قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 910|ئىنكاس: 37
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

دوكتور: پەرقىمىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

7

دوست

1700

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   70%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23663
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 544
توردىكى ۋاقتى: 136
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-1
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:23 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ئىككى فىزىكىلىق مىقدارنى قوشۇش، ئېلىش ئۈچۈن ياكى سېلىشتۇرۇش ئۈچۈن، ئىككى مىقدارنىڭ  بىرلىكى چوقۇم ئوخشاش  بولۇشى كېرەك. ئوخشاش بولمىسا ھېسابلاش قىلغىلى، ياكى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. مەسىلەن  بىر ئەر قوشۇلغان بىر ئايال جاۋاب نېمە بولىدۇ؟ جاۋاب يەنىلا بىر ئەر، بىر ئايال بولىدۇ. چۈنكى بىرلىك ئوخشىمايدۇ. بىرسى ئايال، بىرسى ئەر. بىرلىكنى ئىنسانغا ئۆزگەرتسەك، بىر ئىنسان قوشۇلغان يەنە بىر ئىنسان، جاۋاب ئىككى ئىنسان  بولىدۇ. ئەر بىلەن ئايالنىمۇ بىۋاسىتە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. چوقۇم ئورتاق  ئالاھىدىلىك، ياكى بىرلىكنى تېپىپ سېلىشتۇرۇشىمىز كېرەك. مەسىلەن ئېغىرلىقىنى سېلىشتۇرساق بولىدۇ، ئېگىزلىكىنى سېلىشتۇرساق بولىدۇ، ياكى مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى سېلىشتۇرساق بولىدۇ.

     ئىنسانلارنىڭ مېڭىسى يارىتىلغاندا ياكى تەرەققىيات جەريانىدا سىرتتىن ئىنكاس قوبۇل قىلىشقا ماسلاشقان. ئەگەر ئىنكاس بولمىسا مېڭە بىئارام بولىدۇ. بۇ ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنلارنىڭ ياشلارنى، بالىلارنى ئۆزىگە بەك جەلپ قىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبنىڭ بىرسى.  ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئوينىغاندا، سىز ھەر قېتىم كۇنۇپكىنى باسقىنىڭىزدا شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئىنكاس قايتىدۇ. ئېكراندا يۈگۈرۈش، سەكرەش، ئولتۇرۇش، قوپۇش دېگەندەك ئىنكاسلار بولىدۇ. بۇ مىڭىنى جەلپ قىلىدۇ، ھاياجانلاندۇرىدۇ. كومپيۇتېر ئىشلىتىپ توردىن چوڭراق ھۆججەت چۈشۈرگەندە، ياكى كومپيۇتېردا چوڭراق ھۆججەتنى كۆچۈرگەندە، كومپيۇتېرنىڭ قانداق مەشغۇلاتلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيمىز. لېكىن ئېكراندا مەشغۇلاتنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان دىيالوگ بولغاچقا، خاتىرجەم ھالدا ساقلاشقا رازى بولىمىز. ئەگەر بۇ خىل لايھىلەش  بولمىغان بولسا ئادەم ئاز ۋاقىتتىلا تىتىلداشتىن ئۈستەلنى مۇشلايدىغان ئىش كۆرىلىدۇ. ھەر ۋاقىت ئىنكاس بۇلۇش يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىشىمىزگە كۆپ  پايدىسى بار.  تېخىمۇ ئاددىي قىلىپ ئېيتساق، كىمنىڭ ئىنكاس قايتمايدىغان ئادەم بىلەن ئايرىم پاراڭ قىلغۇسى بار؟

     دۆلەتلەرنىڭ، رايونلارنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى سېلىشتۇرغاندا ئادەتتە ئومۇمىي ج د پ ياكى كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ج د پ نى سېلىشتۇرىمىز. لېكىن  ج د پ بىر دۆلەتنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. ج د پ نىڭ مىقدارىدىن بۇ ساننىڭ قانداق كەلگەنلىكىنى بىۋاسىتە بىلىۋالغىلى بولمايدۇ. پايپاق سېتىپ كەلگەنمۇ ياكى ئاپتوموبىل، ئايروپىلانلارنى ياساپ كەلگەنمۇ ئېنىق بىلگىلى بولمايدۇ. بىر دوللار  ج د پ غا ئېرىشىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت، ئېنېرگىيە، ماتېرىيال، ئادەم كۈچى سەرپ بولغانلىقىنى، قانچىلىك مۇھىتنىڭ بولغانلىقىنى بىۋاسىتە بىلەلمەيمىز.  ج د پ نى ھېسابلاشنىڭ كەمچىللىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۇنداق يۇمۇر بار. بىر ئادەمگە يۈز سوم بېرىپ ئورەك كولىتايلى، ئاندىن يەنە بىر ئادەمگە ئوخشاش يۈز سوم بېرىپ ئورەكنى كۆمگۈزىۋېتەيلى. بۇ جەرياندا ھېچقانداق يېڭى نەرسە بارلىققا كەلمىدى، لېكىن ج د پ ئىككى يۈز سوم بولىدۇ. كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ج د پ نى ھېسابلىغاندا قاتار، ئاۋمېن، سىنگاپور ئامېرىكىنىڭ  ئالدىدا.  بۇلار ئامېرىكىدىن راست كۈچلۈكمۇ؟ ئۆتكەن يىل ياپونىيەنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ج د پ سى ئوتتۇز ئىككى مىڭ دوللار ئەتراپىدا بولۇپتۇ. ئۈرۈمچىنىڭ ئون مىڭ ئەتراپىدا بولۇپتۇ. قاراماينىڭ يىگىرمە مىڭ ئەتراپىدا بولۇپتۇ. شىنجاڭنىڭ بولسا ئالتە مىڭ ئەتراپىدا بولۇپتۇ. بۇ سانلاردىن ئۈرۈمچى ياپونىيە تەرەققىياتىنىڭ ئوتتۇز پىرسەنتىنى، قارىماي بولسا يەتمىش پىرسەنتىنى، پۈتۈن ئۇيغۇرلار بولسا يىگىرمە پىرسەنتىنى تاماملاپ بولدى دېيەلەمدۇق؟ ئەلۋەتتە دېيەلمەيمىز.   شۇڭا ھازىر كىشىلەر باشقا بىر نەچچە خىل ھېسابلاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىدۇ. مەسىلەن، تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى. كىشىلەرنىڭ ئەمەلىي سېتىۋېلىش كۈچى قاتارلىقلار.  تېخىمۇ ئېنىق نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم ھەممە سان سىپىرلارنى سېلىشتۇرۇشقا توغرا قىلىدۇ. مەسىلەن: ئومۇمىي تاش يول، تۆمۈر يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى، ئايدورۇمنىڭ سانى، ئاپتوموبىلنىڭ سانى دېگەندەك. بۇ خىزمەتلەر ئاددىي ئادەملەرنىڭ قۇلىدىن چىقمايدۇ، مېنىڭ كەسپىم فىزىكا بولغاچقا مەنمۇ بۇلارنى ياخشى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيمەن.

     ياپونلار زادى قانچىلىك يىراقلىقتا؟

     بۇنىڭغا توغرا جاۋاب قىلىش ئۈچۈن، يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك كۆپ تەرەپلەردە سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ خىزمەت كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. ئەمىسە شۇنداق كۆرسەتكۈچ بارمىدۇ؟  ھەم ئاددىي، ھەم قايىل قىلىش كۈچكە ئىگە.  ئالىي مەكتەپلەرنى سېلىشتۇرساق قانداق؟ ئەلۋەتتە بولىدۇ. لېكىن ياپونىيەنىڭ دۇنيادا تەسىرى بار ئالىي مەكتەپلىرى بار، بىزنىڭ تېخى يوق، قاچان بار بولىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بۇ ئەھۋالدا بار نەرسىنى يوق نەرسىگە سېلىشتۇرساق پەرقىمىز چەكسىز بولىدۇ.  شىركەتلەرنى سېلىشتۇرساقچۇ؟ بۇمۇ ئالىي مەكتەپلەرنى سېلىشتۇرغان بىلەن ئوخشاش، پەرقىمىز يەنىلا چەكسىز بولۇپ چىقىدۇ. پەرق چەكسىز بولغاندا تىرىشقانلىقىمىزنىڭ نەتىجىسىنى ياخشى ئۆلچىيەلمەيمىز.  مەن ئويلىدىم، ياپونىيەنىڭ كۈچلۈك بولۇشىدىكى سەۋەب، چوڭ شىركەت، داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بولغىنىدىن ئەمەس بەلكى مۇشۇ ئورۇنلاردا يۇقىرى ساپادىكى، يۇقىرى مەلۇماتتىكى كىشىلەرنىڭ بولغانلىقىدا. كۆپ ساندىكى يېڭىلىقلار، تېخنىكىدىكى بۆسۈشلەر مۇشۇ كىشىلەرنىڭ قۇلىدىن، تەجرىبىخانىلاردىن چىقىدۇ. شۇڭا پەرقىمىزنى بىلىش ئۈچۈن بۇ خىلدىكى كىشىلەرنى سېلىشتۇرۇش، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتسام، ئالىي مەكتەپلەردىكى پىروفېسسورلارنى سېلىشتۇرۇش ئىنتايىن ياخشى ئۇسۇل.  

     ھازىر ياپونىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەردە بار بولغان پىروفېسسورلارنىڭ سانى 66785 نەپەر. ياپونىيەنىڭ ئومۇمىي ئاھالىسى 120 مىليون ئەتراپىدا. شۇنداق بولغاندا پىروفېسسورلارنىڭ پۈتۈن نوپۇستا ئىگىلىگەن نىسبىتى نۆل پۈتۈن يۈزدە بەش پىرسەنت بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى پىروفېسسورلارنىڭ نىسبىتىمۇ ياپونلار بىلەن ئوخشاش بولغاندا بىز تەرەققىياتىمىزنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاپ بولغان بولىمىز. ئۇيغۇرنىڭ ھازىرقى نوپۇسىنى 10 مىليون دېسەك، بىزدە ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ بەش مىڭ پىروفېسسور بولۇشى كېرەك. ھازىر بىزدە قانچىلىك پىروفېسسور بار؟ مەن تەخمىنەن ھېسابلاپ كۆردۈم. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تور بېتىدا 235 نەپەر پىروفېسسور بار دەپ يېزىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇيغۇر پىروفېسسورلار قانچىلىكتۇ؟ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن سۆزلەشكەندە، مەن 50 نەپەر بارمىدۇ دېسەم. ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا پىروفېسسورلار جىقراق، ھەممىسىنى قوشساق يەتمىشلەرگە بېرىپ قالار، دېگەن جاۋابقا ئېرىشتىم. ئوتتۇرى سان 60 نى ئالساق، بۇ سان بارلىق پىروفېسسورلارنىڭ يىگىرمە بەش پىرسەنتنى ئىگىلىگەن بولىدۇ. بۇ نىسبەت بويىچە باشقا ئالىي مەكتەپلەردىكى پىروفېسسورلارنىڭ سانىنىمۇ ھېسابلاپ كۆرسەك. مالىيە ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىدا 36 نەپەر پىروفېسسور، بۇنىڭ توققۇزى ئۇيغۇر. يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا 115 نەپەر، بۇنىڭ 28 ئۇيغۇر. پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا 132 نەپەر، بۇنىڭ 33 ئۇيغۇر. شۇنداق قىلىپ ھەممىسىنى قوشساق، ئۇيغۇرلارنىڭ پىروفېسسورى  130 ئەتراپىدا بولىدۇ. دېمەك بىزدىكى پىروفېسسورلارنىڭ سانى مۈشۈك ئېيىقنىڭ سانىدىنمۇ كۆپ ئاز. بۇ سان بەش مىڭ نەپەردىن كۆپ يىراقتا. ئەگەر يىلىغا 50 پىروفېسسوردىن ئېشىپ ماڭىدۇ دېسەك، 5 مىڭغا يەتكىچە 100 يىل كېتىدۇ. لېكىن ھازىر ھەر يىلى پىروفېسسور بولىدىغان ئۇيغۇرلار ئەللىككە يەتمەيدۇ.  ياپونىيەدىكى پىروفېسسورلارنىڭ سانىنى ھېسابلىغاندا مەن چوڭ شىركەتلەردىكى پىروفېسسورلاردەك سەۋىيەگە يەتكەن تەتقىقاتچىلارنى قوشمىدىم، ھەم ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقاللىرىنىڭ سانى، سۈپىتىنى سېلىشتۇرمىدىم. بۇلارنى سېلىشتۇرساق پەرقىمىز تېخىمۇ كېڭىيىپ كېتىدۇ. مىنىڭ ئويلىغىنىم بىزدىكى پىروفېسسورلار ئەقلىي قابىلىيەت جەھەتتە ياپونلاردىكى پىروفېسسورلار بىلەن ئوخشاش، پەقەت شارائىت بار بولسىلا پىروفىسسورلىرىمىز ئوخشاشلا باشقىلار قىلغان ئىلمىي ئەمگەكلەرنى قىلالايدۇ.

     ھازىرقى ئۆلچەمدە پىروفېسسور بۇلۇش ئۈچۈن دوكتورلۇق ئۇنۋانى بولۇشى كېرەك. ھەر يىلى  ياپونىيەدە دوكتورلۇق ئوقۇشقا كىرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 12 مىڭ ئەتراپىدا. مۇشۇ نىسبەت بويىچە ھېسابلىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر يىلى دوكتورلۇق ئوقۇشقا كىرىدىغانلارنىڭ سانى 1000 ئەتراپىدا بولسا، بىز نورمال بولغان تەرەققىيات يولىغا كىرگەن بولىمىز. ھازىر بىزدىكى سان بۇنىڭغا يەتمەيدۇ، دېمەك خاتىرجەم ھالدا كۈن ئالىدىغان سەۋىيەگە تېخى يەتمىدۇق.  بۇ ھالدا كۆپ زېھنىمىزنى، ۋاقتىمىزنى مۇھىم بولمىغان ئىشلارغا ئىسراپ قىلىشقا بولمايدۇ.  ناچارلارنىڭ، كۆزىڭىزگە سىغمايدىغان ئادەم، ئىشلارنىڭ ئاز بولغانلىقى ياكى يوق بولغانلىقى، بىزنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىمىزنى كۆرسەتمەيدۇ. تىنچ ئوكياندىكى كىچىك ئارالاردا ياشاۋاتقان ئاھالىلەرنىڭ ئارىسىدا، تەرەققىي قىلغان ئەللەردىكى نۇرغۇن ناچار قىلمىشلار يوق، بۇ ئۇلارنىڭ مەدەنىيەتلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.  ياپونلاردا ئىللەت بولمىغاچقا، ناچار ئادەملەر ئاز بولغاچقا تەرەققىي قىلغان ئەمەس. بەلكى يۇقىرى ساپالىق پىروفېسسورلارنىڭ، تەتقىقاتچىلارنىڭ، سەرخىللارنىڭ بولغانلىقىدا.

     بۇ گەپلەرنى بۈگۈن مەن سىزگە دېدىم، ئەمەلىيەتتە ئوخشاش گەپنى مەن 2004 يىلى ئاسپىرانتلىق ئوقۇشقا كىرگەندە يېتەكچى ئوقۇتقۇچۈمدىن ئاڭلىغان: «ھازىر ئۇيغۇرلاردىكى بىز دىققەت قىلىشقا ئەڭ ئەرزىيدىغان مەسىلە،  يۇقىرى سەۋىيەدە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىدىغان كىشىلىرىمىزنىڭ ئاز ياكى يوق بولغانلىقى». يۇقىرىدا دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى مۇشۇ گەپلەرنىڭ يەنە بىر قېتىم شەرھىلىنىشى. مېنىڭ بۇنى تىلغا ئېلىشىم، ھەممەيلەننىڭ تىرىشىۋاتقان قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سېپىش ئەمەس. بەلكى پەرقنى بىلگەندىن كېيىن نېمىنىڭ ئالدىن قىلىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىش. پىروفېسسور بۇلۇش ئۈچۈن چوقۇم دوكتور بولۇشى، دوكتور بولۇش ئۈچۈن ئاسپىرانت بولۇشى، تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن بولۇشى، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن بولۇشى، گەپنىڭ ئاخىرى،  بالىلار تۇغۇلغاندىن باشلاپ ياخشى تەربىلىنىشى، مۇنتىزىم مائارىپ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. ئوقۇغان، ياخشى ئوقۇغان، توختىماي ئۆرلەپ ئوقۇغان بالىلىرىمىز قانچە كۆپ بولسا، كەلگۈسىدە دوكتور، پىروفېسسورلارنىڭ چىقىش ئېھتىماللىقى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. ھەقىقىي تەرەققىي قىلىشىمىزغا شۇنچە پايدىسى بولىدۇ. ئارتۇق زېھنىمىز،ۋاقتىمىز، مېلىمىز  بار بولسا مائارىپقا دەسمىي قىلىش ئەڭ ياخشى تاللاش.

     ياشلارغا چىقىش يولى تېخى كۆپ بولمىغان، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا خىزمەت تېپىش تەس بولۇۋاتقان، ئەڭ ياخشى تاللاش دۆلەت مەمۇر بۇلۇش بولۇۋاتقان مۇشۇنداق ئەھۋالدا، مېنىڭ يۇقىرىقى گەپلىرىم  نۇرغۇنلىرىمىزغا تەسىر قىلماسلىقى ئېنىق. ھەتتا ئېتىقادىمىزدىن سۆز ئېچىپ «ئىنسان ئوقۇشقا بۇيرۇلغان» دېسەكمۇ، بۇنىڭ ئۈنۈمى يەنىلا ياخشى بولمايدۇ. ئۈنۈمى بولغان بولسا مۇسۇلمانلارنىڭ سەلتەنىتى يوق بولمىغان بۇلاتتى. خىزمەتنى ئويلاشمىساقمۇ بالىلىرىمىزنىڭ  يامان ئىشلارغا، يامان ئادەملەرگە ئارىلىشىپ قالماسلىقى، چۈشكۈنلىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن بولسىمۇ  ئوقۇتىشىمىز كېرەك. ھەممە ئادەم دوكتور، پىروفېسسور بولۇپ بولالمايدۇ. ھەممە ئادەم ئۆز قابىلىيىتىگە، قىزىقىشىغا قاراپ ئوقۇش يولىنى تاللىسا بولىدۇ. تەرەققىي قىلغان ئەللەردە ھۈنەر پۇل بولۇپ بولدى. جۇڭگودىكى چوڭ شەھەرلەردىمۇ ھۈنەر پۇل بولۇپ بولدى، ئۈرۈمچىدە بۇ ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى، يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇردىمۇ ھۈنەر پۇل بولىدۇ. بالىلىرىمىز ئالىي مەكتەپلەردە ئوقىيالمىسا، ھۈنەر ئۆگەنسۇن، بىكار يۈرمىسۇن، بىكارچىلارنى شەيتان ياخشى كۆرىدۇ. ھۈنەر موزدوس، قاسساپلا ئەمەس، گۈزەل -سەنئەت، مۇزىكا، سېسترا، كومپيۇتېر، ئەقلىي تېلېفون ھەممىسى ھۈنەر .ھەممىڭلارغا رەھمەت.

     دوكتور ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان
bagdax

24

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.05%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57738
يازما سانى: 1548
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 53
تۆھپە : 3859
توردىكى ۋاقتى: 671
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-1

قىزغىن ئەزا پىداكار ئەزا

دېۋان
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:47 |ئايرىم كۆرۈش
بىز چوقۇم ياپونلاردەك بولۇشىمىز كىرەكمۇ

0

تېما

1

دوست

4498

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   83.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33034
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1424
توردىكى ۋاقتى: 654
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-1
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:01 |ئايرىم كۆرۈش
izbasar375 يوللىغان ۋاقتى  2016-11-29 13:47
بىز چوقۇم ياپونلاردەك بولۇشىمىز كىرەكمۇ

تىرىشچان بۇلايلى دەيدۇ

77

تېما

39

دوست

9 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 11384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2624
تۆھپە : 27167
توردىكى ۋاقتى: 10066
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-1

پىشقەدەم ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى تېما يوللاش چولپىنى ئىنكاس چولپىنى

يەر
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:12 |ئايرىم كۆرۈش
ياخشى تەشەببۇسلار.مەۋدۇدى ئەپەندى يوللىغان ئىككى تېمىنى كۆرۆپ چىقتىم.مۇلاھىزىلىرى ئورۇنلۇق ۋە قايىل قىلارلىق.يۆنىلىشى ئېنىق.ئاكتىپ ئىنىرگىيە تارقىتىلغان.بۇنداق يازمىلار بىزگە تولىمۇ زۆرۆر.
bagdax

0

تېما

0

دوست

369

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   34.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  83822
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 110
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-1
5#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:08 |ئايرىم كۆرۈش
izbasar375 يوللىغان ۋاقتى  2016-11-29 13:47
بىز چوقۇم ياپونلاردەك بولۇشىمىز كىرەكمۇ

قۇسۇر تاپمىغايلا قارىم.

0

تېما

0

دوست

369

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   34.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  83822
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 110
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-1
6#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:10 |ئايرىم كۆرۈش
ئۆزى ياكى قىلالماسلىق، قىلغانلارنى كۆرەلمەسلىك... دەپ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر توغرا ئيىتقان. بىر ئىشنى قىلالمىساقمۇ قىلغانلارنى ھەر خىل پەتىۋاللار بىلەن يوققا چىقارمايلى.

2

تېما

0

دوست

696

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   39.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  79872
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 212
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-1
7#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:29 |ئايرىم كۆرۈش

RE: دوكتور: پەرقىمىز

brdash يوللىغان ۋاقتى  2016-11-29 15:20
بىزگە    دوكتۇر  مۇھىممۇ ،  كارخانچىمۇ ؟

سىلى تېمىنىڭ ئىچىدىكى بىر مەزمۇندىن ئاتلاپ كەتتىڭلىمىكىن دەيمەن قىرىندىشىم ،تېمىدا مۇنداق بىر مەزمۇن بار ،شىركەتنىڭ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا بولۇشى ياكى بولماسلىقى دەل ئاشۇ شىركەتنىڭ ئىچىدىكى ئقتىساس ئىگىلىلىرىنىڭ بار يوقلىقىدا،يەنى شۇ تېخنىكلار بىكەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .شۇڭا كارخانچى مۇھىم كارخانچىغا لازىم بولغان تېخنىكا ئىگىسى بولغان دوكتۇرلار تېخىدىنمۇ مۇھىم

4

تېما

0

دوست

8771

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  41175
يازما سانى: 954
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 2588
توردىكى ۋاقتى: 414
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-1

تۆھپىكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

8#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:03 |ئايرىم كۆرۈش
ماتېماتىكىچىلار بىرگە بىرنى قوشسا ئىككى دەيدىكەن، ئۇنداقتا بىر دۆۋە قۇمغا بىر دۆۋە قۇمنى قوشسا قانچە دۆۋە قۇم بولىدۇ؟ بىر پىيالە سۇغا بىر پىيالە سۇنى قوشسا قانچە پىيالە سۇ بولىدۇ؟ يىلتىزدىن چىقىرىش، فورمۇلاغا سېلىش قاتارلىق گۇمپىلاردىن پايدىلىنىپ توغرا ھېسابلىغان تورداشلارغا رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى بېرىلىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )