ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىن كۆرىنىشلەر
[align=justify]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!!
----------- توي قىلىش يېشىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بىر ياش:
بىر كۈنى ئانىسى بالام ماۋۇ تۇخۇنى بۇغۇزلاپ بەرگىن بۇلالماي قاپتۇ ، دەپ ئەكىرىدۇ ، ئۇ ياش بولسا پىچاقنى ئېلىپ تۇخۇنىڭ يېنىغا كىلىپ توختاپلا قالىدۇ ، ئۇ ياش بولسا ، بىر مۇسۇلمان كىشى جانلىقنى بۇغۇزلىغاندا نىمە دەپ بۇغۇزلايدىغىننى بىلمىگەچ قاراپ تۇرىدۇ ، تۇخۇ بىر ھازادىن كىيىن جان ئۈزىدۇ .
----------- توي قىلىپ ئىككى بالىلىق بولغان بىر دادا :
ئۇ (غۇسلى ) يۇيۇنۇشنىڭ قائىدىلىرىنى بىلمەيدىكەن ، سۇنى بېشىدىن قۇيۇپ ، بەدىننى يۇيۇشنىلا بىلىدىكەن ، ھەم شۇنداق داۋام ئىتىپ كەپتۇ .
--------- توي قىلغىلى بىر نەچچە يىل بولغان بىر ياش :
بىر كۈنى تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئانىسى ئالامدىن ئۆتۈپتۇ ، ئۇ (مېيت ) (ئۆلۈم ) نامىزىنى قانداق ئۇقۇيدىغانلىقىدىن ئەسلا خەۋرى يۇق ئىكەن ، باشقا كىشىلەر بىلەن بىر قاتاردا قاراپ تۇرۇپلا قايتىپ كەپتۇ .
--------- ئۈچ بالىلىق بولغان ئەر خۇتۇنلار :
بۈگۈن ئايالىنىڭ نىكاھ ئۇقۇغان ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ (تەگدىم ) دىگەن سۆزنى دىمىگەنلىكىنى ، بۇ نىڭ بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولماي بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەنلىكىنى ئېيتقان .
-------- بىر ياشنىڭ دوستىنىڭ ئويىدە
ئۇنىڭ يېقىن بىر دوستىنىڭ ئانىسى ۋاپات بۇلۇپ كىتىپتۇ ، بىر نەچچە كۈندىن كىيىن 6-5 دوستى بىلەن (ناماز )(ئۆلۈم ) بولغان ئۆيگە يوقلاپ بېرىپتۇ ، ئۇلار (ناماز )(ئۆلۈم ) بولغان ئۆيگە كىرگەندە نىمىشلارنى قىلىشتىن خەۋرى بولمىغاچ ، بۇتتەك ئولتۇرشۇپ قايتىپ كەپتۇ .
--------- تۇرمۇش قۇرغىلى 3 يىل بولغان بىر ياش : -
ئۇ جەمە كۈنىلا يۇينىدىغانلىقىنى، باشقا كۈنلەردە بولسا قانداقلا ئىش يۈز بىرىشىدىن قەتئىي ، پەقەت شۇ جۈمە كۈندىلا يۇينىدىغانلىقىنى ئېيتقان .
J--------- مەكتەپ يېشىدىكى بىر ياش : -
ئۇنىڭدىن سەن قايسى كىتاپنى ئەڭ ھۆرمەتلەپ ھەم ياقتۇرۇپ ، ئۇقۇيسەن دەپ سورىسا (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىننىڭ ) كىتاۋىنى دەپ جاۋاپ بەرگەن .
ھۆرمەتلىك دوستلار : بۇ كۆرنىشلەرنى ئاشۇرۋىتىپتۇ دەپ قېلىشىڭلار مۇمكىن ، ياق بۇ ھەرگىزمۇ ئاشۇرۋەتكەن كۆرنىش ئەمەس ، بۇ پەقەت نەچچە يۈزنىڭ ئىچىدىن بىر نەچچە مىسال خالاس .
مانا شۇنداق ئېچىنىشلىق كۆرنىشلەرنى مەنلا ئەمەس ، سىزمۇ ئۇچراتقان بۇلىشىڭىز مۇمكىن ،
دوستلار: - بىر موزدوز (ئاياغ رېمۇنىتچىسى ) نىڭ پەرزەنتى ئاياق يامىيالامدۇ يوق ؟
-- بىر ناۋاينىڭ پەرزەنتى تۇنۇردىن ناننى قۇمۇرۇپ يىيەلەمدۇ يوق ؟
-- بىر سەيپۇڭ ( تىككۈچى ئۇستام ) نىڭ پەرزەنتى بىر كالتا ئىشتان تىكىپ كىيەلەمدۇ يوق ؟ .
-- بىر مايلامچى ئۇستامنىڭ پەرزەنتى ئايىغىنى ئۆزى مايلاپ كىيەلەمدۇ يوق ؟ .
دوستلار مەيلى سىز كىچىك بۇلۇڭ ، ياكى چوڭ بۇلۇڭ ، ئەر ياكى ئايال بۇلۇڭ ، ئۇيغۇر مۇسۇلماننىڭ ئەۋلادى ۋە پەرزەنتى ئىكەنلىكىڭىزگە كۆز يۇممىسىڭىز ، ئەلۋەتتە ئويلىنىپ كۆرۈڭ .
سىز پەرزەنتىڭىزگە ئىنى سىڭىللىرىڭىزغا ئىگە بۇلۇپ قۇيۇڭ ، `
دوستلارنىڭ كىچىككىنە بولسىمۇ ئىبرەت ئېلىپ ، كىمنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىگە يەنە بىر رەت نەزەر سېلىپ ، ئۈزىنىڭ قايسى زاماندا تۇرمۇش كەچۈرۋاتقىنىنى قايتا ئويلۇنۇپ ، .. ئىش كۆرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن .
ھۆرمەتلىك دوستلار ئىملا خاتالىقى بولسا تۈزۈتۈپ ئۇقۇشىڭلارنى سۇرايمەن...
مەنبە سى : ئانا تۇپراققا مەنسۇپ |