېنىدا ئولتۇرغۇچى ئۆزىنىڭ ئاڭلىغانلىقىنى باشقىلارغا ئوختۇرۇپ بىرلىكتە گۇۋا بولۇشى كېرەكمىكىن.
ئۆلۈم بولغان ئۆيگە پەتىلەپ كىرگەندە قۇرئان ئايەتلىرىدىن ئۆزىمىز بىلگەن مىقتاردا ئوقۇپ، ئۆلگۈچىگە ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەپ قايتىمىز. بۇ بىزنىڭ ئادىتىمىزمۇ، دىنىمىزنىڭ كۆتسەتمىسىمۇ بىلمەيىدىكەنمەن.
ئايالىنىڭ ئىككى تېقىمىنىڭ ئارىسىغا كىرپ كۈرەش قىلىپ مەنى تۆككەندە ئەر-ئايال ھەر ئىككى تەرەپ،، (مەنى تۆكمىگەن بولسىمۇ خەتنىلىكى كۆرۈنمىگىدەك دەرىجىدە پاتتۇرغان) دا ھەم ئەر-ئايال ھەر ئىككى تەرپ، چۈشىدە شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ ئېھتىلام بولغانلار غۇسلى تاھارەت ئېلىشى (ئاۋال ئالدىنى پاكىز يۇيۇۋەتكەندىن كىيىن، پۇتىنى يۇيۇماي تاھارەت ئېلىپ، ئېغىزنى، بۇرۇننى يەنە ئۈچ قېتىمدىن چايقاپ، ئاندىن ئوڭ مۆرە، سول مۆرە، كىيىن بېشىنى ھەم ئوڭ تەرەپتىن باشلاپ پۈتۈن بەدەننى يۇيۇشى لازىم. بىر كېچە ھەپىلەشكەندىن كېيىن بىر قېتىم يۇيۇنۇشى لازىم. ئەتتىگىنى تۇرۇپ، تاماق يەپ، بىر ھازا ئىش قىلپ يەنە ھەپىلىشىپ قالساق يەنە شۇنداق يۇيۇنىشىمىز لازىم.
مۇسۇلمان ئۈچۈن ئەڭ ھۆرمەتلەشكە تىگىشلىك كىتاب قۇرئان دۇر.
يازماي دىسەم كۆڭلۈم قويمىدى. بىلىمسىزلىكىمدىن خاتا كەتكەن يەرلىرىم بولسا بىلىدىغانلار تۈزۈتۈپ قويساڭلار. مېنى ئەيىپلىشىپ كەتمەڭلار، خاتانى كۆرسىتىپ قويساڭلار تۆۋەنچىلىك بىلەن قوبۇل قىلىمەن. |
|