- تىزىملاتقان
- 2016-11-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-11-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 326
- نادىر
- 0
- يازما
- 11
ئۆسۈش
13%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن ئۈچۈن ياشايدىغان ۋە مېنى ئۇنتۇپ قالغان "مەن" :
قانداق ئەھۋالىڭ، مەن يادىڭدا بارمۇ؟ مېنى سېغىنغانسەنمۇ ؟
ياق، ياق، سەن مېنى ئۇنتۇپ قالدىڭ. گەرچە مۇئەللىم يوقلىما قىلىپ ئىسمىمنى چاقىرغان چاغدا ماڭا ۋاكالىتەن << بار >> دەپ جاۋاب بېرىپ مېنى تەسكىن تاپقۇزغان بولساڭمۇ، ئانچە-مۇنچە تېلېفوندا مېنى سۈرەتكە تارتىۋېلىپ دوستلىرىڭغا ھەمبەھىر ئەتكەن بولساڭمۇ، ۋەياكى يالغاندىن مېنى خەقلەرگە ماختاپ ئۇچۇرۋەتكەن بولساڭمۇ، مەن شۇنى ھېسقىلدىمكى، سىنىڭ كۆڭلۈڭدە مەن بارا-بارا ئۇنتۇلۇپ كېتىپ بارىمەن.
ئەي سۆيۈملۈك، ئاق كۆڭۈل، خەققە قارا سانمايدىغان "مەن". يادىڭدا بارمۇ، ئەينى چاغدا سەن بىلەن شۇنداق خۇشال ئۆتكەن ئىدۇق. سەن سەھەر تۇرۇپ ئەينەككە قاراپ ئىللىق تەبەسسۇمىڭ بىلەن «ھەي كۆردىڭمۇ، يەنە گۈزەل بىركۈن باشلاندى، قەددىڭنى رۇسلاپ بۇ بىركۈننى كۈتىۋالغىن» دەپ ماڭا جاسارەت ئاتا قىلاتتىڭ. يەنە سالامەتلىكىمگە شۇنداق كۆڭۈل بۆلۈپ تەنتەربىيە مەيدانلىرىغا ئاپىرىپ چېنىقتۇراتتىڭ. ئاتا-ئانامغا ئامراقلىقىمنى بىلىپ ھەرئىككى ئۈچ كۈندە ئۆيۈمگە تېلېفون قىلىپ بېرەتتىڭ. سىڭلىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى سىنىڭ يادىڭدىن ئەسلا چىقىپ قالمايتتى، ھەر يىلى ئۇنىڭغا سوۋغا ئەۋەتىپ ئۇنى قەۋەتلا خۇش قىلىۋىتەتتىڭ. ئائىلەمنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى ساڭا بەش قولدەك ئايان بولغاچقا سەن ماڭاھەرۋاقىت تېجەشلىك بولۇشنى، تېرىشىپ ئوقۇپ قىيىنچىلىقنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا مەدەت ۋە تەلىم بېرەتتىڭ. بىرەسى چىشىمغا تەگسە كەڭ قورساق بول دەيتتىڭ. ھەم بىرسىنى بوزەك قىلمايتتىڭ، ھەم بىرسگە بوزەك ئەمەس ئىدىڭ. شۇ چاغدا ساڭا بەك ھېرىسمەن ئىدىمكى، سەن شۇنچىلىك تىرىشچان، ئاق كۆڭۈل، مەرد ئەركەك كۆرۈنەتتىڭ. نۇرغۇن قىزلار بۇ پەزىلىتىڭدىن ماڭا ئاشىق بولۇشقان ئىدى.
كېيىنچە سەن مېنى ئۇنتۇشقا باشلىدىڭ، سالامەتلىكىمگە كۆڭۈل بۆلۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، تېخى تاماكىغا ئۆگىنىۋالدىڭ. ئاتا-ئانامنى شۇنچە سېغىنىپ كەتسەم ئايدا بىرە قېتىممۇ تېلېفون قىلغىلى ئۇنىمىدىڭ. سىڭلىم سىنىڭ سوۋغاڭغا تەشنا ئىدى، ئەمما بۇيىل ئۇ سەندىن رەنجىدى.
كۆڭلۈم پەرىشان چاغدا، سىنىڭ مېنى تىنچ ئازادە جايلارغا ئاپىرىپ تەسەللىي بېرىشڭگە موھتاج ئىدىم، ئەمما سەن كۆڭلۈم خالىمىغان ۋاراڭ-چۇرۇڭ ktv دېسكۇ خانىلارغا ئاپىرىپ مېنى ئارام تاپقۇزمىدىڭ. بۇرۇن ماڭا خېلى گەپلەرنى قىلاتتىڭ، ھازىر ئەينەككە قاراپ ماڭا كۈلۈپمۇ قويمايسەن . بەزىدە سىنى تونۇيالمايلا قالىمەن. سەن سەۋەب ئۆگىنىشى نەتىجەم چۈشۈپ كەتتى ، پۇللۇرۇمنى خەجلەپ تۈگەتتىڭ.
قېنى ئەينى چاغدىكى ھالىتىڭ؟ قېنى ماڭا بەرگەن تەلىملىرىڭ؟
بۈگۈن كۆڭلۈم بەك يېرىم، ئىنتايىن يېرىم. بىراق، سەن نېمە ئۈچۈن دەپ سوراسەنمۇ؟ گەپلىرىمگگە قۇلاق سالارسەنمۇ؟
مەن ئاغرىپ قالدىم، پۈتۈن بەدەنىم بىئارام ، كۆڭلۈم تېخىمۇ شۇنداق. ئانامنى بەكلا سېغىندىم، ئۇ بولغان بولسا ماڭا مېھىرى بىلەن سۇيۇق-سۈيلەڭ تاماق قىلىپ مېنى ساقايتىۋىتەتتى، ئىللىق باغرىغا باساتتى. ساڭا ئېيتاي دېسەم، سەن ماڭا پەرۋاسىزيۈرۈيسەن.
"مەن "، گېپىمگە قۇلاق سېلىۋاتامسەن؟ مەن بەك يالغۇزچىلىق تارتىم، سىنى بەكلاسېغىندىم ، قايتىپ كەل، ئەسلى ھالىتىڭنى تېپىۋالغىن. مېنى بۇنداق "كېسەلچان" يالغۇز تاشلاپ قويمىغىن. ئاتا-ئانامغاسالام ئېيتقىلى قويغىن، مەن ئۇلارنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىمىسام بولمايدۇ .
بىز بۇرۇنقىدەك خۇشال، جەسۇرانە، بەختكە چۆمۈپ ئۈتەيلى، مېنى تاشلىۋەتمىگەن بۇلامدۇ؟!
ئاپتور: ئابدۇشۈكۈر
|
|