- تىزىملاتقان
- 2011-10-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-11-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2816
- نادىر
- 0
- يازما
- 81
ئۆسۈش
27.2%
|
ئۆمرۈڭدە نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىسەن. ئۇلارنىڭ قايسىسىنى ئۇنتۇپ ، قايسىسىنى ئەسلەيدىغىنىڭنى كېيىنچە بىلىسەن …
ئۆمرۈڭدە نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىسەن. ئۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ مۇھىم ، قايسىسىنىڭ مۇھىم ئەمەسلىگىنى بەك ئۇزاقتا بىلىسەن ، مۇھىم ، مۇھىمسىزلىق بىر كۈنى ساڭا ئۆزى كۈلىدۇ .
ئۆمرۈڭدە نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىسەن. ئۇلارنىڭ سۆيۈملۈك ياكى ئەمەسلىگىنى ۋاقتى كەلگەندە ھېس قىلىسەن ، سۈنئىي سۆيۈملىك بىلەن تەبئىي سۆيۈملىكنىڭ ھەقىقىي ئەپتىنى ئۇلار بىلەن خېلى مەزگىل بولغاندىن كېيىن سىزىسەن .
ئۆمرۈڭدە نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىسەن. ئۇلارنىڭ كۈلكىلىرىنىڭ ئەسلىدە چىن ياكى ساختا ئىكەنلىگىنى ئۇلارنىڭ باسقان ئىزىدىن سورايسەن . دېمەك ئۇلارنىڭ ئىزى ئۆزىنى ئاشكارلايدۇ .
ئۆمرۈڭدە نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىسەن. ئۇلارنىڭ ئېسىللىرى ، پەسلىرى ، نەسلىرىمۇ ساڭا ئوخشاش ياشايدۇ . ئۇلارنىڭ ئېسىللىرىنىڭ يوللىرىدىن گۈل ئۈنگەن بولسا ، پەسلىرىنىڭ يوللىرىدىن تىكەن ئۈنىدۇ . نەسلىرى يېرىڭ ئارىسىدا ئۆز قىممىتىنى تاپىدۇ . ئۇلاردىن خوش بولساڭمۇ ، يىرگەنسەڭمۇ بىكار ، دۇنيا شۇنداقلا سەن شۇلار بىلەن بىللە … ئېسىللىرىدىن دۇردانە ئېلىپ ئۆگەنسەڭ شۇ ھېساپ .
ئۆمرۈڭدە نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىسەن. ئۇلارنىڭ ھېكمىتى ، قىسمىتى ، ھېكايىلىرى سېنى ئويغاتقان بولسا شۇنى مەڭگۈ ئەسلەيسەن . ھەقىقىي ، چىنلىقنى ۋۇجۇدىڭدا ساقلايسەن .
ئۆمرۈڭدە نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىسەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى سەن بىلەن خۇددى « ئاقار يۇلتۇز » دەك ئۇچرىشىپ ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ، لېكىن ساڭا ئەبەدىل ئۆلگە بولغۇدەك ، خۇددى ماياكلاردەك قىممىتىنى نامايەندە قىلدۇرىدۇ .
ئۆمرۈڭدە نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىسەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى گويا ھاۋادەك تۇيغۇ بەرگەن بولسا ، بەزىلىرى خۇددى سۇدەك ساڭا لازىمدۇر ، بەزىلىرى قۇياش نۇرىدەك ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرسا ، يەنە بەزىلىرى يامغۇرغا ئوخشاش سېنى سۇغۇرىدۇ . يەنە بەزىلىرى شامال كەبى سېنى چىنىقتۇرسا ، بەزىلىرى مۇزدەك سېنى قاتۇرىدۇ ، بەزىلىرى تاغدەك ھەيۋەتلىكىنى كۆرسەتسە ، بەزىلىرى باغدەك مېۋىلىرىنى سۇنىدۇ .
قىسقا قىلىپ ئىيىتساق ، ئەشۇ ھەر بىر ئادەم سەن ئۈچۈن قىممەتلىك ، سەن ئۈچۈن داستان ، سەن ئۈچۈن ھېچنىمىگە تەڭ ئەمەس بىباھادۇر .
چۈنكى ئەشۇ ئادەملەر بىلەن ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىڭ ، ھازىرقى مۇشۇ كۈنۈڭنى بەرپا قىلغان ، شۇڭا سەن ھەر بىر ئادەمنى قەدىرلە ، ھەر بىر ئادەمنى ئىززەتلە ، ھېكمەتلىرىنى ئال ، ئۆزەڭدىكىنى بەر …
بىلال مۇھەممەتتۇرسۇن
(ئىبراھىم)
2016-11-18.
|
|