قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1674|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

نېمە ئۈچۈن تور ساقچىلىرى جىنايەتچىلەرنىڭ ئورنىنى بېكىتەلەيدۇ

 تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

19

تېما

26

دوست

2470

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  62001
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 53
تۆھپە : 776
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-14
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
تور دۇنياسى كۆرگىلى بولمايدىغان، تۇتقىلى بولمايدىغان، پەقەت كىشىلەر ئۆزى خالىغان ۋاقىتتا مەۋھۇم سالاھىيەتنى يارىتالايدىغان ھەم بۇ سالاھىيەت ئارقىلىق يوشۇرۇنالايدىغان مەۋھۇم دۇنيادىن ئىبارەت.ھازىر، تورنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ ھەرخىل جىنايى قىلمىشلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىدى. تور ساقچىلىرىنىڭ ۋەزىپىسى بۇ خىل قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى توسۇپ، جىنايەتچىلەرنى توتۇپ، ئۇلارنى قانۇن بۇيىچە جازالاشتىن ئىبارەت. لېكىن بۇ مەۋھۇم دۇنيادا تور ساقچىلىرى قانداق قىلىپ جىنايەتچىلەرنىڭ ئورنىنى بېكىتەلەيدۇ ھەم ئۇلارنى تۇتالايدۇ؟

QQ截图20161111015552.jpg

     دېلو بېجىرىۋاتقان ۋاقىتتا، تور ساقچىلىرى ئوخشاش بولمىغان جىنايى قىلىمىشلارغا ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، دېلونى پاش قىلىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردىكى قوللانغان ۋاستىلەر بەك ئالاھىدە بولمىسمۇ، ئەمما ناھايىتى ئۈنۈملۈك. مەسىلەن: ئەگەر جىنايەت گۇماندارى تور ئارقىلىق زىيانلانغۇچىنى ئىزدىسە ئۇ ھالدا «بېلىق تۇتۇش ۋاستىسى» قوللىنىلىدۇ. گەرچە جىنايەت گۇماندارى تور ئارقىلىق يۇشۇرۇنۇۋالغان بولسىمۇ، تور ساقچىلىرىمۇ ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن يۇشۇرۇنۇۋالالايدۇ. ساقچىلار «يەمچۈك» بولۇۋېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىنايەت گۇماندارى بىلەن ئالاقىلىشىدۇ ياكى ناھايىتى ئاسان زىيانلىنىدىغان تورداشلار قاتارىغا كىرىۋېلىپ، جىنايەت گۇماندارىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن «يەمچۈكنى چىشلىشى»نى كۈتىدۇ. ئاندىن،توردا پاراڭلىشىش ئارقىلىق جىنايەت سادىر قىلىش ئالاھىدىلىكى ياكى يىپ ئۇچىنى ئىگىلەيدۇ. ئەگەر ئىمكانىيەت بولسا، نەق مەيدانغا بېرىپ ئاندىن تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، جىنايەت گوماندارى بىلەن پاراڭلاشقان ۋاقىتتا، توردا ۋاقىتنى سوزۇش ئارقىلىق جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئورنىنى بېكىتىپ، قولغا ئېلىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

    گەرچە جىنايەت گۇماندارى مەۋھۇم دۇنيادا تۇرسىمۇ، تور ساقچىلىرى يەنىلا يىپ ئۇچىنى تاپالايدۇ. مەسىلەن، بەزىلەر تور ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئويۇن ھېساباتى ۋە مەخپىي نومۇرىغا ئېرىشىۋېلىپ پۇلىنى ئوغرىلىماقچى بولىدۇ. تور ساقچىلىرى ھەرخىل ۋاستىلەر ئارقىلىق نوقتىلىق ھالدا بانكا ھېساباتىغا ئالاقىدار نومۇرلارنى نازارەت قىلدۇ. چۈنكى جىنايەت گۇماندارى يىراق مۇساپىلىك سودىنى، تەبىئىيلا ئېلېكتىرونلۇق بانكا ھېسابات نومۇرى ئارقىلىق ئېلىپ بارىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق بانكا ھېساباتى شەخىسىي ئۇچۇرلار بىلەن باغلانغان بولىدۇ. ھېسابات ئۇچۇرلىرىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، جىنايەت گۇماندارىنىڭ سالاھىيىتىنى بىلگىلى بولىدۇ. گەرچە بۇ ھېسابات نومۇرى جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئۆزىنىڭ بولمىسىمۇ، لېكىن جىنايەت گۇماندارى بىلەن مەلۇم باغلىنىشقا ئىگە، بانكا ھېساباتىدىكى ھېسابات ئاغدۇرۇلمىسى ۋە ساقلانغان ئامانەت قۇيۇش ياكى ئېلىش ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن جىنايەت گۇماندارىنىڭ سالاھىيىتىنى ئىگىلىگىلى بولىدۇ. ئەگەر جىنايەت گۇماندارىنىڭ نەق پۇل ئالغانلىقىنى بايقىغان بولسا، بانكىنى تەكشۈرۈش ياكى ATM نىڭ نازارەت قىلىش ئاپپاراتىدا ئېلىنغان سىنغا ئاساسەن جىنايەت گۇماندارىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتكىلى بولىدۇ.

