- تىزىملاتقان
- 2011-1-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14860
- نادىر
- 0
- يازما
- 617
ئۆسۈش
12.15%
|
[align=justify][align=justify] [align=justify] بۇ، قۇملۇقتىكى بىردىنبىر مەۋجۇت بولغان بىر پارچە ئورمانلىق ئىكەن. ئون نەچچە جۈپ قۇش مۇشۇ ئورمانلىقتا ياشايدىكەن. بىر قۇش ئۇلارنىڭ قونۇپ دەم ئالىدىغان جايىنىڭ بارغانسېرى كىچىكلەۋاتقانلىقىنى، كىچىك ئورمانلىقنىڭ ھەر ۋاقىت قۇمنىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلىپ، بۇ يەردىن كېتىشنى ئويلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ باشقا قۇشلارغا: «بىز بۇ يەردە تۇرۇپ ئۆلۈمىمىزنى كۈتسەك بولمايدۇ، بۇ يەردىن كېتىشىمىز، يېڭى ماكان تېپىشىمىز كېرەك» دەپتۇ. بىراق، ئۇنىڭ تەكلىپىنى باشقا قۇشلار رەت قىلىپ: «تۆت ئەتراپنىڭ ھەممىسى قۇملۇق، بۇ يەردىن ئايرىلساق ئۆلۈمنى ئۆزىمىز ئىزدەپ تاپقانلىق بولىدۇ» دەپ قارىشىپتۇ.[align=justify]بۇ كىچىك قۇش كۆپچىلىك ئۈچۈن بەرگەن پىكىرىنىڭ رەت قىلىنىشقا ئۇچرىغانلىقىنى بىلىپ كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا ئۆزى يالغۇز كېتىشنى قارار قىپتۇ. قۇش بارلىق كۈچىنى سەرپ قىلىپ ئۇدا ئون نەچچە كېچە-كۈندۈز توختىماي ئۇچۇپ، ئاخىر بوستانلىقنى كۆرۈپ، خۇشاللىقىدىن سايراپ كېتىپتۇ. باشقا قۇشلار بولسا ئورمانلىقتا قېپقالغانلىقتىن، شامال قۇملارنى ئۇچۇرۇپ، بىچارە قۇشلار ئورمانلىق بىلەن بىللەن قۇم ئاستىدا قاپتۇ.[align=justify]شۇنداق، ھەر قانداق نەرسە ۋە ئادەم بىزگە بىر ئۆمۈر يۆلەنچۈك بولمايدۇ، پەقەت تەقدىرىمىز بىلەن ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئاندىن بىز ھاياتىمىزدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارنى قېزىپ چىقالايمىز.[align=justify][align=justify]
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
| [align=justify] |
|
|