قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1822|ئىنكاس: 36
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئەرلەر بىلىشكە تېگىشلىك ئاياللارغا ئائىت مۇھىم ئىشلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

284

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   94.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  84876
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 108
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-4
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
مېنىڭ بىلىشىمچە يېقىنقى 10 - 20 يىلنىڭ مابەينىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەر-ئاياللارنىڭ ئاجرىشىشى بىر تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان پەللىگە يەتتى، ھەمدە ئۇنىڭدىن ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدىكى بىر قىسىم ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ئەر-ئاياللار ئاجراشقاندا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى، جەمئىيەت ۋە پۈتۈن خەلق زىيان تارتىدۇ. ئۇلاردىنمۇ بەكرەك ئاجراشقان ئائىلىدىكى بالىلار زىيانغا ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئۇنداق زىيانلارنى باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئاسانلىقچە تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەر-ئاياللارنىڭ ئاجرىشىشىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىدە سەۋەبلەر خېلى كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن غەيرىي مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىرى، ئىقتىسادنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى، دىنىي ئاڭنىڭ ئاجىزلىشىشى، ھەمدە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا پۇلغا چوقۇنىدىغان بىر خىل بىنورمال ۋە ناچار ئىنسان روھىيىتىنىڭ باش كۆتۈرۈشى قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. ئۇلاردىن باشقا ناھايىتى مۇھىم سەۋەبلەردىن يەنە بىرى بار. ئۇ بولسىمۇ ئەرلەرنىڭ ئاياللار ھەققىدە توغرا ۋە ئىلمىي چۈشەنچىگە ئىگە بولماسلىقى. شۇنداقلا ئاياللارنىڭمۇ ئەرلەر توغرىسىدا توغرا ۋە ئىلمىي چۈشەنچىگە ئىگە بولماسلىقى. مەن ھازىرغىچە بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختالغان يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇيغۇرچە ماقالىلەردىن بىرەرنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم. بەلكى ئۇنىڭغا ئۆزۈمدىكى شارائىت چەكلىمىسى سەۋەب بولغاندۇر. گەرچە مەن بۇ مەسىلە تىلغا ئېلىنغان بەزى لېكسىيەلەرنى ئاڭلاپ باققان بولساممۇ، ئۇنىڭدا سۆزلەنگەن مەزمۇنلارنىڭ ناھايىتى يېتەرسىز ۋە تېيىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. شۇڭلاشقا مەن مۇشۇ ۋە كېيىنكى يازمىلىرىمدا ھازىرقى زامان پىسخولوگىيە ئىلمىدە بايقالغان ئەرلەر ۋە ئاياللارغا ئائىت ئىلمىي چۈشەنچىلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. يەنى، مەن مەزكۇر ماقالىدە ئەرلەر بىلىشكە تېگىشلىك ئاياللارغا ئائىت ئەڭ مۇھىم ئىشلارنى، كېيىنكى ماقالىدە بولسا ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك ئەرلەرگە ئائىت ئەڭ مۇھىم ئىشلارنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن. مەن ئوقۇرمەنلەردىن بۇ ماقالىلەرنى كەڭ تۈردە تارقىتىپ، ئىمكانقەدەر كۆپرەك كىشىلىرىمىزنى ماقالىدىكى مەزمۇنلاردىن خەۋەردار قىلىپ قويۇشىنى سورايمەن. مېنىڭچە ئۇمۇ خەلقىمىز ئۈچۈن قىلغان بىر خالىسانە ۋە مۇھىم خىزمەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

     ھازىرقى زامان پىسخولوگىيە ئىلمىدە بايقىلىشىچە، ئاياللار ئەرلەردىن ئىستەيدىغان مۇنداق مۇھىم ئىشلار بار:


     1. ئاياللار ئىستەيدىغان بىرىنچى ئورۇندىكى نەرسە -- ئۈزۈلمەس مۇھەببەت

     ئاياللار ئېرىدىن ئىستەيدىغان بىرىنچى ئورۇندىكى نەرسە ناھايىتى مۇستەھكەم، ئۈزۈلمەس مۇھەببەتتىن ئىبارەت. ئاياللار ھەر ۋاقىت ئەرلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان نەرسە بولۇشىنى ئىستەيدۇ. ئۇلار ئېرىنىڭ ئۆزلىرىنى سۆيىدىغانلىقىنى داۋاملىق دەپ تۇرۇشىنى ياخشى كۆرىدۇ.

     ئادەتتە ئەرلەر ئايالىنىڭ ئۆزىگە بولغان سۆيگۈسىنى «ھەر ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشقا تېگىشلىك نەرسە» ياكى «بۇيرۇلغان نەرسە»، دەپ چۈشىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئاياللار ئېرىگە داۋاملىق «مەن سىزنى سۆيىمەن»، «مەن سىزگە كۆيىمەن» دېگەندەك گەپلەرنى دەپ تۇرمىسىمۇ بولۇۋېرىدۇ. بىر ئايالنىڭ ھازىرمۇ ئېرى بىلەن بىر ئۆيدە ياشاۋاتقانلىقى ئۇ ئايالنىڭ ئېرىگە كۆيىدىغانلىقىنىڭ نامايەندىسى بولالايدۇ. ئەمما ئاياللار ئۇنداق ئەمەس. ئاياللار ئېرىنىڭ ئۆزىگە بولغان سۆيگۈسىنى ھەرگىزمۇ «بۇيرۇلغان نەرسە»، دەپ چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار ھەر ۋاقىت «ئېرىم مېنى ھازىرمۇ ياخشى كۆرەمدىغاندۇ؟»، «ئۇ ھازىرمۇ مېنى ئويلاپ تۇرامدىغاندۇ؟»، «ئۇ ھازىرمۇ ماڭا كۆڭۈل بۆلەمدىغاندۇ؟»، «ئۇ ھازىرمۇ مېنى 1-ئورۇنغا قويامدىغاندۇ؟»، دەپ ئويلاپ تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا ئەرلەر ئايالىغا داۋاملىق تۈردە ئۇنىڭغا كۆيىدىغانلىق كۆڭلىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك.

     سىزنىڭ بەزىدە خىزمەت ئورنىڭىزدىكى ھەر خىل مەسىلىلەر ياكى سىرتقى كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى بەزى كۆڭۈلسىزلىك ياكى ئاغرىنىشلار تۈپەيلىدىن ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلگەندە ئايالىڭىزغا ئانچە گەپ قىلغۇڭىز كەلمەيدۇ. مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا ھەقىقىي ئەھۋالدىن خەۋەرسىز ئايالىڭىز «ئېرىم مېنى بۇرۇنقىدەك ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالدى»، دەپ ئويلايدۇ. شۇڭلاشقا سىز داۋاملىق تۈردە ئايالىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنى سۆيىدىغانلىق كۆڭلىڭىزنى بىلدۈرۈپ تۇرۇشىڭىز كېرەك. ئۇنداق قىلىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ئۇسۇللىرى بار:

     (1) ئايالىڭىزغا ئېغىزىڭىزدا داۋاملىق «مەن سىزگە كۆيىمەن»، دەپ تۇرۇش. سۆزنىڭ قۇدرىتى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. ئەرلەر ئۈچۈن ئايالىغا «مەن سىزگە ناھايىتىمۇ كۆيىمەن» دېيىش تولىمۇ غەلىتە، كىشىنى ئوڭايسىزلاندۇرىدىغان ئىش بولۇپ تۇيۇلىدۇ. ئەمما ئاشۇنداق سۆزلەرنى قىلىش ھەر ۋاقىت ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. ئاياللار ئاشۇنداق سۆزلەرنى ھەر ۋاقىت ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ.

     (2) ئايالىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ سۆيگۈسىنى فىزىكىلىق جەھەتتىن ئىپادىلەپ تۇرۇش. مەسىلەن، ئايالىڭىزنى پات-پات تۇتۇپ، پات-پات سىلاپ ۋە پات-پات قۇچاقلاپ قويۇش قاتارلىقلار. ئاياللار جىنسىي مۇناسىۋەتتىن باشقا فىزىكىلىق يېقىملىقنى، قەدىرلىنىشنى ۋە كۆيۈنۈشنى بەكرەك مۇھىم بىلىدۇ.

     (3) ھەمراھ بولۇپ بېرىش. ئەرلەر ئۈچۈن بۇ ئەڭ قىيىن ئىشلارنىڭ بىرى. ئادەتتە ئەرلەر ئۆزىنىڭ مەسىلىرىنى ئايالىغا دەپ بېرىشنى، ئۆزىنىڭ دەردلىرىنى ئايالىغا ئېيتىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ. بۇنداق قىلىش بەزىدە ئايالىغا نىسبەتەن ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك، ئۆزىنى بۇرۇنقىدەك ياخشى كۆرمەسلىك، ياكى ئۆزىدىن بىر قىسىم ئىشلارنى يوشۇرۇش بولۇپ تۇيۇلىدۇ. شۇڭلاشقا بەزىدە ئايالىڭىز بىلەن ئوبدان پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭغا ئۆز كۆڭلىڭىزدىكى ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتسىز بىر قىسىم گەپلىرىڭىزنى قىلىپ بېرىڭ. ئايالىڭىز يالغۇز سىزنىڭ ئاشۇنداق قىلىشىڭىزنى قارشى ئېلىپلا قالماي، ئۇنىڭدىن ناھايىتى خوش بولىدۇ. ئاياللار ئۆزى بىلەن ئېرى ئوتتۇرىسىدا ئەنە شۇنداق روھىي باغلىنىشنىڭ بار بولۇشىنى ئىستەيدۇ. بۇمۇ مۇھەببەتنىڭ بىر خىل ئىپادىسى.

     بەزىدە ئايالىڭىزنىڭ كەيپىياتى ئانچە ياخشى بولمايدۇ. ئاشۇنداق ۋاقىتلاردا ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭدىن ئېلىپ قېچىپ، ئايالىڭىز يوق يەرلەردە يۈرمەڭ. ھەمدە ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىپ، ئايالىڭىزنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ بېرىڭ. ئايالىڭىزنىڭ كۆڭلى يېرىم بولغان ۋاقىت، ئۇ سىزنىڭ ھەمراھلىقىڭىزغا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ۋاقىت. ئايالىڭىزنىڭ كەيپىياتى ياخشى ئەمەس ۋاقىتتا، ئۇ روھىي جەھەتتىن سىز بىلەن ئادەتتىكىدىنمۇ بەكرەك يېقىنلىشىشنى ئىستەيدۇ. سىزنىڭ كەيپىياتىڭىز ياخشى ئەمەس ۋاقىتتا، سىز ئايالىڭىزدىن يىراقراق تۇرۇشنى ئىستەيسىز. سىز ئايالىڭىز بىلەن گەپ تالىشىپ قالغاندا، ئۆزىڭىزنى مەيداندىن ئېلىپ قاچىدىكەنسىز، ئايالىڭىز ئۇنى «ئېرىم ماڭا ھەمراھ بولۇشنى رەت قىلدى»، دەپ چۈشىنىدۇ. سىز ئۆزىڭىزنى مەيداندىن ئېلىپ قاچماي، ئۇنىڭ ئورنىغا ئايالىڭىزغا: «ئامرىقىم، ھازىر مېنىڭ كۆڭلۈم سەل جايىدا ئەمەس. ھازىر مەن ئۈچۈن سىز بىلەن سۆزلىشىدىغانغا بىر ياخشى ۋاقىت ئەمەس. بىز يەنە بىر سائەتتىن كېيىن پاراڭلاشساق، قانداق دەيسىز؟»، دەڭ. ئاشۇنداق دېسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. ئاشۇنداق قىلسىڭىز ئايالىڭىز ھەرگىزمۇ «ئېرىم ئۆزىنى مەندىن ئېلىپ قاچتى»، دەپ ئويلىمايدۇ. ئىشلار نورمال ماڭىدۇ. گەپ تالىشىپ قالغاندا سىز ئايالىڭىزنىڭ گەپلىرىگە پەرۋا قىلماي بىر ياقلارغا كېتىپ قېلىش ئىنتايىن زىيانلىق ئىش. ئەڭ زىيانلىق ئىش. شۇڭلاشقا ئۇنداق ئىشلاردىن قەتئىي ساقلىنىڭ.

     ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئاياللارنىڭ كەيپىياتى ئاسانراق بۇزۇلىدۇ. كەيپىياتى بۇزۇلغاندا، ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا بەكرەك ئۆزىنى كونترول قىلالماي قالىدۇ. بۇ جەھەتتە ئەرلەر ئاياللاردىن كۆپ كۈچلۈك كېلىدۇ. شۇڭا سىز ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ توغرا ئۇسۇلىنى تەۋسىيە قىلىڭ. ھەرگىزمۇ چېچىلىپ كەتمەڭ. ئاشۇنداق بىنورمال پەيتلەردە ھەرگىزمۇ ئايالىڭىز بىلەن بەسلەشمەڭ.

     ئەرلەرنىڭ توي قىلغان خاتىرە كۈنىنى ئۇنتۇلۇپ قېلىشى بىر ناھايىتى ناچار ئىش. ئۇ بىر ناھايىتى خەتەرلىك ئىش. سىز ئۇ كۈننى ئۇنتۇلۇپ قالمىسىڭىز، ئايالىڭىز «ئېرىم مېنى ھازىرمۇ ياخشى كۆرىدىكەن، مېنى ھازىرمۇ ئويلاپ تۇرىدىكەن، مېنى ھازىرمۇ ناھايىتى قەدىرلەيدىكەن»، دەپ ئويلايدۇ. ئەگەر ئۇ كۈننى ئۇنتۇلۇپ قالسىڭىز، نەتىجە ئەكسىچە بولىدۇ. توي قىلغان كۈننى خاتىرىلەش بىر ئىنتايىن ياخشى ئىش بولۇپ، ئۇ دىنىمىزدىمۇ ھەرگىز ھارام ئەمەس. ئۇ دىنىمىزدىمۇ پۈتۈنلەي رۇخسەت قىلىنغان بىر ئىش. ئەرلەرنىڭ ئايالىغا «مەن سىزنى سۆيىمەن» دەپ تۇرۇشىدىن، ئايالىنى بىر رومانتىك غىزا بىلەن مېھمان قىلىشىدىن ئارتۇقچە ياخشى ئىش يوق. بۇنداق ئىشلارغا بىزنىڭ دىنىمىزمۇ پۈتۈنلەي يول قويىدۇ. شەرىئەت ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدا مۇشۇنداق يېقىن مۇناسىۋەتنىڭ بار بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

     بۇ ھەقتە دارۇ قۇتنىدا مۇنداق بىر ھەدىس بار: ھەزرىتى ئائىشە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن پات-پات «ھازىر ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭىز قانداقراق؟» دەپ سوراپ قويىدىغان بولۇپ، ھەر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا «مېنىڭ مۇھەببىتىم ھازىرمۇ خۇددى يەشكىلى بولمايدىغان چىگىشتەك چىڭ»، دەپ تۇرغان ئىكەن. بەزىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىشەگە ئاچچىقى كېلىپ قالغاندا، ئائىشە ئۇنىڭدىن «ھازىر چىگىشنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟»، دەپ سورايدىكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بولسا «چىگىش ھازىرمۇ بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكى بىلەن ئوخشاش چىڭ»، دەپ قويىدىكەن.

     ئەرلەر يالغۇز ئايالىغا «مەن سىزنى سۆيىمەن» دەپ تۇرۇپلا قالماستىن، ئايالى قىلغان ئىشلارنى، بولۇپمۇ ئايالى ئۆزى ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن ئىشلارنى ماختاپ تۇرۇشى كېرەك. ھەرگىزمۇ ئايالى قىلغان ئىشلارغا نىسبەتەن «قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار» دېگەن پوزىتسىيە تۇتماسلىقى كېرەك. ئاياللار داۋاملىق ئۆي تازىلايدۇ، ۋە تاماق ئېتىدۇ. ئاشۇنداق ۋاقىتلارنىڭ بەزىلىرىدە ئەرلەر ئايالىغا «ئۆينى كارامەت چىرايلىق قىلىۋېتىپسىز»، «تاماق دەھشەت ئوخشاپتۇ»، «مەن بۇ ئىشلىرىڭىزدىن ناھايىتى مىننەتدارمەن» دەپ، ئايالىنى ئازراق ماختاپ قويۇشى كېرەك. ھەرگىزمۇ «بۇلار ئايالىمنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى»، دەپ ئويلىماسلىقى كېرەك. ئەرلەر دېگەن ئاشۇنداق سۆزلەر بىلەن ئاياللار «ئېرىم مەن قىلغان ئىشلاردىن مىننەتدار ئىكەن، ئۇلارغا ، دەپ قارىمايدىكەن»، دەپ ئويلايدۇ. ئەرلەر ئىمكانقەدەر ئائىلە ئىشلىرىنىڭ يېرىمىنى قىلىشىپ بېرىشى كېرەك.

     2. ئەر-ئايالنىڭ تەپەككۇر جەريانى ئوخشاشمايدۇ

     ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى «ئاياللار ناھايىتى ھېسسىياتچان كېلىدۇ»، دەپ ئويلايدۇ. بۇنى ئاياللارنىڭ تەپەككۇر جەريانى ئەرلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، دەپ چۈشەنسىمۇ بولىدۇ. ئەرلەر تەپەككۇر قىلغاندا، مەلۇم بىر ۋاقىتتا مەلۇم بىر ئىش ئۈستىدىلا ئويلىنىدۇ. بۇ جەھەتتە بەزىلەر ئەرلەرنىڭ مېڭىسىنى خۇددى بىر كۆپ تارتمىلىق ئۈستەلگە ئوخشىتىدۇ. يەنى، ئەرلەر مەلۇم بىر ۋاقىتتا پەقەت بىرلا مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئۇنى بىر تەرەپ قىلىپ بولۇپ، ئاندىن كېيىنكى مەسىلىگە ئۆتىدۇ. مەلۇم بىر ۋاقىتتا پەقەت بىرلا تارتمىنى ئېچىپ، ئۇنىڭ ئىشى بىلەن ھەپىلىشىدۇ. ئۇ ئىش ھەل بولغاندىن كېيىن ئۇ تارتمىنى يېپىۋېتىپ، ئاندىن يەنە بىر تارتمىنى ئاچىدۇ. ئىشلارنى مانا مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ. ئادەتتە ئەرلەر مەلۇم بىر ئىش ئۈستىدە ئويلانغاندا، قالغان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويالايدۇ.

     ئاياللار بولسا ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلار بىرلا ۋاقىتتا كۆپلىگەن ئىشلار ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزەلەيدۇ. شۇڭلاشقا بەزىلەر ئاياللارنىڭ مېڭىسىنى بىر-بىرسىگە تۇتۇشۇپ كەتكەن ئۆمۈچۈك تورىغا ئوخشىتىدۇ. سىز ئۇنىڭ بىر يېرىنى تۇتۇپ تارتسىڭىز، ئۇنىڭ ھەممە يېرى تەڭلا مىدىرلايدۇ. ئائىلىنىڭ ئىشى، خىزمەتنىڭ ئىشى، بالىنىڭ ئىشى، ئۆزىنىڭ روھىي كەيپىيات مەسىلىلىرى قاتارلىقلار ئۈستىدە تەڭلا ئويلىنالايدۇ. ئەرلەر ئۈچۈن تەپەككۇرنى مۇشۇنداق ئېلىپ بېرىش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس.

     مەسىلەن، سىز كومپيۇتېردا 3 ئېكراننى تەڭلا ئېچىپ قويۇپ، ئۇنىڭ بىرسىدە بىر ئېلخەتكە جاۋاب يېزىپ، يەنە بىرسىدە بىر نۇتۇق تەييارلاپ، يەنە بىرسىدە بىر ئىش ئۈستىدە پىلان تۈزۈپ بېقىڭ. سىز ئۇنداق ئىشنى ھەرگىزمۇ قىلالمايسىز. سىز بىر ۋاقىتتا پەقەت بىرلا ئىشنى قىلىپ، ئۇنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن يەنە بىرسىگە ئۆتىسىز. سىز كومپيۇتېرغا قاراپ ئولتۇرغاندا ئايالىڭىز «ئامرىقىم، مەن تالاغا چىقىپ كىرەي. ئۇنىڭغىچە قازانغا قاراپ قويۇپ تۇرۇڭ. مەن قايتىپ كىرگىچە قازان تېشىپ كەتمىسۇن»، دېسۇن. سىز «ماقۇل» دەيسىز-يۇ، بۇ ئىشنى بىر قانچە سېكۇنت ئىچىدىلا ئۇنتۇلۇپ قالىسىز. قازان چوقۇم تېشىپ كېتىدۇ. ياكى ئاش چوقۇم كۆيۈپ كېتىدۇ. ياكى بولمىسا مانتا پۇشۇرۇۋاتقان قازاندىكى سۇ قايناپ تۈگەپ كېتىپ، پۈتۈن ئۆي ئىس پۇراشقا باشلايدۇ.

     ئەمما، ئايالىڭىز بالىغا قارىغاچ بىر تەرەپتىن كۆكتات توغراپ، بىر تەرەپتىن قازاندىكى نەرسىلەرنى قورۇپ، يەنە بىر قازاندا سۇ قاينىتىپ، بىرلا ۋاقىتتا 5-6 ئىشنى تەڭ قىلالايدۇ. بۇ خىل ئەمەلىيەتنىڭ ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتىگە قانداق تەسىرى بار؟ ئادەتتە ئاياللار ئېرى بىلەن مەلۇم بىر ئىش ئۈستىدە سۆزلىشىۋېتىپ، توساتتىنلا يەنە بىر مەسىلىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە يېڭى بىر تېمىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئەر كىشى بۇنداق ئەھۋالدا نېمە ئىش بولۇپ كېتىۋاتقىنىنى بىلەلمەي قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئەر كىشىگە بىر ناھايىتى تەرتىپسىز ئىشتەك تۇيۇلىدۇ.

     مەسىلەن، تۆۋەندىكى بىر مىسالغا قاراپ باقايلى:
     --ئايال: ئامرىقىم، مەن بۇ ھەپتە ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، ئۆينىڭ ئىشىغا زادىلا يېتىشەلمەي كېتىۋاتىمەن. بۇنداق يۈرمەي، ماڭا ئازراق ياردەملەشسىڭىز بولمامدۇ؟
     --ئەر: مەن تېخى تۈنۈگۈن تاختاي پولنى يۇيۇۋەتتىمغۇ؟
     --ئايال: مەن ھەر كۈنى سىزنى دەپ تاماق ئېتىمەن، بالىدىن خەۋەر ئالىمەن، ئۆينى تازىلايمەن، ئەمما زادىلا قاقشىمايمەن. سىز بىر قېتىم پولنى يۇيۇپ قويغانغا شۇنى پېشانەمگە قويۇۋاتامسىز؟
     --ئەر: بۇ گەپنى مەن چىقارمىدىم، ئۇنى سىز ئۆزىڭىز باشلىدىڭىز.
     --ئايال: مەن سىزنى قانداق ياخشى تاماقلارنى ئېتىپ بېقىۋاتىمەن، بىلەمسىز؟ گەپ قىلمىسا تېخى بىر كىچىككىنە ئىشقا غۇدۇرلاپ كەتكىنىنى؟ سىز بالا تۇغۇپ باقتىڭىزمۇ؟ سىز بالا ئېمىتىپ باقتىڭىزمۇ؟ بىرەر قېتىم كىر يۇيۇپ باقتىڭىزمۇ؟ بۇ ئۆينى كىم ھازىرقىدەك تۇتۇپ مېڭىۋاتىدۇ، بىلەمسىز؟ مەندىن زېرىككەن بولسىڭىز، بۇرۇن ياخشى كۆرگەن قىزىڭىزنىڭ قېشىغا كېتىڭ!

     بۇرۇن توي قىلىپ باقمىغان بىر ئەر ئۈچۈن بۇنداق ئىشلار تولىمۇ ئېغىر كېلىدۇ. توي قىلىپ، ئۆي تۇتۇپ، ئايالىغا ماۋۇ بىر ئىش ئۈستىدە گەپ باشلىسا، ئايالى گەپنى ھېلىقى ئىش بىلەن ھېچ قانداق مۇناسىۋىتى يوق يېڭى بىر تېمىغا يۆتكەيدۇ. ئۇنىڭدىن يەنە بىر يېڭى تېمىغا يۆتكەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن گەپنىڭ ئاخىرى ئۈزۈلمەيدۇ.

     ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئەھۋالدا ئايال ئېرىگە ھۆرمەت قىلمىغان بىر ئىش مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالنى ئايال كىشىنىڭ تەپەككۇر جەريانى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

     ئەرلەر بىلىشكە تېگىشلىك يەنە بىر ئىش شۇكى، ئاياللار ئېرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇرۇن يۈز بەرگەن ئىشلارنى مەڭگۈ ئەستىن چىقارمايدۇ. بىر ئىش يۈز بېرىپ، بىر قانچە يىل، ھەتتا بىر قانچە ئون يىل ئۆتۈپ كەتسىمۇ ئۇ ئىش ئايالنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتمەيدۇ. مەسىلەن، سىز توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىر ئايالغا ئازراق كۆڭلىڭىز چۈشۈپ قالغان، ھەمدە بۇ ئىشنى ئايالىڭىز سېزىپ قالغان بىر ئىش يۈز بەرگەن، دەيلى. گەرچە سىز بىلەن يەنە بىر ئايال ئوتتۇرىسىدا باشقا ھېچ قانداق ئېغىر خاتالىق يۈز بەرمىگەن، ئۇ ئىش شۇ يەردىلا تۈگىگەن بولسىمۇ، ئايالىڭىز 5 يىل، 10 يىل، ھەتتا 20 - 30 يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ ئاشۇ ئىشنى پېشانىڭىزگە قويىدۇ. ئەرلەر ھازىرقى ۋاقىتتا پەقەت كۆز ئالدىدىكى مەسىلىلەر، ۋە كۆز ئالدىدىكى مۇھىم ئىشلار ئۈستىدىلا ئويلىنىدۇ. بۇرۇنقى ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنى ئانچە ئويلاپ قويمايدۇ. ئەمما ئاياللار ئۇنداق ئەمەس. ئۇلار بۇرۇن بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى مېڭىسىدىكى بىر ئۇچۇر ئىسكىلاتىدا ساقلاپ، ئېرى بىلەن سۆزلەشكەندە، ھېلىقى ئىشلارنىڭ ھازىرقى پاراڭ بىلەن ھېچ قانداق مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، ئۇ ئىشلارنى بىر-بىرلەپ سۆرەپ چىقىپ، ئېرىنىڭ ئالدىغا تاشلايدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاياللار ئۈچۈن بىر خىل تەبىئىي ئەھۋال بولۇپ، ئەرلەر ئۇنى توغرا چۈشىنىشى كېرەك. يۇقىرىقىدەك ئىشلارغا يولۇققاندا بەك سەكرەپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئېغىر بېسىق بولۇپ، ئايالىغا بىر ئاز يول قويۇپ، ئىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ ئەرلەر ھەرگىز ئاياللار بىلەن بەسلەشمەسلىكى كېرەك.

     ئەر-ئايالنىڭ جىنسىي مۇناسىۋىتى جەريانىدا يۈز بېرىدىغان، تەپەككۇر جەريانى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان يەنە بىر مۇھىم ئىش بار. ئۇ بولسىمۇ، بىر جۈپ ئەر-خوتۇن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈۋېتىپ، ئىشلار ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان بىر پەيتتە، ئايالنىڭ خىيالى بۇ ئىش بىلەن ھېچ قانداق مۇناسىۋىتى يوق باشقا بىر ئىشلارغا كېتىپ قېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئايال كىشى ئاشۇنداق بىر پەيتتە ئەتىدىكى بالىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىش، كەچلىك تاماق ئېتىش، ۋە خىزمەتتىكى بىر ۋەزىپىنى ئورۇنلاش قاتارلىق ئىشلارنى ئويلىشى مۇمكىن. بەزىدە ئايال كىشى كارىۋاتتىكى ئىش ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان بىر پەيتتە ھەتتا باشقا بىر تېما ئۈستىدە ئېرىگە سۆز ئېچىشىمۇ مۇمكىن: «ئامرىقىم، ئەتە بالىنى مەكتەپكە سائەت 7 دىن بۇرۇن ئاپىرىپ بولۇشنى ئۇنتۇلۇپ قالماڭ، جۇمۇ؟». بۇمۇ ئاياللارنىڭ بىر خىل تەبىئىي خۇسۇسىيىتى بولۇپ، ئەرلەر ئۇنى توغرا چۈشىنىشى كېرەك. ئاياللار كارىۋاتتا ئىش يۈز بېرىۋاتقان ۋاقىتتىمۇ بىرلا ۋاقىتتا كۆپلىگەن ئىشلار ئۈستىدە تەڭلا ئويلىنالايدۇ.

     بۇ يەردە ئاياللارمۇ مۇنداق بىر ئىشنى بىلىشى كېرەك. ئۇ بولسىمۇ كارىۋاتتىكى ئىش يۈز بېرىۋاتقاندا، ئەرلەر ئاشۇ جىنسىي مۇناسىۋەتتىن باشقا ھېچ قانداق ئىشنى ئويلىمايدۇ. ئاشۇنداق بىر پەيتتە ئايالىنىڭ يۈز بېرىۋاتقان ئىش بىلەن مۇناسىۋەتسىز باشقا ھەر قانداق بىر تېمىدا سۆز قىلىشى ئەرنىڭ كەيپىياتنى ئۆلتۈرۈش رولىنى ئوينايدىغان بولۇپ، ئۇ ئەرنىڭ كەيپىياتىنى بۇزىدۇ، ھەمدە ئەرنى قاتتىق رەنجىتىدۇ.

     3. ئاياللار روھىي كاپالەت تەلەپ قىلىدۇ

     ئەرلەر ئائىلىنىڭ ماددىي، جۈملىدىن ئىقتىسادىي ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە ساغلام بولۇشىنى ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ. بۇ بىر ياخشى ئىش. ئەمما ئاياللار ئىقتىسادىي كاپالەتكە قارىغاندا روھىي كاپالەتنى تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇنغا قويىدۇ. ئەرلەر «ھەر كۈنى ئەتىگەندىن كەچكىچە قاتتىق ئىشلەپ، ئائىلىنى ئىقتىسادىي كىرىم بىلەن ياخشى تەمىنلەپ ماڭسام، ئايالىمنى ئىقتىسادىي جەھەتتە رازى قىلساملا، شۇ كۇپايە»، دەپ ئويلايدۇ. ئەمما ئايال كىشى «ئېرىم ئانچە ئۆيدە تۇرماس بولۇپ قالدى، قارىغاندا ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتى ئاجىزلىشىپ، ماڭا ئانچە قىزىقمايدىغان بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ»، دەپ ئويلايدۇ. ئاياللار دۇكانلارغا بېرىپ، نەرسە سېتىۋېلىشقا ئامراق، ۋە كىيىمگە تولىمۇ ئامراق بولغاچقا، ئەرلەر «ئاياللارنىڭ ماددىي ئېھتىياجى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ»، دەپ ئويلاپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا، ئومۇمىيلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئاياللار كۈچلۈك روھىي باغلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر كەمبەغەل ئەر بىلەن ئۆتۈشنى، يېتەرلىك دەرىجىدىكى روھىي باغلىنىشقا كاپالەتلىك قىلالمايدىغان بىر پۇلدار ئەر بىلەن ئۆتۈشكە قارىغاندا بەكرەك خالايدۇ. مەلۇم بىر ئىلمىي تەكشۈرۈشكە قاتناشقان 90 پىرسەنت ئاياللار ئېرىنىڭ بىر تۆۋەن مائاشلىق خىزمەتنى قىلىپ، ئۆيدە كۆپرەك تۇرۇشىنى بىر يۇقىرى مائاشلىق خىزمەتنى ئىشلەپ، ئۆيدە ئانچە تۇرالماسلىقىدىن كۆپ ئۈستۈن كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يەنى، 90 پىرسەنت ئاياللار ئەرلىرىدىن تۆۋەنرەك مائاش ئالسىمۇ ئۆيدە كۆپرەك تۇرۇشىنى ئىستىگەن. ئېرى مائاشنى ئاز ئالسىمۇ، ئۆيدە كۆپرەك تۇرۇپ بەرسە شۇنىڭغا بەكرەك رازى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

     شۇڭلاشقا، ئەرلەر ئائىلىسىنى ئىقتىسادىي كاپالەتكە ئىگە قىلىپلا قالماي، ئايالىنى روھىي جەھەتتىكى كاپالەتكىمۇ ئىگە قىلىشى كېرەك. بۇ ئىككى ئىشنى ئوخشاش دەرىجىدە ئېلىپ مېڭىشى كېرەك. ئەرلەر ئۆزىنى ھەرگىزمۇ ئائىلىسىنى ئىقتىسادىي كىرىم بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، بىر چوڭ ئۆيى بارلىقى، ۋە ئائىلىسىنىڭ بارلىق ئىقتىسادىي ئېھتىياجىدىن چىققانلىقى ئۈچۈنلا ھەممە ئىشنى جايىدا قىلىپ بولغان بىر ئادەم ھېسابلىماسلىقى كېرەك. ئاخشىمى ئايالى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ تۇرغانلىقى ئۈچۈنلا «ئايالىمنى روھىي كاپالەتكە ئىگە قىلىۋاتىمەن»، دەپ ئويلاپ قالماسلىقى كېرەك. روھىي كاپالەتنى ئۇنداق ئامىللار بەلگىلىمەيدۇ. ئەرلەر ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ماددىي بايلىق ئايالىنىڭ كۆڭلىدىكى بوشلۇقلارنى تولۇق تولدۇرالمايدۇ. ئەرلەر ھازىرلاپ بەرگەن ماددىي نەرسىلەر ئايالىنىڭ روھىي جەھەتتىكى ئېھتىياجلىرىنى تولۇق قاندۇرالمايدۇ. روھىي نەرسىلەرنىڭ ئورنىنى ماددىي نەرسىلەر تولۇق ئالالمايدۇ. شۇڭلاشقا ئەرلەر ئايالىنىڭ ماددىي ۋە روھىي ئېھتىياجلىرىنىڭ ھەر ئىككىسىنى ئوخشاش دەرىجىدە قاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك.

     ئۇنداقتا روھىي كاپالەتنى قانداق ۋۇجۇدقا كەلتۈرىمىز؟ ئايالىڭىزغا پات-پات تېلېفون قىلىپ تۇرۇڭ. پات-پات ئۇچۇر يوللاپ تۇرۇڭ. خاتىرە كۈنلىرى سوۋغات ئېلىپ بېرىپ تۇرۇڭ.

     ئاياللار ئېرىدىن تەلەپ قىلىدىغان يەنە بىر نەرسە ئۇنىڭ ۋاقتى. ئەرلەر ئۈچۈن «ۋاقىت» دېگەن سۆز ئۇنىڭ قولىغا تاقىۋالغان سائەتنى كۆرسىتىدۇ. ئاياللار ئېرىگە «سىز زادىلا مەن ئۈچۈن ۋاقىت سەرپ قىلمايسىز» دېسە، ئۇنىڭ ئېرى دەرھاللا «مەن ھەر كۈنى 6 سائەت ئۇخلايمەن، 8 سائەت ئىشلەيمەن، قالغان 10 سائەت ۋاقىت ئۆيدە ئايالىم بىلەن بىللە بولىمەن»، دەپ، بىر خىل ۋاقىت ھېسابلاش ھالىتىگە كىرىپ كېتىدۇ. ھەمدە «مەن سىز بىلەن ھەر كۈنى 10 سائەت بىللە يۈرسەم، يەنە نېمىشقا مەندىن ۋاقىت بەرمىدى، دەپ قاقشايسىز»، دەپ ئويلايدۇ. ۋاقىتقا كەلگەندە ئاياللارنىڭ ئېنىقلىمىسى ئەرلەرنىڭ ئېنىقلىمىسىغا قەتئىيلا ئوخشىمايدۇ. ئەرلەر سائەتنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئاياللار بولسا ئېرى ئۆزى ئۈچۈن سەرپ قىلغان سۈپەتلىك ۋاقىتلارنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئېرىنىڭ ئۆزىگە دىققەت بەرگەن، باشقا ھېچ قانداق ئىشنى ئويلىماي، پەقەت ئۆزىنىلا ئويلاپ، پەقەت ئۆزىگىلا دىققەت بەرگەن، پەقەت ئۆزىگىلا كۆڭۈل بۆلگەن ۋاقىتلارنى كۆزدە تۇتىدۇ. سىز ھەپتىدە 5 كۈن ئىشلەيسىز. شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرىنىڭ ئاخشىمى بىرەر تېلېۋىزور پروگراممىسى، بىرەر مۇسابىقە كۆرمەكچى بولىسىز. ئايالىڭىز ئۈچۈن ئەنە شۇ ۋاقىت ئەڭ سۈپەتلىك ۋاقىت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سىز ئاشۇنداق ۋاقىتلارنى ئايالىڭىز بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈشنى خالىمىسىڭىز، ئايالىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ سۈپەتلىك ۋاقىتلىرىنى بەرمىگەن بولىسىز. ئايالىڭىز بۇ ئىشلارنى ئەنە شۇنداق چۈشىنىدۇ.

     بۇ دېگەنلىك ھەرگىزمۇ سىز بىر قىسىم بوش ۋاقتىڭىزنى باشقا دوست ياكى تونۇشلىرىڭىز بىلەن ئۆتكۈزمەڭ، دېگەنلىك ئەمەس. سىز بىر قىسىم بوش ۋاقتىڭىزنى چوقۇم ئاشۇنداق كىشىلەر بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈشىڭىز كېرەك. ئەمما ئايالىڭىزنىڭ بىر قىسىم سۈپەتلىك ۋاقىتلارنى سىز بىلەن بىللە ئۆتكۈزگۈسى بارلىقىنىمۇ ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىقىڭىز كېرەك.

     4. ئاياللار ئېرىدىن بىر سەپداش، بىر دوست بولۇپ بېرىشنى ئىستەيدۇ

     ئاياللار ئۈچۈن بىر غايىۋى ئەر ئۆزىگە ئەڭ يېقىن دوست بولۇپ بېرەلەيدىغان ئەردىن ئىبارەت. ئەرلەر ئۈچۈن ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس. ئەرلەرنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى ئۇنىڭ ئايالى بولۇشى ناتايىن. ئەرلەر ئايالىنى ئۆلگۈچە ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۆزى ئۈچۈن يەنە باشقا بىر ئەڭ ياخشى دوست تۇتالايدۇ. ئەمما ئەرلەر ئايالىدىن ئۆزىنى ناھايىتى قاتتىق سۆيۈشنى ئىستەيدىكەن، ئۇلار چوقۇم ئايالىنىڭ ئەڭ ياخشى دوستىغا ئايلىنىشى كېرەك.

     ئەڭ ياخشى دوستلارنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنىڭ دەردىنى ۋە باشقا پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ بېرىشتىن ئىبارەت. ئاياللار بەزىدە ئېرىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلغان، ئۆزىنىڭ بېشىنى ئاغرىتقان، ۋە كۆڭلىنى رەنجىتكەن ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىدۇ. ئېرى بىلەن ھېچ قانداق مۇناسىۋىتى يوق ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىدۇ. شۇنداق ۋاقىتتا ئەرلەر «ئايالىم ئۆزىنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مېنىڭ يېنىمغا كېلىپتۇ»، دەپ ئويلاپ قالىدۇ. ھەمدە «سىز ماۋۇ ئىشنى خاتا قىلىپسىز، سىز ئاۋۇ ئىشنى قىلمىسىڭىز بولاتتى، سىز ماۋۇ گەپنى دېمىسىڭىز بولۇپتىكەن»، دېگەندەك گەپلەر بىلەن ئايالىغا ياردەم قىلىشقا، ئايالىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋېتىشكە ئۇرۇنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئايالىنىڭ ئىستەيدىغىنى ئۇ ئەمەس. ئەرلەر بىر دوستىنىڭ يېنىغا بېرىپ دەرد تۆككەندە ياكى بىرەر مەسىلە ئۈستىدە گەپ قىلغاندا، ئۇ قارشى تەرەپتىن ئۆزىگە بىر خىل مەسلىھەت بېرىشنى، ئۆزىگە مەسىلە ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى دەپ بېرىشنى ئىستەيدۇ. ئەمما، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئايالىڭىز سىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز مەسىلىلەرنى سىز ئارقىلىق ھەل قىلىۋېلىشنى ئىستىمەيدۇ. ئۇ پەقەت ئىچىنى بوشىتىۋېلىش ئۈچۈن بىر جورە ئىزدەيدۇ. گېپىنى ئاڭلاپ بېرىدىغان، ھەمدە ئۆزىگە ھېسداشلىق قىلىدىغان بىر ئادەم ئىزدەيدۇ. ھەمدە سىزنى ئاشۇنداق ئادەملەرنىڭ بىرى ھېسابلاپ، سىزنىڭ قېشىڭىزغا كېلىدۇ. بۇنداق ۋاقىتلاردا سىز ھېچ ئىش قىلماي، پەقەت ئايالىڭىزنىڭ گەپلىرىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپ بەرسىڭىز، ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىپ، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى قوللاپ بەرسىڭىزلا كۇپايە قىلىدۇ. ئايالىڭىز ئۈچۈن بۇ سىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئەڭ سۈپەتلىك ۋاقىتلارنى بىللە ئۆتكۈزگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

     ئىمكانىيىتىڭىز يار بەرسە، كېلەر قېتىم بىر قانچە ئاياللار توپلىشىپ پاراڭلىشىۋاتقان بىر سورۇنغا بىر ئاز دىققەت قىلىپ قويۇڭ. ئەرلەر 5 مىنۇتقا قالماي پاراڭلىشىپ تۈگىتىپ بولىدىغان بىر تېما ئۈستىدە ئاياللار 30 مىنۇت، بىر سائەت، ھەتتا بىر قانچە سائەت پاراڭلىشىدۇ. ئۇلار بىر تېمىنى تەكرارلاپ، بىر تېمىنى ئۇزۇنغا سوزۇپ، ناھايىتى ئۇزۇن پاراڭلىشىدۇ. بۇنداق ئەھۋال بەزىدە ئەرلەرنىڭ ئىچىنى پۇشۇرۇۋېتىدۇ. سەۋەبى سىز بىر ئەر بولغاچقا، بۇنداق ئىشلارغا بىر ئەرلىك خاراكتېرنى ئىشقا سېلىپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىسىز. ئەمما ئاياللار ئۈچۈن بۇ بىر ناھايىتى نورمال ئىش. ئاياللار ئۈچۈن مانا بۇ ئۇلارنىڭ نورمال ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى. ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بېرىدىغان، ئۆزىگە ھېسداشلىق قىلىدىغان، ۋە ئۆزىنىڭ دەردىنى كۆتۈرۈشۈپ بېرىدىغان كىشىلەرگە ئېھتىياجى بار.

     ئاياللارنى بىئارام قىلىدىغىنى ئۇلار يولۇققان مەسىلىنىڭ ئۆزى بولماستىن، بەلكى ئاشۇ مەسىلە كەلتۈرۈپ چىقارغان ھېسسىيات ياكى كەيپىياتتۇر. ئەرلەر ئاسانلىقچە باشقا ئەرلەر بىلەن ئۆزلىرىنىڭ كەيپىياتى ياكى ھېسسىياتى ئۈستىدە پاراڭلاشمايدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى باشقىلارغا دېيىشتىن ئەيمىنىدۇ ياكى نومۇسلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ھېسسىيات توغرىسىدا پاراڭلاشماي، مەسىلە ئۈستىدە پاراڭلىشىدۇ. ئاياللار بولسا ھېسسىيات ئۈستىدە پاراڭلىشىدۇ. ئۇلار «مەن رەنجىدىم، مېنىڭ كۆڭلۈم ئاغرىدى، مەن ناھايىتى خاپا بولۇپ كەتتىم» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ قارشى تەرەپتىن ئىستەيدىغىنى بىر خىل ھېسداشلىقتىن ئىبارەت.

     ئەرلەر ئۈچۈن ئايالىنىڭ يۇقىرىقىدەك پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ بېرىش ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس. ئەرلەر ئۈچۈن ئىككى مىنۇتتا تۈگەيدىغان گەپنى ئۇلار ئايالىدىن 10 - 20 مىنۇت ئاڭلاپ بەرمىسە بولمايدۇ. شۇڭلاشقا بۇنداق ئىشلار ئەرلەر ئۈچۈن تولىمۇ ئىچ پۇشۇرىدىغان، ئادەمنى ناھايىتى زېرىكتۈرۈۋېتىدىغان ئىشلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ ئەرلەر مۇشۇنداق ئەھۋالدا چوقۇم ئايالىنىڭ گېپىنى تولۇق زېھىن بەرگەن ئاساستا ئاڭلاشنى ئۆگىنىشى كېرەك. ئەگەر سىز ئۇنداق قىلمايدىكەنسىز، سىز بىر كۆيۈمچان ئەر بولالمايسىز.

     ئەگەر ئايالىڭىزنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن سىز نېمە ئىش قىلىشنى بىلەلمەي قالىدىكەنسىز، سىز ئۇنىڭدىن «ئامرىقىم، مەن سىزگە بىرەر چارىنى تەۋسىيە قىلايمۇ، ياكى ئۆزىڭىز بىر ئاز ئويلىنىپ باقامسىز؟»، دەپ سوراپ بېقىڭ. ھەرگىزمۇ ئايالىڭىز گېپىنى تۈگىتىپ بولغۇچە سىز ئۇنىڭغا مەسىلە ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى دەپ بېرىشكە ئالدىراپ كەتمەڭ.

     تۇرمۇشلۇق بولۇش دېگەنلىك، بىر جۈپ ئەر-ئايال بىر-بىرىگە بېرىپ، بىر-بىرىدىن ئېلىش دېمەكلىكتۇر. سىز ئالدى بىلەن ئايالىڭىز ئىستىگەن نەرسىنى بېرىشىڭىز كېرەك. پەقەت شۇنىڭدىن كېيىنلا سىز ئۇنىڭدىن ئۆزىڭىز ئىستىگەن نەرسىنى ئالالايسىز. رومانتىك بولۇش دېگەنلىك، سىز ئايالىڭىزغا ئۇنى ئويلاپ تۇرۇۋاتقانلىقىڭىزنى، ئۇنىڭغا كۆيۈنىدىغانلىقىڭىزنى، ۋە ئۇنى قەدىرلەيدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ تۇرۇش، دېگەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەگەر سىز ئايالىڭىزغا كۆيسىڭىز، ئايالىڭىز ئۆزىنى سىزنىڭ قەلبىڭىزدە 1-ئورۇندا تۇرىدىغان نەرسە ھېسابلاپ، شۇنىڭ مۇكاپاتى ئورنىدا ئايالىڭىز سىزگە ھۆرمەت ئاتا قىلىدۇ. ئۇ سىزنى ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى 1-ئورۇنغا قويىدۇ. تۇرمۇشلۇق بولۇش بىر ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ئاساسىغا قۇرۇلغان ئىش بولۇپ، بۇ ئىشتا ھەر ئىككى تەرەپ تەڭ كۈچ چىقىرىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئائىلە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىپ ماڭىدۇ.

     5. ئاياللار ئۈچۈن جىنسىي مۇناسىۋەت ھېسسىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدىغان نەرسە

     ئاياللار ئۈچۈن جىنسىي مۇناسىۋەت روھىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ۋاسىتىسى بولۇپ، كۆڭۈل ئېچىش ۋاسىتىسى ئەمەس. ئەرلەرنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتكە فىزىكىلىق ئېھتىياجى بار. شۇڭلاشقا ئۇلار جىنسىي مۇناسىۋەتنى قوغلىشىدۇ، ئۇنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدۇ، ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىنى ئۆزى باشلاپ بېرىدۇ. ئاياللارنىڭ بۇ جەھەتتىكى فىزىكىلىق ئېھتىياجى ھەرگىزمۇ روھىي جەھەتتىكى ئېھتىياجىدەك كۈچلۈك بولمايدۇ. شۇڭلاشقا ئەگەر بەزىدە ئايالىڭىز جىنسىي مۇناسىۋەتكە قىزىقمىسا، سىزگە تېزلا «ماقۇل» دېمىسە، ياكى بۇ ئىشقا پەقەتلا ئۇنىمىسا، سىز ئۇنى ئۆزىڭىزگە ئېلىپ كەتمەڭ. «ئايالىم باشقا ئاياللارغا ئوخشىمايدۇ»، دەپ ئويلىماڭ. ئايالىڭىزنىڭ ئۇنداق قىلىشى سىزنىڭ بۇرۇنقى بۇ جەھەتتىكى ئىپادىڭىز بىلەن ئاساسەن مۇناسىۋەتسىز.

     ئەرلەر بىر ئايالنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا، ئۇلار ئىستەيدىغان بىرىنچى ئىش ئاشۇ ئايال بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش. ئاياللار بىر ئەرنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا، ياكى ئۆزىنى قاتتىق ياخشى كۆرگەن بىر ئەرگە يولۇققاندا، ئۇلار ئىستەيدىغان بىرىنچى مۇھىم ئىش ئاشۇ ئەر بىلەن ھېسسىيات جەھەتتە ياخشى مۇناسىۋەت بەرپا قىلىش بولۇپ، ئۇلار ئۈچۈن جىنسىي مۇناسىۋەت ئىككىنچى ئورۇندىكى ئىش بولىدۇ. ئاياللار ئېرىگە «مېنىڭ بۈگۈن بۇ ئىشنى قىلغۇم يوق»، دېسە، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ دېگىنى راست بولىدۇ. يەنى، ھەقىقەتەنمۇ ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتا بۇ ئىشنى كۆڭلى تارتمىغان بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ بىرەر باھانە كۆرسىتىۋاتقان ئىش ئەمەس. ئەرلەر ئۈچۈن كارىۋاتتىكى ئىش بىر خىل ھۇزۇرلىنىش بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق ئەرلەر كۆڭلىنى تىنچىتىپ، بىر خىل يۇقىرى دەرىجىلىك كۆڭۈلنى ئارام تاپقۇزۇش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. ئەمما ئاياللار بىر كۈن ئىشلەپ، بالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن تاماق تەييارلاپ، قاتتىق چارچاپ كەتكەن ۋاقىتتا، كارىۋاتتىكى ئىش ئۇلار ئىستەيدىغان ئىشلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئورۇندىكىسى بولۇپ قالىدۇ. كارىۋاتتىكى ئىش يۈز بەرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى ئەرلەرگە ئوخشاش راھەتلەندۈرمەيدۇ، ۋە ھەرگىزمۇ ئاياللارنىڭ كۆڭلىگە ئەرلەرگە ئوخشاش ئارام بەرمەيدۇ. ئۇنداق كۈنلىرى كارىۋاتقا چىقىپ، كۆزىنى يۇمۇپ ئۇخلاش ئاياللار ئۈچۈن قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان ئىش بولۇپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا ئەرلەر بۇ ئەھۋاللارنى توغرا چۈشىنىشى كېرەك.

     بۇ دېگەنلىك ھەرگىزمۇ ئەرلەر كارىۋاتتىكى ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتىشى كېرەك، دېگەنلىك ئەمەس. ئاياللارنىڭ كۆڭلى بەك نازۇك بولغاچقا، ئۇلار بىر قىسىم روھىي تەييارلىقلاردىن كېيىن ئاندىن ئېرى بىلەن كارىۋاتقا چىقىشنى ئىستەيدۇ. بۇ يەردىكى روھىي تەييارلىق ئېرىنىڭ تاتلىق سۆزلىرىنى ئاڭلاش، ئېرىنىڭ كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ 1-ئورۇندىكى نەرسە ئىكەنلىكىنى، ئېرىنىڭ ئۆزىگە كۆيىدىغانلىقىنى، ئۆزىنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىگە ئېتىۋار بېرىدىغانلىقىنى، ۋە ھازىر ئېرى ئۆزىگە ئەڭ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سىز ئايالىڭىزغا قانچە قاتتىق يېپىشسىڭىز، ئايالىڭىزمۇ ھېسسىيات جەھەتتە ئۆزىنى سىزگە شۇنچە يېقىن تۇتىدۇ. بۇ كارىۋاتتىكى ئىش ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن پايدىلىق.

     كىيىمسىز ئايال ئېرىنى ئىنتايىن قاتتىق جەلپ قىلىدۇ، ۋە ئېرىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئىستىكىنى ئىنتايىن كۈچلۈك دەرىجىدە قوزغىيالايدۇ. ئەمما ئاياللار ئۇنداق ئەمەس. ئاياللار كىيىمسىز ئېرىنى كۆرگەندە يالغۇز ئۇنىڭغا ئازراقمۇ قىزىقمايلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭ ئەكسىچە ئېرىدىن سەسكىنىدۇ. شۇڭلاشقا ھەرگىزمۇ «مېنى يالىڭاچ ئايال تولىمۇ جەلپ قىلىدۇ، شۇڭا مەنمۇ يالىڭاچ بولۇپ ئايالىمنى قاتتىق جەلپ قىلالىشىم مۇمكىن»، دەپ ئويلاپ قالماڭ. ئۇ پۈتۈنلەي ئەكس تەسىر بېرىدۇ.

     قىسقىسى، سىزنىڭ ئايالىڭىزغا ئاشخانا ئۆيىڭىزدە قانداق مۇئامىلە قىلغىنىڭىز، ئۇنىڭ كارىۋاتتا سىزگە قانداق مۇئامىلىدە بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ.

     6. ئاياللار كىيىم ۋە زىننەت بۇيۇملىرى ئىشلەتكەندە ئۆزىنى گۈزەل ھېسابلايدۇ

     ئاياللار ئۆزىنىڭ كىيىمىگە ئىنتايىن قاتتىق دىققەت قىلىدۇ. ھەر ۋاقىت ياخشى كىيىملەرنى كىيىش، ۋە ياخشى زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاش ئارقىلىق ئۆزىدە «مەن ناھايىتى چىرايلىق» دەيدىغان تۇيغۇ ھاسىل قىلىشقا تىرىشىدۇ. شۇنداقلا ئۆزى ياخشى كىيىنگەندە ۋە ئۆزىنى ياخشى پەردازلىۋالغاندا ئېرىنىڭ ئۆزىگە شۇ زامانلا دىققەت قىلىشىنى، ئېرىنىڭ ئۆزىنىڭ چىرايلىق قىياپىتىنى شۇ ۋاقىتتىلا سېزىۋېلىشىنى ئىستەيدۇ. شۇ ئارقىلىق سىزنى ئۆزىگە بەكرەك جەلپ قىلىشنى، ۋە سىزنىڭ مىننەتدارلىقىڭىز ۋە قەدىرلىشىڭىزگە ئېرىشىشنى ئويلايدۇ. ئەگەر ئايالىڭىز چىرايلىق ياسىنىۋالغاندا سىز ئۇنىڭغا دىققەت قىلمايدىكەنسىز، ياكى ئۇنىڭغا پىسەنت قىلمايدىكەنسىز، ئۇ سىز سادىر قىلغان ئەڭ ئېغىر جىنايەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئايالىڭىز بىر قېتىم چىرايلىق كىيىنىپ ۋە ئۆزىنى چىرايلىق پەردازلىۋالغاندا سىز ئۇنىڭغا دىققەت قىلمايدىكەنسىز، ئۇنىڭ ئەجرىگە بارىكاللا ئېيتمايدىكەنسىز، ۋە ئۇنى چىرايلىق سۆزلەر بىلەن ماختاپ قويمايدىكەنسىز، ئايالىڭىزنىڭ كېلەر قېتىم سىز ئۈچۈن ئەنە شۇنداق ياسىنىش ئىستىكىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىسىز. شۇڭلاشقا ئايالىڭىز ياسانغاندا چوقۇم ئۇنىڭغا كۆڭلىڭىزدە ۋە ئېغىزىڭىزدا قاتتىق دىققەت بېرىڭ.

     ئۇنىڭدىن باشقا، ئايالىڭىزنىڭ ئالدىدا ھەرگىزمۇ باشقا بىر ئايالغا بەك سىنچىلاپ قاراپ كەتمەڭ. باشقا بىر ئايالغا قاتتىق كۆز تاشلاپ كەتمەڭ. قايسى مىللەتنىڭ ئادىمى ۋە قايسى دىننىڭ ئادىمى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىر ئەرنىڭ ئايالىنىڭ ئالدىدا يەنە بىر ئايالغا قاتتىق كۆز تاشلىشى بىر ئازراقمۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئېغىر خاتالىق، بىر سۈكۈت قىلغىلى بولمايدىغان گۇناھ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئاشۇنداق ئىشنى قىلىدىكەنسىز، سىز ئايالىڭىزنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋېتىسىز. ئۇنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋېتىسىز. ئايالىڭىزنىڭ ئالدىدا يەنە بىر ئايال بىلەن چاقچاق قىلىشىشمۇ بىر ئېغىر قىلىقسىزلىق، بىر ئېغىر ئەدەپسىزلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداق قىلىقلار ھەرگىزمۇ ئايالىڭىزنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىنى كۈچەيتمەيدۇ، بەلكى دەل ئۇنىڭ ئەكسىنى قىلىدۇ. شۇڭلاشقا سىز ھەر ۋاقىت ۋە ھەممە جايدا چوقۇم ئايالىڭىزنى 1-ئورۇنغا قويۇپ، ئايالىڭىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال ئىكەنلىكىنى ئايالىڭىزغا بىلدۈرۈپ تۇرۇڭ.

     ئاياللار ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى داۋاملىق تۈردە باشقا ئاياللارنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تۇرىدۇ. ئەمما ئەرلەر ئۇنداق ئەمەس. ئەرلەر ئادەتتە ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ كىيىمىنى باشقا ئەرلەرنىڭ كىيىمى بىلەن سېلىشتۇرمايدۇ. ئاياللار داۋاملىق تۈردە «مەن ھازىرمۇ چىرايلىق تۇرۇۋاتىمەنمۇ؟»، «مېنىڭ تۇرقۇم باشقىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلالامدۇ؟»، «2-بالىنى تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن مېنىڭ بەدىنىم سەل ئۆزگىرىپ كەتكەنمىدۇ؟» دېگەندەك ئويلاردا بولۇپ، ئۆزىنىڭ تۇرقى ۋە ئۆزىنىڭ پىگورى ھەققىدە ھەر خىل گۇمانلاردا يۈرۈيدۇ. شۇڭلاشقا ئەرلەر ئايالىغا ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ ئەڭ گۈزەل ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا ئەڭ قول قويىدىغانلىقىنى، ۋە ئۇنى ناھايىتىمۇ سۆيىدىغانلىقىنى دەپ تۇرۇشى كېرەك. ئايالىنىڭ گۈزەل ئىكەنلىكىنى، ۋە ئۆزىنىڭ ئايالىغا ناھايىتىمۇ كۆيىدىغانلىقىنى داۋاملىق تۈردە ئېغىزدىكى سۆزى بىلەن ئىپادىلەپ تۇرۇشى كېرەك.


     7. ئاياللار قىلغان ئىشلارنى ئەقىلگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇش (راتسىئوناللاشتۇرۇش) قا ئۇرۇنماڭ

     ئەرلەر ئايالى قىلغان ھەر بىر ئىشنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىكەنلىكى-ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈپ ئولتۇرماسلىقى كېرەك. ئاياللارنىڭ بىر ئىشنى ئويلىشى ۋە بىر ئىشنى قىلىشى ئەرلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. ياراتقۇچىمىز ئەرلەر بىلەن ئاياللارنى ئەنە شۇنداق پەرقلىق ياراتقان. شۇڭلاشقا ئەگەر سىز ئايالىڭىزغا بىر ئەرگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدىكەنسىز، ئۇ سىزنىڭ مۇئامىلىڭىزنى كۆتۈرەلمەيدۇ. ئەڭ ئاخىرى بېرىپ يېرىلىپ كېتىدۇ. سىزنىڭ نامۇۋاپىق مۇئامىلىڭىز ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىۋېرىدىكەن، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ئاجرىشىش بولۇپ چىقىدۇ.

     قىسقىسى، ئەرلەر ئايالىغا چوقۇم بىر ئايال كىشىگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. يەنى، ئاياللار ھېسسىياتتا، جىسمانىي جەھەتتە، فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتە، ۋە پىسخولوگىيىلىك جەھەتتە ئەرلەر بىلەن ئوخشىمايدۇ. شۇڭلاشقا ئەرلەر ئايالىغا چوقۇم ئايال كىشىلەرگە ماس كېلىدىغان مۇئامىلىدە بولۇشى كېرەك.


bagdax

3

تېما

44

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   0.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26871
يازما سانى: 509
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 3190
توردىكى ۋاقتى: 357
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-2

پەخىرلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن

4

تېما

0

دوست

8812

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  41175
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 2600
توردىكى ۋاقتى: 415
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-2

تۆھپىكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا ئەر-خوتۇنلار مەڭگۈ بىر-بىرىنى چۈشىنەلمەي ئۆلۈپ كېتەرمىش، سەۋەبى ئىككىسىنىڭ بىرى ئەر، يەنە بىرى ئايال بولغانلىقىمىش، غورا غورىنى كۆرسە ئالا بولار، ئەر-خوتۇن بىر يەرگە بالا بولار دېگەن ماقال-تەمسىلنى ئىنتايىن توغرىكەن دەپ قاراپتىكەنمىش كونىلار!!

ئەمەل تەڭشەشنىڭ مەنىسى نىمە ؟

1

تېما

0

دوست

8330

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   66.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15376
يازما سانى: 502
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 48
تۆھپە : 2580
توردىكى ۋاقتى: 512
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-1
يەر
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئۇھ ،ئاياللارنى چۈشەنمەك نىمە دىگەن تەس.
bagdax

2

تېما

2

دوست

4222

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   74.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26235
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1280
توردىكى ۋاقتى: 183
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-2
5#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى ئەمەلى يېزىلىپتۇ ، ئەمىليەتتە ئاياللار رومانتىكىلىقنى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ !مەسىلەن تويدىن كېيىنمۇ ، كىنوغا بېرىش  شىياشىمىرنى ،داشىمىرنى ئايلىنىش،چوڭ بازارنى پىقىراش، ساياھەت قىلىش دىگەندەك شۇڭا ئامال بار مۇشۇنداق ئىشلاردا كۆپرەك يول قويۇپ بىرگە بولسا بۇ ھەر ئىىككىلا تەرەپكە پايدىلىق !

0

تېما

2

دوست

2525

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  49959
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 756
توردىكى ۋاقتى: 329
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-1
6#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئەرلەرنىڭ كەسپى ھاياتلىق كېمىسى ، ئاياللارنىڭ كەسپى ھېسسىيات سەپىرى .
ئەرلەر مۇھاببەتنى ھاياتىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدۇ ، ئاياللار مۇھاببەت ئۈچۈن بارلىغىنى تەقدىم قېلىدۇ .
ئەرلەر ئۆزىنىڭ ئابرويىنى قەدىرلەيدۇ ،ئاياللار ئۆزىنىڭ نامىنى قەدىرلەيدۇ .
ئەرلەر نامراتلىقتىن قورقىدۇ ، ئاياللار قېرىشتىن قورقىدۇ .
ئەرلەر شېرىن-شېكەر سۆزلىىرى بىلەن ئاياللارنى بويسۇندۇرىدۇ ، ئاياللار گۈزەل جامالى بىلەن ئەرلەرنى بويسۇندۇرىدۇ .
ئەرلەر دادا بولغاندىن كىيىن دادىسىنى چۈشىنىدۇ ، ئاياللار ئانا بولغاندىن كېيىن ئانىسىنى چۈشىنىدۇ .

    -مەنبە : ‹‹ ھاياتلىق ›› ژورنىلى 2012-يىلى 3-سان . ئىمىن ھاشىمنىڭ
               ‹‹ ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار ›› ناملىق ماقالىسىدىن
               پارچە  

0

تېما

2

دوست

2525

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  49959
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 756
توردىكى ۋاقتى: 329
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-1
7#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
قىز-ئاياللار مۇنداق ئەرلەردىن ھەزەر ئەيلەيدۇ :
1-مۇھاببەت تەجىربىسى مول ئەرلەر .
2-ئۆزىنى ھەددىدىن ئارتۇق ياخشى كۆرىدىغان ئەرلەر .
3-توي قىلىۋىلىپلا ئايالىنى قەدىرلىمەيدىغان ئەرلەر .
4-ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسى كۈچلۈك ئەرلەر .
5-كۈنلەمچى ئەرلەر .

  -مەنبە : ‹‹ ھاياتلىق ›› ژورنىلى 2012-يىللىق 3-سان .

0

تېما

2

دوست

2525

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  49959
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 756
توردىكى ۋاقتى: 329
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-1
8#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئاياللار بۇ خىل ئەرلەردىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ :
1-كەسپكە ئۆزىنى ھەددىدىن ئارتۇق بېغىشلىۋەتكەن ئەرلەردىن .
2-غۇرۇرى كۈچلۈك ئەرلەردىن .
3-قىز دوستلىرى كۆپ ئەرلەردىن .
4-لۈكچەك ئەرلەردىن .
5-ئۆزىنىڭ ئوبرازىغا بەكلا دىققەت قىلىدىغان ئەرلەردىن .
6-ئاتا-ئانىسىغا بەكلا تايىنىۋالىدىغان ئەرلەردىن .
7-پۇلغىلا ئىشىنىدىغان ، پۇلى كۆپ ئەرلەردىن .
8-پىسخىكىسى ساغلام بولمىغان ئەرلەردىن .

  -مەنبە : ‹‹ ھاياتلىق ›› ژورنىلى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )