ئۆلۈمىدىن پۇشايمان يېمىگەن جيەن بوزەن
[align=justify] شىمال بورىنى قۇملارنى ھەدەپ ئۇچۇرۇپ يەر _ جاھاننى چاڭ - توزان ۋە پاسكىنچىلىققا تولدۇرىۋەتكەنىدى .
چۈشتىن كېيىن سائەت سەككىز ئەتىراپىدا جيەن بوزەن * مەخسۇس دېلۇ گۇرۇپپىسىدىكى كالتە بۇرۇت يەر ئاستىدىكى 7 - نومۇرلۇق ئۆيگە ئالدىراپ كىرگىنىچە ئېلېكتىر چىراقنى ياندۇرۇپ ، سۇراق خاتىرىسىنى ئاچتى ، قەلەم قەغەز ئۈستىدە شىرتىلداشقا باشلىدى : گېزەندە __ بېيجىڭ داشۆ تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى جيەن بوزەن ؛ ۋاقتى : 1966 - يىلى 27 - ئۆكتەبر چۈشتىن بۇرۇن ؛ سۇراقنىڭ مۇھىم مەزمۇنى : ۋيېتنام ئەمگەكچىلەر پارتىيىسىنىڭ رەئىسى خۇزىمىڭغا ساتقىنلىق قىلىش مەسىلىسى . . .
بىر پەستىن كېيىن پاقا چاناق لەقەملىك بىرى جيەن بوزەننى بوينىغا قارا تاختا ئاسقان ، قۇلىغا كويزا سالغان ھالدا يالاپ ئەكىردى .
پاقا چاناق سول قولىدا بېلىنى تېرەجىگەن ، ئوڭ قولىدا مىس كالتەك تۇتقان ھالدا :
__ جيەن بوزەن ، خۇزىمىڭنىڭ 1942 - يىلى جۇڭگودا قانداق قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلەمسەن ؟ _- دەپ سۇرىدى .
جيەن بوزەن پاقا چاناقنىڭ سۇرىغان سۇئالىنىڭ تاپقا چۈشمەيدىغانلىقىدىن نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلمەي ھەيران قالغان بولسىمۇ ، بىراق يەنىلا :
__ خائىننىڭ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقى تۈپەيلىدىن قولغا ئېلىنغان ، __ دەپ جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر بولدى .
__ خائىن كىم ؟
__ ئاڭلىشىمچە رەئىس خۇزىمىڭنىڭ مۇھاپىزەتچىلەر ئەتىرىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۇنداق قىلغانمىش .
__ گۇاڭشى قىزىل كېخمىر ئىسيانچىلار تۇەنىدىن كەلگەن تېلېگراممىدا پاش قىلىنشىچە ، __ پاقا چاناق كۆرەڭلىگەن ھالدا قولىغا تېلېگراممىنى ئېلىپ پۇلاڭلىتىپ تۇرۇپ ، __ خۇزىمىڭغا ساتقىنلىق قىلغان ئادەم سەن جيەن بوزەن ! __ دېدى .
__ سىلەر قاراپ تۇرۇپلا ئادەمگە تۆھمەت قىلىۋاتىسىلەر ! _- جيەن بوزەننىڭ جاۋغايلىرى قاتتىق جىددىلەشكەنلىكتىن لىپىلداپ كەتتى ، __ سىلەر دەلىل ئىسپاتقا ئەھمىيەت بېرەمسىلەر ، يوق ؟ !
دەرياغا بىر تاش چۈشۈپ كەتسە قاتمۇ - قات دولقۇن ھاسىل بولغاندەك ، بۇ ئىش تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ كاللىسىغا ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلار بىر - بىرلەپ كېلىپ ، قەلبىدە چەكسىز دولقۇن پەيدا قىلدى .
1942 _ يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىقى ئونىنچى كۈنلىرىدىكى بىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى ۋاقىت ئىدى . جۇئېنلەي ئۇنى جۇ قەسىرىگە چاقىرىپ كېلىپ ئۇنىڭغا : ۋيېتنام ئەمگەكچىلەر پارتىيىسىنىڭ رەئىسى خۇزىمىڭنىڭ جۇڭگودا قولغا ئېلىنغانلىقىنى ، ھازىر ئۇنىڭ گۈيلىندىكى جاڭ فاكۇينىڭ 4 _ جەڭ رايۇنىدا قاماقلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ . جۇئېنلەي ئىنتايىن تىت _ تىت بولغان ھالدا :
__ مەركەز چۇڭچىڭدىكى يولداشلار __ بىزنىڭ ئامال قىلىپ قۇتقۇزىشىمىزنى قارار قىلدى ، _ دەيدۇ .
جيەن بوزەن بىر پەس تۇرىۋالغاندىن كېيىن :
__ مۇئاۋىن رەئىس جۇئېنلەي ۋەزىپىنى ماڭا تاپشۇرۇڭ ، __ دەيدۇ .
__ ئىش ئەسلىدە مۇنداق ئىكەن ، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى خەلقارا جەمئىيەتنىڭ ۋيېتنام شۆبىسى چۇڭچىڭ قانۇن تۈزەش پالاتاسىدىكى سۇن كېغا جىددى تېلېگرامما ئەۋەتىپتۇ ، __ دەيدۇ جۇئېنلەي بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ ، __ سۇن كې توخۇ يۈرەك ، قورقۇنچاق ئادەم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىشقا تازا پېيى يوق ، خۇددى گېنرال فېڭيۇڭشياڭ سۈرەتلىگەندەك لايدىن ياسالغان دىۋان بېگىگە ئوخشاش كارغا كەلمەيدىغان ئادەم . ھازىر ئاۋال ھېلىقى تېلېگراممىنى قولغا چۈشۈرىشىمىز كېرەك ، ئاندىن كېيىن مۇۋاپىق ئادەم تېپىپ ، ، تېلېگراممىنى شۇ ئادەم ئارقىلىق جياڭ جيېشىگە يۈز تۇرانە تاپشۇرىشىمىز لازىم ، __ دەيدۇ .
جيەن بوزەن :
__ قانۇن تۈزۈش پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تەن جېن بىلەن مەن يۇرتداش __ تاۋيۇەنلىكمىز ، ئۇنىڭغا كاتىپلىقمۇ قىلغانمەن ، ئارىمىزدا يۇرتداشلىق مېھرىمۇ ، شۇنداقلا شەخسي دوستلۇقمۇ بار ، مېنىڭچە ئۇ بۇ ئىشقا ياردەم قولىنى سۇنىدۇ ، __ دەيدۇ .
__ توغرا ، مەنمۇ مۇشۇنداق مۇناسىۋەتتىن پايدىلانماقچىمەن .
جيەن بوزەن شۇئانلا مۇئاۋىن باشلىق تەن جېن بىلەن كۆرۈشۈپ ، ئۆتكەن _ كەچكەن ئىشلار ئۈستىدە بىر مەھەل پاراڭلاشقاندىن كېيىن ، كېلىشتىكى مەقسىتىنى دەيدۇ . تەن جېن گومىنداڭنىڭ مۆتىۋەرلىرىدىن بولۇپ ، ھەققانىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك بولغاچقا ، ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي ماقۇل بولىدۇ .
ئىش ئەسلى مۇنداق بولغان : ۋيېتنام ئەمگەكچىلەر پارتىيىسىنىڭ رەئىسى خۇزىمىڭ ۋيېتنامنىڭ گاۋپىڭ ئۆلكىىسى بېيپو شەھىرى يەنى ھېندىچىنى پارتىيە مەركىزى كومىتېتى تۇرۇشلۇق جايدىن يولغا چىقىپ گۇاڭشى ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ جىڭشى دېگەن يېرى ئارقىلىق جۇڭگو تەۋەسىگە ئۆتۈپ ، چۇڭچىڭغا بېرىپ جۇئېنلەي بىلەن كۆرۈشۈپ ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش ئەھۋالىنى ئۇقماقچى بولىدۇ . ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭغان مۇھاپىزەت ئەتىرىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى رۇەن ۋېنفانىڭ ساقچى ئىدارىسىگە مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇشى ئارقىسىدا خۇزىمىڭ ھەمرالىرى بىلەن بەخىتكە قارشى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا قولغا ئېلىنىدۇ .
جيەن بوزەن تەن جېن ئارقىق تېلېگراممىنى سۇن كېدىن ئەكىلىدۇ . دەسلەپكى جەڭدە غەلبە قىلغاچقا جۇئېنلەي ناھايىتى خۇرسەن بولىدۇ _ دە ، شۇئاننىڭ ئۆزىدىلا قۇتقۇزۇش لاھىيىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ .
تېلېگراممىنى قايسى ئابرويلۇق كىشى جياڭ جيېشىگە يۈزتۇرانە تاپشۇرۇپ بەرسە بولار ؟
جيەن بوزەن ئاۋۋال فېڭ يۇڭشياڭنى خىيالىغا كەلتۈرۈدۇ ، ئەمما شۇ ھامان يەنە ئۇنى مۇۋاپىق كۆرمەيدۇ . فېڭ يۇڭشياڭ بۇرۇندىن تارتىپلا ماتا كۆڭلەك كېيىپ گومىنداڭنىڭ يوقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ھەر خىل سورۇنلىرىغا كىرىپ _چىقىپ يۈرەتتى ، ئۇنىڭ گەپ _ سۆزى قوپالراق ئىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كومپارتىيىگە مايىل ئىدى . خې يىڭچىن ، گۇ جېڭگاڭ ئېقىمىدىكىلەر ئۇنىڭغا " قىزىللىشىپ كەتتى " دەپ ھۇجۇم قىلاتتى ، جياڭ جيېشىمۇ بۇ " ھۈرمەتلىك ئاكىسى" نى " يېرىم كوممۇنىست " دەپ قارايتتى . ئەگەر تېلېگراممىنى ئۇنىڭ يۈز تۇرانە تاپشۇرۇپ بېرىشىنى ئۆتۈنسەك جياڭ جيېشى خۇزىمىڭنى " ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئادىمى" مۇ ئەمەسمۇ دەپ گۇمانلىنارمۇ ، قانداق ؟ بۇ قېرىنداش پارتىيىنىڭ داھىيىسىنىڭ ئامانلىقى ، خېيىم - خەتىرىگە ئالاقىدار ئىش بولغاچقا ئېھتىياتچان بولماي بولمايتتى . ئۇنىڭ كاللىسىغا شۇ زاماتلا : گۇاڭشىدا ئەمەل كۈچى بار لى زۇڭرېن چۇڭچىڭغا كەلگەن ئەمەسمىدى ؟ دېگەن ئوي كېلىدۇ .
جيەن بوزەن جىگەرلىك ئادەم ئىدى ، ئەزەلدىن ئوڭايلىقچە باشقىلارغا يېلىنمايتتى . بىراق ، ھازىر خۇزىمىڭنى قۇتۇلدۇرۇش __ پارتىيىنىڭ ئىشى ئىدى ، شۇڭا شەخسى مېجەز بويىچە ئىش قىلىشقا بولمايتتى . ئۇ مۇشۇ بىر قانچە كۈندىن بېرى گومىنداڭنىڭ كاتتىباشلىرى ئارىسىدا ئۇياقتىن بۇياققا موكىدەك چېپىپ يۈردى . ئەسلىدە ئۇلارنى تىللىغۇسى بولسىمۇ ، بىراق يەنىلا كىشىلەرنى كولدۇرلىتىدىغان بەزى سۆزلەرنى تېپىپ ، چىرايلىق سۆزلەرنى قىلىپ يېلىنىپ ، يالۋۇردى ؛ ئەسلىدە يىغلىغۇسى كەلسىمۇ زۇرىغا كۈلۈمسىرىدى ، مانا ئاشۇنداق " ئۇياق _ بۇياققا قاتىراپ يېلىنىش" تىن ئىبارەت بۇرۇقتۇملۇققا چىداش ئەزەلدىن باشقىلارغا باش ئەگمەي كەلگەن جيەن بوزەنگە بەك تەس كەلدى ، تولىمۇ قېيىنغا توختىدى .
[align=justify] ( داۋامى بار )
|