ئانام نېمە دادام نېمە بۇ ماڭا ئانچە مۇھىم ئەمەس ئىدى، چۈنكى ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇشۇمنى رىتىمىغا سېلىۋالغان ئىدىم. ئاڭلىسام ئانام «مېھىر» دىن سېلىنغان سېپىلدىن مۇستەھكەم ئۆيلىرىمگە پاتماي، قىشتىن سېلىنغان ساناتورىيەنىڭ كارۋاتلىرىدا يولۇمغا قاراپتىدەكمىش، دادامنى گۆرىدە ياتسۇن دەپ گۆر كولاتسام ئانامنى ئىزدەپ ساناتورىيەگە بېرىۋاپتىدەكمىش. بۇ ماڭا ھەم ئارام بولدى .ئۇلارنى ساناتورىيەگە بېرىۋېتىشنى قارا قىلىپ، بىر ئايلىق پۇلىنى تۆلەپ قويۇپلا ئىككىنچى دەسسىمىدىم. راستىمنى دېسەم ھەر دەردمەن، يالغۇزلۇقى دۇنياغا ئاشكارا ئانىلىرىم ،دادىلىرىم بىلەن لىق تولغان بۇ جاي باشقىچە جىمجىت، سۈرلۈك كۆرۈنەتتى. بىر كىرگەن ئادەمنىڭ ئىككىنچى كىرگۈسى كەلمەيتتى. ھەر ئارام ئېلىش كۈنىدە زېرىكمەي خەقنىڭ ئانا دادىلىرىنى يوقلاۋاتقان ئەخمەقلەرگە ئىچىم ئاغرىيتى.
ئاتا-ئانام يوق تۇرمۇشۇم ئازادە بولۇپ قالدى .بالىلىرىم ئانچە مۇنچە « بوۋام قېنى؟ مومام قېنى ؟» دەپ سوراپ قوياتتى .ئۇلارغا « ئۇلار تۈگەپ كەتتى » دەپلا قۇتۇلاتتىم . كۈنلەر داۋام ئەتتى ،ۋىجدان مېنى سوراققا ئالمىدى ،غۇرۇرنىڭ قۇلىدەك ئۆتكىنىم ماڭا تۇيۇلمىدى. تۇيدۇرماي كېلىۋاتقان سوراق ۋە كەلمىشلەر مېنى ئويغىتالمىدى . يۈركۈم تاش بولسا ئىدى ھەر ئامال بىلەن يېرىلاتتى .لېكىن يۈركۈم تاش ئەمەس. بىر كۈنى ئانامنىڭ تۈگىگەن خەۋىرى كەلدى. بېرىپ ئاخىرەتلىكىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خوش ياقمىدى. ئۆزۈمنىڭ ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇۋەردىم .نەچچە يىلدىن كىيىن داداممۇ تۈگدى .ئوخشاشلا كارىم بولمىدى .
كۈنلەر ئۆتۈپ ئانامنى كۆرگىلى كەلمىگەن بۇ پاكىز خىلۋەت جايغا ئۆزۈم تۇرالغۇ ئىزدەپ كېلىشكە مەجبۇر بولدۇم. يالغۇزلۇق بار ئىدى، لېكىن پۇشايمان يوق ، ياشلىرىم بار ئىدى ،ئانام ئۈچۈن ئەمەس ئۆزۈم ئۈچۈن ئىدى.ئانىسىزلىق ،دادىسىزلىق ماڭا ھېچ گەپ ئەمەس ،لېكىن بالىسىزلىق مېنى تۈگەشتۈرۋەتتى. شۇنداق بىر دەققىدە دۇنيادىن خوشلىشىشقا مەجبۇر بولدۇم .كۆز ئالدىمدىن ھاياتىمنىڭ ئۈنچىللىرى بىر -بىرلەپ ئۆتۈۋاتاتتى .تۇيۇقسىز مەندە مېھىر ۋە مۇھەببەتتىن بىر تامچە پەيدا بولدى . مېھىر -مۇھەببەتتىن سېلىنغان دەپ ئاتىۋالغان ئۆيلىرىمنىڭ بىر بۇلۇڭىغا بولسىمۇ پاتمىغان ئانام ، تىلەمچىنىڭ قاچىسىغا بېرىلگەن بىر كىشىلىك تاماققىمۇ داخىل بولالمىغان دادام ، غۇرۇر -ۋىجدانىمنى يەر قىلغان ئۆزۈم كۆز ئالدىمدىن قايتا -قايتا كەچتى.
ئانا دېسە دۇنيا دەيدىكەن ھەر كىشى ، مەندەكلەرگە ئۈلگە نەسىھەت يوق ئىكەن . دادا دېسە تۈۋرۈك دەيدىكەن ھەر چىشى، مەندەكلەرگە تەنە - دىغمار يوق ئىكەن .
ئانىسى تۇرۇپ ئانىسزلىقنى كۆرگەن تىرىك يېتىم دەيدىكەن ،بالىسى تۇرۇپ بالىسىزلىق كۆرگەننى ئەمدە نېمە دەر ؟ ئانام ئانام دەيدىكەن ياكى ھۇزۇرىدا بىرەر ئاشقا داخىل قىلالماي ، پۇلنى يەم قىلىپ ئاتتى باققاندەك باقىدىكەن . كۆڭۈلنىڭ ئازارىنى قىلار ئىكەن .ھەر جاي ، كۈندۈزى كەچلىرى مېھىر تىلەپ ، ئىنساب تىلەپ ياناركەن بالىسىز ئانىلىرىم دادىلىرىم . مېھىر دەيدىكەن كىشى،دەپ تۇرۇپ ئۆزى يەيدىكەن . شۇ دەقىقىدە باشقىلارنىڭ بالىلىرى ماڭا قاراپ ئىچ ئاغرىتقان شۇ دەقىقىلەردە ئۆزۈمنىڭ يالغۇزلۇقى ئەۋجىگە چىقتى . ئۆز بالام « ئانا » دەپ چاقىرالمىغان سائەتلەردە ،باشقىلارنىڭ بالىلىرى « ئانا» دەپ چاقىردى .خۇشال بولدۇم .مەمنۇن بولدۇم ،لېكىن پۇشايمانمۇ قىلدىم ،ئەپسۇس، يەنىلا ھاياتىمنىڭ ئاخىردا ئۆز باغرىمنى بىر كۆرۈۋېلىشقا مۇيەسسەر بولالمىدىم .ئاستا كۆز يۇمدۇم ،دادام قانداق كەتكەن بولسا ،ئانام قانداق ئېچىنغان بولسا مەن ھەم شۇ ئۇداردا جان ئۈزدۈم .بالام تۇرۇپ بالىسىز ،دادامغا ھازىرلىغان گۆردە ئۆزۈم ۋەيران بولدۇم .ھەشەمەتلىك ئۆيلىرىمنى تاشلاپ ،ساناتورىيەنىڭ قاتتىق كارۋاتلىرىدا بىر تامچە مېھىرگە ئېرىشىپ ،ئۆلگەندە بولسىمۇ ئويغاق كۆز يۇمدۇم.
2015.3.11 شىئەن |