QQ截图20161111015620.jpg

        ئەگەر جىنايەت گۇماندارى بىرقەدەر يوقىرى بولغان تور تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەن بولسا، بولۇپمۇ ئۆزىنى يۇشۇرۇشقا ناھايىتى ماھىر كەسپىي خاككېر بولسا، توردا ساقلانغان يىپ ئۇچىنى تازىلىۋېتىشكە ناھايىتى ئۇستا كېلىدۇ. خاككېرلارنىڭ ئورنىنى بېكىتىش ئۈچۈن، ئۇلار سەزمىگەن ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئورنىنى تېپىپ چىقىش كېرەك. بولمىسا جىنايەت گۇماندارىنى ئاسانلا قاچۇرۇپ قويىدۇ. خاككېرنى تېپىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ IP ئادرېسىنى قولۇپلىشىمىز كېرەك. چۈنكى خاككېرلار پەقەت IP ئادرېسىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئىنتېرنېت تورىغا چىقالايدۇ. IPئادېرىسى بولسا ئالاقە شىركەتلىرىنىڭ IP ئادرىسىنى كونتروللاش ھوقوقى ئاستىدا تەقسىم قىلىنىدۇ. IP ئادېرىسىنىڭ قايسى شىركەتنىڭ تەۋەلىكىدە ئىكەنلىكى، ئابۇنچىغا قايسى ۋاقىتتا تەقسىملەنگەنلىكىدەك ئۇچۇرلار ئېنىق خاتىرىلەنگەن بولىدۇ. IP ئادېرىسىنى قۇلۇپلاش ئارقىلىق ھەمدە ئالاقە شىركىتىنىڭ تورغا چىقىش خاتىرىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق خاككېرلارنىڭ ئورنىنى قۇلۇپلىغىلى بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، خاككېرلارمۇ IP ئادرېسىنى ئامالنىڭ بېرىچە يوشۇرماقچى بولىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا خاككېرلار ئالدى بىلەن باشقىلارنىڭ كومپيۇتېرىغا ھوجۇم قىلىپ كىرىپ، شۇ كومپىيۇتېرنىڭ IPئادرېسى ئارقىلىق خاككېرلىق قىلىدۇ. تور ساقچىلىرى خاككېرنى تاپماقچى بولسا، چوقۇم ھوجۇم قىلىنغان كومپيۇتېر ئارقىلىق تەتۈر يۆنىشلىك ئىز قوغلاش ئېلىپ بېرىپ، ياغا ئات ۋىروسى كىرگۈزۈش قاتارلىق خاككېرلىق تېخنىكىلىرىنى ئىشلىتىپ، خاككېرلارنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىدۇ ھەمدە IPئادرېسىنى تاپالايدۇ ۋە ئۇنى قولغا ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تور ساقچىلىرى يەنە «يۇچۇق بار بولغان» كومپيۇتېرغا «يوچۇق»قويۇپ خاككېرلارنىڭ ھوجۇم قىلىشىنى كۈتىدۇ. خاككېرنىڭ خالىغانچە مەشغۇلات قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇپ، ئۇلارغا تۇيدۇرماي ھەربىر ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىدۇ. بۇ خىل «ئورەك»كە چۈشۈرۈش ئۇسۇلى كومپيۇتېردا ئوبرازلىق قىلىپ «ھەسەل كومزىكى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر گۇماندار سىمسىز تور ياكى تېلىفۇن ئارقىلىق تورغا چىققان بولسا، ئۇنىڭ IPئادرېسىنى ياكى تېلېفۇن نومۇرىنى تاپقاندىن كېيىن، بىۋاستە ياكى ئالاقە شىركەتلىرىنىڭ سىمسىز ئاساسىي پونكىتلىرى ئارقىلىق گۇماندارنىڭ ئورنىنى قۇلۇپلايدۇ ھەمدە قولغا ئالىدۇ.

QQ截图20161111193758.jpg

     ئۇنىڭدىن باشقا، خەلقئارالىق ئۇچۇر تورىنىڭ رايون ئاتلاش ئالاھىدىلىكى بولغاچقا، خاككېرلارنىڭ ئورنىنى قۇلۇپلىغان ۋاقىتتا ھەمىشە ئوخشاش بولمىغان ئورۇن ۋە ئوخشاش بولمىغان تارماقتىكى خادىملارنىڭ بىرلىكتە ھەمكارلىشىشى ئارقىلىق نەق مەيداندىكى جىنايەت پاكىتلىرىنى ئىگىلەشكە توغرا كېلىدۇ. لېكىن تەجرىبىلىك خاككېرلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، جىنايەت پاكىتلىرىنى يوقىتىۋېتەلەيدۇ. مەسىلەن: دېلو سادىر قىلغان ئەسلىھەلەرنى، ئوپتىك دىسكىلارنى، ماگنىت دىسكىلارنى يوقىتىۋېتىش قاتارلىقلار، شۇ سەۋەبتىن، خاككېرلارنى قولغا ئېلىشتىن بورۇن چوقۇم پۇختا تەييارلىق قىلىش كېرەك. پەۋقۇلئاددە ئەھۋاللار كۈرۈلسە، ۋەزىيەتنى تېز سۈرئەتتە كونترول قىلالىغاندا، ئاندىن نەق مەيداننى ياخشى ساقلىغىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا، خاككېر دەرىجىدىكى جىنايەت گوماندارلىرىنى تۇتۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس.

دوكتوردىن:
      كومپيۇتېر جىنايەت سادىر قىلىنغان نەق مەيدان _ ساقچىلار كومپيۇتېردا جىنايەت سادىر قىلغان گوماندارلارنى تۇتقان ۋاقىتتا، ئالدى بىلەن نەق مەيداننى قامال قىلىدۇ ھەم تېز سۈرئەتتە ئادەم ئەۋەتىپ توك بىلەن تەمىنلەش ئۆيىنى نازارەت قىلىپ،  تاسادىپىي توك كېتىپ سېستىما ئۇچۇرلىرىنىڭ يوقاپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، ئادەم، كومپيۇتېر ۋە نەرسىلەرنى تەكشۈرىدۇ. بولۇپمۇ يېزىقچە خاتىرىلەر، ئالاقە قوراللىرى، ماگنىت كارتىسى، ئوقۇش، يېزىش كارتىسى قاتارلىقلار يەنە ئادەم ئەۋەتىپ نەق مەيداندىكى ھەرخىل تېلېگراف تېرمىنال ئەسلىھەلىرى، نەق مەيدان ئەتراپىدا كۈچلۈك ماگنىت مەيدانى ياكى كۈچلۈك ماگنىت مەيدانى پەيدا قىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ بار-يوقلىقىنى تەكشۈرىدۇ ھەمدە ماگنىت ماددىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. نەق مەيداننى تەكشۈرىدۇ. تەكشۈرۈش دائىرىسى بارماق ئىزى، ئاياغ ئىزى، قورال ئىزى، يەنى نەق مەيداننى سۈرەتكە تارتىش، نەق مەيداننىڭ رەسىمىنى سىزىش قاتارلىقلار، ئۇنىڭدىن باشقا، ھەرخىل ئېلېكتىرونلۇق ئىسپاتلارنى يىغىش، مەسىلەن، نەق مەيداندىكى ھەرخىل ئەسلىھە ۋە ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئۇلىنىش ھالىتى ۋە ئۇلىنىش ئۇسۇلى، ئېكراندا كۆرسىتىۋاتقان سېستىمىنىڭ ئىجرا بولۇش پارامتېرى ۋە نەتجىسى، پىرېنتىرلاپ چىقىرىش نەتىجىسى، نەق مەيداندىكى خادىملارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق خاتىرىلىرى قاتارلىقلار. ئەڭ ئاخىرىدا دەلىل-ئىسپاتلارغا نىسبەتەن تېخنىكىلىق ئانالىز ئېلىپ بېرىپ، تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ يىپ ئۇچى ۋە ئىسپاتلارغا ئېرىشىدۇ.

QQ截图20161111193249.jpg

     مەنبە:«يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن» دىن ئېلىندى.
bagdax
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )