- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 18131
- نادىر
- 9
- يازما
- 466
ئۆسۈش
20.33%
|
گومىنداڭ تەيۋەنگە قېچىپ بارغاندىن كېيىن ، ئامېرىكا ئەنگلىيە ۋە ھىندىستانلىقلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ،شىزاڭغا قۇرال - ياراق يەتكۈزۈپ بېرىش سۈيقەستىدە بولغان . 1950 - يىلى 3 - ئايدا ، ئامېرىكىنىڭ ھىندىستاننىڭ كالكوتتادا تۇرۇشلۇق كونسۇلى شىزاڭدىكى يوقىرى قاتلام ئەرباب شاكابا بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىپ ، ئامېرىكىنىڭ قۇرال - ياراق بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرى توغرىسىدا مەخپىي مەسلىھەتلەشكەن ۋە شىزاڭ تەرەپنىڭ خالىغان چاغدا ئېلىپ ئىشلىتىشى ئۈچۈن قۇرال - ياراقلارنى سىككىم ، بېپار ، بوتابن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ شىزاڭغا يېقىن جايلىرىدا ساقلاشنى پىلانلىغان . ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا ھەرىكەتنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىپ « كوممۇنىستلارغا دەستەك بولۇپ قېلىش »ىدىن ئەنسىرەپ ، بۇ ئىشنى ھىندىستان ھۆكۆمىتى ئارقىلىق قىلىشنى پىلانلايدۇ . ھىندىستان ھۆكۆمىتىمۇ ئامېرىكا ئۈچۈن كەتمەن چېپىشقا رازى بولىدۇ . كېيىن قاتناش جەھەتتىكى قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن بۇ ئىش ۋاقتىنچە تاشلىنىپ قالىدۇ .
1951 - يىلى 5 - ئايدا ، جۇڭگو ھۆكۆمىتى شىزاڭ دالاي يەرلىك ھۆكۆمىتى بىلەن « شىزاڭنى تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىش چارىسى توغرىسىدىكى كېلىشىم » نى ئىمزالىغاندىن كېيىن ، ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى دەرھال دالاينىڭ ئاكىسى جالېدۇنجۇ ۋە تۇدېڭلوبۇلار بىلەن ئامېرىكىدا كۆپ قېتىم مەخپىي مەسلىھەتلىشىپ ، دالاينىڭ ھىندىستانغا بېرىپ بۇ كېلىشىمنى بىكار قىلىشىنى جاكارلاشنى پىلانلايدۇ .
1951 - يىلى 6 - ئايدا ، چاۋشيەن ئۇرۇشى پارتىلىغاندىن كېيىن ، ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ۋە ئامېرىكا گوۋۇيۇەنى داۋاملىق تۈردە شىزاڭدىكى يوقىرى قاتلام ئەربابلار بىلەن تىل بىرىكتۈرىدۇ .
1951 - -يىلى 9 - ئايدا ، ئەنگلىيە ئىشپىيۈنى پاتسىن شىزاڭدىن ئەمدىلا قېچىپ كەلگەن دالاينىڭ چوڭ ئاكىسى تۇدېڭلوبۇنى كۈتىۋالىدۇ . ئۇنىڭ ۋەزىپىسى دالاي بىلەن ھىندىستان ھەم غەرب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا « پەۋقۇلئاددە ئەلچى » بولۇشتىن ئىبارەت ئىدى . تۇدېڭلوبۇ ھىندىستاننىڭ كالكوتتا شەھرىدە ئامېرىكا ئەمەلدارى بىلەن : ئامېرىكا دالاينىڭ سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كېتىشى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا مۇراجىئەت قىلىشىنى قوللاش ، دالاي جۇڭگو كومپارتىيىسى ھۆكۆمىتىنىڭ 17 ماددىلىق كېلىشىمىنى رەت قىلىپ ، شىزاڭدىن قېچىپ چىقىش توغرىسىدا چۈشىنىش ھاسىل قىلىدۇ .
ئۇزاق ئۆتمەي مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى تۇدېڭلوبۇنى ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىدۇ . ئۇ پاتسېن ۋە ئامېرىكىنىڭ كالكوتتادىكى كونسۇلخانىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئارقىلىق دالاي بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرىدۇ .
1953 - يىلدىن كېيىن ، چاۋشيەن ئۇرۇشى ئاخىرلىشىشى بىلەن ئامېرىكا ئاخبارات ئىدارىسى ۋەزىيەتكە ھۆكۈم قىلىپ ، قانداق تەدبىرلەرنى قوللانغاندا كوممۇنىستلارنىڭ شىزاڭنى ئۆتكۈزىېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن شىزاڭغا ئىشپىيۇنلارنى ئەۋەتىشكە باشلايدۇ .
1954 - يىلى ، مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ھىندىستاننىڭ شىزاڭغا چېگىرداش بولغان ئارمولا ئەتىراپلىرىدا جاسۇسلۇق تورى تەھسىس قىلىپ ، ئۈچ تەلىم _ تەربىيە ئسىتانسىيىسى ، ئىككى « دوختۇرخانا » ۋە بىر « ئۆپكە كېسەللەر ساناتورىيىسى» قۇرىدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ ئورگانلار مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مەخپىي ھەرىكەت بازىلىرى ئىدى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى دالاي لامانىڭ ئىككىنچى ئاكىسى جالېدۇنجۇدىن پايدىلىنىپ شىزاڭدا ئىشپىيۇنلۇق تورىنى كېڭەيتىدۇ .
مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى قوللىغان « ئاسىيلىق ھەرىكىتى ئىلگىرى شىزاڭنىڭ شەرقىي قىسمى بىلەنلا چەكلىنەتتى » . كېيىن ، شىزاڭنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا كېڭىيىپ ، توپىلاڭنى « بىر مەيدان تاشيول ئۇرۇشى» غا ئايلاندۇردى . ئۇلار ئاتالمىش « دىننى قوغداش ئارمىيىى» ، «مىللى قوغدىنىش ئارمىيىسى » قۇرىدۇ . يەنە بىر قىسىم رەھىمسىز كاڭبالىقلار ۋە باندىتلارنى توپلاپ « جۇڭگوغا قارشى تۇرغۇچىلار سېپى» غا قاتناشتۇرىدۇ .
ئىسيانچىلار ( گالونباۋدىن كەلگەن) تاغ يولىغا تايىنىپ كېرەكلىك ئوق _ دورىلارغا ئېرىشكەن .
1856 - يىلى 2 - ئايدا ، شىزاڭدىكى ئاز سانلىق بۆلگۈنچى كۈچلەر كاڭبالىقلارغا قۇماندانلىق قىلىپ ، ئازادلىق ئارمىيىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ باردى . مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى پارتىزانلىق ئۇرۇش مۇتەخەسسىسى ئانتونى پوئىنى بۇ قېتىملىق توپىلاڭنى تەشكىللەشكە ئەۋەتكەن . « شىزاڭنىڭ شەرقىي قىسمىدىمۇ ، كۆپ يەردە تۇيۇقسىز ھۈجۇم باشلاندى ، بۇ جايلارنىڭ ئارىلىقى يېقىن بولغاچقا روشەنكى ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشقا توغرا كېلەتتى . بۇ ھەقتە مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى تەمىنلىگەن خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنلىرى مۇھىم رول ئوينىدى » . توپىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ، ئانتونى بىر قىسىم قالدۇق باندىتلارنى ئامېرىكىنىڭ كولورادو تاغلىق رايۇنىدىكى ئىل لاگىرىغا ئېلىپ بېرىپ تەربىيلەيدۇ . بۇ قىتىملىق توپىلاڭدىن كېيىن ، « ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى ، مەدەنىي تۇرمۇشنىڭ ئۆزگىرىشى توغرىسىدىكى ئۇچۇردۇر : 1956 - يىلى شىزاڭدا پاراشوت رەختتىن تىكىلگەن كىيىم _ كېچەكلەر پەيدا بولدى . بۇ ئارقىلىق پاختا بۇيۇملارنىڭ كەملىكى تولدۇرۇلدى . ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، بىرىنچى قېتىملىق ھاۋادىن تاشلاش 1956 - يىلى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ ، بېرمىدىن شىزاڭغا قاراپ ئۇچقان بىر ئايروپىلان بۇ بۇيۇملارنى باتاڭنىڭ جەنۇبىدىكى يورۇتقۇچى بومبا كۆرسىتىپ بەرگەن تاشلاش ئورنىغا تاشلىدى . ئۇندىن باشقا ئامېرىكا ئەركىن ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتى سابىڭ چوڭ لاما ، دالاينىڭ چوڭ ئاكىسى يۇدېڭلوبۇنىڭ ئامېرىكىدىكى ساياھەت قىلىپ نۇتۇق سۆزلىگەن پائالىيىتىگە ياردەم بەردى . بۇ ئىلمىي جەمئىيەت كۆرىنىشتە شەخسلەر تەشكىللىگەن پالامنت ئەزالىرى ۋەز ئېيتىش تەشكىلاتى يەنى ياروپادىكى تەشكىلاتلارغا ئوخشاش بولسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا قۇرۇلغانىدى . لوبۇ نۇتقىدا ئىسياننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . كېيىنكى بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئۇ كۆپ قېتىم مۇشۇنداق زىيارەت ئېلىپ باردى » .
ھاادىن تاشلاش ياردىمىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ، مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى شىزاڭغا باتۇر ، ئۇرۇشقاق كاڭبالىقلاردىن پەقۇلئاددە خادىملارنى تەربىيلەپ بەردى .
1958 - يىلنىڭ باشلىرى ، لاسانىڭ ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىپ كېتىدۇ . مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى « شىزاڭ ھۆكۆمىتى» گە ياردەم بېرىش تەلىپىنى تەيۋەندىن ھالقىپ ئۆتۈپ بىۋاستە ئامېرىكىغا ئوتتۇرىغا قويۇشقا دەەت قىلىدۇ . 1958 - يىلنىڭ ئاخىرى ، مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى تۈنجى قېتىم ھاۋادىن تاشلاش يولى بىلەن شىزاڭغا قۇرال يۆتكەيدۇ . ئۇلار ئىچىدە ئەنگلىيىدە ئىشلەنگەن 100 مىلتىق ، 20 پىلىموت ، 50 مىللىمېتىرلىق ئىككى مىناميوت ، 60 تال بومبا بولۇپ ، بارلىق مىلتىق مىناميوتلارغا 300 تالدىن ئوق سەپلەنگەنىدى .
مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى يۆتكىگەن قۇرال _ ياراقلار ھىندۇنېزىيىدىن كەلتۈرۈلگەنىدى . 1958 - يىلىنى ئالدىنقى يېرىمىدا سوكارنو ھۆكۆمىتى مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى قوللاپ كېلىۋاتقان ھىندۇنېزىيە توپىلاڭچى قوشۇنلىرىنى تىنجىتقاندىن كېيىن « مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ھىندۇنېزىيىگە يۆتكىگەن قۇراڭ _ ياراقلار بىردىنلا ئارتۇقچە نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى ، ھېچبولمىغاندا ھىندۇنېزىيە ئۈچۈن ئارتۇقچە نەرسە بولۇپ قالدى . شۇڭا ساقلىنىۋاتقان بۇ قۇراللار شىزاڭ قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرى قۇرال _ يارىقىنىڭ مۇھىم تۇلۇقلىمىسى بولۇپ قالدى » .
1959 - يىلى 3 - ئاينىڭ باشلىرىدا ، دالاي ئاسىيلىق قىلىپ قېچىپ كېتىشتىن بۇرۇنلا ، مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى دالاينى لاسادىن قېچىپ كېتىشكە قىزىقتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويغانىدى . ئەنگلىيە ئىشپىيونى پاتسىن ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ : « مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى تەمىنلىگەن فۇتۇ سۈرەتچى ۋە سىمسىز تېلېگراف رادىستى ئاللىبۇرۇنلا دالاينىڭ يېنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ، تەييارلىق قىلىپ قويۇلغانىدى » .
1959 يىلى شىزاڭدا توپىلاڭ يۈز بەردى . دۆلىتىمىز ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ، قەتئىي تەدبىر قوللىنىپ ، توپىلاڭنى تىنجىتتى . دالاي گورۇھى توپىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ، 1959 - يىلى 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى كېچىدە ، لوبۇلىنكادىن چىقىپ لاسا دەرياسىدىن ئۆتۈپ جەنۇبقا قاچتى . ئامېرىكا گوۋۇيۇەنى دەل شۇ چاغدا : ئامېرىكا « ئەزەلدىن شىزاڭنى مۇستەقىل دۆلەت دەپ قارىمىغان » دەپ بايانات ئېلان قىلدى . ئەمەلىيەتتە ، بۇ قېتىمقى توپىلاڭنى مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ئۆزى پىلانلاپ پەيدا قىلغانىدى . ئامېرىكا ئايروپلانلىرى شىزاڭ چېگرىسىغا نەچچە يۈز كېلومېتىر ئىشكىرىلەپ كىرىپ ، دالاينى ھاۋا بوشلىقىدا تۇرۇپ قوغدىدى ، ھاۋادىن يېمەكلىك تاشلاپ بەردى ھەمدە ئازادلىق ئارمىيىنىڭ قوغلاپ زەربە بېرىش قىسىملىرى ۋە ئىستىھكاملىرىنى ئوققا تۇتتى . دالاي قاتارلىقلار ئالتۇن _ كۆمۈش ۋە بوددا سارىيىدىكى ئۈنچە _ مەرايىت ، ياقۇتلارنى ئۇلاغلارغا ئارتىپ ماڭغان ، كاڭبالىقلار ئۇلارنى قوغداپ ماڭغان ، ئۇلار مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى تەربىيىلىگەن شىزاڭ پەقۇلئاددە خىزمەت دۈيى خادىملىرىنىڭ ياردىمىدە ، دۆلەت چېگرىسىدىكى تاغ ئېغزىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ، ئىككى ھەپتە يول يۈرۈپ ، ئاخىرى ھىندىستانغا قېچىپ بارغان . « مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى تەربىيىلىگەن رادىست يول بويى ئۇلار بىلەن تەڭ مېڭىپ ، دالاينىڭ بالايى ئاپەتلىك سەپىرىنى ۋاشىنگتونغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىپ تۇردى » . مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ داككادىكى بازىسى سەپەر ئۈستىدىكى دالاي بىلەن زىچ ئالاقىلىشىپ تۇردى ھەمدە ھەر ۋاقىت ھاۋادىن ئۇلارغا ئېھتىياجلىق ئەشيالارنى تاشلاپ بېرىش ئۈچۈن شىزاڭنىڭ شالاڭ ھاۋا بوشلىقىدا ئۇچۇشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان لۇكھىد شىركىتى ياسىغان 130_ c تىپلىق ترانسپورت ئايروپلانىنى تەييارلاپ قويدى . مۇشۇ قېتىملىق ھەرىكەتكە قاتناشقان مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ خادىمىنىڭ دېيىشىچە < ئەگەر مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ پىلانلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ھەمرالىقى بولمىغان بولسا دالايلار مۇشۇنداق ئوڭۇشلۇق قېچىپ كېتەلمەيتتى . دالاي توپىلاڭ قوزغاش ھارپىسىدا « مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى مەشىق لاگىرىنى تەيۋەندىن سايبان ئارىلىغا يۆتكىدى ، كېيىن يەنە ئامېرىكىنىڭ كولورادو شتاتىدىكى ھىل لاگىرىغا يۆتكىدى . چۈنكى بۇ يەرنىڭ يەر شەكلى ئېگىز بولۇپ ، چىڭخەي _ شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ھاۋاسىغا ئوخشايدىغان بولغاچقا ، شىزاڭلىقلارنىڭ مەشىق قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلەتتى . پىلان بويىچە 5 گۇرۇپپا ، جەمئىي 500 ئادەم بۇ يەردە مەشىق قىلدى » .
1959 - يىلنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلى ، مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ھىل لاگىرىدا تەربىيلەنگەن بىر تۈركۈم كاڭبالىقلارنى شىزاڭنىڭ شىمالىدىكى لاڭسوكا ۋە نېپالنىڭ غەربىدىكى موستان جىلغىسىدىكى شىزاڭ توپىلاڭچىلار بازىسىغا ھاۋادىن تاشلىدى . كېيىن شىزاڭنىڭ چاڭدۇ رايۇنىغا يەنە 170 ئىشپىيون تاشلىدى . ئۇلارنىڭ ھەر بىر تۈركۈمى 6 ئادەمدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ ، ئون ئادەمدىن 8 - 9 ىنىڭ ئىز _ دېرىكى بولمىغان .
1959 - يىلىنىڭ ئاخىرى ئېزىنخائوئېر زۇڭتۇڭ ھىندىستاننى زىيارەت قىلدى . ئۇ خۇدۈكسىرىگەنلىكى ھەم « سىياسىي جەھەتتىكى تەسىر » ىنى ئويلىغانلىقى سەۋەبىدىن ھىندىستاندا تۇرىۋاتقان دالاي بىلەن كۆرۈشمىدى . ( ئىككىنچى يىلى ئاق ساراي دالاينىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسىنى رەت قىلدى ) . ئەمما ، يېڭى دىھلىدا ، ئېزىنخائوئېر « مىللى قوغدىنىش ئەتىرىتى » نىڭ كاتتىبېشى گېڭبوزاشىنىڭ مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ئارقىلىق ئەۋەتكەن سوۋغىسىنى قوبۇل قىلدى . سوۋغات ئىچىدە بىر دانە زاڭزۇ پىچىغى ، بىر تۇمار قېپى ھەم زاڭزۇچە كىيىم - كېچەكلەر يەنە زاشىنىڭ بىر پارچە خېتىمۇ بار ئىدى . خەتنىڭ ئاخىرىدا : « ھازىر ۋەزىيەت خۇددى ئۈلۈش ئالدىدا تۇرۇاتقان كېسەل ئادەمنىڭ ئەھۋالىدەك جىددى ، ئېغىر روھىي كەيپىيات ئىچىدە ئالىيلىرىدىن بىز ئەمەل قىلىشقا تىگىشلىك بولغان ، ئەڭ ياخشى يول ئارقىلىق كۆرسەتمە بېرىشلىرىنى سۇرايمىز » دېيىلگەنىدى .
( داۋامى بار ) |
|