- تىزىملاتقان
- 2013-12-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-12-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1731
- نادىر
- 0
- يازما
- 22
ئۆسۈش
73.1%
|
بىز كۈندىلىك خەۋەرلەردە ھەرخىل ئىقتىسادى سىياسەتلەرنىڭ يولغا قۇيۇلغانلىقىنى، بازاردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقىنى، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئىشسىز قېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. بەزىدە بىزنىڭ ئەمگىكىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ياخشى كىرىم يارىتىپ يانچۇقىمىزدىكى پۇل كۆپىيىپ قالىدۇ، بەزىدە بارغانسېرى نامراتلىشىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىمىز. كۈندىلىك تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك بۇ ھادىسىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىش كىيىنكى تۇرمۇش پىلانىمىز ئۈچۈن پايدىلىق. يۇقىرىقىدەك ئىقتىسادى ھادىسىلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىقتىساد بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردا دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان بىر نەچچە ئاساسى پىرىنسىپلارنى بىلىۋېلىشىمىز لازىم.
ئىقتىساد ئىلىمى چوڭ جەھەتتىن ماكرو ئىقتىساد ۋە مىكرو ئىقتىساد دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. مىكرو ئىقتىساد جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىستېمال، ئىشلەپچىقىرىش، پايدا قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا ماكرو ئىقتىساد ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، مائاش، كىرىم، ئىشسىزلىق، ئىمپورت ئېكسپورت، پۇل ۋە بۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادى سىياسەتلەرنى تەتقىق قىلىدۇ. بۇلار ئۆز نۆۋىتىدە بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىۋاتقان ياكى تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.
ئىقتىساد ئىلمىدە يۇقىرىقى كۆرسەتكۈچلەرنى تەھلىل قىلىشتا تايىنىدىغان ئەڭ ئاساسى پىرىنسىپ بولسا تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج مۇناسىۋىتىدۇر. بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئاۋۋال "كۆرۈنمەس قول" ئاتالغۇسى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش كېرەك.
كۆرۈنمەس قول
ئىقتىسادى ھادىسىلەر بەكمۇ مۇرەككەپ، بولىدىغان ئىشلارنى ئالدىن پەرەز قىلىش، ياكى توغرا بولغان ئىقتىسادى سىياسەت تۈزۈپ چىقىش ئىنتايىن تەس. ھۆكۈمەت ئامال بار ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى بىلەن ئىقتىسادنى كونترول قىلىشنى ئويلايدۇ. 1776- يىلى ئەنگلىيەلىك ئىقتىسادشۇناس ئادام سىمىت " كۆرۈنمەس قول " نەزەرىيەسىنى ئىزاھلاپ " دۆلەتنىڭ بايلىقى" دېگەن كىتابىنىڭ230-بەتتە مۇنداق دەپ يازغان " ھەرقانداق بىر جەمئىيەتنىڭ ياراتقان پايدىسى شۇ جەمئىيەت ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتنىڭ قىممىتىگە تەڭ. شۇنىڭدەك ھەربىر شەخس پەقەت ئۆزىنىڭ ئىستېمال قىلالايدىغان مىقداردا سېتىۋېلىشقا كۈچى يېتىدىغان نەرسىنى ئىستېمال قىلىدۇ، شۇنداقلا پەقەت جەمئىيەت ئۈچۈن لازىم بولغان نەرسىنىلا ئىشلەپچىقىرىدۇ، شۇنداق قىلىپ ھەر بىر ئىنسان ئىستىخىيلىك ھالدا جەمئىيەتتىكى بايلىقنىڭ تەڭپۇڭ ھالدا تەقسىملىنىشىنى ساقلايدۇ، بۇ بارلىق جەريان كۆرۈنمەس قول تەرىپىدىن كونترول قىلىنىپ تۇرىدۇ".
بۇ نەزەرىيە بۇيىچە ھۆكۈمەتنىڭ قىلىدىغىنى پەقەت بىر چەتتە قاراپ تۇرۇش ھېچنېمىگە ئارىلاشماسلىق، ئادەملەرنى ئۆز-ئارا ئەركىن سودا سېتىق قىلىشقا قويۇپ بېرىش كېرەك. بازار ئۆزىنىڭ ئېھتىياج ۋە تەمىنلەشكە قاراپ ئۆز-ئۆزىنى تەڭشىيەلەيدۇ. مەسىلەن، مەلۇم بىر مەھسۇلاتنىڭ بازىرى ياخشى بولۇپ ئىشلەپچىقارغانلار كۆپەيسە، تەمىنلەش ئاشقانسېرى بازاردا بېسىلىپ قالىدىغان ماللار كۆپىيىدۇ، پۈتۈن ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەندە بېسىلىپ قالغان مالنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ سېتىش كېرەك. كىم ئاۋۋال باھانى چۈشۈرسە خېرىدارلار شۇنىڭ مېلىنى سېتىۋالىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا باشقىلارمۇ باھانى تەڭشەيدۇ ياكى سۈپەتنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، باھانىڭ چۈشۈشىگە ئەگىشىپ بۇ مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىدىغانلارنىڭ پايدىسى ئازلايدۇ ۋە بازاردىكى تەمىنلەشمۇ ئازىيىپ ماڭىدۇ. پەقەت ئىستېمالچىلار ئۆز ئېھتىياجىنى قاندۇرسىلا بازار ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈم يۆلىنىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ ، خۇددى بىر" كۆرۈنمەس قول" ئۇنى باشقۇرۇپ تۇرغاندەك، كىشىلەرنىڭ تەلىپى كۈچلۈك بولغان مەھسۇلاتنىڭ باھاسى يۇقىرىلىشى، يۇقىرىلىغانسىرى تەمىنلەشنىڭ ئېشىشى، تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەندە يەنە باھانىڭ چۈشۈپ نورمال قىممەتكە يېقىنلىشىشىدەك ھادىسە تەكرارلىنىدۇ
ئەمما كېيىنكى ئىقتىسادشۇناسلار باشقىچە نۇقتىنەزەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. يەنى بازارنىڭ يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك ئۆز-ئۆزىنى تەڭشەشكە ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئىقتىسادى زىيان كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا ھۆكۈمەت بازارنىڭ يۇقىرىدا دېيىلگەن پىرنسىپلاردىن پايدىلىنىپ، مەھسۇلات ۋە خىزمەتنىڭ تەلەپ ۋە ئېھتىياجىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، بازارنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ تۇرۇشى كېرەك. دۆلەت ئارتۇقچە ئارىلىشىۋالماي، پۇل، ئاكسىيە ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىنى بازارنىڭ قانۇنىيىتىگە قۇيۇپ بەرسە بازار ئەركىن بولىدۇ، دۆلەتنىڭ كونتروللۇقى كۈچلۈك بولغان بازار ئەركىن ئەمەس. بۇ پىرىنسىپلار پەقەت ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار ئۈچۈنلا ئەمەس،قەغەز پۇل ۋە باشقا پۇل- مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈنمۇ ئوخشاشتۇر. مەسىلەن، مەركەز بانكا بېسىپ تارقاتقان پۇل نورمال مىقداردىن ئېشىپ كەتسە قىممىتى تۆۋەنلەيدۇ. پۇلنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى شۇ پۇلنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى ياكى سېتىۋېلىش كۈچى ئۆزگەرمىگەن باشقا دۆلەت پۇلى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش نىسبىتىگە قاراپ بىلەلەيمىز. پۇلنىڭ ئالماشتۇرۇش نىسبىتىنى شۇ دۆلەت ئىچىدىكى ۋە سىرتىدىكى تەمىنلەش ھەم تەلەپ بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ، ئوخشاش قانۇنىيەت بۇيىچە مەلۇم بىر تۈرلۈك پۇلغا بولغان ئېھتىياج ئاشسا قىممىتى يۇقىرىلايدۇ. لىرا بىلەن دوللارنى مىسال ئالساق، تۈركىيە ئىچىدىكى دوللارنىڭ مىقدارى كىشىلەرنىڭ دوللارغا بولغان ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كەتكەن ئەھۋالدا دوللارنىڭ باھاسى ئۆسمەيدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا ئەگەر قۇلىدا كۆپ مىقداردا دوللار بولغان كىشىلەر دوللارغا بولغان ئىشەنچىسىى ئازلاپ دوللارنى سېتىپ چىقىرىشقا باشلىغاندا، ياكى لىراغا ئېھتىياجلىق كىشىلەر كۆپىيىپ لىرانى سېتىۋېلىشقا باشلىغاندا دوللارنىڭ لىرا باھاسى بىلەن ئالماشتۇرۇش نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ. مەسىلەن 1 دوللار =2.7 لىرادىن تۆۋەنلەپ 1دوللار =2.5 لىراغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر بازاردا دوللارغا بولغان تەمىنلەش ۋە تەلەپ ئۆزگەرمەي، لىراغا بولغا ئېھتىياج ئېشىپ كەتسە، يەنى بازاردىكى ئايلىنىپ يۈرگەن لىرانىڭ مىقدارى ئازىيىپ كەتسە ( بۇنداق ئەھۋال بانكىلار ئۆسۈمنى يۇقۇرىلاتقاندا بانكىغا ئامانەت قويغان پۇلنىڭ كۆپىيىشى، ياكى باج ئۆسكەندە ئايلىنىدىغان مەبلەغنىڭ ئازىيىشى سەۋەبلىك ئوتتۇرىغا چىقىشىمۇ مۇمكىن) يەنە ئوخشاش ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. بازاردا دوللارنىڭ تۇيۇقسىز ئېشىپ كېتىشى ياكى ئازىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، باشقا دۆلەتتىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كۆپ مىقتداردا پۇلى تۈركىيە بازىرىغا كىرىشى، دۆلەت ساقلاپ قويغان دوللار زاپىسىنى خەلققە سېتىپ تارقىتىشى، دوللارغا ساتقان ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېشىشى دېگەندەك.
بازاردا مەلۇم بىر مەھسۇلاتنىڭ مىقدارى تەلەپنى قاندۇرالماي قالسا باھا ئۆسۈشكە، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تەمىنلەش ئېشىشقا يۈزلىنىدۇ. ئەگەر مەركەز بانكا پۇل تارقىتىپ بازاردىكى پۇلنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇۋەتسە پۇل پاخاللىقى يۈز بېرىپ بازاردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرىلاشقا يۈزلىنىدۇ.
1929-يىلى ئامېرىكىدا سانائەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشىغا ئەگىشىپ ئېغىر ئىقتىسادى كىرىزىس يۈز بەردى. بۇ كىرىزىسنى ھەل قىلىشتا كېينىس (1883-1946) ۋە ئۇ باشچىلىق قىلغان يېڭى ئىقتىساد نەزەرىيەچىلىرىنىڭ تۆھپىسى چوڭ بولدى. بازارنى ئەركىن قۇيۇۋېتىش تەرەپدارىلىرى ئىقتىساد چېكىنگەن ئەھۋالدا تېجەشچانلىق ۋە بانكا ئامانەت مىقدارىنى ئاشۇرۇش ( ئۆسۈمنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ) كېرەك دەپ قارايدۇ. بۇنداق بولغاندا بانكا كىشىلەرنىڭ قويغان ئامانىتىنى مەبلەغ سېلىش، زاۋۇت-فابرىكىلارنى قۇرۇش، يېڭى تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ئىشىلىتىدۇ، نەتىجىدە ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىمۇ ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
ئەمما كېينىس بۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇ ئۇزاق مۇددەتتىن قارىغاندا ئىشسىزلىقنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەت چوقۇم چىقىمنى كۆپەيتىپ تېخىمۇ كۆپ خىزمەت ئورنى يارىتىشى ، قۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ئۆسۈمنى تۆۋەنلەتكەندە بانكىغا پۇل ئامانەت قۇيىدىغانلار ئازىيىدۇ، قەرز ئېلىپ مەبلەغ سالىدىغانلار كۆپىيىدۇ، بۇنىڭغا ماس پۇلنىڭ ئايلىنىشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشمۇ ئاشىدۇ. ئەمما ئۇزۇن مۇددەت ئىچىدە پۇل پاخاللىشىپ مال باھاسى ئۆسىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇڭا چوقۇم ماكرولۇق تەڭشەش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئىقتىساد چېكىنگەن ئەھۋالدا دۆلەت ئۆزى مەبلەغ چىقىرىپ ئىستېمالنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئەگەر ھۆكۈمەت پىخسىقلىق قىلسا كارخانا بىلەن خەلق ئەلۋەتتە پۇل خەجلەشنى خالىمايدۇ، بۇنداق بولغاندا ئىستېمال تۆۋەنلەپ، ئىشسىزلىق تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ دەپ قارىدى .
تەمىنلەش ئېھتىياج تەڭپۇڭلۇقى
1890-يىللىرى ئەنگلىيەلىك ئىقتىسادشۇناس ئالفىرد مارشال تەمىنلەش ئېھتىياج تەڭپۇڭلۇقى نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ نەزەرىيەدە ئۈچ ئاساسى نۇقتا بار: ئىشلەپچىقىرىش، ئىستېمال ۋە باھا.
ھەر- بىر ئىستېمالچى بازاردا بەلگىلەنگەن باھا بۇيىچە ئۆزىنىڭ سېتىۋېلىش قۇربىتى يەتكەن دائىرىدە مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىپ ئىستېمال مەقسىتىگە يېتىدۇ.
ھەر- بىر ئىشلەپچىقارغۇچى بازاردا بەلگىلەنگەن بەلگىلىك بىر باھا سەۋىيەدە ۋە بازاردىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ پايدىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ.
ھەر- بىر بازاردا بۇ باھا قانۇنىيىتى دائىرىسىدە مەھسۇلاتلارنىڭ جەمى تەمىنلەش مىقدارى ۋە جەمى تەمىنلەش ئېھتىياج مىقدارىنى تەڭپۇڭ سەۋىيەگە يەتكۈزۈشكە يۈزلىنىدۇ. مەھسۇلاتلارنىڭ تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج مىقدارى تەڭ بولغاندا، باھامۇ تەڭپۇڭ باھا سەۋىيەنى ساقلايدۇ. ئەگەر ئېھتىياج كۆپ، تەمىنلەش يېتىشمەي قالسا، ئېھتىياجى كۈچلۈك بولغانلار يۇقىرىراق باھا چىقىرىشقا رازى، بۇنىڭ بىلەن مەھسۇلات تەمىنلىگۈچىلەرمۇ كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىپ،بازاردىكى تەمىنلەش مىقدارىمۇ كۆپىيىشكە يۈزلىنىدۇ .
ماكرولۇق تەڭشەش
دۆلەتنىڭ ئىقتىسادتا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلگەندە دۆلەت ئىقتىسادنىڭ قانۇنىيىتىدىن پايدىلىنىپ بەزىبىر تەڭشەش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ تەڭپۇڭسىزلىقنى ئازايتىشقا تىرىشىدۇ. بۇ ماكرولۇق تەڭشەش دېيىلىدۇ. ماكرولۇق تەڭشەشنىڭ مەقسىتى بازاردىكى مال باھاسىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى يۇقىرىلىتىش، دۆلەتنىڭ كىرىم چىقىم تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ۋە ئىقتىسادنىڭ ساغلام ئېشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر.
قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ماكرولۇق تەڭشەش ۋاسىتىلىرىنى ئىقتىسادى ۋاسىتە، قانۇنى ۋاسىتە ۋە مەمۇرىي ۋاسىتە دېگەندەك تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
بۇلاردىن ئىقتىسادى ۋاسىتىگە كىرىدىغانلىرى ۋاسىتىلەر ئاساسلىقى ئۆسۈم، زايوم ( خەزىنە چېكى)، باج، بانكا ئامانەت كاپالەت سوممىسى قاتارلىقلاردۇر. بازاردا ئايلىنىپ يۈرگەن پۇل مىقدارى كۆپىيىپ كەتسە پۇل پاخاللىقى يۈز بېرىدۇ. پۇلنى ئازايتىش ئۈچۈن بانكىلار ئۆسۈمنى يۇقىرىلىتىشى، دۆلەت زايوم سېتىپ نەق پۇللارنى يىغىۋېلىشى، ياكى باجنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. بۇلار تارايتىش خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە سىياسىتىدۇر. ئەمما چارىلەرنىڭ سەلبىي تەسىرى نەتىجىسىدە يېڭى قۇرۇلۇشلار، ئىشلەپچىقىرىش، يېڭى شىركەتلەر ۋە مەبلەغ سېلىش پائالىيەتلىرى ئازىيىشى، ئىشسىزلىق ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. ئەگەر ئىقتىساد جانلانماي ئىشسىزلىق ئېشىپ كەتكەندە مۇۋاپىق نىسبەتتە ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش، دۆلەت زايوملىرىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش، باجنى ئازايتىش ۋە قەرز بىلەن تەمىنلەش سىياسىتىنى يولغا قۇيۇش كېرەك. بۇ چارىلەر كېڭەيتمە خاراكتېرلىك پۇل- مۇئامىلە سىياسىتى دەپ ئاتىلىدۇ.
قانۇنى ۋاسىتىلەر بولسا شىركەت قانۇنى، ئىستېمالچىلار ھوقۇق مەنپەئەت قانۇنى، بانكا ۋە پۇل مۇئامىلە پائالىيەتلىرىگە ئائىت قانۇن تۈزۈملەر ئارقىلىق مۇۋاپىق بولمىغان ئىقتىسادى پائالىيەتلەرنى چەكلەشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن مۇھىت بۇلغىنىش ئېغىر بولغاندا بېنزىننىڭ باھاسىغا قارىتا ئالىدىغان باجنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق بېنزىن ئىستېمالىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
مەمۇرىي ۋاسىتىلەر بولسا يەرلىك تۈزۈلمىلەر ۋە پىلان ئارقىلىق ئىقتىسادنى، ياخشى بىر ئىجتىمائىي ۋە بىيولوگىيەلىك مۇھىتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن مەلۇم بىر رايوندا بىر تۇتاش مېۋە ياكى كۆكتات يېتىشتۈرۈش، ھۆكۈمەت باشچىلىق قىلىپ سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش دېگەندەك.
يۇقىرىدىكى ماكرولۇق تەڭشەش ۋاسىتىسى، ئۇلارنىڭ رولى ۋە تەڭشەش پىرىنسىپى ھەققىدە كىيىنكى قىسىمدا تەپسىلىي توختىلىمىز.
ئاپتور: مەمەتجان بۇغرا
مەنبەلەر
[1] ، ئادام سىمىت (1776)، "دۆلەتنىڭ بايلىقى"، بىلىم مەھسۇلاتى نەشرىياتى 1985-يىللىق نەشرى، 230-بەت
[2] جورج مەنكىۋ، (2011) " ئىقتىساد پىرىنسىپلىرى"، سەنگىچ ئۆگىنىش نەشرىياتى، 11-بەت
[3] كېينىس، (1936)، "ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئۆسۈم ۋە پۇل ھەققىدە ئومۇمىي نەزەرىيە"، ئاتلانتىك نەشرىياتى 2006-يىللىق نەشرى، 8- 20 بەت
[4] ئالفىرد مارشال ،(1890)، "ئىقتىساد پىرىنسىپلىرى"، 8-نەشرى، 193-197-بەت
[5] جورج مەنكىۋ، (2011) " ئىقتىساد پىرىنسىپلىرى" ، سەنگىچ ئۆگىنىش نەشرىياتى، 203-بەت
|
|