دېرىزەمگە ئېقىپ ئاي نۇرى، سۆزلەر ئاستا جانان تىلىدا. ھېسلىرىمغا چەككەندە نەقىش، باغلىنىمەن سۆيگۈ قىلىدا.
قوللىرىمنى سۇنىمەن سەۋدا، كۆزلىرىمدە پىراقنىڭ ئىزى. جىمىرلايدۇ خىرە، يىراقتا، ماڭا تالىق بەختىم يۇلتۇزى.
قاراڭغۇنى كىيىپ ئۇچامغا، ئېزىقىمەن يارنىڭ چۆلىدە. تەشنالىقىم ۋىسال ئىزدەيدۇ، گۈلخانىڭكى ئۆچكەن كۈلىدە.
قۇچىقىدا تۈنەيمەن تۇننىڭ، خىياللىرىم ئۇزاقتىن ئۇزاق. كۆرىنىدۇ مسكىن ئاي يۈزى، تولۇنلىقى بولسىمۇ ئۇماق؟!
زۇنۇنجان مەمتىمىن شۈكرانى
4-ئۆكتەبىر |