- تىزىملاتقان
- 2016-11-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-11-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 109
- نادىر
- 0
- يازما
- 3
ئۆسۈش
36.33%
|
سودا ئېڭىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ شۇنداقلا مىللىي كارخانىلىرىمىزنىڭ بارغانسېرى بازارلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىشى تۈرتكىسىدە كارخانىلار ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ھەرخىل ئۇسۇلدا مەھسۇلات ئېلانلىرىنى ئىشلەشكە بەس — بەستە يۈزلەندى.
ئەلۋەتتە ئېلان - تەشۋىقاتنى مەھسۇلاتنىڭ جېنى دەپ ئاتىساق ئارتۇق كەتمەس. شۇ سەۋەب ئېلانلارنى جانلىق ئېلان ۋە جانسىز ئېلان دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. تۈرگە ئايرىغان ئىكەنمىز، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا ئېنىقلىما بېرىشىمىز كېرەك .
1. جانلىق ئېلان
كېسىپ ئېيتالايمەنكى جانلىق ئېلاننىڭ نېمە ئىكەنلىكى ئەقىللىك كارخانىچىلىرىمىزغا ئايان.
جانلىق ئېلان دېگىنىمىز ، كۆرۈلۈشتىلا كىشىنى ئۆزىگە قىزىقتۇرالايدىغان ، مەھسۇلاتنىڭ باشقا ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلارغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە تەرىپىنى ئىخچام ، ئوبرازلىق تىل ياكى كۆرۈنۈش ئارقىلىق ئىپادىلەپ بېرىدىغان ، چىنلىقنى ئاساس قىلغان ئېلان شەكلىدۇر.
بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىككى سۆزنى قايتىدىن تەكىتلىگۈم كەلدى.
( 1 )ئىخچاملىق .
قىسقا ۋاقىتتا مەھسۇلاتنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆرۈرمەنلەرگە بىلدۈرۈش ئارقىلىق بىرىنچىدىن ۋاقىتنى ئۇتۇپ كارخانىچىلارغا ئاسانلىق يارىتىپ بەرسە ، ئىككىنچىدىن ئېلان ئىشلىگۈچىنىڭ ھەقىقىي ماھارىتىنى تولۇق ئىپادىلەپ ئېلاننىڭ تېخىمۇ رەڭدار چىقىشىغا تۈرتكە بولىدۇ .
ئەلۋەتتە يۇقىرىدا ئېيتقانلىرىم ئېلاننى كېڭەيتىپ ، ئۇزۇن ئىشلىسە بولمايدۇ دېگىنىم ئەمەس .
مەھسۇلات ئېلانىنىڭ ئىشلىنىشىدىكى ئاساسى مەقسەت خېرىدارلارنى ( خەلقنى )جەلپ قىلىپ ، ئۆزىگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاشتا ئىپادىلىنىدۇ .
شۇ سەۋەب مەيلى ئىخچام ئېلان شەكلى بولسۇن ۋە ياكى ئۇزۇن تەپسىلىلەشتۈرۈلگەن ئېلان بولسۇن پەقەت كۆرۈرمەنلەردە زېرىكىش تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرۈپلا قويمىسا ئۇ بىر ياخشى چىققان ئېلان ھېسابلىنىدۇ .
( 2 )ئوبرازلىق ئىپادىلەش .
ئوبرازلىق ئىپادىلەش بىر مەھسۇلات ئېلانى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم .
بۇ يەردىكى ئوبرازلىق ئىپادىلەش ئاساسلىقى ياخشى يېزىلغان ئېلان سېنارىيەسى ۋە ياخشى بولغان ئېلان ئىشلىگۈچىلەرنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولىدۇ .
2. جانسىز ئېلان
كۆرۈرمەنگە زېرىكىش تۇيغۇسىنى بېرىدىغان ، شۇنچە كۆرۈپمۇ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلگىنى بولمايدىغان ، ھېچقانداق يېڭىلىق يوق ، ئويدۇرما ، كۆپتۈرۈش ئارىلاشقان ئېلانلارنىڭ ھەممىسى جانسىز ئېلانغا تەۋە .
ئېلاننىڭ ئۈنۈمى ئۈچ نەرسىدە ئىپادىلىنىدۇ .
بىرىنچىسى بولسا مۇكەممەل بولغان سېنارىيە .
ئىككىنچىسى ، قابىل ئېلان ئىشلىگۈچى .
ئۈچىنچىسى بولسا ، ئەڭ ياخشى بولغان كۆرسىتىلىش ۋاقتى .
يۇقىرىقى نۇقتىلارنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشى ئاساسىدا مۇكەممەل بولغان ،ئۇتۇق قازانغان مەھسۇلات ئېلانى بارلىققا كېلىدۇ .
ئېلان ئىشلىگۈچى شىركەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ نۆۋەتتە ئىشلىنىۋاتقان ئېلانلارنىڭ بەدىئىيلىكى ، يۇقىرى تېخنىكىلار بىلەن ئىشلىنىشى ، رەڭدارلىقى جەھەتلەردىن بولسۇن بىزنىڭ ئېلانچىلىقىمىزغا بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى .
بۇ ئەلۋەتتە بىزنى سۆيۈندۈرىدىغان بىر ئىش .
بۇ جەھەتتە مۇشۇنچىلىكلا توختىلىشنى لايىق كۆردۈم ، چۈنكى ئېلانچىلىقىمىزنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىگە ، تەرەققىي قىلىشىغا ئىشەنچىم بار .
ئەڭ مۇھىم تەرەپ شۇكى ، ئاشۇ رەڭدارلىققا ، مۇكەممەللىككە زىت ئىشلىنىۋاتقان جانسىز ئېلانلارمۇ بىزدە يوق ئەمەس .
بۇ يەردە شۇ خىلدىكى ئېلانلارنى تارتىپ چىقىشنى لايىق كۆرمىدىم ، پەقەت ماڭا تەسىر قىلغان بەزىبىر تەرەپلەردە توختىلىمەن خالاس .
يېقىندىن بېرى ئۆزىمىزنىڭ مەھسۇلات ئېلانلىرىنى چەتئەللەردە ئىشلەش قىزغىنلىقى ئەۋج ئالدى ۋە نۇرغۇن ئېلانلىرىمىز ئارقا - ئارقىدىن چەتئەلدە ئىشلەنگەن بولدى .
مەن بۇنى كارخانىچىلىرىمىزنىڭ ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى دۇنياغا تونۇشتۇرغۇسىنىڭ ، باشقا يۇرتلارغا يۈزلىنىشتەك بۈيۈك ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم ، بەلكىم باشقا كۆرۈرمەنلەرمۇ مەن ئويلىغاندەك ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن .
ئەلۋەتتە ئۇلۇغ ئارزۇنىڭ بولمىغىنىدىن بولغىنى ياخشى ، مىللىي كارخانىلىرىمىزنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشى ھەممىمىزنى خۇش قىلىدۇ .
ئەمما يۇرتىمىزدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئېلانىنى ئاتايىن ( پەقەت ئېلان ئىشلەشلا مەقسىتىدە )چەتئەلگە چىقىپ ئىشلەش ، بولۇپمۇ چەتئەلدە ئىشلەنگەن ئېلانلارنىڭ يەنە چەتئەل ئېكرانلىرىدا ئەمەس ئەكسىچە يەنە قايتىپ كېلىپ دىيارىمىزدىلا تارقىلىپ كۆرسىتىلىشى ، كۆرۈرمەنلىرىنىڭ بىز بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىشى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى .
بۇ راستلا دۇنياغا يۈزلەنگەنلىكنىڭ ئىپادىسىمۇ ؟
مېنىڭچە ئۇلۇغۋار ئارزۇ بۇ خىل ئۇسۇلدا ئىپادىلەنسە ئۇ ھېچنەرسە بولماي قالىدۇ .
ئەلۋەتتە ئېلان - تەشۋىقاتقا مەبلەغ سېلىش كېرەك ، لېكىن ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈش ئەڭ ئالدىنقى نىشان .
مېنىڭ پەقەتلا چەتئەللەردە ئىشلىنىۋاتقان ئېلانلىرىمىــزنى چەتكە قېقىش ۋە ياكى سۆكۈش نىيىتىم يوق .
پەقەت ۋە پەقەت شۇنى دېمەكچىمەنكى ، دىيارىمىزدىكى چولپانلارنى ۋە دىيارىمىزدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى چەتئەلگە ئېلىپ چىقىپ ئېلان ئىشلەپ ، ئۇ ئېلاننى يەنە ياندۇرۇپ كېلىپ دىيارىمىزدىلا تارقىتىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ پەقەت بىـز بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىشى ، ئېلان ئىشلەنگەن رايوندىكىلەرنىڭ بۇ مەھسۇلاتنى تونۇماسلىقى مېنى ئەجەبلەندۈردى .
بۇ خۇددى ئوڭ يانچۇقتىن پۇل چىقىرىپ سول يانچۇققا سالغاندەكلا بىر ئىش خالاس .
يەنە قارايدىغان بولساق ، يېقىندىن بېرى مالايشىيا ، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يېمەكلىكلىرى ، ئىچىملىكلىرىنىڭ دىيارىمىزغا سىڭىپ كىرىشى بىلەن بىرگە يەنە سېتىلىشىمۇ ھەسسىلەپ ئېشىشقا باشلىدى .
بۇنىڭ سەۋەبىنى مەن تۆۋەندىكىدەك ھېس قىلدىم .
بىرىنچىدىن ، ئۇلارنىڭ مەيلى ئۆز دۆلىتىدە ئىشلەنگەن ئېلانلىرى بولسۇن ۋە ياكى يۇرتىمىزدا ئىشلەنگەن ئېلانلىرى بولسۇن ، ئېلانغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى يۇرتىمىزنىڭ چولپانلىرى ، ۋە ياكى يۇرتىمىزدىن چىققان كىشىلەر .
ھەرگىزمۇ چەتئەللىك چولپانلارنى ئىشلەتكىنى يوق .
چۈنكى بىزنىڭ قولىمىزدىن چىققان نەرسىلەرنى ئۆزىمىز ئەمەس ، ئەكسىچە باشقىلار ماختىيالىسا مانا بۇ بىزنىڭ غەلىبە قىلغىنىمىزدۇر .
ئىككىنچىدىن ، ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىم تۇتقان تەرىپى بولسا ئىشلىگەن ئېلانلىرىنى دىيارىمىز ئېكرانلىرىدا كۆپلەپ تەشۋىق قىلىش ۋە تارقىتىشتىن ئىبارەت .
مانا بۇ ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۇنياغا ، شۇنداقلا دىيارىمىزغا يۈزلىنىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىپادىلىنىشىدۇر .
شۇ سەۋەب كارخانىچىلىرىمىزغا تەۋسىيە قىلىدىغىنىم شۇكى ، قارىغۇلارچە ئىشلەنگەن ئون ئېلاندىن ، ئۈنۈملۈك ئىشلەنگەن بىر ئېلاننىڭ رولى چوڭ بولىدۇ .
مەھسۇلاتلىرىمىزنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش بىرىنچىدىن ئۆزىمىزنىڭ قوللىشىدىن كەلسە ، ئىككىنچىدىن دادىل ھالدا باشقىلارغا تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا بۆسۈپ كىرىشتىن كېلىدۇ .
يەنە بىر دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تەرەپ شۇكى، تور ئېلانىنى چىڭ تۇتۇش ۋە ئېلاننىڭ خاراكتېرىنى ياخشى ئويلىشىش كېرەك. ئۈندىدارنىڭ ئومۇملىشىشى تىجارەتچىلەرنى نۇرغۇنلىغان سودا پۇرسىتى ۋە تەييار بولغان كۆرۈرمەنلەر بىلەن تەمىنلىدى .
بۇ خىل ئارتۇقچىلىقتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك ئەلۋەتتە .
تور ئېلانى ئارقىلىق پايدا يارىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى نېمە؟ ئۇ دەل مەن تېمىنىڭ بېشىدا توختىلىپ ئۆتكەن جانلىق ئېلانلار بىلەن كۆرگۈچىلەرنى تەمىن ئېتىشتۇر .
تور ئېلانى ئەلۋەتتە تېلېۋىزىيە ئېلانى بىلەن ئوخشىماسلىقى كېرەك. چۈنكى توردا نۇرغۇنلىغان يېڭىچە مەزمۇندىكى ، يېڭىچە ئىدىيەدىكى نەرسىلەر بار . شۇڭا توردا كۆرۈرمەنلەرنى جەلپ قىلىش ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر مەسىلە . شۇ سەۋەب تور ئېلانلىرى تېلېۋىزىيە ئېلانىغا قارىغاندا تېخىمۇ يېڭىچە ، كۆرگۈچىنى ئۆزىگە قىزىقتۇرالايدىغان ئارتۇقچىلىقنى تەلەپ قىلىدۇ .
شۇڭا تور ئېلانلىرى نوقۇل ھالدا مەھسۇلاتنى ماختاش ، چۈشەندۈرۈشنىلا مەزمۇن قىلماستىن بەلكى مەلۇم بىر ئىدىيەنى باش نۇقتىئىنەزەر قىلىپ تۇرۇپ ، مەھسۇلاتنى شۇ نۇقتىئىنەزەرنى تولۇقلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرسا بۇ ھەم ئەمەلىيەتچان ، ھەم كىشىگە يېڭىچە ئوي - پىكىر ئاتا قىلالايدۇ .
بۇ خىل تەشۋىقات خاراكتېرلىك ئېلاننىڭ كۆرۈلۈشچانلىقى ، يېڭى ئىدىيە ، يېڭى ئوي - پىكىرلەرنى تەرغىب قىلىشى كۈچلۈك بولۇپلا قالماستىن يەنە كىشىلەرگە مەيلى تۇرمۇش ۋە ياكى مىھرى - مۇھەببەت جەھەتتىن بولسۇن تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ئۆزگىچە كۆز قاراشلارنى ئاتا قىلالايدۇ .
ئېلانچىلىقىمىز تەرەققىي قىلىۋاتقان مۇشۇ دەۋردە جانلىق ، ساپالىق ئېلانلارنىڭ كۆپلەپ ئىشلىنىشى ، ئېلانچىلىق شىركەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى مېنى سۆيۈندۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ .
ئىشىنىمەنكى ، يېڭىچە ئوي - پىكىردىكى ئىجادچان ياشلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشى ۋە بىرلىشىشى نەتىجىسىدە بۇندىن كېيىنكى ئىشلىنىدىغان ئېلانلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ، مەزمۇنىنىڭ ، سەھىپىسىنىڭ رەڭدارلىقى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەللىشىدۇ ، سەرخىللىشىدۇ .
ئەنئەنىۋىلىكنى ، خاسلىقنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ قوبۇل قىلغان يېڭىلىقتىن چوقۇم ئالاھىدە نەتىجە چىقىدۇ .
ئاپتورى: تاران
|
|