قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 518|ئىنكاس: 17
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مەخەت ئابدۇرېھىم: ۋەتەن باغرىغا نۇر چاچقىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما

24

تېما

18

دوست

6261

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   25.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26291
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 53
تۆھپە : 1948
توردىكى ۋاقتى: 479
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-27

قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-11-17 00:14:46 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ئىلىم-پەن ئىشقىدا ئوغلۇم،قىلىپ پەرۋاز قانات قاققىن،
ھايات سەيناسى رەڭ گارەڭ،تەپەككۇر كۆز بىلەن باققىن.

ئۈگەن ياشلىق باھارىڭدا،يىراقلارنى تەسەۋۋۇر قىل،
ئىلىم-پەننىڭ يولى چەكسىز،بۈيۈك تۇلپار بولوپ چاپقىن.

ماقال بار؛‹كىم جاپا چەكسە،گۆھەرنى شۇ ئالار تاشتىن›،
بىلىم- ئوكيانىغا شۇڭغۇپ گۆھەرلەرنى ئۆزۈڭ تاپقىن.

ئەجىر قىلساڭ تۆكۈپ ساپ تەر،مىرادىڭغا يىتەلەيسەن،
قۇرۇق سۆلەتنى قوغلاشقان نادانلاردىن يىراق قاچقىن.

ئىجاد ئەمگەككە ھەي ئوغلۇم! يارالدى كەڭ- تاشا ئىمكان،
ئەقىل-ئىدراك بىلەن ھەرخىل چىگىش سىرلارنى كۆپ ئاچقىن.

ۋەتەننىڭ  ئەجرىنى ئاقلاپ كۇچۇڭنى تۆھپە  قىل ئەلگە،
قوياشتەك  ئايلىنىپ كۆكتە،ۋەتەن باغرىغا نۇر  چاچقىن.

ئۆزەمنىڭ ئىجادىيتى
bagdax

2

تېما

0

دوست

2747

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   24.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10162
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 217
تۆھپە : 715
توردىكى ۋاقتى: 173
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-24
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-11-18 01:46:48 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xamxad2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-11-18 01:49  

رەھمەت ، ياخشى يېزىلىپتۇ .  
تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بوپ قالدى ، ئەيپكە بۇيرىماڭلا


قېرىنداشلار يېقىندىن بېرى ماۋۇ بىرنىمە توربەتنى ئاچساملا چىقىۋىلىپ،يا ئۆچۈرگىلى بولمايدىكەن، بىر ياردەم قىلساڭلار.     丝路资讯

0

تېما

2

دوست

3369

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   45.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2184
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 1081
توردىكى ۋاقتى: 199
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-18
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-11-18 22:38:27 |ئايرىم كۆرۈش
بەركەت بەرسۇن قېرىداش

0

تېما

2

دوست

3369

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   45.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2184
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 1081
توردىكى ۋاقتى: 199
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-18
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-11-18 22:38:28 |ئايرىم كۆرۈش
بەركەت بەرسۇن قېرىداش
bagdax

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما

24

تېما

18

دوست

6261

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   25.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26291
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 53
تۆھپە : 1948
توردىكى ۋاقتى: 479
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-27

قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا

5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-11-19 19:13:40 |ئايرىم كۆرۈش
كاشغەر
گۇمنام

    مەززەئى لۇتفى ئىلاھىدۇر دىيارى كاشغەر،
  ئىشق ئېلىنىڭ قىبلىگاھىدۇر مازارى كاشغەر.

  ئىشق ئۈلپەت چەشمەسىدىن دەردۇ مېھنەت جۇش ئېتەر،
  تۇپراغى ھەسرەت بىلەن بىتكەي ھېسارى كاشغەر.

  دىلرەبالەر باغرىنى لەئلى بەدەخشان ئەيلەگەي،
  بىر نىگارى غەمزەسىدىن گۈلئۇزارى كاشغەر.

  ئابى رۇكنابات، گۈلگەشتى مۇسەللا سەھل ئېرۇر،
  خۇلدىدىن ئەفزۇن تۈمەنمىڭ لالەزارى كاشغەر.

  ئەيش ئېلىگە خارىدىن كەلگەي گۈلى ئىشرەت ئېسى،
  چۈن سۈلەيمان دۆلەتىدۇر خارى-زارى كاشغەر.

  ئود، ئەنبەر تۇپراغىدۇر، ئابى كەۋسەردۇر سۈيى،
  دۇررى-مارجان تاشلەرىدۇر كۇھسارى كاشغەر.

  ياپەرى، يا ھۆرى يا باغى ئېرەم ياد ئەيلەمەس،
  شەھرىنى ئۇنتار بولۇر ھەركىم دۇچارى كاشغەر.

  ھوشمەندۇ، دەردمەندۇ، مەردزەندۇلەب چۇقەند،
  نار خەندان، سىب رەنا ھەر نە بارى كاشغەر.

  كاشغەر شەھرىن بىلىڭ گۇمنامنىڭ يايلاغىدۇر،
  دىلكۇشا، ئىشرەت پەزا ھەر سەبزارى كاشغەر.
ئورتاقلىشىش淘江湖شىنلاڭ تورىQQ微博QQ空间开心人人豆瓣网易微博百度鲜果白社会飞信
ئىنكاسپاش قىلىش
anayurt905

   دوستقا قوشۇش ئەگىشىش
دەرىجە : تولوق ئەدەبىيات گۇرپىسى
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No.1326
جىنسى: قىز
يوللانغان يازمىسى: 503
نادىرلانغان تېمىسى: 53
ئالقىش: 27106 (چاۋاك)
تەۋپىق دوللىرى: 35092
تۆھپە :23741 [ئۆرلىتىش]
چاۋاك : 25010 (ئاۋاز)
توردىكى ۋاقتى: 3832 سائەت
دەرىجىسى:
3832 سائەت  218 سائەت
تور ھالىتى:  بۇ ئەزا ھازىر توردا يوق
تىزىملاتقىنى: 2011-01-17
ئاخــىرقىسى:2016-10-20
ئاپتورنىڭلا تېخىمۇ كۆپ يەكەنداز  يوللانغان ۋاقتى : 2011-11-15 16:30:46

يەشمىسى

قەشقەر تەڭرىنىڭ مەرھىمىتى تېرىلغان جايدۇر،
ئۇنىڭ مازارى ئاشىقلارنىڭ قىبلىگاھىدۇر.

ئىشق-ئۈلپەت بۇلىقىدىن دەرد-مېھنەت جۇش ئۇرۇپ تۇرىدۇ،
ئۇ تۇپرىقى، قورغانلىرى ھەسرەت بىلەن قۇرۇلغان شەھەردۇر.

قەشقەرنىڭ گۈل يۈزلۈكلىرى جىلۋىلىك بىر بېقىشى بىلەن،
ھەرقانداق گۈزەللەرنىڭ باغرىنى خۇددى بەدەخشان ياقۇتىدەك قىزىل قان قىلىدۇ.

ئۇنىڭ ئالدىدا رۇكنابات سۈيى ۋە مۇسەللا گۈلشىنى چاغلىقلا
بىر نەرسە، ئۇنىڭ لالىزارى جەننەتتىن تۈمەن مىڭ ھەسسە ئارتۇق.

كۆڭۈل ئاچاي دېگەن كىشىلەرگە بۇ جاينىڭ ھەتتا تىكەنلىرىدىنمۇ
گۈل پۇرىقى كېلىدۇ، ئۇنىڭ ۋەيرانلىرى سۇلايمان دۆلىتىگە تەڭدۇر.

ئۇنىڭ توپىسى ئىپار پۇرايدۇ، سۇلىرى بولسا ئابى كەۋسەر،
قەشقەر تاغلىرىنىڭ تاشلىرى ئۈنچە-مارجاندۇر.

كىمىكى قەشقەرگە كېلىپ قالسا، ئۇ ھۆر-پەرىلەرگىمۇ،
جەننەتكىمۇ ھەۋەس قىلمايدۇ،ئۆز يۇرتىنى بولسا ئۇنتۇپلا كېتىدۇ.

ئەقىللىق كىشىلەر بولسۇن، دەردمەنلەر بولسۇن، ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، لېۋى خۇددى قەنت-
شېكەرنىڭ ئۆزى، قەشقەر كىشىسىنىڭ يۈزى كۈلۈپ تۇرغان ئانار ياكى قىپقىزىل ئالما.

قەشقەر شەھرىنى گۇمنامنىڭ يايلىقى دەپ بىلىڭلار، قەشقەرنىڭ ياپيېشىل چىمەن باغلىرى
كىشىنىڭ دىل بەھرىنى ئاچىدۇ، كىشىگە ھۇزۇر بەخش ئېتىدۇ.
ئىنكاس

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما

24

تېما

18

دوست

6261

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   25.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26291
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 53
تۆھپە : 1948
توردىكى ۋاقتى: 479
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-27

قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا

6#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ماڭلىيڭغا سۆيىدۇ شامال،
سېنى دەپلا تاغلىرىڭ تۈندە،
ھەسرەتلەرنى قىلدۇ قامال.
قۇياش تەپتى تەرلەتسە ھايھاي،
گۈلگە ئۇخشاش ئاچىسەن جامال.
دەريالىرىڭ مۇڭلىنىپ ئېقىپ.
ئىھ، سىغىندى مېنى ئىھتمال.
يېشىل-يېشىل ساي -ئىدىرلىرىڭ،
مىڭ يۈرەكنى قىلغاندۇ لال.
بۇلبۇل ئۇنى يۆتمەس باغلىرىڭ،
قىز مەڭزىگە چىكلگەن خال.
بۇلاقلىرىڭ ئاھۇ كۆزىدەك،
پىنھاللاردا چاقنايدۇ ۋال-ۋال.
مۇمام ئەتكەن ئەتكەنچايلىرى،
سۆمەرگەندە تېتىيدۇ بال-بال.
بىر تارىخنى سۆزلەپ بېرىدۇ،
قارغايلىرى ماڭا ئەڭ ئاۋال،
بۇمبا پارچىسى تىلغان ئىڭەكنى،
مىھىر ى بىلەن سىلايدۇ چال.
ئايدىڭ كىچە، ئاي سۆيگەن كىچە،
شىۋىرلايدۇ نازۈك مەجنۇنتال،
قار ئاستىدا باھارنى كۆتۈپ،
مىڭ خىيالغا ھەمرادۇر شىمال.
ناخشا تارىخ، ناخشا مۆھەببەت،
ناخشا بىلەن قاچىدۇ زاۋال،
ھىدىلىرىڭنى سىغىنىپ سەھەر،
ناخشا ئېيتىم ساڭلا شىمال

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما

24

تېما

18

دوست

6261

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   25.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26291
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 53
تۆھپە : 1948
توردىكى ۋاقتى: 479
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-27

قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا

7#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
تۇيۇقلار  



بالام ، تەقدىر ساڭا مەندەك كۈيۈمچاننى ئاتا قىلدى ،  
شۇنى بىلگىن ، بېقىپ ئاسراپ ئىلىم-ئىرپان ئاتا قىلدى .  
نادان بەڭۋاش ئىدىڭ ئەمدە بىلىملىكسەن ، باھادىرسەن ،  
گېزى كەلسە ۋەتەن –ئەلگە ئەزىزى جاننى ئاتا قىلدى .  
***  
يارۇ-جانانىم ساڭا نامە ئىبەرتتىم تەگدىمۇ ؟  
بەر جاۋاب ئوتلۇق سۆزۈم قەلبىڭگە قاتتىق تەگدىمۇ ؟  
دىلبىرىم ئادىل چۈشەن سەۋدايى ئاشىق سۆزىنى ،  
ھەر سۆزۈمنىڭ بىر ساڭا خاس مەنىسى بار تەگدىمۇ ؟  
***  

تاڭشۇرۇلغان ئاتتا مەن دەپ يول نىشانسىز چاپمىغىن ،  
ئايرىماستىن دوست ۋە دۈشمەننى ناھەقتىن چاپمىغىن .  
بۇ جاھاننىڭ ھەق ھېسابى سورىقى بار بىر كۈنى ،  
قار اماينى بايقىماستىن ئاق يۈزۈڭگە چاپمىغىن .  
***  
چارچىتىپ قويماس ئۇزۇن چۆل ساي مېنى ،  
بەك ئېسىل بولغاچقا قاتناش سايمىنى .  
شۇڭا تاپتى تېلىفۇندا غۇلجىدىن ،  
قاراقاشتىن خوش دىگەنلەر ساي مېنى .  
***  
سەن بىلەمسەن يوللىرىڭغا ئىنتىزار كۆز تىككىنىم ،  
يىپ ئېشىپ ئىشىق مۇڭلىرىمىدىن شېئىرىي گۈل-سۆز تىككىنىم .  
ھېلىھەم بىلسەڭ ئىدىڭسەن چۆرگىلەپ مەجنۇن كەبى ،  
باش قۇيۇپ ئىشىك تۈۋىڭدە جان بىلەن يۈز تىككىنىم .  
***  
ۋەتەن دەپ سايرا بۇلبۇلدەك ، دىمە قۇزغۇن كەبى سەن قاق ،  
ۋەتەندىن ھەرگىز ئايرىلما ، قۇرۇپ بولساڭمۇ سەن بىر قاق .  
كۆزۈڭگە تۇتىيا بىلگىن ، ئۇنىڭ چىمدىم توپىسىنى ،  
قونۇپ قالسا كىيىمگە گەر ، دېمە سىلكىپ ئۇنى سەن قاق .  
***  
چىرمىۋالدى سېھىرلەپ بىر تالى مەجنۇن چاچ مېنى ،  
قارىماس ھچ قايرىلىپ ، چاچساممۇ زەرگۈل چاچ مېنى .  
تەقدىر ئەمدى تەنلىرىمنى دۇر-جاۋاھىر قىل مېنىڭ ،  
شۇ جاناننىڭ يوللىرىغا چاچقۇ ئەيلەپ چاچ مېنى .  
***  
سېغىنىپ كۈتتۈم يېنىپ كەل پات بالام ،  
بۇ ئانا يۇرتۇڭغا سەنمۇ پات بالام .  
بىل شۇنى ھايات يولى شۇنداق ئىكەن ،  
گاھى يۇمشاق گاھى قاتتىق-پات بالام .  
***  
بىرگە خوش دەپ شېئىر-قوشاققا قاتمىدىم ،  
بىرنى پوش دەپ تۆردە مۇزدەك قاتمىدىم .  
ياشىدىم ۋىجدان بىلەن مىڭ جان ئارا ،  
پاك دىلىمنى قارا دىلغا قاتمىدىم .  
***  
بولما جىمجىت چەتتە ياتقان دۆشە تاش ،  
شارقىراتما سۈيىدەك ئاق ، قاينا –تاش .  
پايدىسىز بىر پاخشە خىشتەك ئۆتكىچە ،  
يا جۇۋا ، كەمزۇلغا تىككىن سىپتا تاش !  
***  
گۈل تۇتۇپ كەلسەم قۇلاققا قىسمىدىڭ ،  
يە سالامىمغا جاۋاب-قول قىسمىدىڭ .  
كەتتىڭا ئىشقىڭدا قالدىم ئاھ ئۇرۇپ ،  
سەن تەسەللى سۆزگە شۇنچە قىسمىدىڭ .  
***  
سۇنغىنىڭدا گۈل نىگارىم ئالمىنى ،  
ئۆرتىدى ئوت رەڭگى چاقماق-ئال مېنى .  
ئوت قۇيۇپ كەتتى يۈرەككە شۇ سۆزۈڭ ،  
ھەر سېغىنغاندا ئېسىڭگە ئال مېنى .  
***  
كاككۇكمۇ سايرىدى كەلگەچ گۈزەل ياز ،  
سەندىن ھېچ خەۋەر يوق دېسەممۇ خەت ياز .  
سېغىنىپ ئىنتىزار كۈتىمەن سېنى ،  
كەلمەككە قېشىمغا ئۇچقۇر قانات ياز !  
***  
كىتەلمىدىم ئاي يۈزلۈكۈم قېشىڭدىن ،  
ئۈزەلمىگەچ كۆڭلۈمنى كۆز-قېشىڭدىن .  
كۆيۈك دىگەن يامان ئىكەن سېنى دەپ ،  
ئاشاي دەيمەن تاغدەك ئېگىز قېشىڭدىن .  
***  
ئەي نىگارىم ئىشكابىڭدىن ئال تونۇم ،  
بەك ياراشقاي كىيسەم كۈزدە ئال تونۇم .  
مېڭىۋالسام شۇنداق ساڭا ياندىشىپ ،  
نەدە قالسۇن دىلدا ئارمان ئالتۇنۇم .  
***  
دېمىگەن ئىشقىمدا كۆيدۈڭ ئاز ، مېنى .  
شۇ سەۋەب دېمە بۇ يولدىن ئاز مېنى .  
بىل جانان دەشتىلەرنى كەزدىم سېنى دەپ ،  
تاغ سۈيى ئاشقان كەبى كۆپ ئاز مېنى .  
***  
ئىشقى يوقنى پەن-بىلىمگە ئۈندىمە .  
يەر چېپىپ پىچەك ئۇرۇقنى ئۈن دېمە .  
جۈر بۇلۇپ بۇلبۇل ناۋاسى پەيزىگە ،  
تۇتى قۇش خورىغا ئەسلا ئۈندىمە !  
***  
كۈن پەسلەپ مەغرىبكە ، كىرگەندە ئەسىر ،  
كۆڭلۈمنى بىر رەنا ئەيلىدى ئەسىر .  
كۆرگىنىم كۆيگىنىم شۇ گۈزەل پەقەت ،  
ئۆتسىمۇ بۇ ئۆمرۈم ساق يېرىم ئەسىر .  
***  
بىر نادان سورىدى قىستىدى كۈلكەم ،  
ئاشىقلار كۆيەرمىش نە ئۈچۈن كۈل كەم ؟  
شۇدەم نەق جاۋابمۇ ئىسراپتۇر ئاڭا ،  
ئىسراپتۇر ھەجۋى ھەم كۈلسەڭمۇ كۈل-كەم !  
***  
چاچ- ساقالىمغا قاراپلا چال دېمە ،  
ھەي نادان دەرياغا تالقان چال دېمە .  
جان مۇقام پەخرىم ، غۇرۇرۇم ، لەززىتىم ،  
بەدقىلىق ئۇسۇلغا داپنى چال دېمە .  
***  
بارنى كۆردۈم كېچە كۆرگەن چۈشتىمۇ ،  
ئوڭۇمدا ھەم كۆردۈم سەھەر ، چۈشتىمۇ .  
يۈرەك ئويار كۆرگەنسېرى ئۆزگىچە ،  
گويا كۆكتىن بىر پەرىزات چۈشتىمۇ .  
***  
بولمىغۇر ئىش سەت قىلىقتىن يان بالام ،  
ئادەمى شەيتانغا بولما يان بالام .  
پەن-بىلىم ئوكيانىدا بولغىن كاراپ ،  
ئەل ۋەتەن ئىشقىدا ئوتتەك يان بالام .  
***  
مەيلى بارغىن رىم ، ئىستانبۇل ، دېھلى شام ،  
ياقمىساڭ كۆرسەن بىلىمدىن دىلغا شام .  
ئال بىلىم چىڭ تۇتمىساڭ ۋاقتىڭ كېتەر ،  
بۇ ئۆمۈر چۈش بولدىمۇ چىللايدۇ شام .  
***  
مەيلى بار توكتو ، بۇخارا ھەم قازان ،  
ئاقلىغىن ئەلنىڭ ئۈمىدىنى شان قازان .  
يەپ ئىچىپ يۈز يىل بېكىنسەڭ ھۇجرىغا ،  
پەن-بىلىم بەرمەيدۇ ئاش بەرگەن قازان .  
***  
قارىغا كەتتىم دېدىڭغۇ ئاق تۇرۇپ ،  
سەن يېڭەرسەنمۇ شۇ سۆزنى ئاقتۇرۇپ .  
نە ئامال كۆكتات بۇزۇلسا ئىچىدىن ،  
مەيلى ئۇ بولسۇن قىزىل يا ئاق تۇرۇپ .  
***  
يېتىپتۇ بىر دېۋە يولۇڭدا توغرا ،  
بىرى دەر :ئۇ خەتەر قېلىچ ئۇر –توغرا ،  
بىرى دەر : بۇيولدا ئەقلىڭنى سىنا ،  
قاچامسەن ، چاپامسەن قايسىسى توغرا ؟!  
***  
باچكىچاق ئوغلۇڭمۇ بولدى ئۇچۇرما ،  
ئۇ بىر ئوت پۈۋلىمە ، ماختاپ ئۇچۇرما .  
ئۇزاقچە يىتەكلە قىڭغىر ماڭسا گەر ،  
قورقۇتۇپ ، تەستەكلەپ ئېڭەك ئۇچۇرما !  
***  
يار ۋىسالىڭغا ئۈمىدتىن گۈل چېكىپ ،  
سېغىنىپ كەلگەن ئىدىممەن ئىشىك چېكىپ .  
كىم بۇ دەپ ئەپسۇسكى ھېچبىر چىقمىدىڭ ،  
ھەسرەتتە كەتتىم پەرىشان دەرت چېكىپ .  
***  
بىر كۆرۈش بىرلە كۆڭۈلگە ياقتىڭىز ،  
يۈرۈكۈمگە بىر تونۇر ئوت ياقتىڭىز .  
شۇنى سورىماي كەتتىڭىز ئەپسۇس گۈلۈم ،  
نە ئۈچۈن ھۆل تەننى مۇزغا ياقتىڭىز ؟..  
***  
دەرىزەم ھېچ قىلمايدۇ –" تىرىك " ،  
كەلمىدىڭغۇ ، بارمۇ سەن تىرىك .  
ئىزدىمەككە يول ئالدىم سېنى ،  
مەيلى ،ماڭا ئاچچىقلان-تىرىك !  
***  
كىشىنى بىھۇدە ئۇچۇرما كۆككە ،  
چۈشەر ئۇ بەلكىم تاش ئوتلاققا –كۆككە .  
ۋە لېكىن ئەملەشتە بولامسەن ھازىر ،  
ئاراملىق بەخش ئېتىپ زېدىگە-كۆككە ؟1  
***  
ئەي شائىر كەلتۈرمە چاي ، پولۇ-بەتتە ،  
كەلتۈرگىن ھەق سۆزۈڭ خۇشچىراي –بەتتە .  
كەلتۈرگىن خاسلىقتىن تۇغۇلغان ئەشئار ،  
نە ئارمان شۇ ئەسەر چاقنىسا بەتتە .  
***  
كۆرگىنىمدە بىر ئېسىل تاش ئويمىنى ،  
چىرمىدى مىڭ يىلچە تارىخ ئوي مېنى .  
ئويمىكار مەن دېدى غايىب بىر ئاۋاز ،  
تاش ئەمەس مىليون يۈرەككە ئوي مېنى .  
***  
ئۇزۇن يول كۆڭلۈمنى قىلمىدى ساي رام ،  
قۇشلار ھەم ۋىچىرلاپ قۇرمىدى سايرام .  
ئاچقاندا باغرىنى چىقتى ھاردۇقۇم ،  
يايرىتىپ دىلىمنى شۇ گۈزەل سايرام .  
***  
زەھەرلىك يىلاننىڭ بېشىنى كەسكىن ،  
ھەر ئىشنى يەتتە رەت ئويلىنىپ كەسكىن .  
ۋە لېكىن ئوت كەتسە جان ئالۇ ر ئويلاش ،  
ئۆچۈرۈش قېڭىگە كىرمىسەڭ كەسكىن .  
***  
ئىنسانغا ئۆلگەندە تۆت گەز خام كېتەر ،  
ئەپسۇس ئۇ دۇنيانى بىلمەي خام كېتەر .  
يېشىلمەي دۇنيانىڭ سىرلىرىمۇ ھەم ،  
بەزىسى تەسكەيدە پىشماي خام كېتەر .  
***  
ئىرادە بىلىمگە چەگدىم چىڭ ياغلىق ،  
ياسىدىم گۈل قاشا بىر ئېسىل باغلىق .  
مېۋىگە كېرىكى كۆكلەپ چېچەكلەپ ،  
توختىماي تەر تۆكۈش پەرۋىشكە باغلىق .  

« قاراقاش » ناملىق كىتابتىن .
8#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )