- تىزىملاتقان
- 2014-2-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-11-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6261
- نادىر
- 0
- يازما
- 324
ئۆسۈش
25.22%
|
ئىككىسى بىرگە ھېساب
ھىسامنىڭ بىر پاكار ئاغىنىسى ھىسامغا چاقچاق قىپتۇ؛
- ھېسام ئاداش،قۇلىغىڭنىڭ تۈۋىگە بىرنى ئۇرسام كىمگە ھېساب؟
ھېسام دەرھال جاۋاب قايتۇرۇپتۇ؛
- ئاداش بويۇڭ پاكار ئىكەن، ئىككىنى ئۇرساڭ بىرگە ھېساب.
كۆز ۋە قۇلاق
بىر بىلىم ھەۋەسكارى ھىسامدىن سوراپتۇ؛
-ھاۋا گۈلدۈرلەپ چاقماق چاققاندا نېمە ئۈچۈن ئاۋۋال يوروقنى كۆرۈپ كىيىن ئاۋازنى ئاڭلايمىز؟
ھېسام جىددىي ئويلىنىپ جاۋاب بېرىپتۇ؛
- ئۇنىڭ سەۋەبى بەكمۇ ئاددىي،كۆز قۇلاقنىڭ ئالدىدىراق ئەمەسمۇ؟
مۇشائىرە
بىر ئاغىنىسى ھىسامىدىننى مانتا ئېتىپ مېھمان قىپتۇ. پىشمىغان مانتا كىچىچى ئۇنى بىئارام قىلىپ ئۇخلاتماپتۇ.ئەتىسى ئەتىگەنلىك چاي ئۈستىدە ئاغىنىسى ئەدەبىياتتىن گەپ ئېچىپ،ھىسامىدىننى مۇشائىرە ئېيتىشقا تەكلىپ قىپتۇ ۋە بىرىنچى بولۇپ ئۆزى باشلاپتۇ؛
ئۆگزەڭگە قارىسام،
مورىدىن تۈتۈن چىقتى.
تېخىچە قوسىغى مۇجۇپ ئاغرىۋاتقان ھېسامىدىن جان ئاچچىقىدا مۇشائىرىگە جاۋاب قايتۇرۇپتۇ؛
ئاخشام يېگەن بەش مانتا،
كېچىچە پۈتۈن چىقتى.
يولدا كېلىۋاتىدۇ
ھېسامىدىن باققالچىلىق قىلىپ تۆت كوچىنىڭ دوقمۇشىدا ئۈزۈم سېتىپ ئولتۇرسا بىر خېرىدار كېلىپ ئۈزۈمدىن بىر تال
ئۈزۈپ يەپ بېقىپتۇ-دە؛
-ھىسامىدىندىن،شىرنىسى يوق ئۈزۈمنى نەدىن تېپىۋالغانسىز،-دەپتۇ.
-ئۈزۈم يىگىڭىز بولسا يانماي ئەلىۋىرىڭ،-دەپتۇ ھېسامىدىن،شىرنىسى يولدا كېلىۋاتىدۇ.
يەنە سۆزلەمسىز
دۈيجاڭ ھەر ئاخشىمى يېرىم كېچىگىچە يىغىن ئېچپ ئىشتىن ھېرىپ كەتكەن ئەزالارنىجاق تويغۇزىۋىتىپتۇ،بىر كۈنى ھېسام چىدىمىغىنىدىن ئۈستەل يېنىغا كېلىپ؛
-دۈيجاڭ يەنە سۆزلەمسىز،؟-دەپ سوراپتۇ.
-نېمە قىلاتتىڭ؟-دەپتۇ دۈيجاڭ سۆزىنى بۆلگەنلىكىگە ئاچچىقى كېلىپ.
-يەنە سۆزلىسىڭىز،ئۆيگە بېرىپ،ئورۇن-كۆرپىنى ئەكىلىۋىلىپلا خاتىرجەم ئاڭلايمىكىن دەيمىنا!
رەخت ۋە پۇل
بىر كۈنى ھېسام دۇكاندىن بىر چاپانلىق رەخت ئالغان ئىكەن،مال ساتقۇچى رەختنى ئالدىراش ئۆلچەپلا قىيپاش يىرتىپ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپتۇ.ھىساممۇ ئۈنچىقماي قولىدىكى پۇلنىڭ چېتىدىن قىيپاش يىرتىۋىلىپ مال ساتقۇچىغا بېرىپتۇ.
-ساراڭمۇ سىز، ساپمۇ-ساق پۇلنى يىرتىپ بىرىۋاتىسىزغۇ؟-دەپتۇ مال ساتقۇچى ئاچچىقلىنىپ،-بۇرجىكى يوق پۇلنى كىم ئالىدۇ؟ھېسام دەرەلا؛
قىيپاش يىرتىپ بەرگەن رەختنى مەن ئالىمەنۇ،بۇرجىكى يوق پۇلنى سىس ئالمامسىز،-دەپتۇ.
ئەتىر پۇرايدۇ
ھېسام تولىمۇ ياسانچۇقلۇقنى دوراپ چاقچاق قىلىۋېرىپ بىر خىزمەتداش قىزنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويۇپتۇ.قىز مۇشتۇمىنى ئوغۇل بالىلاردەك تۈگۈپ ھىسامنىڭ بۇرنىغا يېقىن ئەكەپتۇ-دە سوراپتۇ؛
-دېگىنە مۇنۇ نېمە پۇرايدۇ؟ھېسام قىزنىڭ مۇشتۇمىغا بۇرۇنىنى يېقىن ئەكېلىپ؛
-نېمە پۇرايتى دەيسىز،غىچلا يۈزماي،ئەتىر پۇرايدىغۇ،-دەپ قىزنى كۈلدۈرۋىتىپتۇ.
ھاسىراپلا يۈرىدىغان باشلىق
بىر تونۇشى ھىسامىدىندىن سوراپتۇ؛
-ھېسام ئاداش،سىلنىڭ باشلىق <<ھىسامنىڭ خىزمەت مەسىلىسىگە نۇرغۇن يول ماڭغان>>دەيدىغۇ،راستمۇ؟
-كىم بىلىدۇ،-دەپتۇ ھېسام،-<<سىزنىڭ ئىشىڭىزنى دەپ نۇرغۇن يول ماڭدىم>>دەپ
ھاسىراپلا يۈرۈيدىغۇ ئۇ باشلىق.
سوئال-جاۋاب
بىر كىشى ھىسامدىن سوراپتۇ؛
- ھېسامىدىن،بالىنى ئاز تېپىشنىڭ پايدا-زىيىنى ھەققىدە سىزدىن سوئال سورىماقچى ئىدىم.
- سوراڭ،- دەپتۇ ھېسام. ھېلىقى كىشى سوراپتۇ.
- بالا بولسا بىر؟
- ئوينايسىز پىر-پىر.
- بالا بولسا ئۈچ؟
- كېتىدۇ كۆپ كۈچ.
- بالا بولسا بەش؟
- كۈنىڭىز بولار تەس.
- بالا بولسا ئالە؟
- قانات قۇيرۇغىڭىز كالتە.
- بالا بولسا سەككىز؟
- غەم-قايغۇڭىز چەكسىز.
ھېلىقى كىشى قايىل بولۇپ بېشىنى لىڭشىتىپتۇ.
جېدەل
ھىسامنىڭ ئايالى تولىمۇ ئۇرۇشقاق زەھەر تىللىق ئايال ئىكەن.بىر قېتىم ماجىرالىشىپ قېلىپ ئايالى ھىسامىدىننى تىللاپتۇ؛
- ئەر دېگەن سەندەك بولامدۇ؟مەنزە دۇلدۇلغا تەگدىم دەپ ئېشەككە تېگىپ قاپتىكەنمەن ئمەسمۇ؟
-گېپىڭ توپ-توغرا خوتۇن،-دەپتۇ ھىسامىدىنمۇ،- سەنمۇ مەندەكلا ئويلاپسەن قاپسەن؟
- خوش ، سەن نېمىنى ئويلاپ قالدىڭ،-دەپتۇ ئايال چالۋاقاپ.
- مەنمۇ بۇلبۇلنى ئالدىم دەپ كەكلىكنى ئالغان ئىكەنمەن ئەمەسمۇ؟
بىكارغا بولسا
پىۋا دۇكىنىغا بىللە كېتىۋاتقان يىگىتلەردىن ھىسامغا چاقچاق قىپتۇ؛
- ھېسامكا،سىزگە پىۋا زىيان قىلىدىغۇ دەيمەن؟
ھېسامىدىن دەرھال جاۋاب بېرىپتۇ؛
- يوقسۇ دوستۇم،بىكارغا بولسا پايدا قىلىدۇ.
دوكلاتچى
يىغىندىن چىقىۋىتىپ ھېسامىدىن يېنىدىكى كىشىگە دەپتۇ؛
- بايقا باشلىق ھاراق ئىچىشكە قارشى تۇرۇش ھەققىدە تازا كېلىشتۈرۈپ سۆزلىدى-ھە؟
- سەن ئۇ كىشىنى تونۇمسەن!- دەپتۇ بۇرادىرى.
- تونۇيمەن،دەپتۇ ھېسامىدىن،- تېخى تۈنۈگۈنلا قاۋاقخانىدا ئۇنىڭ بىلەن غەرق مەست بولغىچە ئىچىشتۇققۇ.
مەنبە: ھېسام چاقچاقلىرى توپلىمىدىن
كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى: مەخەت ئابدۇرېھىم
|
|