قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 766|ئىنكاس: 12
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مالايشىيادا ئوقۇش ۋە ئىنگلىزچىسى ئۆگىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  84464
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-16
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
1.ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇسىلەر، مالايشىيادا ئوقۇش ۋە ئىنگلىزچىسى ئۆگىنىش ئارزۇسى بار دوستلارنىڭ بۇ تېمامدىن پايدىلىنىپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

     2.مالايشىيادا نەرسە كېرەكلەر ئانچە قىممەت ئەمەس، ئادەتتە شىنجاڭدا 1 يۈەن خەلق پۇلىغا بىر قۇتا مىنېرال سۇ ئېلىپ ئىچىمىز، بۇ يەردە مالاي پۇلى 0.8 دىن 1 رېنگىتكىچە، ئادەتتە 10 يۈەن خەلق پۇلى 4.8 رېنگىت ئەتراپىدا بولىدۇ.

     3.مۇھىتى ئالاھىدە ياخشى،ئۈرۈمچىدە بولساق 6-ئايلاردا جەنۇبىي تاغقا بىرمۇنچە چىقىم قىلىپ ئائىلە بويىچە ئوينىغىلى چىقىمىز،بۇ يەردە ئۆيىڭىزدىن تالاغا چىقسىڭىزلا ھەممە يەر جەنۇبىي تاغنىڭ مۇھىتى بىلەن ئوخشاش،بۇنداق دېسەم پۈتۈن تاغلىقلار كۆز ئالدىڭىزغا كېلىپ قالمىسۇن، تەرەققىياتىمۇ خېلى بولۇپ قويىدۇ،شەھەر مەركىزىدىن 15 كىلومېتىرچە چەتنىسىڭىزلا ھەممە يەر يېشىلچىلىققا پۈركەنگەن ھالەتتە ساپ تەبىئىي مۇھىتنى كۆرەلەيسىز.

     4.جۇڭگولۇقلارنىڭ مالايشىياغا قەدەم ئېلىشى باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندە خېلىلا ئاسان.

     5.تىل ئۆگىنىش مۇھىتى ئالاھىدە ياخشى،مالايشىيا ئېنگىلىزتىلىنى ئاساس قىلىدۇ،كوچىلاردا، ئاشخانىلاردا،كىنوخانىلاردا،سودا سارايلاردا....ھەممىسىدە ئېنگىلىزتىلىدا ئالاقە ئېلىپ بارالايسىز... ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرەب مىللىتىدىن كەلگەنلەرمۇ خېلى كۆپ ئادەتتە ئەرەبلەر بىلەن بىرلىكتە بىر ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرۇش،ئۇلارنىڭ تىلىنى قوشۇمچە ھالەتتە ئۆگىنىۋېلىش پۇرسىتى كۆپ بولىدۇ(ئەسكەرتىش: ئەرەب دەپلا ئۇ نېمە قىلسا شۇنى قىلماي، تىلىنى ئۆگۈنۈڭ،بىلىمىنى ئۆگۈنۈڭ لېكىن يامان تەرەپلىرىنى ھەرگىز ئۆگەنمەڭ!)

     6.ھېچقانداق جايدا ناماز چەكلەنمەيدۇ،ھەتتە ھەر بىر ماي قاچىلاش پونكىتى،كىچىك ئادەتتىكى ئاشخانىلاردىمۇ تاھارەت ئالىدىغان ئورۇن،ناماز ئۆتەيدىغان مەسچىتلەر بار.

     7.مالايشىيادا قىش پەسلى مەۋجۇت ئەمەس،شۇ سەۋەبلىك كىيىم كېچەك ۋە باشقىلارنىڭ پۇلى ئىقتىساد بولۇپ قالىدۇ.

     8.ئالىي مەكتەپلەرنى تاماملاش ۋاقتى بىر قەدەر قىس،دۆلەت ئىچىدە ئېتىراپ قىلىدىغان دىپلوم ئالالايسىز.ئادەتتە جۇڭگودا 本科دىپلومنى 4-5 يىلدا ئالساق مالايشىيا دا 2-3 يىلغىچە تاماملاپ بولغىلى بولىدۇ،ئەلۋەتتە ئىمتىھاندا ئۆتەلمەي ئويناپ يۈرسىڭىز ئۇنچە ئاسانمۇ توختىمايدۇ.

     9.مالايشىيانىڭ ئومۇمى نوپۇسىنىڭ 27% نى جۇڭگولۇقلار ئىگىلەيدۇ، ھىندى مىللىتىدىنمۇ خېلى بار....

     10.بىر تەرەپتىن ئىشلەپ بىر تەرەپتىن ئوقۇش پۇرسىتى، بۇنداق قىلغىلى بولىدۇ، بىرىنچى ئامىل ئۆزىڭىزنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتالىغان ياكى تۇتالمىغانلىقىڭىزدا، ئېنگىلىزتىلىنى بىلىشىڭز شەرت،مالاي تىلى ۋە ئەرەب تىلىنى قوشۇمچە ياخشى بىلىپ قالسىڭىز جېنىڭىزنى تامامەن بېقىپ كېتەلەيسسىز.

     11.مالايشىيا بىر ئارال دۆلەت. ئەتراپى دېڭىز، مۇھىتىمۇ ئىنتايىن گۈزەل، قىش بولمايدۇ، بەك ئىسسىق بولۇپمۇ كەتمەيدۇ(كۆيدۈرگىدەك دەرىجىدە ئەمەس) يامغۇرنىڭ يېغىشى كۆپرەك، 5 مىنۇت يامغۇردا كۈنلۈكسىز قېلىپ قالسىڭىز ھازىر دەريادە سۇغا چۈشۈپ كېتىپ چىققاندىكىدەك ھالەتكە كېلىپ قالىسىز.

     12.قاتنىشى قولاي، شەھەر ئىچىدە پويزلار ھەممە يەرگە قاتنايدۇ، بىر قېتىملىقىنىڭ باھاسى 1.6 رېنگىتتىن 2.5 رېنگىتكىچە.

------------------------------------------------------


     تۇرمۇش خىراجەت جەريانى: تۆۋەندە مەن ئۆزۈمنى مىسال ئالىمەنئەتىگەنلىك تاماق ؛ ئۆيدە ئۆزىڭىز تەييارلاپ يېسىڭىز ئىنتايىن ئەرزان توختايدۇ،گاھىدە سىرتلارغا چىقىپ ھىندىلارنىڭ مۇسۇلمانچە ئاشخانىسىدىن تاماق يەپ قالسام تەخمىنەن 5 رېنگىت ئەتراپىدا.

     چۈشلۈك تاماق؛ئەرەبلەرنىڭ تامىقىنى يېسىڭىز تەخمىنەن 10 رېنگىت ئەتراپىدا،ھىندىلارنىڭ تامىقىنى يېسىڭىز 7رېنگىت،لەڭمەن يەيمەن دېسىڭىز مۇ خۇيزۇلارنىڭ ئاچقان ئاشخانىسى بار،بىر قاچا لەڭمەن،سومەن يەرنى 10رېنگىتتىن 12 رېنـىكىچە يەرسىز .

     كەچلىك تاماق؛ ئادەتتە كەچلىك تاماقنى ھىندىلارنىڭ ئەرزان،تېز چىقىدىغان ئاشخانىلىرىدا يەيمەن،تەخمىنەن 5-8رېنگىتكىچە.ھېسابتا كۈنىگە نورمال بولسا 20-30 يۈەن خەلق پۇلى،كۆپرەك بولسا 50 يۈەن خەلق پۇلى ئەتراپىدا بولىدۇ.ئوقۇشقا چىقىمەن دېگەن ئىكەنسىز ئامال بار ئۆزىڭىز تاماق قىلىپ يېيىشنى ئۆگىنىپ كېلىڭ،ئۆزىمىزنىڭ تائاملىرىغا بۇيەرنىڭ ھېچقايسى تامىقى تەڭ بولمايدۇ ئەلۋەتتە.گۆش شىنجاڭدىكىگە قارىغاندا خېلىلا ئەرزان.

     ئۆي ئىجارىسى: بۇ يەردىكى ئۆيلەر ئادەتتە ئىككى خىل ھالەتتە بولىدۇ،بىرخىلى بىنادا يەنە بىرخىلى داچا شەكلىدە سېلىنغان (خەنزۇچە 排屋دەيدىكەن ئۇيغۇرچە نېمە دەيدۇ بىلمىدىم) ئۆيلەر،بىنادا ئولتۇرسىڭىز بىر ياتاق ئۆي تەخمىنەن ئايلىقى 300رېنگىتتىن 600 رېنگىتكىچە،ئىچىدە ئايرىم ھاجەتخانىسى بار ئۆيدە ئولتۇرۇپ قالسىڭىز 450 دىن 600 رېنگىتكىچە كېتىدۇ.

     يول كىرا ھەققى،ئاپتوبۇسلار بىزنىڭ ئۈرۈمچىدىكى،كورلىدىكى ئاپتوبۇسلارغا ئوخشىمايدۇ،خالىغان يېرىدە توختايدۇ.پۇلىمۇ ئادەتتە ئوخشاش بولمايدۇ، بىر بېكەتتە توختاش ۋاقتىمۇ گاھىدا ئوخشاش بولمايدۇ،لېكىن باھاسى 1 رېنگىتتىن 3رېنگىتكىچە بولىدۇ.

     تاكسى؛ ئادەتتە باشلىنىش ھەققى 3 رېنگىتتىن باشلىنىدۇ،كېچىسى ئامال بار تاكسىغا چىقمىغان ياخشى،كېچىسى چىقسىڭىز قوش ھەسسىلەپ پۇل ئالىدۇ    قوشۇمچە:مالايشىيادا ئوقۇش چىقىم تەپسىلاتى

     تۇرمۇش چىقىمى شەخسىلەرگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ،ئاساسلىقى شەخسى ئىستېمال ئادىتى ۋە مەكتەپلەرنىڭ جايلاشقان ئورنى قاراپ پەرقلىق بولىدۇ.

     جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادەتتىكى سەۋىيەسى بويىنچە،ھەر ئايدا تەخمىنەن 2000-2500 يوەن گىچە بولىدۇ.

     1-ياتاق

     ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ مەكتەپ ياتىقىدا يىتىش ۋە سىرتتا يىتىش ،مەكتەپ ياتىقى ئەرزان، ھەي مەۋسۈمدە 300-400 مالايشىيا پۇلى ،قىممەتلىرىمۇ بار ،مەسىلەن لىنگورىن ئۈنۋىرسىتىتى يالغۇز كىشىلىك ياتاق بولۇپ ھار ئايدا 850 مالايشىيا پۇلى ،سىرتتىن ئىجارە ئالسىڭىز ئايلىقى300 مالاي پۇلى ئەتراپتا،دوستلىرىڭىز بىلەن تۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ،بىخەتەرلىك ئۈچۈن ئاۋۋال مەكتەپنىڭككىدە تۇرۇپ مۇھىتقا ماسلىشىۋالغاندىن كىيىن سىرتتىن ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ.

     2-تاماق

     تاماقلىرى ئەرزان ،ئادەتتە بىرۋاقلىقى3-5 مالاي پۇلى كۈنلىكى 15 مالاي پۇلى ئەتراپتا ،ئايلىقى 450 مالاي پۇلى ئەتراپتا.

     3- قاتناش

     بۇ بىر ئاز باش ئاغرىتىدىغان مەسىلە ،كوئولالۇمپۇر شەھەر ئەترپىدا پويىز بار ،باھاسىمۇ ئەرزان ھەرقىتىمدا 2 مالاي پۇلى ،ئاپتوبۇسمۇ بار ھەر قېتىمدا 1-3 مالاي پۇلىغىچە بىراق بېكىتى ئېنىق ئەمەس،كىرا ماشىنىلىرى ئاساسەن كېلىشىم باھا،ئادەتتە كۈنلىكى 5 مالاي پۇلى ئەتراپتا،ئايلىقى 150 مالاي پۇلى.

     4- تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى

     مالايشىيانىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى كۆپىنچىسى جۇڭگودىن ئىمپورت قىلغان باھاسى ئەرزان ئادەتتە جۇڭگودا 1 يونلىك نەرسە مالايشىيادا 1 مالاي پۇلى.

     ئۇندىن باشقا شەخسى ئادەتلەر،تورخانا،كارائوكى ،بىليارت دېگەندەك،باغچىلارنىڭ ئويناش پۇلىمۇ ئەرزان ئەمەس

     چەتئەلگە چىقىشنىڭ ئاساسى مەقسىتى ئوقۇش ،شۇڭا كۆڭۈل ئىچىش پائالىيەتلىرىنى ئازراق قىلى ئوقۇسا ئوقۇش چىقىمىنى زور دەرىجىدە چۈشۈرگىلى بولىدۇ، ئۇندىن باشقا بىكار چاغلاردا ئىش تېپىپ ئىشلىسىڭىزمۇ بولىدۇ،بۇمۇ بىر ياخشى ئىقتىسادى مەنبە،

     مالايشىياغا چىقىپ ئوقۇشنىڭ خىراجىتى قانچىلىك:                                                                                                                              

     ئوقۇش پۇلى:

     1---ئاسپىرانتلىق ئوقۇش پۇلى

     1.مالايشىيا ئومۇم ئىگىدارچىلىقىدىكى ئالى مەكتەپتە ئوقۇش

     مالايشىيانىڭ ئومۇم ئىگىدارچىلىقىدىكى ئالى مەكتەپ خىراجىتى دۆلىتىمىز ئىچىدىكى ئالى مەكتەپلەر چىقىمى بىلەن ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش،بىر ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى تاماملاش ئۈچۈن كېتىدىغان ئوقۇش پۇلى  20مىڭ يون خەلق پۇلى ،تاللىغان كەسىپلەرنىڭ ئوخشىماسلقىغا قاراپ پەرقلىق بولىدۇ،MBA كەسسپلرىنىڭ ئوقۇش پۇلى يۇقىرىراق،تەخمىنەن 20-60 مىڭ غىچە ئەتراپتا بولىدۇ،ئۇندىن باشقا مېدىتسىنا كەسىپلىرىنىڭمۇ ئوقۇش پۇلى يۇقىرىراق بولىدۇ، تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى ئاشۇ ئوقۇماقچى بولغان ئالى مەكتەپنىڭ چىقىمى بىلەن سېلىشتۇرسىڭىز بولىدۇ

     باشقا داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلار، مالايشىيا شىمالى رايون ئۇنىۋېرسىتېتى، مالايشىيا تەبىئىي پەنلەر ئۈنۋىرسىتىتى،مالايشىيا  سانائەت ئۈنۋىرسىتىتى، مالايشىيا تەيرۇڭ ئۈنۋىرسىتىتى،مالايشىيا خەلقئارا ئىسلام ئۈنۋىستىتى قاتارلىقلار

     2-چەتئەل ئۇنىۋېرسىتېتى تارماق ئۈنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ ئاسپىرانتلىق دەرسلىرى

     ئەنگلىيە نوتتىنگخام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مالايشىيا تارماق ئاسپىرانت پەنلىرى خىراجىتى تەخمىنەن 33-58 مىڭ مالايشىيا پۇلىغا تەڭ  خەلق پۇلىدا تەخمىىنەن 70-120 مىڭغىچە ،كەسىپلەرگە قاراپ پەرقىلىق بولىدۇ،

     3-كوئولالومپۇر قۇرلۇش ئۇنىۋېرسىتېتى MBA كەسىپلىرى ،خەلق پۇلىغا تەخمىنەن 55مىڭ يۈەن

     2---تولۇق ئوتتۇرا پۈتتۈرۈپ تولۇق كۇرۇسنى مالايشىيادا ئوقۇش

     1.ئومۇم ئىگىدارچىلىقىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتى:  10 -20 خەلق پۇلى  ھەريىل    ،3 يىل ئوقۇيدۇ،بەزى كەسىپلەر 4 يىل  

     2.قۇرلۇش ئۇنىۋېرسىتېتى   20-30 مىڭ خەلق پۇلى ھەر يىل ، يىل ئوقۇيدۇ،بەزى كەسىپلەر 4 يىل  

     3.چەتئەل ئۈنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ تارماق ئۇنىۋېرسىتېتى : 50-60 مىڭ خەلق پۇلى ،ئادەتتە 4 يىللىق بولىدۇ

     4.لىنگورىن ئۇنىۋېرسىتېتى سەنئەت كەسىپلىرى: 40-50 مىڭ خەلق پۇلى ،3 يىلدىن 4 يىلغىچە

     3---مەخسۇس كۇرۇستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇش پۇلى تەخمىنەن 50-60مىڭ خەلق پۇلى ھەممە دەرسلەر   

     تۇرمۇش پۇلى

     1.كوئولالۇمپۇر ۋە قوشنا يەرلەرنىڭ تۇرمۇش پۇلى ھەر يىللىقى 20مىڭ ئەتراپىدا

     2.باشقا جايلار ،تەخمىنەن 15 مىڭ خەلق پۇلى ئەتراپىدا

     ئۇقۇش ئارزۇسى بارلار تېما ئاستىدا مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.
bagdax

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  84464
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-16
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
مالايسىيادا ئىنگلىزتىلى ئۇگۇنۇش ئارزۇسى بارلارمۇ مەسلەھەت سۇرساڭلارمۇ بۇلىدۇ .

6

تېما

3

دوست

2778

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   25.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27645
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 860
توردىكى ۋاقتى: 94
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-18
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
مىنىڭ سورايدىغىنىم، مالايدا ھىندىلارنىڭ تامىقىنى يەپسىز ئۇلارنىڭ تامىقى مۇسۇلمانچىمۇ ؟
مالايدا ئەرەبلەر بىللە تۇرۇش تۇرمۇش خىراجىتىنى تىجەشتىن مەقسەت پەقەت ئالىي مەكتەپنى ئۇقۇش دىپلوم ئۈچۈنلىمۇ ؟ مالاينىڭ ئۇقۇتۇش سۈپىتى، دۆلەت تەرەقىيات ئەھۋالى، مائارىپنى قوللاش جۇڭگودىن ياخشىمۇ ؟
ئۈچىنچىدىن قىشتا قىلىن كىيىم كىيىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپسىز، قارىغاندا مالايغا قىشنى ئۈتكۈزۈشتا قىينىلىدىغان ياكى يازنى ئۈتكۈزۈشنى تەس ھىساپلايدىغان يامغۇرغا ئامراقلا چىقسا بولغۇدەك....ھى ھى ... دىمەكچى مالاينىڭ دۆلىتىمىز مائارىپ ۋە تۇرمۇش شارائىتىغا نىسبەتەن قانداق خاس ئالاھىدىلىكى بار دەپ قارايسىز؟

9

تېما

6

دوست

2123

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55887
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 668
توردىكى ۋاقتى: 214
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-20
يەر
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
دوستلاربىزنىڭ قەيەردە ئوقۇغىنىمىزمۇھىم ئەمەس  ياخشى  ئوقۇساق ئۈزىمىزنىڭ تۇرتى ئەڭ ياخشى مىسال ئالسام شاڭخەيدەئوقۇغان بىرى ھازىرغاقەدەربىكار يەكەن  سىفەندەئوقۇغان بىرى شوجاڭ بولدى.
bagdax

1

تېما

0

دوست

361

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   30.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  79872
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 112
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-16
5#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئالدى بىلەن سىزگە كۆپ رەھمەت قىرىندىشىم ،خېلى كۆپ ئۇچۇرلارنى قالدۇرۇپسىز ،سىز
本科نىڭ تولۇق كۇرۇس دەپ مەنىسىنى بىلىدىكەنسىز
لىكىن بىكاردىن ئارتۇقچە يىزىپ قويۇپسىز
排屋نى مەن قاتار ئۆي دەپ تەرجىمە قىلدىم باشقىلار قانداق قارايدىكىن بىلمىدىم
مالايسىيا دەپ ئالىنى بىز ،مەيلى يىڭى ئىملا قائىدىسدە مالايشىيا دەپ ئالغان بولسىمۇ
بۇ مىنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قىرىندىشىم مەسلىگە كەلسەك مىنىڭ ئاسپىرانتلىقنى چەتئەلدە ئوقۇغۇم بار ،كەسپىم بىناكارلىق . ھازىر ئالىي مەكتەپ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇيمەن ،ئۆزۈمنىڭ ئاسپىرانتلىقتا ھازىرقى كەسپىمنى ئوقۇغۇم بار ،شۇ سىزدىن سوراپ باقسام مىنىڭ كەسپىمگە چۈشىدىغان ياخشى مەكتەپلەر بارمۇ ؟مەن ھازىردىن باشلاپ قايسى تەرەپلەردىن تەييارلىق قىلىمەن ئىنگىلىستىلى سەۋەيەمىز ئايلىتىستىن قانچە ئالساق مەكتەپ ئىلتىماس قىلالايمىز ،؟ئوقۇش پۇلى قانچىلىك؟ ئۇ مەكتەپنىڭ مەن ئوقۇماقچى بولغان كەسىپتىكى خەلىقئارا بويىچە قانچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ ،دۆلىتىمىزدىكى مەكتەپلەردىن نوچىمۇ ؟مۇشۇلارنى سىزدىن سوراپ بىلىۋالسام بوپتىكەن ،ئاۋارە قىلدىم سىزگە كۆپ رەھمەت

1

تېما

3

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3512
يازما سانى: 747
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 767
تۆھپە : 3194
توردىكى ۋاقتى: 1470
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-19

پىشقەدەم ئەزا تۆھپىكار ئەزا

6#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئالدى بىلەن تىما يوللىغان بۇرادەرگە رەھمەت ، ئەمما منېىڭچە ئالدى بىلەن ئوقۇشتىكى مۇددىئا ئىنىق بولۇش كىرەك. چەتئەلدە ئوقۇش ئۈچۈنلا باھاسى ئەرزانكەن دەپ چەتئەلدە ئوقۇش تازا ئەرزىمەيدىغان بىر ئىش. چەتئەلدە ئوقۇغان دېگەن نام ئۈچۈنلا چەتئەلدە ئوقۇماقچى بولساق ئۇنداقتا ھىندىستان،  قىرغىزىستان ، قازاقىستانلارغا چىقىپ باشلانغۇچقا ئوقۇپ كىرسەكمۇ چەتئەلدە ئوقۇغان دېگەن نامغا ئىرىشكىلى بولىدۇ.
  ئالدى بىلەن قايسى كەسىپتە ئوقۇماقچى، ئوقۇماقچى بولغان كەسپىمىزنى ئۆگىتىدىغان شۇ مەكتەپنىڭ دۆلىتىمىزدىكى ئوخشاش كەسىپتىكى ئالى مەكتەپلەردىن ئوقۇتۇش جەھەتتە قانداق ئەۋەزەللىكى بار؟ خەلقئارادا قانچىلىك ئىلغار ئورۇندا تۇرالايدۇ؟ ئەگەر بىز چەتئەل دەپ بېرىپ ئوقۇماقچى بولغان مەكتەپنىڭ ئوخشاش كەسىپنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيسى دۆلىتىمىزنىڭكىدىن تۆۋەن بولسا ئۇنداقتا بىرىشنىڭ قىلچە ئەھمىيتى يوق. ئۇنىڭدىن يەنىلا دۆلەت ئىچىدە ئوقۇغان ياخشى.

2

تېما

14

دوست

1903

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   90.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81560
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 547
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-19
7#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
يىغلىغىم،ئۆزۈمنى قۇيۋېتىپ بارچە ئ‍اۋازىم بىلەن بىر يىغلىغۇم كىلۋاتىدۇ، نەپسى بۇغۇلۇپ دېمى سىقىلغان،دەردىنى ئ‍ېيتالماي چارىسىز قالغان كەبى يىغلىغىم كىلۋاتىدۇ…

0

تېما

0

دوست

915

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36098
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 288
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-19
8#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ھاۋاسى بىر خىلىلا  نەم . يازدا  ئىسسىق ھەم نەم دەپ ئاڭلىغانتىم ....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )