- تىزىملاتقان
- 2016-9-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-12-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 923
- نادىر
- 1
- يازما
- 69
ئۆسۈش
84.6%
|
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەت ئاكا ئالدى بىلەن سىزگە كۆپ مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن، سىز ئانا تىلغا ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشتىڭىز، ھەم قوشۇۋاتىسىز، بۇ جەرياندا كۆپ جاپا چەكتىڭىز، سىزگە كۆپ رەھمەت، گەرچە ھازىر ئوقۇۋاتقان كەسپىم كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك بولمىسىمۇ ئەمما رايونىمىزنىڭ ئىنتېرنېت ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەزەلدىن يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن.
مەن ھەرخىل ئۇيغۇرچە كىرگىزگۈچلەرنى ئىشلەتتىم ھەم ھەرخىل كىرگىزگۈچلەرنىڭ ئۆزگە خاس ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى ھېس قىلدىم. كىرگىزگۈچ ئۇيغۇرچە يېزىقنىڭ تور دۇنياسىدا ئومۇملىشىشى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدۇ، بۇنىسى ھەممىمىزگە مەلۇم. كىرگىزگۈچلەردىكى ئىقتىدارلارنىڭ بىر يەرگە جەملەنمەسلىكى بۇ بىر مەسىلە بولۇپ قىلىۋاتىدۇ، مەن كىرگىزگۈچ توغرىسىدا ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن كىشىلەردىن راي سىناش ئىلىپ باردىم، نەتىجىسىنى مەن تۆۋەندىكى كىرگىزگۈچلەر ئارىسىدىكى سېلىشتۇرما جەريانىدا توختىلىپ ئۆتىمەن.
نۇر كىرگىزگۈچنىڭ لۇغىتى بار، ئادەتتە خەتنىڭ باش ھەرپىنى بېسىپ بولغۇچە ئاخىرى چىقىپ بولىدۇ ھەم بەك قولايلىق، مەن بۇنى ئىشلىتىمەن، بەزىدە خەتنى تېز باسسام كىرگىزگۈچمۇ قېتىپ قالىدۇ (بۇ نۇرنىڭ بىر كەمچىلىكى بولۇشى مۇمكىن، بۇ تەرىپىنى ئوڭشاپ قويۇشىنى سورايمەن) ئەمما نۇرنىڭ خەنزۇچە كىرگىزگۈچى دېگەندەك ياخشى ئەمەس، ئوچۇقىنى دېسەم بەك ناچار، مەن خەنزۇچە باسسام خەتنى بىردىن بىردىن باسقاندەك ھېس قىلىپ قالىمەن، بىر نەچچە خەتنى تەڭ باسسام تاپالمايدۇ، مەسىلەن مەن قازاق دېگەن سۆزنىڭ خەنزۇچىسىنى باسسام تاپالمايدۇ، ماڭا بۇ خەتنى بېسىش ئۈچۈن ئىككى خىل تاللاش بار. بىرى مەن ئايرىم بىردىن باسىمەن، ياكى ئۇدۇللا خەنزۇچە خاساكېسى دەپ تەننى يازىمىساقمۇ بولىدۇ، ئاندىن سېنى ئۆچۈرۈۋېتىمەن، بۇنداق مىساللار نۇرغۇن، مەن شۇ نۇرنى ئىشلەتكەندە مۇشۇ تەرىپىدىن كۆڭلۈم بەك يېرىم. مەن نۇر كىرگىزگۈچنىڭ خەنزۇچە سۆزلۈك ئامبىرىنى تېخىمۇ موللاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ھەمدە ئۇلارغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. بەيدۇ كىرگىزگۈچنى ھەممىمىز بىلىمىز، بۇنىڭدىمۇ ئۇيغۇرچە كىرگىزگۈچ بار، لېكىن شۇ يىرى نۇردەك ياخشى ئەمەس، ئەمما بەيدۇ كىرگىزگۈچتە خەنزۇچە باسسا بوراندەك ماڭىدۇ، خۇددى نۇردا ئۇيغۇرچە باسقاندەك ھۇزۇر بىرىدۇ. مىنىڭ كۈتىدىغىنىم بەيدۇ كىرگىزگۈچتىكى ئۇيغۇرچە كىرگىزگۈچكە نۇرنىڭ ئۇيغۇرچە كىرگىزگۈچىدىكى ئىقتىدارنى قوشقىلى بولارمۇ؟ ياكى نۇر كىرگىزگۈچتىكى خەنزۇچە كىرگىزگۈچنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىنى بەيدۇ كىرگىزگۈچنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىدەك مول قىلغىلى بولارمۇ؟ ھازىرقى ھالىتىدىن يۇقۇرراق قىلغىلى بولسا بولاتتى. ھازىر مىنىڭ تېلېفونۇمدا تېلېفوننىڭ ئۆزىنىڭ كىرگىزگۈچى، بەيدۇ كىرگىزگۈچ، نۇر كىرگىزگۈچ بار، مەنغۇ بۇ ئۈچىنى ئالماشتۇرۇشتا ئانچە قولايسىزلىق ھېس قىلمايمەن، لېكىن شۇ سەل سىغىم يەپ خاپا قىلىۋاتىدۇ. يەنى كېلىپ بىر تېلېفوندا كىممۇ ئۈچ كىرگىزگۈچنى تەڭ ئىشلىتىدۇ، مەندىن باشقا. (بۇ يىرى چاقچاق جىمۇ) مەنمۇ شۇ ئۆزىمىزنىڭ ھەر جەھەتتىن مۇكەممەللەشكەن كىرگىزگۈچىمىزنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ بۇنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
يەنە بىر مۇھىم ئىش نۇر كىرگۈزگۈچنىڭ لۇغىتى (يەنى مەن بىر ھەرپنى بېسىپ بولغۇچە كۆزنەككە چىقىپ بولىدىغان سۆزلەر) ئىچىدىكى بەزى سۆزلەردە ئىملا جەھەتتە خاتالىق بولۇشى بۇنىڭ بىزنىڭ سۆزلەرنى توغرا ئىشلىتىشىمىزگە تەسىرى بولىدىكەن، مەسىلەن مەن نۇرغا ئابستى دەپ يېزىپ بولغۇچە ئابستىراكىت ئابسىتراكت دەپ چىقىپ بولىدىكەن، لېكىن مەن بىلكانغا بۇ سۆزنى سالسام تونۇمايدىكەن، بىلكانغا ئابستراكت دەپ باسسام تونۇمايدىكەن، ئابستىراكت دەپ سالساق تونۇيدىكەن، قۇتادغۇبىلىگ، قۇتادغۇبىلىك دەپ بار ئىكەن لېكىن بىز قايسىنىڭ توغرىلىقىنى بىلمىگەچكە ئىشلىتىۋېرىدىكەنمىز، ئەمما بىلكان پەقەت قۇتادغۇبىلىكنى تونۇيدىكەن. نۇردا بىر سۆزنى قانداق يازساق شۇنداق چىقىۋالىدىكەن، خاتا يازساقمۇ چىقىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن نۇردا بىر سۆزنىڭ نەچچە خىل يېزىلىشى بار بولىدىكەن. بۇنداق ئەھۋاللار دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. شۇ نۇرنىڭ ئىملا جەھەتتىن خاتالىقنى ئەڭ تۆۋەنگە چۈشۈرگىلى بولارمۇ؟بۇنىڭغا ئامال بارمىدۇ؟
يەنە ئۇيغۇرچە كىرگىزگۈچ دەپ بىر كىرگىزگۈچ بار ئىكەن، ئەڭ دەسلىپىدە مەنمۇ مۇشۇ كىرگىزگۈچنى ئىشلەتكەن كىيىن بىر تونۇشۇمنىڭ نۇرنى تونۇشتۇرۇشى بىلەن نۇر كىرگىزگۈچنى ئىشلىتىۋاتقان، لېكىن كىيىن توردا ئانچە مۇنچە باشقىلار بىلەن پاراڭلاشسام يەنى بۇ كىرگىزگۈچنى ئىشلىتىۋاتقانلار خېلى بار ئىكەن، بۇ كىرگىزگۈچنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى ھەر بىر ھەرپ بىر كۇنۇپكا، مەن راي سىناشمۇ ئىلىپ بارغان ئىشىنىمەن نۇر كىرگىزگۈچ ئەگەر مۇشۇ ئالاھىدىلىكنى ئۆزىدە جەملىسە، يەنى مۇشۇ كۇنۇپكا ھالىتىنى قوشۇپ قويسا ئىشىنىمەن، بىر كۇنۇپكا بىر ھەرپلىك كۇنۇپكا يۈزىنى ئىشلىتىدىغانلار كۆپ چىقىدۇ، نۇردا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ يېزىق كىرگىزگۈچى بار ئىكەن، بۇ تەرىپى مېنى سۆيۈندۈردى شۇ بايانقى بىر ھەرپ بىر كۇنۇپكا تاختىسىنى مۇشۇنداق ئايرىم قىلىپ سەپلەپ قويسا ئىشلىتىدىغانلار ئۆزى تاللاپ ئىشلەتسە دېمەكچى ئىدىم، بۇ چاغدا نۇر ئۆزىدە ئۇيغۇرچە كىرگىزگۈچنىڭمۇ ئىقتىدارىنى ئۆزىدە جەملىگەن بولاتتى، باشقا يەنە نۇرغۇن خىل كىرگىزگۈچلەر بار، ئاساسلىقىمۇ مۇشۇ ئۈچى. بولسا تورداشلار باشقا كىرگىزگۈچلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بىلسەڭلەر، دېسەڭلار، بۇمۇ بىزنىڭ مۇكەممەللەشكەن كىرگىزگۈچىمىزنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۈچۈن ياخشى ئىدى.
شۇ ئالىم ئەھەت ئاكا سىزنى مۇشۇ تەكلىپلەرنى بىر ئويلىشىپ باقسۇنمىكىن دەپ، ھەم نۇر كىرگىرگۈچنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگۈچىلەرنىڭ ئويلىشىپ باقسۇنمىكىن دېگەن ئىدىم. مەن قېرىنداشلار بىلەن بىزنىڭ كىرگىزگۈچلەردىكى ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىك ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىپ بېقىش ھەم كەمچىلىكىنى كۆرسىتىپ كىيىنكى ئىلغار كىرگىزگۈچنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۈچۈن بۇ تېمىنى يازدىم قېرىنداشلارنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىشىنى مەنمۇ تورداشلار بىلەن ئىنكاس شەكلىدە ئويلىغانلىرىم ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ بېقىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن، ئاخىرىدا بۇ تېمام مۇناسىۋىتى بىلەن ئالىم ئەھەت ئاكامغا يەنە بىر قېتىم مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن، سىزگە كۆپ رەھمەت مۇئەللىم. سىزنىڭ تېنىڭىزنىڭ سالامەت ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بەرىكەتلىك بولۇشىنى تىلەيمەن. جاپا چەكتىڭىز مۇئەللىم.
|
|