بىر نان تاپساق داپ قىلىپ چالاركەنمىز ۋاي... ئىسىت! دوقمۇشلاردا لاپنى جىق ئاتاركەنمىز ۋاي... ئىسىت،! ئىسراپ قىلىپ پۇل تاپساق چاچاركەنمىز ۋاي... ئىسىت! رېستۇرانغا ھەر كۈنى چاپاركەنمىز ۋاي... ئىسىت! ھەددىمىزدىن شۇ قەدەر ئاشاركەنمىز ۋاي... ئىسىت!
ئاشقان تاماق كەلتۈردى نامراتلارنى يادىمغا، يوغانچىلىق ياراشماس ھەرگىز مىنىڭ ھالىمغا، كەتتىم ئەجەپ تاراقشىپ تۆت پۇل كىرسە كارىمغا، ھەشەمەتنى قوغلاشتىم شۈكرى قىلماي بارىمغا، ئاشنى ئەخلەت تۇڭىغا تاشلاركەنمىز ۋاي... ئىسىت!
جاھاندا بار كۇرمىڭلاپ، نان تاپالماي يۈرگەنلەر، بۇردا نانغا ئىرىشسە قەھ-قەھ سېلىپ كۈلگەنلەر، ھەتتا تەنگە ئۇزۇقلۇق يىتىشمەستىن ئۆلگەنلەر، (شۇ قىسمەتنى،كۈلپەتنى بارمۇ بىزدە كۆرگەنلەر) ئىسراپخورلۇق ئىللەتكە دۇچاركەنمىز ۋاي... ئىسىت!
پۇل خەشلەشتە بەسلىشىپ، دەيمىز:«سەندىن قالامتىم›، ‹سەن پىكاپتا يول ماڭساڭ،مەن پىيادە ماڭامتىم›، ‹رېستۇراندا توي قىلساڭ،مەن ئۆيۈمدە قىلامتىم›، ‹سەن كىم ئۆزۈڭ،مەن كىم ھەي..ئەل ئالدىدا چانامتىم›- دەپ ئورۇنسىز يېڭى ئىش،تاپاركەنمىز ۋاي..ئىسىت!
سورۇنلاردا پاتمانلاپ مەي-تائامنى بۇيرۇتتۇق، داغۋازلىقتا بەزىمىز ئۆزىمىزنى تۇنۇتتۇق، تۆت پۇل تاپساق ماختىنىپ مەيدىمىزگە ئۇرۇپتۇق، ئۆتمۈش كۆرگەن كۈنلەرنى بىردەمدىلا ئۇنۇتتۇق، قىسمەنلەر بار ئاشۇنداق، ناچاركەنمىز ۋاي..ئىسىت!
ئارىمىزدىن مەردانلار سۆكسە شۇنداق ئىللەتنى، ئارتىپ قويدۇق ئۇنىڭغا ئالتە پاتمان تۆھمەتنى، تۈشمۇ-تۈشتىن تىللايمىز‹كەمسىتتىڭ› دەپ مىللەتنى، ئەينەك لازىم ئىنسانغا تۈزەي دىسە ئىسكەتنى، بەزى چاغدا يەڭگىلتەك قوپالكەنمىز ۋاي..ئىسىت!
مەخپى تۇتساق كېسەلنى ھەقكى ئۆلۈم ئاشكارا، بەك چىچاڭشىپ كەتمەك يوق،تەنقىت دىگەن بىر دورا، كولىمايلى يارەنلەر سۆزلىگەنگە ھاڭ-ئورا، ‹ئۆز-ئۈزىنى تەنقىتلەش› دىگىنىمىز بەك توغرا، تۈزەتمەك يوق ئەيىبنى ياپاركەنمىز ۋاي...ئىسىت!
****
ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي
|