- تىزىملاتقان
- 2013-9-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-11-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7183
- نادىر
- 1
- يازما
- 674
ئۆسۈش
43.66%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-11-18 14:01
داڭلىق درامماتورگ، شائىر مەرھۇم مەمتېلى زۇنۇن ئەپەندى 80-يىللارنىڭ باشلىرى ‹‹سىيىت نوچى››، ‹‹ئۈجمە سايىسى››، ‹‹تاشۋاي›› قاتارلىق خەلق داستانلىرىنى رەتلەپ، درامما قىلىپ يېزىپ چىققان ئىدى. ‹‹تاشۋاي›› درامىسىدا تاشۋاي كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ راۋاپقا قىزىقىپ قالىدۇ، ھۈنەر ئۈگەنگەچ، راۋاپنىمۇ پىششىق ئۈگىنىدۇ، كېيىن ئۇ ئۆز ئالدىغا چايخانا ئاچىدۇ، ۋە ئۆز چايخانىسىدا راۋاپ چېلىپ خېرىدارلارنى جەلپ قىلىدۇ. چايخانىنىڭ تاپاۋىتى ياخشى بولغاچقا، ئوقىتى يۈرۈشمىگەن باشقا ئاشخانىلارنىڭ خوجايىنلىرى لۈكچەكلەرنى سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭ چايخانىسىنى ئۇرۇپ-چاقىدۇ، ۋەيران قىلىدۇ، ھەمدە تاشۋاينىڭ ئىككى قولىنى سۇندۇرىۋېتىپ، كوچىغا تاشلىۋېتىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادا تىجارەت قىلىدىغان جانان كوچىسىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر باينىڭ تىۋىپ قىزى ئۇنى قۇتقۇزىۋېلىپ داۋالاپ ساقايتىدۇ، شۇ جەرياندا تاشۋاي قىزنىڭ نۇرغۇن ياردىمىگە ئېرىشىدۇ، ھەم ئۇنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ، ئۇنىڭ راۋابىغا مەپتۇن بولغان قىزمۇ تاشۋاينى بۇرۇندىن ياخشى كۆرەتتى، ئەمما باي سودىگەر ئوتتۇرا ئاسىيادىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن موللىلارنىڭ قايميقتۇرۇشى بىلەن راۋاپچى تاشۋاينى نامرات كۆرۈپ، قىزى بىلەن توي قىلىشىغا يول قويمايدۇ، كېيىن قىز دادىسىنىڭ بىر قىسىم پۇلىنى ئوغۇرلاپ تاشۋايغا بېرىدۇ، تاشۋاي بۇ پۇلنى دەسمىي سېلىپ دوستلىرى بىلەن بىرلىشىپ، چوڭ تىپتىكى غىزالىق چايخانا ئاچىدۇ، ئۇ بىر تەرەپتىن ئۆزى راۋاپ چېلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ياشلارغا راۋاپ ئۈگۈتۈپ، ئوقىتى بىراقلا يۈرۈشۈپ كېتىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ نۇرغۇن مەشھۇر مۇزىكىلارنى ئىجات قىلىدۇ، رەتلەيدۇ ۋە ئاكوردلاشتۇرىدۇ. سودىدا زىيان تارتقان قىزنىڭ دادىسى ئامالسىزلىقتىن قىزىنىڭ تاشۋاي بىلەن توي قىلىشىغا قوشۇلىدۇ، تويدىن كېيىن خېلى يىللارغىچە ئايالى توغمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن تاشۋاي ئەر-خوتۇنلار بىر قىش كۈنى گۆلەخ (ئاشخانىدىن تارتىپ چىقىرىلغان كۈل)تە يېتىپ، پۈتۈن بەدىنى چوغ دەستىدىن يارىلىنىپ، يىرىڭداپ كەتكەن بىر توپ بالىنى داۋالاپ ساقايتىپ بېقىۋالىدۇ، ئايالى بىر قېتىم ھامىلدار بولۇپ تۇغۇتىدا ۋاپات بولىدۇ، بۇ زەربىگە چىدىمىغان تاشۋاي قايتا توي قىلماي، ئاشخانىسىنى دوستلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ، تاپقان پۇللىرىنى بېقىۋالغان يېتىم بالىلىرىغا بۆلۈپ بېرىپ ھەج سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ....
دراممىغا ئۆزگەرتىلگەن بۇ ئۈچ داستان ئىچىدە پەقەت ‹‹تاشۋاي›› دراممىسىلا سەھنىگە ئېلىپ چىقىلمىغان. تېما ئىگىسىنىڭ مۇشۇ داستاننى ئىزدەپ تېپىپ تورغا سۇنۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
|
|