(مۇھەممەتجان راشىدىن غەزىلىگە تەخمىس)
نىياز ئىمىن قۇربانى
ئاش تۈز بىرىپ ھەممىنى باقار ئىكەن بۇ دۇنيا ،
ياخشىلارنىڭ كۈڭلىگە سىغار ئىكەن بۇ دۇنيا،
ناكەسلەرنىڭ گېلىدىن بۇغار ئىكەن بۇ دۇنيا ،
تالاشماڭلار تالايدىن قالار ئىكەن بۇ دۇنيا ،
بىلىپ بولماس نەگىدۇر بارار ئىكەن بۇ دۇنيا .
مىھنەت قىلىپ تەڭ يىگەن تۇلار كۈچكە ، دەرمانغا ،
ھۇرۇن قاشاڭ ، تەمەخور زار بۇلاركەن بىر نانغا ،
«خىزىرمەن» دەپ كۆرەڭلەپ مەيدىسىگە ئۇرغانغا ،
مەيلى گاداي ، مەيلى شاھ ، بىر قىيامەت بىر جانغا ،
بىر ئىنساندىن بىر جەسەت ئالار ئىكەن بۇ دۇنيا .
ئىلتىجا قىپ تەڭرىگە « ئۆمۈر كۆرسەم ئۇزاق» دەپ ،
«پۇت – قۇلۇمنى بوغمىسا رەقىپ قۇرغان تۇزاق» دەپ ،
«ئالمىسا ئەل سېڭندىن ئارتۇق سۇئال-سۇراق » دەپ ،
يىغلىغانلار پەسلەيدۇ «رىسقى ئۇنىڭ شۇنداق» دەپ ،
مۇسۇبەتكە ھەركىمنى سالار ئىكەن بۇ دۇنيا .
كۆرمىگەنلەر كۆرەركەن ھايات بولسا كۆپلەرنى ،
يۇلار ئىكەن بەزىسى باغ ئېتىزدىن چۆپلەرنى ،
ئۆتكۈنچىلەر ئىچسۇن دەپ توشقۇزاركەن كۈپلەرنى ،
بىر ھوجرىغا جەم بولۇپ ئۈلگۈرمىگەن جۈپلەرنى ،
ياش دىمەستىن ئەلەمدە قويار ئىكەن بۇ دۇنيا .
مۇڭ بەرمىسە چالغان ساز، دەيمىز ئۇنى« ساز ئەمەس» ،
كۆرسە ئۆردەك ،ساراڭدىن باشقا ئادەم «غاز» دىمەس ،
ھەسەتخۇرنىڭ كۆڭلى قىش-جۇدۇن بولۇر ،ياز ئەمەس ،
ئۆلمەي تۇرۇپ ئايرىلغان تىرىكلەرمۇ ئاز ئەمەس ،
كۆز ياش بىلەن يۈزۈڭنى يۇيار ئىكەن بۇ دۇنيا .
ياشاپ ئۆتتى دۇنيادىن قانچە رۇستەم-ھاتەملەر ،
ئىسكەندەرگە تۇتسىمۇ ئەل جامائەت ماتەملەر ،
يۇمۇلغان كۆز لەپپىدە ئېچىلمىغان بىردەملەر ،
ۋاپاسىز دەپ كايىيدۇ شۇڭا ئۇنى ئادەملەر .
ئاغرىغاننى قامچىلاپ ئۇرار ئىكەن بۇ دۇنيا .
جاراھەتىنىڭ يېڭى چاقسا ئۇنى كىم سىقماس ،
كەلسە دۈشمەن باستۇرۇپ نەيزە بولسا كىم تىقماس ،
كۆرۈپ بۈگۈن ،ئەتىنى بولۇۋالساق بىز ئۇقماس ،
يۇلتۇز كۆزلۈك ئاسمانغا تۈندە باقسا ئۈن چىقماس ،
پايانى يوق تىلسىمدەك تۈرار ئىكەن بۇ دۇنيا .
لەيلى ئۈچۈن مەجنۇنى دەشتى – چۆللەر بويلاتقان ،
ئۇغۇل رازى ، قىز رازى رىشىتى باغلاپ تويلاتقان .
ئىچى تارلىق ئادەمنى بىر – بىرىگە خۇيلاتقان ،
تۇخۇلارغا تاڭ قالدىم تىرىكلىكنى ئويغاتقان ،
تەئەججۇپكە ھەر كىمنى قۇيار ئىكەن بۇ دۇنيا .
كىتەر ئىكەن بەزىلەر بۇ دۇنيادىن جاق تويۈپ ،
«چارى تاپسام ئۆلمەسكە» دەپ زارلىنىپ ئاھ ئۇرۇپ ،
ئاقماس ئىكەن تىزلانسا ئەزرائىلغا يالۋۇرۇپ ،
ئەجداتلاردىن قەۋرىلەر قاپتۇ سانسىز چوقچىيىپ ،
خىيال قىلساڭ بەئەينى مازار ئىكەن بۇ دۇنيا .
يامان ئىشلار تۇسۇلسا قىلسا ئۇنى ئۇيات، دەپ ،
چېچىپ كەتتۇق شۇ ئىشقا مانا بىزدە قانات، دەپ ،
دانا بىلدى چاچقا ئاق كىرسە كەلدى مامات، دەپ ،
تىرىكلەرگە كۆز سالساڭ مىدىرلايدۇ ھايات، دەپ ،
بىر قسىمەتكە ئاجايىپ بازار ئىكەن بۇ دۇنيا .
ئىزدەپ يۈرۈپ ياشاشقا ھەر نەپەستە مىڭ ئامال ،
نەپسىڭ ئۈچۈن بىراۋغا ئازار بەرسەڭ قىپ ئۇۋال ،
قاچالمايسەن يىراققا كەلسە بىر كۈن كەچ زاۋال ،
ئۈچۈرگەندەك ئۆيۈڭنىڭ چىرىقىنى بىر شامال ،
ئۆزى يەنى گۆرۈڭنى قازار ئىكەن بۇ دۇنيا .
مىساللار كۆپ ئۆتكەندۇر ھازىر بىلەن ئۆتمۈشتە ،
ياخشىلقىقا ياخشلىق دىيلىگەن ھەر پۈتمىشتە ،
يىگىت بولغىن ياكى چال بۇلسۇن يېشىڭ يەتمىشتە ،
مۈكچىيەركەن بەللىرىڭ سەن كۈتمىگەن كەچمىشتە .
ھەر ماڭلايغا بىر قىسمەت يازار ئىكەن بۇ دۇنيا .
گەر ئالدىڭغا يېقىلسا بىرسى، يۆلەپ قويماستىن ،
ياشىغانتىڭ بىر كۈنمۇ قىسر قالماي ئويناشتىن ،
پەرۋايى يوق دۇنيانىڭ كۈلكەڭ بىلەن كۆز ياشتىن ،
قايرىلسەن كەينىڭگە ياشلىقىڭغا تويماستىن ،
ئۆشىنسىدە سەن ئۇنىڭ، ماڭار ئىكەن بۇ دۇنيا .
قاراپ باقساڭ دۇنياغا نادان بىلمەي سۆزلەيدۇ ،
ئاقىللار ھەر ئەگرەڭنى تۇيدۇرماستىن تۈزلەيدۇ .
تۆكسەڭ ئابرۇي يۈزڭنى ئەل نەپرىتى يۈزلەيدۇ ،
بۇ بەش كۈنلۈك ئالەمدىن ھەر كىم ھەرنە كۆزلەيدۇ .
بېخىللارنىڭ كۆزىدە تاۋار ئىكەن بۇ دۇنيا .
نەپرىتىڭگە ئېچىلدى مۆرۋەتلىك يېڭى بەت ،
سىڭەر يىگەن نانلىرىڭ قۇنار تەنگە ياخشى ئەت ،
يامان ئىشىتن خالى بول كۆرۈنمىگىن ئەلگە سەت
كىلىپ كىتەر مىھمان سەن ياخشى كىلىپ ياخشى كەت ،
سېخى ئۈچۈن بىر باغلام چاۋار ئىكەن بۇ دۇنيا .
كەپتەر يۈرەر ئۆگزىدە جان دوستىغا بوغ تارتىپ ،
يەر زىمىننى مۇزلاتتى جۇدۇن كىلىپ سوغ تارتىپ ،
ئاچنىڭ كۆڭلى قانمايدۇ تومۇزدىمۇ دوغ تارتىپ،
رەقىبلىشۇر ئىككى جان ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ،
توۋا دەڭلار ئۇلارغا تۇمار ئىكەن بو دۇنيا .
بايلىق بىلەن گادايلىق قويغانمىكىن پۈتۈشۈپ،
تۇرار تىنىم تاپماستىن قولدىن-قولغا ئۆتۈشۈپ،
كەلمەيدىكەن ئامىتىڭ تۇرساڭ قاراپ،كۈتۈشۈپ،
گويا ئاتقان ئوشۇقتەك ،سىيا چۈشۈپ،چۇ چۈشۈپ،
ئويلاپ كۆرسەڭ بىر تاۋكا قىمار ئىكەن بو دۇنيا .
چىن كۈلكە يوق قەلبىدە خەق كۈلگەندە كۈلگەننىڭ ،
رازىلىق يوق قازاغا ئۈمۇتسىزلا ئۆلگەننىڭ ،
ھالىغا ۋاي دۇنيادا رىسقىنى كەڭ بىلگەننىڭ ،
رىسقى ئەمما تەڭ ئەمەس بۇ پانىغا كەلگەننىڭ ،
بىردە يوقسۇل بىردە تەل قىلار ئىكەن بۇ دۇنيا .
كۆرگىن تۇخاڭ ئاچ قالسا ئەخلەتلەرنى تىلغايدۇ ،
توق قۇرساققا دان بەرسەڭ دانلىرىڭنى ئىلغايدۇ ،
ئويلاپ كۆرسەم دۇنيانى دىلنى ھەسرەت چۇلغايدۇ ،
ئاپەتلىرى ئاز ئەمەس يۇلۇققانلار يىغلايدۇ ،
كەلكۈن كەبى شاقراپ ئاقار ئىكەن بۇ دۇنيا .
ئەمدى ئارتۇق ئۆكۈنمە قىلغان ئىشىڭ چالاڭدىن ،
مۆرەشتە بار ۋەلىكىن قوش تارتالماس كالاڭدىن ،
قالغان ئىدى ساڭىمۇ دۇنيا ئاشۇ ئاتاڭدىن ،
غەم قىلمىغىن ئۆلگەنلەر يېتىم قالغان بالاڭدىن .
ئۆزى بېقىپ قاتارغا قاتار ئىكەن بۇ دۇنيا .
ئىپتىخارلان ئىجادىكار ئىجادىدىن بىر كۈلسە ،
مەمنۇن بولغىن ئەجىردىن پەخرىلىنىپ سۆيۈنسە ،
ئەپسۇسلانغىن ئۆكۈنگىن دانالارغا كۆز تەگىسە ،
ئەجەپلەنمە بېشىڭغا ئىسىىق كەلسە، سوغ كەلسە ،
تارازىسى ئىگىز- پەس بولار ئىكەن بۇ دۇنيا .
كەچمىشلىرىم ئورناتقاچ بۇ يۈرەككە بىر گىنە ،
كىتەر ئاغرىپ گاھىدە مۇجۇپ – مۇجۇپ بۇ سىنە ،
راسىقا تۆھمەت يالغانغا قىلىۋەرگەچ دەبدەبە ،
ئەيىپ كۆرمەڭ كۆتۈردۈم شۇ سەۋەپتىن بىرقەدەھ .
شۇ قەدەھكە شۇ مەيگە خۇمار ئىكەن بۇ دۇنيا .
مەنبە؛ ساقلىۋالغانلىرىم
|