قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 195|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مەخەت ئابدۇرېھىم: بالىلارنى بىلىم باغچىسىغا باشلايلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما

24

تېما

18

دوست

6261

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   25.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26291
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 53
تۆھپە : 1948
توردىكى ۋاقتى: 479
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-27

قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-11-18 23:30:23 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
بۇلتۇر باھارنىڭ بېشىدىلا بۇرادەرلەرگە بەشكىرەمگە بېرىشقا‹بېشارەت باغىقى›،بالىلارنى باغچىلارغا باشلاشقا‹بەخت باغىقى›نى بەرسەم، بۇرادەرلەر باغرىمنى بىلگەندەك بالىلارنى باشلاپ بەشكىرەمدىكى باغلارغا،باھارنىڭ باغرىدىكى بوستانلىق باغچىلارغا باردىڭلار.بەلكىم بۇرادەرلەر بىلگەندۇ،بەشكېرەم باغلىرى ‹بىھېش› نىڭ بېشارەت بەلگىسى،بوستانلىق باغچىلار‹بەخت›نىڭ بەلگىسىدۇر.بۇ بەلگىلەرنى بىزدىن بۇرۇنقى باھادىرلار بىلەن بۈگۈنكى بەرىكەتلىك  باھار بەلگىلىگەن. بۈگۈن بۇرادەرلەرگە‹بايلىق› باغىقى بىرىمەن، ‹بايلىق› باغىقىدىكى بەلگىلەرنى بالىلارغا بىلدۈرۈپ، بالىلارنى ‹بىلىم باغچىسى› غا باشلاپ بارايلى.

     بىلىم باغچىسى؛-بالىلارغا بىلىم بېرىدىغان بۇلاق.بالىلارنىڭ بەخت باغچىسى، بالىلار باھارىنىڭ بەرىكەتلىك باسقۇچى،بالىلارغا بېغىشلانغان بوستانلىق.بالىلارغا بېرىلىدىغان بىھباھا بايلىق.

     بىز بىلىمىز؛-بۇرۇنقى،بۈگۈنكى باھادىرلار بىلىملىك بولغاچقا باھادىر بولالىغان،بىلىم بىلەن باياۋانلاردىمۇ باغۇ-بوستتانلىقلار بىنا بولالىغان.بىز بىلىم بىلەنلا بايلىق بۇلاقلىرىنى بىلەلىگەن،بۇ بۇلاقلاردىن بەھرىلەنگەن.بۇنىڭغا بىزنىڭ بوۋىلىرىمىز بولۇپمۇ بىزدىن بۇرۇنقىلار بېشارەت بېرەلەيدۇ،بولدى بەس.

     بىز بۇ باغچىدىكى  بىر بەلگىنى بەلەنرەك بىلەيلى!بۇ بولسىمۇ بىلىم باغچىسىدىكى بارلىقىنى بالىلارغا بىلىم بېرىشكە بېغىشلىغان باغۋەنلەر بىلەن باغرىمىزدىن بىنا بولغان بالىلارنى، بۇلارنىڭ بىزگە بولغان باغرىنى بەكمۇ-بەك بىلەيلى .باغۋەنلەر بولمىسا بالىلار بىلىم بۇلاقلىرىنىڭ بېشىغا بارالمايدۇ،بىلىم باغچىسىنىڭ بۇلبۇلىرى بولالمايدۇ.بىلىم باغچىسىنىڭ باغۋەنلىرى؛-بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدىن بۈگۈنگىچە بالىلارغا بولۇپمۇ بىزلەرگە بىلىم بېرىپ،بۈگۈنكىدەك بەختلىك بولىشىمىزنى بەلگىلىگەن.

     بالىلار؛-بىزنىڭ باغرىمىز،بىزنىڭ بىھباھا بايلىقىمىز.بالىلار بولغاچقا بىز باھدىر بولالىغان،بالىلار،-بىلىم باغچىسىنىڭ بۇلبۇللىرىدۇر.بۇ بۇللبۇللار بىلەن بوستانلىق باغچىلار بولۇپمۇ بىلىم باغچىسى بەرپا بولغان.بىز  بۇ بوشلۇقتا بۇلاقتەك بۇلدۇقلايدىغان بىلىم باغچىمىزنىڭ بولغانلىقىغا،بىلىمنى بالدەك بىلۈندۈرۈپ بالىلارغا بېرەلەيدىغان باغۋەنلىرىمىزنىڭ بولغانلىقىغا،بوستانلىق  باغچىلارغا بۈركۈتتەك بارالايدىغان بۇلبۇلدەك بالىلىرىمىزنىڭ بولغانلىقىغا باركاللا بىلدۈرۈپ بالىلارنى بەس-بەستە،باتۇرلۇق بىلەن،بۈگۈننىڭ بەرىكەت بايلىقى بار بىلىم باغچىسىنىڭ بۇلاق بېشىغا باشلاپ بارايلى.بالىلار بىلىمدىن بەھرىمەن بولسۇن.بالىلار بىزنىڭ بەختىمىز.بىز باغۋەنلەر بىلەن بىرلىشىپ بالىلارغا بىلىم بېرەيلى،بالىلار بىلىملىك بولسا، بوشاڭ،بەغىرەز،بەڭباش،بىپەرۋا،بىغەم،بېخىل   ،بىزەڭ ،بىخۇت ،بىشەم،بىئەدەپ بولماي،باھادىرلاردىن بولۇپ،بوشلۇقتىكى بەلىگىلەن بېكەتكە باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ ،باراۋەرلىك بىلەن بالدۇر بارالايدۇ.

     بۇرادەرلەر، بىز بالىلارغا بولغان باغرىمىزنى بىرلىكتە بىلدۈرسەك؛-بالىلار بىزنىڭ بەختىمىز،بالىلار بىزنىڭ بايلىقىمىز،بالىلار بىزنىڭ باغرىمىز.بىز بۈگۈن بارماقچى بولغان بوستانلىقلارغا بارالمىساقمۇ بالىلار بارالىسا بىز بارغاندەك بولىمىز.

     بۈگۈندىن باشلاپ بالىلارنى بىلىم باغچىسىغا بىرلىكتە باشلاش باھادىرنامىدا بەلگىلەنگەن بالىلار بايرىمىنىڭ بولۇپمۇ باشقا بارلىق بايراملارنىڭ باشلىنىشى بولسۇن!

بوشلۇقتىكى بەرىكەتلەر،
باھار بىلەن باشلىنار.
بەخت بىلەن بايلىقلار،
بىلىم بىلەن باغلىنار.

باغچىلارغا بالىلار!
بالدۇر-بالدۇر بېرىڭلار.
باغۋەن بەرگەن بىلىمنىڭ،
بەلگىسىنى بىلىڭلار.

ئۆزۈمنىڭ ئىجادىيىتى.
bagdax
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )