- تىزىملاتقان
- 2016-8-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-11-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 786
- نادىر
- 0
- يازما
- 44
ئۆسۈش
57.2%
|
ئۇيغۇرچە نامى: ئاۋىياماتكا
خەنزۇچە نامى: 航空母舰
چەتئەلچە نامى: aircraft carrier
كەشىپ قىلغان دۆلەت: ئەنگلىيە
ئاۋىياماتكا ئەڭ زور ھەربىي پاراخوت بولۇپ، كىچىكلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ 200 مېتىر كېلىدۇ، چوڭلىرىنىڭ 330 مېتىرغا يېتىدۇ؛ كەڭلىكى 30 مېتىردىن 80 مېتىرغىچە بولىدۇ. پاراخوت گەۋدىسىنىڭ ئېگىزلىكى 40 نەچچە مېتىردىن 70 نەچچە مېتىرغىچە بولۇپ، 20 قەۋەتلىك بىنانىڭ ئېگىزلىكىگە توغرا كېلىدۇ. ئاۋىياماتكا يەنە ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن مەشھۇر. سۇ چىقىرىش مىقدارى كىچىكلىرىنىڭ 20 مىڭ توننا، چوڭلىرىنىڭ 90 مىڭ توننىغا يېتىدۇ. ئەڭ زور ئاۋىئاماتكىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، نەچچە ئون توننىلىق كارتېرلار بەئەينى يوغان پىلنىڭ يېنىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرغان توشقانغا ئوخشاپ قالىدۇ.
ئاۋىياماتكا «دېڭىزدىكى زوراۋان » دەپ ئاتالغان ئالەمگە مەشھۇردۇر. ئاۋىياماتكا ھازىرقى پاراخوتلارنىڭ ئىچىدە تونناژ ،ھەجىمى ، ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ تىپتىكى پاراخوتتۇر . ئۇ خۇددى دېڭىزدا لەيلەپ تۇرغان سۇ ئۈستى ئايرودۇرۇمىغا ئوخشايدۇ ، ئۈستىدە تۇرغان ئايروپىلانلار ئۇنىڭ قۇرالىدۇر . بىر ئاۋىياماتكا ھەرخىل ئايروپىلانلارنى ئېلىپ يۈرەلەيدۇ ، ئۇنىڭدا ھۇجۇم قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان كۈرەشچى ئايروپىلانلار بولغاندىن تاشقىرى ، يەنە رازۋېدكا ئايروپىلانى ، ئالدىن سىگنال بېرەلەيدىغان ئايروپىلان قاتارلىق ئالاھىدە ئىقىتىدارلىق ئايروپىلانلار بار . تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇكى ، .ئاۋىياماتكىنىڭ قورسىقى بەك چوڭ ، شۇڭا كىشىلەر ئۇنىڭغا « دېڭىزدىكى زوراۋان » دەپ ئاتىغان.
ئاۋىئاماتكىكنى تۈرگە ئايرىشنىڭ نۇرغۇن ئۆلچىمى بار . سۇ سىقىپ چىقىرىش مىقدارىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە قاراپ ، چوڭ تىپتىكى ئاۋىياماتكا ، ئوتتۇرا تىپتىكى ئاۋىياماتكا ، ئوتتۇرا تىپتىكى ئاۋىياماتكا ۋە كىچىك تىپتىكى ئاۋىياماتكا ؛ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ، يادرو ئېنىرگىيىلىك ئاۋىياماتكا ۋە ئادەتتىكى ئېنىرگىيىلىك ئاۋىياماتكا دەپ ئايرىشقا بولىدۇ ؛ ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىگە ئاساسەن يەنە ھۇجۇمچى ئاۋىياماتكا ، سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى قوغدىغۇچى ئاۋىياماتكا ۋە ئىشلىتىلىشى كۆپ خىل ئاۋىياماتكا دەپ ئايرىشقا بولدۇ .
ئىقتىدارى
ئاۋىياماتكا ئەڭ قۇدرەتلىك ھەربىىي قورال دېيىلىدۇ. بەزىلەر: ئاۋىئاماتكىدا نۇرغۇن ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە قوراللىرى بولغانلىقىتىن شۇنداق دېيىلگەن، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئەڭ ئىلغار بولغان يادرو ئېنىرگىيىلىك ئاۋىياماتكىغا ھېچقانداق زەمبىرەك ئورنىتىلمىغان بولۇپ، جىق دېگەندىمۇ بىرقانچە باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسىلا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئاۋېئاماتكىدا ئىقتىدارى ئۆزگىچە، جەڭگىۋارلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك كۈرەشچى ئايروپىلاندىن نەچچە ئونى بار. ئاۋىياماتكىغا ئىلغار تەكشۈرۈش ۋە قوماندانىلىق قىلىش سىستېمىسى ئورنىتىلغانلىقتىن، كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشى ۋە جەڭ قىلىشىغا ئائىت ئىشلارنى ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرالايدۇ. باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد، زەمبىرەك، تورپېدا قاتارلىق قوراللار ئورنىتىلغان كۈرەشچى ئايروپىلانلار ھاۋا بوشلۇقى، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئۈستى ۋە سۇ ئاستىدىكى دۈشمەنگە ھەر تەرەپلىمە زەربە بېرەلەيدۇ ۋە ئۇلاردىن مۇداپىئە كۆرەلەيدۇ. ئاۋىياماتكا جەڭگە ئاتلىنىشى بىلەن سەپ - سەپ بولۇشقان زور جەڭگىۋار گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئاۋىياماتكىنىڭ سېپى ئادەتتە چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى ئون نەچچە پاراخوتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوت، ھاۋا مۇداپىئەسى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى قوغلىغۇچى پاراخوت، قوغدىغۇچى پاراخوتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پاراخوت ۋە ھۇجۇمچى سۇ ئاستى پاراخوتلىرى سەپكە تۇلۇقلانغا بولۇپ، ئۇلارغا نەچچە مىڭ دانە ھاۋا مۇداپىئە، پاراخوتقا قارشى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئورنىتىلىپ، كۆپ قاتلاملىق ھۇجۇم، مۇداپىئە ئوت كۈچى سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلگەن. بۇئارقىلىق ئاسماندىن تارتىپ دېڭىز ئاستىغىچە ئىنتايىن زىچ مۇداپىئە تورى ھاسىل قىلىنغان. يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا، بۇنداق زور كۆلەمدىكى فىلوتنىڭ ھۇجۇم قىلىش كۈچىمۇ ئىنتايىن قۇدرەتلىك بولىدۇ. ئاۋىياماتكىغا ئەۋزەل دېڭىز ۋە ھاۋا بوشلۇقىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى تېزلا قولىغا ئېلىپ، دېڭىز تەۋەلىكى، دېڭىز ساھىلى ۋە دېڭىز ھاۋا بوشلۇقىغا نىسبەتەن قۇدرەتلىك تەھدىت كۈچى شەكىللەندۈرەلەيدۇ. بۇ جەھەتتىن باشقا ھەرقانداق قۇرالنى ئاۋىياماتكىغا تەڭلەشتۈرگىلى بولمايدۇ.
ھەربىر ئاۋىياماتكا غايەت زور قورال-ياراغ ئامبىرىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدا ھۇجۇمغا ئىشلىتىلىدىغان قىرغۇچى ئايروپىلان، ھۇجۇمچى ئايروپىلان، سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا زەربە بېرىش ئايروپىلانى بار؛ ئۇنىڭدىن باشقا، لاۋازىمات كاپالىتى ئايروپىلانلىرى، مەسىلەن، ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئايروپىلانى، رازۋېدكا ئايروپىلانى، ماي قاچىلاش ئايروپىلانى، قۇتقۇزۇش ئايروپىلانى قاتارلىقلار بار. بۇ ئايروپىلانلارنىڭ ئۆزلىرىگە تۇشلۇق ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ئۆزئارا ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدىنى شەكىللەندۈرۈپ، تۈرلۈك جەڭ ۋەزىپىلىرىنى تاماملايدۇ. زامانىۋى پاراخوتنىڭ جەڭ ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى، ناھايىتى زور دەرىجىدە ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە سانىغا باغلىق. ئاۋىئاماتكىدىكى ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەردىن رادار، سونار، تېپلو پېلېنىگاتور؛ سىمسىز رادىيو، خەۋەرلىشىش ئاپپاراتى، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئالاقىلىشىش سىستېمىسى ھەمدە يول باشلاش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلار بار.
ئاۋىئاماتكىنى سىقىپ چىقارغان سۇ مىقدارىغا ئاساسەن چوڭ-كىچىكلىك تۈرىگە ئايرىغاندا، 60 مىڭ توننىلىقتىن يۇقىرىلىرى چوڭ تىپلىق؛ 20 مىڭ توننىدىن 60 مىڭ توننىغىچە بولغانلىرى ئوتتۇرا تىپتلىق؛ 20 مىڭ توننىدىن تۆۋەن بولغانلىرى كىچىك تىپلىق ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، دېڭىزدا يۈرۈش ئىقتىدارى ياخشى، چۆكۈپ كېتىشكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، نىشان چوڭ، ئاسان ھۇجۇمغا ئۇچراش قاتارلىق ئاجىزلىقلىرىمۇ بار.
ئالاقىدار بايان
ئامېرىكىنىڭ «نېمىز» ئاۋىئاماتكىسىنىڭ سۇ سىقىپ چىقىرىش مىقدارى 90 نەچچە مىڭ توننا بولۇپ، لىق يۈك بېسىلغان 9000 «ئازاد» ماركىلىق يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئېغىرلىقىغا توغرا كېلىدۇ. پاراخوتقا يۇقىرى قۇۋۋەتلىك ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولغاچقا، سۈرئىتى خېلىلا تېز، سائەتلىك سۈرئىتى 30 ~35 ئۇزېل (سائەت / دېڭىز مىلى1 = ئۇزېل1) كە يېتىدۇ. 90 مىڭ توننىلىق ئاۋىياماتكىنىڭ 300 مىڭ ئات كۈچىگە ئىگە ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى بولۇپ، بۇ ئېغىر تىپتىكى 3300 ئاپتوموبىلغا كېتىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ كېلىدۇ.
مەنبە: ئىزدە قامۇسى |
|