‹‹قەبرە ئىزدەش خاتىرىسى›› ناملىق بۇ تور ئەسىرى 2016-يىلى يىل بېشىدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى، كىتاب ئاپتورى ئادىلجان سادىر سەپرايى ئەپەندى ‹‹قەسىر››مېھمانخانىسىدا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈزكۆرۈشۈش ئىمزالىق كىتاب سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ بۇ ئەسەرنىڭ داغدۇغىسىنى يەنە بىر پەللە يۇقىرى كۆتۈردى. ‹‹قەبرە ئىزدەش خاتىرىسى››ئاۋۋال تورلاردا ئېلان قىلىنغان بولۇپ مىسرانىم مۇنبىرى ۋە سەپرايى مۇنبىرىدە تارقىتىلىپ كەڭ تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولغانىدى.
2016-يىلى ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىق ساھەسىدە ئاز بولمىغان كىتابلار نەشر قىلىندى، بەزىلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولۇپ كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغان بولسا، بەزى چاپ-چاپ بازارغا ئۈلگۈرتۈپ يېزىلغان كىتابلار سۇغا چۈشكەن تاشتەكلا جىمجىت يوقاپ كەتتى، مېنىڭچە بىر ئەسەر نەشر قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەنىكەن مەيلى ئۇ ئەسەر ياخشى يېزىلغان بولسۇن، مەيلى ناچار يېزىلغان بولسۇن، ئوقۇرمەنلەر كەڭ جەمئىيەت ئەھلىنىڭ لىللا باھا بېرىشىگە موھتاج، بۇ ئەسەر ئۈچۈنمۇ يازغۇچى ئۈچۈنمۇ، كېيىنكى يېزىلماقچى بولغان ئەسەرلەر ئۈچۈنمۇ پايدىلىق، ئاپتورلارمۇ ماختاشلار ئالدىدا خۇدىنى يوقاتماي تۇرالىغىنىدەك، تەنقىدلەرگىمۇ يۈزلىنەلەيدىغان روھنىڭ بولۇشى مۇھىم دەپ قارايمەن.
شۇڭلاشقا مەن گەرچە كىچىككەن بولسىمۇ ‹‹قەبرە ئىزدەش خاتىرىسى›› توغرىسىدا ئويلىغانلىرىمنى يۈزە بولسىمۇ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولۇپ تۇرۇپتىمەن .
ئەسەر مىسرانىم تورىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تورداشلارنىڭ قىزىقىپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولدى، ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكىنىڭ قىزىقارلىق، ئەگرى توقايلىققا تولغان بولۇشى، ئوقۇرمەنلەرگە ئۆزگىچە بىر تەسىر بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن ئەسەر ۋە ئەسەر ئاپتورى قىزغىن قوللاشلارغا ئېرىشتى.
ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن ئاساسلىق ۋەقەلىك بولسا قىزىقىشى، يېشى، مىجەزى، ..تامامەن بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان تۆت ھەمراھنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىغا كۆمۈلۈپ قالغان قەدىمى يادىكارلىقلارنى ئىزدەش جەريانىدىكى قىزىقارلىق، ۋەھىمىلىك، خېيىم-خەتەرگە تولغان ئىزدەش جەريانى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ ئەسەرقەتئىي ئوشۇقچە دىئالوگلاردىن خالى، ئەسەرنى ئوقۇغان كىشى خۇددى كىتاب ئوقۇۋاتقاندەك ئەمەس، قانداقتۇر بىر فىلىم كۆرىۋاتقاندەك تەسىراتقا كېلىدۇ .
ئەسەردىكى روشەن يارىتىلغان پېرسوناژلار خاراكتېرى-ئەسەردىكى باش پېرسوناژلار بولغان، ئەغزەمجان، بىلال سەردار بېگىم، ئەينىدىن غوجا، مەتسىلىمدىن ئىبارەت بۇ تۆت پېرسوناژنىڭ خاراكتېرى ناھايىتى روشەن ئىپادىلەپ بېرىلگەن، ئۇلارنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكى، گەپ-سۆز ئىشلىتىلىشى، مىجەز-ھەرىكەتلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان، ئۆزگىچە ئىپادىلەنگەن، ھەم بۇخىلدىكى پېرسوناژلار باشقا ئەسەرلەردە ئىپادىلەنمىگەن تىپ بولغاچقا، ئوقۇرمەنلەرگە ئۆزگىچە يېڭىلىق قىزىقارلىق تەسىرات بەرگەن، ئاپتورمۇ بۇ تۆت پېرسوناژ ئۈستىدە كۆپ تەھلىل يۈرگۈزگەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ، ئەسەردىكى پېرسوناژلارنىڭ ئۆزگىچە يارىتىلىشى بۇ ئەسەرنىڭ ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيىتى دەپ قاراشقا بولىدۇ .
‹‹قۇم باسقان شەھەر››دىن كېيىنكى يەنە بىر ئۆزگىچە ئەسەر-ھەممىمىزگە مەلۇم مەمتىمىن ھوشۇر ئاكا يازغان ‹‹قۇم باسقان شەھەر›› رومانى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا يېزىلغىنى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ.
‹‹قەبرە ئىزدەش خاتىرىسى››بولسا ھازىرقى دەۋر تەسۋىرلەنگەن، ‹‹قۇم باسقان شەھەر››گە ئوخشاش ئالاھىدە ئۇسلۇبتا يېزىلغان ئەسەر دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەسەرگە قارايدىغان بولساق ئاپتور خەنزۇ يازغۇچىلارنىڭ ۋەھىمىلىك ئەسەرلىرىنى كۆپ ئوقۇغانلىقى، ھەم بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورنىڭ تۇنجى ۋەھىمىلىك ئەسىرى ئەمەسلىكىنى بۇندىن بۇرۇنمۇ مۇشۇ خىلدىكى ئەسەريېزىپ باققانلىقى مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ.
ئاپتورنىڭ تارىخ، پىسخولوگىيە،ئاسترونومىيە،خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى،گېئولوگىيەلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردىن خىلى كۆپ مەلۇماتقا ئىگە ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ .
بۇ ئەسەر ئەلۋەتتە ئاپتورنىڭ كۆپ يىللىق ئىلىمى ئىزدىنىشلىرىنىڭ مەھسۇلى .
ئەسەردىكى قىزىقارلىق گەپ-سۆزلەر، ۋەھىمگە تولغان ئەپسانىلەر، خېيىم-خەتەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى ئاپتور قەلىمى ئارقىلىق باش پېرسوناژلار تىلى بىلەن بۇ ئەسەرگە سىڭدۈرىۋىتىلگەن.
ئەسەردىكى يورىتىپ بېرىلگەن يارقىن نۇقتا-
مەن بۇندىن بۇرۇن ئارخېئولوگىيەلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈش توغرىسىدا تۈزۈك ساۋاتقا ئىگە ئەمەس ئىدىم، بۇ ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن يەر ئاستىدىكى قاراڭغۇلۇققا كۆمۈلۈپ قالغان، تارىخنىڭ تىرىك شاھىتى بولغان، قەدىمى يادىكارلىقلىرىمىزنىڭ يورۇق دۇنياغا ئىلىپ چېقىلىش جەريانىدىكى ئارخېئولوگىيەلىك قىدىرىپ تەكشۈرگىچىلەرنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرى، بەرگەن قۇربانلىقلىرى، مېنى ئويلاندۇرماي قالمىدى، مۇزېيلاردا تىزىلغان ئاشۇ قىممەتلىك يادىكارلىقلىرىمىزنى بىز بىلەن ئۇچراشتۇرغان، ئارخېئولوگىيەلىك قىدىرىپ تەكشۈرگىچىلەرنىڭ بۇخىل روھى ھەرقانداق بىر كەسىپتىكىلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىدىن قىلىشمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم .ئاپتورمۇ ئەسەردە بۇ تەرەپنى يورىتىپ بېرىش ئۈچۈن كۆپ ئەجىر قىلغان .
ئەسەردە ساقلانغان نۇقسانلار
ئەلۋەتتە جاھاندا كەم-كۈتىسىز نەرسە يوق، ‹‹قەبرەئىزدەش خاتىرىسى››مۇ بەزى نوقسانلاردىن خالى بولالمىغان، بو توغرىسىدا ئۆزۈمنىڭ ھېس قىلغانلىرىمنى سۆزلەپ ئۆتەي .
يەرلىك شېۋە سۆزلىرى ھەددىدىن ئارتۇق ئىشلىتىۋىتىلگەن-
ئەسەردە ئاپتور ئەسەرنى قىزىقارلىق چىقىرىش ئۈچۈن يەرلىك شېۋە-سۆزلەرنى ھەددىدىن ئارتۇق ئىشلىتىپ ئەسەرنىڭ ئاممىبابلىقى، تەسىرچانلىقىغا نۇقسان يەتكۈزگەن، ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئەلۋەتتە پېرسوناژ تىلىنى ئىشلەتكەندە يەرلىك شېۋىلەرنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ لېكىن بۇ مۇۋاپىق بولغىنى ياخشى. ئامال بار، ئورتاق ئەدەبىي تىلدا ئەسەر يېزىش ئالاقىلانە تاللاش دەپ قارايمەن. ئەسەرگە قارايدىغان بولساق قەشقەرنىڭ يەرلىك شېۋىسىنى ناھايىتى كۆپ دىيالوگلاردا ئىشلەتكەن بەزى سۆزلەر كىشىگە خاتا يېزىلغان سۆزدەك تەسىر بېرىپ قويىدۇ، مەسىلەن:ئىككىنى شىككى، ئىشىكنى شىك، ئىتتىكنى شىتتىك.....بۇنداق سۆزلەر نۇرغۇن بەزى يەرلىك شىۋىلەردە ئېيتىلغان گەپلەرنى يېزىشقا توغرا كەلگەندە ئەينەن ئىپادىلىيەلمىگەندە ئورتاق ئەدەبىي تىلدىكى يېزىلىشى بويىچە يازغان تۈزۈك.
پېرسوناژلارنىڭ يەرلىك شىۋىدە سۆزلىشى سۈنئىي يارىتىلغان.
ئاپتور باش پېرسوناژ بولغان ئەغزەمجاننىڭ نەۋرە ئىنىسى بولغان ئەلىنى (گەرچە ئۇ خوتەندە تۇغۇلغان بولسىمۇ يەرلىك شىۋىدە سۆزلىمەيتتى )دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتىش بەرگەن .
ئويلاپ باقايلى، باش پېرسوناژلار بولغان، ئەغزەمجان، بىلال سەردار بېگىم، ئەينىدىن غوجىلار، قەشقەردىن يىراقتا بولغان، ياپونىيە، فىنلاندىيە، ئۈرۈمچى(ئەغزەمجاننىڭ نەدە ئوقۇغانلىقى مەلۇم ئەمەس، لېكىن چوقۇم قەشقەردە ئوقۇمىغان)لەردە ئىلىم تەھسىل قىلغان جەريانلاردا يەرلىك شىۋىدە سۆزلىشى يوقايدۇ، ھېچبولمىغاندا ئەسەردە تەسۋىرلەنگەندەك ئۇنچىۋالا قويۇق بولمايدۇ.رىئال تۇرمۇشقا قارايدىغان بولساقمۇ ئۇنداق قويۇق قەشقەر شېۋىسىدە سۆزلەشنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.
ئاپتورنىڭ يەرلىك شېۋىنى بەك كۆپ ئىشلىتىلىشى ئەسلىدىنلا تەھرىلەشكە ئەھمىيەت بەرمىگەن بۇ ئەسەرنى ئىملا خاتالىقى بەك كۆپتەك تەسىر بېرىپ قويىدۇ.
تەھرىرلەش ۋە نەشر قىلىنىشتىكى نۇقسانلار-بىر كىتاب يېزىش بىر جەريان بولسا ئۇ نەشر قىلىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش بۇ بىر مۇشەققەتلىك جەريان، كىتاب ئاپتورى ئادىلجان سادىر سەپرايىنىڭ بۇ كىتابنى نەشر قىلىش جەريانىدىكى ئەگرى-توقايلىقلىرىنى ئاڭلىدىم، دىيارىمىزدىكى نەشرىياتلارنىڭ نېمە ئۈچۈن نەشر قىلمىغانلىقى ماڭا قاراڭغۇ، بەزىبىر قىسىم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ ئەسەر جۇڭگو نەشر گۇرۇھى ھازىرقى زامان نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، بەلكىم نەشرىيات تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇ، ئەسەر تەھرىرلەشكە ئىتىبار بېرىلمىگەن، كىتاب ھەجىمى شۇ تۈردىكى كىتابلارغا قارىغاندا بەت سانى كۆپ بولۇپ كەتكەن، مۇقاۋىسىدىمۇ ئۇيغۇرچە پۇراق كەمچىل، بۇ تەرەپلەرئەسەرنىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەن.
ئەسەرنىڭ باھاسى جەھەتتە - ھەرقانداق بىر ئەقلى ئەمگەك بىلەن جاپالىق ئەجىرقىلىپ پۈتۈپ چىققان ئەسەر بىباھا قىممەتلىك ئەلۋەتتە، ‹‹قەبرە ئىزدش خاتىرىسى››مۇ نۇرغۇن يىللىق ئەجىر بىلەن پۈتۈپ چىققانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارغا قارىغاندا باھاسى قىممەت ھېسابلانمايتتى، لېكىن ھازىرقى بازار باھاسى،باشقا نەشر قىلىنغان كىتابلار،(خەنزۇچە كىتابلارنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ) خەلقمىزنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسىدىن تۇرۇپ ئويلاشقىنىمىزدا 300يۈەنلىك بۇ باھا ھەقىقەتەن قىممەت بولۇپ كەتكەن، كىتاب باھاسىنىڭ قىممەت بولۇشى، مىڭ پارچىلا نەشر قىلىنىشى، كىتاب قىزغىنلىقىغا قارىغاندا خەلقمىزگە تارقىلىشى تەتۈر تاناسىپ بولۇپ قالدى، ھەم بۇ ئەسەرنىڭ ئاساسلىق ئوقۇرمەنلىرى ھىسابلانغان، ياشلار ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن كىتاب باھاسى ئۆرە ھېسابلىنىدۇ، كىتاب باھاسىنى بەلكىم نەشىرىيات تەرەپ بىكىتىدىغاندۇ؟ لېكىن مەيلى قانداقلا بولمىسۇن،بۇندىن كېيىن نەشر قىلىنىدىغان كىتابلاردا، نەشرىيات ھەم ئاپتورلار كەڭ خەلقىمىزنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنى ئويلىشىپ باھا بىكىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. باھاسى بىر قەدەر مۇۋاپىق بولغان كىتابلارنى كۆپرەك ساندا نەشر قىلىپ خەلقىمىزنىڭ ئۇسسىغان يېرىگە بارسا دېگەن ئويدىمەن.
ئومۇمەن ‹‹قەبرە ئىزدەش خاتىرىسى›› ۋەقەلىكنىڭ قىزىقارلىق ئەگرى-توقاي بولۇشى، پىرسوناژخاراكتىرىنىڭ ئۆزگىچە يارىتىلىشى، ئەسەردىكى يېڭىچە مەزمۇنلار ئادەمنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك بەزى نۇقسانلار سەۋەبىدىن ئەسەرگە چۈشكەن قىسمەن ئىنكاسلارنىڭ ياخشى بولماسلىقى، ھەممىدىن مۇھىمى ئوقۇرمەنلەرگە تازا كەڭرى تارىيالمىغانلىقى ئۈچۈن ئەسلى يەتمەكچى بولغان نىشانغا يېتەلمەي قالدى، مەيلى كېرەك يوق، بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىق نەشر تارقالدى، ئاڭلىسام يەنە كېيىنكى قىسىملىرى جىددىي يېزىلىۋىتىپتۇ، ئەسەر خەنزۇچىگىمۇ تەرجىمە قىلىنىپتۇ.
ئادىلجان سادىر سەپرايى ئەپەندى بۇندىن كېيىن يۇقىرىدا ئېيتىلغان نۇقسانلارغا دىققەت قىلالىسىلا ئەسەرلىرى تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق چىقىدۇ دەپ قارايمەن، ئەگەر راستتىنلا شۇنداق بولۇپ قالسا ‹‹قەبرە ئىزدەش خاتىرىسى ››ناملىق بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى بىر يارقىن نامايەندە بولۇپ قالغۇسى.
|