مارىسا مېيېر: ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ ئېغىر قىيىنچىلىققا ئۇچۇراپ سېتىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى گەپ-سۆزلەر تارقىتىلغان بولسىمۇ، بۇ ياخو شىركىتىنىڭ باشقۇرغۇچىسىنىڭ يىللىق كىرىمى 36مىليون ئامرىكا دوللىرىغا يىتىدۇ. ئۇ ئىلگىرى جان بېقىش ئۇچۇن ھەتتا تاللا بازىرىدا ئىشلىگەن.
بىل گەيتىس: تەخمىنىي بايلىقى 72 مىليارد 700 مىليون ئامرىكا دوللىرى. بۇ مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ قېنىدا ئىگىلىك تىكلەش گېنى بولىدۇ. ئۇ تۇنجى يۇمتال شىركەتتىن 20 مىڭ ئامرىكا دوللىرى كىرىم قىلغان.
رېد جېنس: تەخمىنىي بايلىقى 1مىليارد 500مىليون ئامرىكا دوللىرى.ئۇ ئىلگىرى خېرىدارلارغا نەرسىلەرنى تۇنۇشتۇرۇپ سېتىش جەھەتتە مول تەجىرىبە توپلىغان. ئۇ چاڭ-توزان سۇمۇرگۈچنى تۇنۇشتۇرۇپ سېتىش جەريانىدا ئەڭ كۆپ پۇل تاپقان.
ئوپرا ۋېنفىرىي: تەخمىنىي بايلىقى 3 مىليارد 200 مىليون ئامرىكا دوللىرى.ئۇ دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ چوڭ ئاياللارنىڭ بىرى. ئۇ ھەممە ئىشنى كىىچىكتىن باشلىغان بۇلۇپ،ئەڭ دەسلەپ ئاتىسىنىڭ مىسسىسپىدىكى ساتىراشخانىسىدا ئىشلىگەن.
رىچاد بۇرانسۇن : تەخمىنىي بايلىقى 4 مىليارد 800 مىليون ئامرىكا دوللىرى. ئۇ ۋىرگېن شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى،ئۇ ماھىر سودا ئېڭىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلەن داڭق چىقارغان. ياش ۋاقتىدا ئۆزى ئۆستۈرگەن نۇرۇز ئارچىسى ساتقان.
جېف بېزوس: تەخمىنىي بايلىقى 59 مىليارد 100 مىليون ئامرىكا دوللىرى .بۇ ئامازوندىكى CEOنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى،ئۇ ئىلگىرى ماكدونالدتا ئىشلىگەن
ئېڭۋار كامپىراد: تەخمىنىي بايلىقى 3مىليارد 300مىليون ئامرىكا دوللىرى . بۇ ‹‹ئىكيا››نىڭ قۇرغۇچىسى بارابارا سودىسىنى ئوغلىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇ ئەڭ ئاۋۋال سەرەڭگە،ماي قەلەم ساتقان.
مايكىل بلۇمبېرگ: تەخمىنىي بايلىقى 40مىليارد 900مىليون ئامرىكا دوللىرى. بۇ تاراتقۇ كارخنىچىسى 2002-يىلىدىن 2013 -يىلىغىچە نېۋرۇيۇك شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان ئەمما ئۇ بايلىقلىرىنى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى توپلىغان . ئۇ ئىلگىرى ئاپتوموبىل توختالغۇسى مۇلازىمەتچىسى بولغان.
ۋالىت دىسنىي: ئۇنىڭ تۇنجى ياللىغۇچىسى كەلگۈسىدىكى چاشقاننىڭ ئىجادچىسى ۋە دىسنېينىڭ قۇرغۇچىسىنى سەل چاغلاپ قالغان. ئۇ ئەڭ بۇرۇن بىر گېزىتخانىنىڭ رەسسامى بولغان،ئەمما ئۇنىڭ ياللىغۇچىسى ئۇنىڭ ئىجاتچانلىقىنى يىتەرلىك ئەمەس،دەپ ئىشتىن بوشىتىۋەتكەن.
‹‹دۆلەت مۇداپىئە ۋاقىت گېزىتى›› دىن ئېلىندى،
باغداش تورىنىڭ رۇخسىتىنى ئالغان ئاساستا تارقاتسىڭىز بولىدۇ
ئىقتىساد ۋە پىسخىكىغا دائىر مەزمۇنلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز سالونىمىزغا قوشۇلۇڭ
تەييارلىغۇچى: ئۆگەن دەريا سالونىدىن شاتلانجان |