- تىزىملاتقان
- 2016-4-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-11-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5227
- نادىر
- 0
- يازما
- 529
ئۆسۈش
4.54%
|
ئىلاۋە: تېخى يېقىندىلا مەلۇم گېزىتنىڭ 1- بېتىنىڭ باش ئىستونىغا «چېھىرلەردە تەبەسسۇم، قەلبلەردە ھارارەت» ماۋزۇلۇق بىر پارچە خەۋەر بېسىلدى. كۆرۈۋالماق تەس ئەمەسكى، بۇ جۈملىدە ناھايىتى روشەن لوگىكىلىق خاتالىق يۈز بەرگەن. ئۇشبۇ تېمامدا بۇ جۈملىدىكى لوگىلىكىق خاتالىق ھەققىدە توختالماقچىمەن.
باغداشلىقلارنىڭمۇ بۇ جۈملىنىڭ لوگىكىلىق خاتالىقى ھەققىدە كەڭ-كۇشادە ۋە ئىلمىي رەۋىشتە مۇلاھىزە قىلىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مۇلاھىزە ئارقىلىق باغداشلىقلارنىڭ جۈملە تەھلىل قىلىش، جۈملىنى ساغلام تۈزۈش ماھارىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ قالغۇسى. قارىماققا ھېچقانداق مەسىلە يوقتەك كۆرۈنگەن «چېھىرلەردە تەبەسسۇم، قەلبلەردە ھارارەت» دېگەن جۈملىدە خېلى ئېغىر لوگىكىلىق خاتالىق يۈز بەرگەن. ئەلۋەتتە بۇ جۈملىنىڭ قۇرۇلمىسىدا ھېچقانداق مەسىلە يوق، شۇڭا قارىماققىلا ساغلام جۈملىدەك كۆرۈنىدۇ (شۇڭا مۇخبىر بىلەن مۇھەررىر بۇ جۈملىنىڭ نۇقسانىنى بايقىيالماي قالغان). لېكىن، ئىنچىكە كۆزەتكەندە، بۇ جۈملىنىڭ لوگىكىلىق خاتالىقىنى بايقىۋالماق تەس ئەمەس.
مەلۇمكى، «چېھىرلەردە تەبەسسۇم، قەلبلەردە ھارارەت» دېگەن بۇ جۈملە «چېھىرلەردە تەبەسسۇم» ۋە «قەلبلەردە ھارارەت» دېگەن ئىككى تەڭداش تەركىبتىن تۈزۈلگەن. «قەلب» ئىچكى ئەزا، شۇنداقلا مەركىزىي ئەزا، ئۇ ھەتتا مۇئەييەن شارائىتتا «مېڭە»نىمۇ ئىچىگە ئېلىپ كېتىدۇ. شۇڭا بىراۋ مېڭىسىدە بىرەر نەرسىنى خىيال قىلسىمۇ، بىز ئۇنىڭدىن «قەلبىڭدە نېمە ئويلاۋاتىسەن» دەيمىز. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، بىزگە نىسبەتەن «قەلب» ناھايىتى تۆرەم ۋە مۇھىم ئازا ھېسابلىنىدۇ. ئەمدى «چېھىر» بولسا تاشقى ئەزا، شۇنداقلا قەلبكە نىسبەتەن ئانچە مۇھىم ئەزامۇ ئەمەس، ئۇ پەقەتلا بىر تېرە. ئەمما، «قەلب» «ھەرىكەتكە ئاتلىنىپ» يالقۇنلانسا ياكى غەزەپلەنسە، بۇ ئىككى خىل پىسخىك ھالەت دەرھال چىرايدا ئەكس ئېتىدۇ. مەسىلەن، ئادەمنىڭ قەلبىدە ھارارەت پەيدا بولسا، شۇنىڭ بىلەن بىللىلا چىرايدا تەبەسسۇم جىلۋە قىلىدۇ؛ ئوخشاشلا قەلب غەزەپكە تولسا شۇنىڭ بىلەن بىللىلا چىرايمۇ دەرھال ئۆڭۈپ غەزەپنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى ئىپادىلەيدۇ. دېمەك، ئاۋۋال قەلب، ئاندىن چېھىر. قەلب ھارارەتكە، ئىللىقلىققا تولماي تۇرۇپ چىرايلارنىڭ تەبەسسۇم قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. قەلب مەركىزىي پەللە، چىراي بولسا ئۇنىڭدىن كېيىنكى پەللە. شۇڭا لوگىلىكىق تەپەككۇردا ئاۋۋال «قەلب»، ئاندىن «چىراي» جۇلا قىلىدۇ.
مۇنداقچە ئېيتقاندا قەلبلەرنىڭ ھارارەتلىنىشى چېھىرلەردە تەبەسسۇم پەيدا قىلىدۇ، ھارارەت بولماي تۇرۇپ تەبەسسۇمنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس؛ قەلبلەرنىڭ ھارارەتلىنىشى چېھىرلەرنى تەبەسسۇمغا ھامىلىدار قىلسا، چېھىرلەرنىڭ تەبەسسۇم قىلىشى قەلبلەرنىڭ ھارارەتلىنىشىنى شەرت قىلىدۇ. ئادەمنىڭ تەپەككۇرى «باش بېكەت»تىن باشلىنىپ «مەنزىل» تامام قانات يايىدۇ، بۇ نۇقتىدىن مەنبە بولماي تۇرۇپ «ئاياق» (نەتىجە) مۇ بولمايدۇ. شۇڭا يۇقىرىقى جۈملىنى «قەلبلەردە ھارارەت، چېھىرلەردە تەبەسسۇم» دېگەن قۇرۇلمىدا تۈزۈش كېرەك. شۇندىلا بۇ جۈملىدىكى لوگىكىلىق خاتالىق تۈگەپ، بىر ساغلام جۈملىگە ئايلىنىدۇ. يەنە مەسىلەن، 2002- يىل 11- ئايدىن كېيىن، مەتبۇئاتلىرىمىزدا «مىللىي روھنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە يېتىلدۈرۈش» دېگەن جۈملە كۆپىيىپ كەتتى. ھېچقانداق مەسىلە يوقتەك كۆرۈنگەن بۇ جۈملىدىمۇ روشەن لوگىكىلىق خاتالىق بار ئىدى. چۈنكى، «مىللىي روھنى ئەۋج ئالدۇرۇش» مەقسەت ۋە نىشاننىڭ يۇقىرى پەللىسى، «يېتىلدۈرۈش» بولسا باشلىنىش نۇقتىسىدۇر؛ مىللىي روھنى يېتىلدۈرمەي تۇرۇپ ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش مەقسىتىگە ئوڭۇشلۇق يەتكىلى بولمايدۇ، مىللىي روھ يېتىلدۈرۈلگەندە ئۇ تەبىئىي ھالدا ئەۋج ئالىدۇ، يەنى ئاۋۋال مىللىي روھ يېتىلدۈرۈلىدۇ، ئۇ يېتىلىپ تاۋلانغاندىن كېيىن، ئاندىن ئەۋج ئاغدۇرۇلىدۇ؛ مىللىي روھ ئەۋج ئالغاندا ئۇنى يەنە «يېتىلدۈرۈش»نىڭ زۆرۈرىيىتى قالمايدۇ.
شۇڭا، بۇ جۈملە «مىللىي روھنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش» شەكلىدە تۈزۈلگەندىلا، ئاندىن مەنتىقىغە ئۇيغۇن بولىدۇ.
|
|