قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1125|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك ئەرلەرگە ئائىت مۇھىم ئىشلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

0

دوست

347

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   23.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  84876
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 128
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-9
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
مەزكۇر ماقالىنىڭ ئالدىنقى قىسمى: ./thread-81330-1-1.html


     مەن ئالدىنقى ماقالىدە ئەرلەر بىلىشكە تېگىشلىك ئاياللارغا ئائىت مۇھىم ئىشلارنى بايان قىلىپ ئۆتتۈم. مەزكۇر ماقالىدە ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك ئەرلەرگە ئائىت مۇھىم ئىشلارنى تەسۋىرلەپ ئۆتىمەن.

     ھازىرقى زامان پىسخولوگىيە ئىلمىدە بايقىلىشىچە، ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك ئەرلەرگە ئائىت مۇنداق مۇھىم ئىشلار بار:

     1. ئەرلەر ئايالىدىن ئىستەيدىغان بىرىنچى ئورۇندىكى نەرسە ھۆرمەتلىنىشتىن ئىبارەت

     ئەگەر بىر ئايال ئېرىنى قاتتىق ھۆرمەتلىسە، ئېرىگە چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈرسە، ئېرى ئۇنىڭغا ئاياللار ئىستەيدىغان 1-ئورۇندىكى نەرسىنى، يەنى مەڭگۈ ئۈزۈلمەس سۆيگۈ، ۋە مەڭگۈ توختاپ قالمايدىغان كۆيۈنۈش كۆڭلىنى بېرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئەر ئايالىنى ھەر دائىم 1-دەرىجىلىك مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ. ئەر ئايالىغا ھەر ۋاقىت «سىزنى ئويلاپ تۇرۇۋاتىمەن، سىزگە كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرۇۋاتىمەن، ئىزچىل تۈردە سىزنىڭ ئوتىڭىزدا كۆيۈۋاتىمەن» دېگەن ھېسسىياتنى نامايان قىلىدۇ. دېمەك، ئەرلەرنىڭ ئىستەيدىغىنى ھۆرمەت. ئەرلەر ھۆرمەتكە ئېرىشەلىسە، ئاندىن ئايالىغا سۆيگۈ بېرىدۇ. ئايالىنى ھەر ۋاقىت قەدىرلەيدۇ. ئايالىغا ھەر ۋاقىت ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنىغا داۋاملىق كۆيۈنىدۇ. ئەر ئايالىنى قاتتىق سۆيسە، ئايالىغا قاتتىق كۆيسە، شۇنىڭغا جاۋابەن ئايال ئېرىنى چوڭقۇر ھۆرمەتلەيدۇ.

     بۇ ھەقتە بۇخارى بىلەن مۇسلىمدا بىر كۈچلۈك ۋە داڭلىق ھەدىسمۇ بار. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «مۇئەد» ئىسىملىك بىرەيلەن سۈرىيەگە بېرىپ كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىگە كىرگەن ھامان، ئۇ يەردە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا باش ئۇرۇپ، تەزىم قىلىدۇ. بۇنى كۆرگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن: «ئەي مۇئەد، نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟ كىم سېنى ماڭا تەزىم قىلىشقا بۇيرۇدى؟» دەپ سورايدۇ. مەئۇد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىدۇ: «مەن ھازىرلا سۈرىيەدىن قايتىپ كەلدىم. ئۇ يەرگە بارغاندا، ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ھۆرمەت نۇقتىسىدىن رەببايغا تەزىم قىلىدىغانلىقىنى كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن ئۇ رەببايلارغا قارىغاندا سىز تېخىمۇ كۈچلۈك ھۆرمەتكە لايىق، دەپ ئويلاپ، ھازىر سىزگە تەزىم قىلدىم.» شۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ بىر ئىنساننىڭ يەنە بىر ئىنسانغا تەزىم قىلىشىنى چەكلىگەن. ئەگەر ئاللاھ مۇشۇنداق ئىشقا يول قويغان بولسا، مەن ئەرلىرىگە بولغان ھۆرمىتى ۋە مەسئۇلىيىتى نۇقتىسىدىن ئاياللارنى ئەرلىرىگە تەزىم قىلىشقا بۇيرۇغان بولاتتىم.» بۇ يەردىكى تەزىم ھۆرمەتنى بىلدۈرىدىغان تەزىم بولۇپ، بۇ ۋەقەدىن بىز مۇنداق بىر ئىشنى بىلىۋالالايمىز: ئاياللار ئەرلىرىنى ھۆرمەتلىشى كېرەك. شۇ چاغدىلا ئۇلار ئېرىنىڭ سۆيگۈسىگە، قەدىرلىشىگە ۋە كۆيۈنۈشىگە ئېرىشەلەيدۇ.

     ئاياللار ئېرىنى ھۆرمەتلىگەن، ۋە ئېرىگە «مەندىن ۋە ئائىلىدىن خەۋەر ئالىدۇ» دەپ ئىشەنگەن ۋاقىتتا، ئەرلەر ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق قىلىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ ئايالىدىن ۋە ئائىلىسىدىن ياخشى خەۋەر ئالىدۇ. ئاياللار ئائىلىدىكى «باشلىق» بولۇشقا ئۇرۇنماي، ئېرى بىلەن ھۆكۈمرانلىق ئورنى تالاشماي، ئېرىگە ئىشەنمەي ۋە ئېرى قىلغان ھەر بىر ئىشتىن گۇمانلىنىپ يۈرمەي، ۋە داۋاملىق تۈردە ئېرىنى باشقۇرۇپلا تۇرمىغاندا، ئۇنىڭ ئەكسىچە، ھەر ۋاقىت ئېرىگە ئىشەنگەندە ئەرلەر ئايالىغا كۆيۈنىدۇ، ئايالىغا نىسبەتەن رومانتىك ھېسسىيات نامايان قىلىدۇ، ۋە ئايالىنى قەدىرلەيدۇ. بىر ئايالنىڭ ئېرى بىر ھەقىقىي ئەر بولالىغاندىلا ئاندىن خوتۇنىغا بىر ئايال كىشىگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدۇ. بىر ئايال ئېرىگە نىسبەتەن بىر ئەرگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلغاندىلا ئاندىن ئۇ ئەر ئۆزىنى بىر ئەردەك ھېسابلايدىغان بولىدۇ.

     ئەرنى ھۆرمەتلەش تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

     (1) ئېرىنىڭ بىلىمىگە ۋە ھۆكۈمىگە ھۆرمەت قىلىش. ئەگەر ئېرىڭىز بىر ئىش ئۈستىدە بىر قارار ئالغان بولسا، ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ يۈرمەڭ. ئېرىڭىزگە «سەن ئۇنچىۋالا ئەقىللىق ئەمەس، قولۇڭدىن ئۇنداق ئىش كەلمەيدۇ»، دېگەنگە ئوخشاش كۆز-قاراشتا بولماڭ. ئېرىڭىزگە بىر كىچىك بالىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلماڭ.

     مەسىلەن، ئېرىڭىز ماشىنا ھەيدەۋېتىپ، بىر يولغا كىرىدۇ. سىز كۆڭلىڭىزدە «ئېرىم خاتا يولغا ماڭدى»، دەپ ھۆكۈم چىقىرىپ، ئېرىڭىزگە «سىز خاتا يولغا ماڭدىڭىز، بۇ يول بىزنى بارىدىغان يېرىمىزگە ئاپارمايدۇ»، دەيسىز. بۇ چاغدا ئېرىڭىز «مۇشۇ توغرا يول، مەن نەگە كېتىۋاتقانلىقىمنى بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن»، دەيدۇ. بۇ يەردە يۈز بەرگىنى قانداق ئىش؟ بۇ يەردە ئايالى ئېرىنىڭ باشلىقلىق ئورنىغا جەڭ ئېلان قىلدى. ئېرىنىڭ ھۆكۈمىدىن گۇمانلاندى. ئېرىگە ئىشەنمىدى. بۇنداق ئەھۋالدا ئەر بىر بەس-مۇنازىرە قىلغۇچىغا ئايلىنىدۇ. ھەمدە ئايالىغا «سەن ئۇنى قىلغان، سەن بۇنى قىلغان»، دەپ، ئايالىدىن قۇسۇر تېپىشقا تىرىشىدۇ. شۇڭلاشقا ئەگەر ئېرىڭىز سىزدىن مەسلىھەت سورىمايدىكەن، بۇنداق ۋاقىتلاردا سىز ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا يول كۆرسەتمەڭ.

     ئەگەر ئايالنىڭ گېپى راست بولۇپ، ئەر خاتالاشقان بولسىچۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى ئەمدى چىقىدۇ.

     (2) ئېرىڭىزنىڭ خاتالىشىشىغا، ۋە ئۆز خاتالىقىدىن تەجرىبە-ساۋاق يەكۈنلىشىگە يول قويۇڭ. ئەگەر ئېرىڭىز قارارنى ئۆزى ئېلىپ خاتالىشىدىكەن، ئۇ ھېچ كىمدىن ئاغرىنالمايدۇ. ئەگەر سىز ئالغان قارار خاتا بولۇپ چىقىدىكەن، ئېرىڭىزنىڭ سىز بىلەن بولغان جېدىلىنىڭ ئاخىرى ئۈزۈلمەيدۇ. شۇڭلاشقا ئېرىڭىزنى خاتالىشىشقا، ۋە ئۆز خاتالىقلىرىدىن تەجرىبە-ساۋاق يەكۈنلىشىگە يول قويۇڭ. ھەرگىز ئېرىڭىزنىڭ ئاپىسىنىڭ رولىنى ئېلىۋالماڭ. ھېچ قانداق ئەر ئۆزىگە بىر ئاپىلىق سالاھىيىتىدە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىدىغان ئايال بىلەن توي قىلىشنى ياكى ئۆي تۇتۇشنى خالىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئاپىسى يېتىپ ئاشىدۇ. ھېچ قانداق ئەر ئايالىنىڭ ئۆزىگە لېكسىيە سۆزلىشىنى، ئۆزىگە تەربىيە قىلىشىنى، ۋە ئۆزىنى قورقۇتۇشىنى ياقتۇرمايدۇ. ئەرنى پەقەت ئۇنىڭ ئاپىسىلا قورقۇتسا بولىدۇ. ئانىلارنىڭ بىر قىسىم ئالاھىدە ھوقۇقلىرى بار بولۇپ، ئۇ ھوقۇقلار كېلىنگىمۇ بېرىلگەن ئەمەس. ئەگەر ئېرىڭىز يولنى خاتا تاللاپ، بىر قېتىم ئېزىپ قالغان بولسا، ئۇ ئوخشاش خاتالىقنى ئىككىنچى تەكرارلىمايدۇ. ئۇ ئۆز خاتالىقىدىن ئۆگىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا سىز ھېچ قانداق گەپ قىلماي، جىم تۇرۇڭ. كېلەر قېتىم ئىشنى ئېرىڭىز ئۆزى ئوڭلاپ كېتىدۇ.

     (3) ئېرىڭىز ئۆي ئىچىدە بىرەر پروجېكت (ئىش تۈرى) ئېلىپ بارماقچى بولغاندا، ئۇنىڭ قابىلىيىتىگە ئىشىنىڭ. بۇنداق ۋاقىتلاردا ھەرگىزمۇ ئېرىڭىزگە كىنايە قىلماڭ. ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئىرادىسىگە سوغۇق سۇ سەپمەڭ. مەسىلەن، ئۆيىڭىزدىكى سۇ تۇرۇبىسى بۇزۇلۇپ قېلىپ، ئېرىڭىز ئۇنى رېمونت قىلىش ئۈچۈن قوراللىرىنى ئېلىپ كەلدى، دەيلى. ئەگەر بۇ چاغدا سىز «سىز ئۆزىڭىزچە تۇرۇبىنى رېمونت قىلماقچىما؟ بولدى قىلىڭ. سىز ئۇنى قىلالمايسىز. بېرىپ بىر رېمونتچى چاقىرىپ كېلىڭ»، دەيدىكەنسىز، سىز ئۇنىڭ غۇرۇرىنى سۇندۇرىسىز. يالغۇز ئۇلا ئەمەس، سىز ئۇنىڭ يۈرىكىگە بىر پىچاق سانجىيسىز. بۇنداق ئەھۋالدا ئېرىڭىز «ئەگەر سېنىڭ نەزىرىڭدە مەن بىر بۇزۇلۇپ قالغان تۇرۇبىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسام، باشقا يەنە قانداق ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايمەن؟» دەپ ئويلايدۇ.

     ئەرلەرنىڭ ئىنتايىن چوڭ غۇرۇرى بار بولىدۇ. ئەگەر سىز ئاشۇ غۇرۇرنى كىچىكلىتىدىغان ياكى ئاجىزلىتىدىغان ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىدىكەنسىز، سىز ئېرىڭىزنىڭ ئەرلىك غۇرۇرىغا زەخمە يەتكۈزىسىز. شۇڭلاشقا ئېرىڭىز بىرەر ئىشنى ئۆزىنى توغرا مۆلچەرلىيەلمەي قىلىپ سالغان ۋاقىتلاردىمۇ، ئۇنىڭغا ئارىلىشىۋالماي، ئېرىڭىزگە يول قويۇڭ. ئۇ ئۆزىنىڭ خاتالاشقانلىقىنى كېيىن بايقىۋالىدۇ، ھەمدە سىزنىڭ ئۇنى قوللاپ بەرگىنىڭىز بەدىلىگە ئۇ سىزنى بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك سۆيىدۇ.

     ئەمەلىيەتتە 90 پىرسەنت ۋاقىتلاردا ئېرىڭىز باشلىغان ئىشلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا پۈتتۈرەلەيدۇ. ئەرلەر ئەنە شۇنداق يارىتىلغان. ئەگەر ئۇلار بىر ئىشنى باشلاپ، يېرىم يولدا مەغلۇپ بولىدىكەن، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۇلار ھېلىقى ئىشنى قايتا-قايتا قىلىپ، ئۇنى ۋۇجۇدقا چىقارماي تۇرۇپ ئۇ ئىشتىن قول ئۈزمەيدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ ئىشنى غەلىبىلىك تاماملايدۇ. سىز ئېرىڭىزنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىۋېلىپ، توختىماي ئۇنىڭ خاتالىقلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىپ تۇرسىڭىز، سىز ئۇنىڭ چىشىغا تېگىسىز. ئۇنى زېرىكتۈرۈۋېتىسىز. ئېرىڭىز ھەرگىزمۇ سىزنىڭ بۇنداق قىلغىنىڭىزدىن مىننەتدار بولمايدۇ. ئەكسىچە ئۇ سىزنىڭ بۇنداق قىلىقىڭىزنى ئۆچ كۆرىدۇ. سىزنىڭ بۇنداق قىلىقلىرىڭىز بەزىدە ئېرىڭىزنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ، ئۇنى رەنجىتىپ، نەتىجىدە تېخىمۇ يامان ئاقىۋەتلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا ھەرگىزمۇ ئېرىڭىزنىڭ ئەرلىك غۇرۇرىغا زەخىم يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلماڭ. ئەرلەر ئۆزلىرىنى ئائىلىنىڭ قوغدىغۇچىسى، دەپ ھېسابلايدۇ. ئەگەر سىز ئۇنىڭغا «بۇزۇلۇپ قالغان تۇرۇبىنى سىز ياسىيالمايسىز»، دېسىڭىز، ئۇ سۆز ئېرىڭىزگە «مەن سىزنىڭ ھۆكۈمىڭىزگە ئىشىنەلمەيمەن» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ سۆز ئېرىڭىزگە «مەن سىزنىڭ مېنى قوغدىيالايدىغانلىقىڭىزغا، مەندىن خەۋەر ئالالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشەنمەيمەن»، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭلاشقا ئېرىڭىزنى ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشلارنى قىلىشقا يول قويۇڭ. ئۇ ئىشنى ئۆزى قىلىپ، مەغلۇپ بولسا ئۆز خاتالىقلىرىدىن ئۆزى ئۆگەنسۇن. ئەگەر سىز ئۇنىڭ ئەرلىك غۇرۇرىنى سۇندۇرىدىكەنسىز، ئۇ سىزنى ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغاندەك سۆيمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.

     (4) ئەگەر بىرەر ئىش ھەققىدە سىز ئېرىڭىز بىلەن سەلبىي يوسۇندا سۆزلىشىشكە توغرا كېلىدىكەن، سىز ئىشلىتىدىغان سۆزلەرنى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللاڭ. ئايالى داۋاملىق بېشىنى ئاغرىتىپ تۇرىدىغانلىقىدىن قاقشايدىغان ئەرلەر ناھايىتى كۆپ. ئۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، ئەرلەر ئايالىنىڭ تولا قاقشىشىنى ئۆزلىرىگە قىلغان ھۆرمەتسىزلىك، دەپ چۈشىنىدۇ.

     --ئېرىم، بۇزۇلغان تۇرۇبىنى ئوڭشىدىڭىزمۇ؟
     --ئۇنى نېمىشقا تېخىچە ئوڭلاپ بولالمايسىز؟
     --مەن ئۇ ئىشنى سىزگە دېگىلى بىر-ئىككى ھەپتە بولۇپ كەتتىغۇ؟
     --بۇ ئىشنى قىلىش سىز ئۈچۈن شۇنچىۋالا تەسمۇ؟
     --نېمىشقا مېنىڭ گېپىمنى بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئاڭلاپ قويمايسىز؟

     سىز مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلىپ ئېرىڭىزنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋەرسىڭىز، ئۇ تەدرىجىي ھالدا سۇ تۇرۇبىسىنى ئوڭلاش ئىشىغا بىر خىل ئۆچمەنلىك كۆزى بىلەن قارايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئېرىڭىزنىڭ ئۇ ئىشنى بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك قىلغۇسى كەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئېرىڭىز «خوتۇنۇم ھەجەپمۇ بېشىمنى ئاغرىتتا»، دەپ ئويلاپ، سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىز ھەرگىزمۇ ئىجابىي نەتىجە ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئېرىڭىزنىڭ سۇ تۇرۇبىسىنى ۋاقتىدا ئوڭشىماسلىقىنىڭ سەۋەبى، بىرىنچىدىن، ئۇ قىلىدىغان باشقا ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم ئىشلار بار. ئىككىنچىدىن، ئەر كىشىلەرنىڭ بەزى ئىشلارنى قىلىشقا مەلۇم بىر ۋاقىتتا كۆڭلى تارتماي، ئۇنى قىلىشقا باشقا بىر ۋاقىتتا كۆڭلى تارتىدۇ. شۇڭلاشقا ئەرلەر بەزى ئىشلارنى قىلىشتا ئۇنىڭ ئۆز كۆڭلى تارتىدىغان پەيتىنى ساقلايدۇ. ئەگەر سىز ئېرىڭىزنىڭ كۆڭلى تارتمىغان بىر ئىشنى ئۇنىڭغا شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدىلا قىلدۇرماقچى بولىدىكەنسىز، ئېرىڭىزنى ئۇ ئىشنى شۇ پەيتتىلا قىلىشقا مەجبۇرلايدىكەنسىز، ئېرىڭىزنىڭ كۆڭلىنى قاتتىق رەنجىتىپ ياكى ئازابلاپ قويىسىز.

    شۇڭلاشقا، سىز يۇقىرىقىدەك ئىشنى قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئېرىڭىزگە ئىجابىي جەھەتتىن ئىلھام بېرىڭ. مەسىلەن، سىز ئېرىڭىزگە «مەن سىزگە ئۈلۈشكۈن سۇ تۇرۇبىسى بۇزۇلۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقان ئىدىم. ئۇنى ھازىر ئوڭلاپ بېرىشكە ۋاقتىڭىز يېتەرمۇ؟» دەڭ. يەنى، سەلبىي پوزىتسىيىدە تۇرۇپ گەپ قىلماي، ئىجابىي پوزىتسىيىدە تۇرۇپ، ئىجابىي ئاھاڭدا سۆز قىلىڭ.

     ئەگەر چوقۇم نارازىلىق بىلدۈرۈشكە توغرا كېلىدىكەن، ھەرگىزمۇ گەپنى «سەن» ياكى «سىز» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىپ باشلىماي، ئۇنىڭ ئورنىغا «مەن» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىپ باشلاڭ. مەسىلەن، ئېرىڭىز ئىشتىن كېچىكىپ چۈشۈپ، سىزگە تېلېفون قىلىپ قويمىغان بولسۇن. ئۇ ئۆيگە كەچرەك قايتىپ كەلگەندە، سىز ئۇنىڭغا ئاچچىقلاپ: «مۇشۇنداق چاغلاردا ماڭا ئىشتىن سەل كەچرەك كېلىمەن، دەپ تېلېفونمۇ قىلىپ قويمايسىز. نېمىشقا داۋاملىق مۇشۇنداق قىلىسىز؟» دېگەن بولۇڭ. بۇ يەردە سىز ئېرىڭىزنى ئەيىبلەيسىز. ئەگەر ئېرىڭىزنى ئۇنىڭ ئاپىسى ياكى دادىسى ئەيىبلىسە بولىدۇ. ئەمما سىز ئەيىبلىسىڭىز بولمايدۇ. سىز ئۇنى ئەيىبلىسىڭىز، ئېرىڭىزنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشەلمەيسىز. ئەگەر سىز يۇقىرىدىكى گەپنى «ئامرىقىم، سىز بۈگۈن ئىشتىن كېچىكىپ قايتىپ كەلدىڭىز، ئەمما ماڭا تېلېفونمۇ قىلىپ قويمىدىڭىز. مەن سىزدىن بەك ئەنسىرەپ كەتتىم» دېسىڭىز، ئېرىڭىز ھەر قېتىم ئىشتىن كېچىكىپ قالغاندا چوقۇم سىزگە تېلېفون قىلىدۇ. يەنى، بۇ يەردە سىز «سەن» ياكى «سىز» دېگەن سۆزنى ئىشلەتمەي، ئۇنىڭ ئورنىغا «مەن» دېگەن سۆزنى ئىشلەتتىڭىز. «مەن سىزدىن ئەنسىرەپ قالدىم»، «مەن سىزنىڭ نەگە كەتكەنلىكىڭىزنى بىلەلمەي قالدىم»، «مەن سىزدىن ئەنسىرەپ نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم». مۇشۇنداق سۆزلەرنى ئىشلەتسىڭىز، ئېرىڭىز سىزدىن ناھايىتى رازى بولىدۇ، سىزدىن سۆيۈنىدۇ، ھەمدە سىز ئۈچۈن ئاسماندىكى ئاينى يۇلۇپ ئەكېلىپ بېرىشكىمۇ تەييار بولىدۇ.

     بەزىدە ئېرىڭىز سىزگە قوپاللىق قىلىپ سالىدۇ. شۇنداق ۋاقىتتا سىز «سىز مانى دېدىڭىز، سىز ئانى دەپ ماڭا قوپاللىق قىلدىڭىز»، دېمەي، «سىزنىڭ ماۋۇ ماۋۇ گەپلىرىڭىز مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئاغرىتتى»، دەڭ. شۇنداق قىلسىڭىز ئېرىڭىز «مەن ئۇنىڭغا راستلا ئورۇنسىزلىق قىلىپتىمەن، ئۇنداق قىلمىسام بولۇپتىكەن»، دەپ، ئۆزى بىر گۇناھ ئۆتكۈزگەندەك ھېسسىياتقا كېلىدۇ. قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلىدۇ. ئېرىڭىزنى تەنقىدلىسىڭىز ياكى ئەيىبلىسىڭىز، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆزىنى گۇناھ قىلغاندەك ھېس قىلمايدۇ. ئېرىڭىزنى بىر ئەردەك ھېسسىياتقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، سىز چوقۇم بىر ئايال كىشىدەك رول ئېلىشىڭىز كېرەك.

     (5) ھەرگىز باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئېرىڭىزنى چۈشۈرمەڭ. ھەرگىز باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئېرىڭىزنىڭ ئەرلىك غۇرۇرىنى چۈشۈرىدىغان، ۋە ئېرىڭىزنىڭ قابىلىيىتىنى كەمسىتىدىغان گەپ-سۆز ياكى چاقچاقلارنى قىلماڭ. بۇنداق ئىشلاردىن قەتئىي ساقلىنىڭ. ئۇنداق ئىشلار ھەممە ۋاقىتتا ناھايىتىمۇ زىيانلىق. ئەرلەر ئايالىنىڭ ئۆزلىرىنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا چۈشۈرۈشىنى قەتئىي ياقتۇرمايدۇ. ئۇنداق ئىش ئېرىڭىزدە ھېچ قانداق ئىجابىي نەتىجە ئېلىپ كەلمەيدۇ. سىز ئېرىڭىزنىڭ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆز تۇرىقىڭىزنى كەمسىتىشىنى ياقتۇرمايسىز. ئېرىڭىزنىڭ باشقىلارغا «خوتۇنۇم ئالدىنقى بايرام جەريانىدا جىق يەۋېلىپ بىر ئاز سەمرىپ كەتتى» دېيىشىنى ياخشى كۆرمەيسىز. ئەرلەرنىڭ غۇرۇرى ئاياللارنىڭكىدىن تېخىمۇ سەزگۈر كېلىدۇ. ئەگەر ئېرىڭىزنى بىرەر ئىشتا باشقىلارنىڭ ئالدىدا كەمسىتىدىكەنسىز، سىز ئۇنىڭ غۇرۇرىنى زەخمىلەندۈرىسىز. ئۇنىڭ ئورنىغا، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئېرىڭىزنى ماختاڭ. كېلەر قېتىم ئېرىڭىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆيىڭىزگە كەلگەندە، ئېرىڭىزنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماختاڭ. ئۇلارنىڭ ئالدىدا «ئېرىم ئۆينى ناھايىتى رەتلىك تۇتىدۇ»، دەڭ. شۇنداق قىلسىڭىز ئېرىڭىزنىڭ ئاتا-ئانىسى كەتكەندىن كېيىن ئېرىڭىز ئۆينى بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك رەتلىك تۇتىدىغان بولۇپ كېتىدۇ. بۇ ئىجابىي رىغبەتلەندۈرۈش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

     بىر ئەرگە ئۆزىنىڭ ئايالى ھۆرمەت قىلمايدىكەن، ئۇنىڭغا باشقا ھېچ كىم ھۆرمەت قىلمايدۇ. شۇڭلاشقا بۇنى ھەر بىر ئايال چوقۇم ئەستە تۇتۇشى كېرەك.

     2. ئەرلەر ئايالىدىن خەۋەر ئالىدىغان قىلىپ يارىتىلغان

     ئەرلەرنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى ئايالىنى قوغداش. ئەرلەر ئايالىنى قوغداشنى، ۋە ئائىلىسىنىڭ كېرەكلىك ئادىمى بولۇشىنى ئىستەيدۇ. بىزنىڭ دىنىمىزمۇ ئەرلەردىن ئايالىدىن خەۋەر ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال ئەرلەرنىڭ تەبىئىي خاراكتېرىگىمۇ ماس كېلىدۇ. شۇڭلاشقا ئەرلەر ئايالى ۋە ئائىلىسىدىن خەۋەر ئالالىسا، غەلىبە قازانغانلىق تۇيغۇسىغا ۋە ئۆزىدىن پەخىرلىنىش ھېسسىياتىغا ئېرىشىدۇ. ئەرلەر ئايالىنى ئۆزىگە بېقىندى قىلىشنى، ئائىلىسىنى ئېھتىياجلىق نەرسىلەر بىلەن تەمىن ئېتىشنى، ۋە ئائىلىسىنى يۆلەپ تۇرۇشنى ئىستەيدۇ. شۇڭلاشقا ئەر كىشى بولۇشنىڭ بىر سىمۋولى ئائىلىسى ئۈچۈن قاتتىق تىرىشىپ ئىشلەشتىن ئىبارەت.

     بەزىدە ئاياللار «سەن ھەر كۈنى بەك ئۇزۇن ئىشلەپ كېتىۋاتىسەن، ئۆيدە ئانچە تۇرمايۋاتىسەن، ئۆي بىلەن ئانچە كارىڭ بولمايۋاتىدۇ، ئۆيگە ئازراقمۇ كۆيۈنمەيۋاتىسەن»، دەپ، ئېرىدىن نارازى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئېرىڭىز ئائىلىگە كۆيگەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق ئىشلەيدۇ، ھەرگىزمۇ ئائىلىسىگە كۆيمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس. ئېرىڭىز ئائىلىسىنى ياخشىراق بېقىش، خىزمەت ئورنىدا يۇقىرىراق ئورۇنغا كۆتۈرۈلۈش ئۈچۈن ئاشۇنداق قاتتىق ئىشلەيدۇ. ئېرىڭىز ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي ئېھتىياجىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقىش ئارقىلىق سىزگە ۋە ئائىلىگە بولغان مۇھەببىتىنى نامايان قىلىدۇ. لېكىن ئاياللار كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئېرىنىڭ قاتتىق تىرىشىپ ئىشلىشىنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ ئايالى ۋە ئائىلىسىگە بولغان مۇھەببىتى ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشىنىپ يېتەلمەيدۇ.

     ئەرلەر ئائىلىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئۈستىدە كۆپرەك ئويلىنىدۇ. ئەرلەرنىڭ كۆپرەك ئويلايدىغىنى تۆۋەندىكىدەك سوئاللارنىڭ جاۋابى:
     --ئائىلىنىڭ ئىقتىسادى كەلگۈسىدە قانداق بولىدۇ؟
     --مەن ئۆلۈپ كەتسەم ئايالىم ۋە بالىلىرىم قانداق قىلىدۇ؟
     --ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادى يەنە 10 يىلدىن كېيىن قانداق بولىدۇ؟
     --بالىمىز ئالىي مەكتەپكە كىرگەندە ئۇنىڭ ئوقۇش پۇلىنى قانداق ھەل قىلىمىز؟

     ئاياللار ئۇزۇن-مۇددەتلىك ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتى ئۈستىدە كۆپرەك ئويلىنىدۇ. ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى ئۇنچىۋالا ناچار ئەمەس ئاياللار ئىقتىساد ئۈستىدە ئۇنچىۋالا كۆپ ئويلىنىپ كەتمەيدۇ. ئەرلەر يەنە 20 - 30 يىلدىن كېيىنمۇ ئائىلىسىدە يېتەرلىك ئىقتىساد بار بولۇش، بالىلىرىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتىدىغانغا پۇلى بار بولۇش مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئويلايدۇ. ئاياللار بولسا ئېرىنى داۋاملىق ئۆزىگە جەلپ قىلىپ تۇرۇش، يەنە 10 - 20 يىل ئۆتكەن ۋاقىتتىمۇ ئېرىنىڭ ئۆزىگە بولغان مۇھەببىتىنى نورمال ساقلاپ قېلىش ئىشلىرى ئۈستىدە ئويلىنىدۇ. بۇ دېگەنلىك ھەرگىزمۇ ئەرلەر ئايالى ۋە ئائىلىسى بىلەن كارى بولماي، ئۆلگۈچە ئىشلىشى كېرەك، دېگەنلىك ئەمەس. بۇ يەردە دېمەكچى بولغان گەپ، ئاياللار ئەرلەرنىڭ قاتتىق ئىشلىشىدىكى يېتەكچى ئىدىيىنى توغرا چۈشىنىشى كېرەك، دېگەندىن ئىبارەت.

     ئەگەر ئاياللار ئېرىنىڭ قاتتىق ئىشلىشىگە قارىتا داۋاملىق نارازى بولۇۋېرىدىكەن، ئېرىنى زېرىكتۈرۈپ، ھەتتا ئېرىنى رەنجىتىپ قويىدۇ. چۈنكى ئەرنىڭ نەزىرىدە بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئايالى ئۈچۈن قىلىنغان. ئەمما ئايالنىڭ نەزىرىدە بۇ ئىشنىڭ ئۆزى بىلەن ئانچە بەك مۇناسىۋىتى يوق. شۇنىڭ بىلەن ئەر-ئايال ئىككىيلەننىڭ ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى ئېغىر چۈشىنىشمەسلىك يۈز بېرىدۇ.

     ئەرلەر ئۈچۈن ئايالى ۋە ئائىلىسىمۇ ئۆزىنىڭ خىزمىتى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە مۇھىم. شۇڭلاشقا ئەرلەرمۇ بۇ نۇقتىنى ھەرگىز ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىقى كېرەك. بىر نەرسە ئۈچۈن يەنە بىر نەرسىنى قۇربان قىلىۋەتمەسلىكى كېرەك. ئاياللارمۇ مۇنداق بىر ئىشنى بىلىشى كېرەك: ئېرىڭىزنىڭ خىزمىتى ئۇنىڭ 2-خوتۇنى ئەمەس. بۇ يەردە بىر خىل رىقابەت مەۋجۇت ئەمەس. ئېرىڭىزنىڭ قاتتىق ئىشلىشى پەقەت سىز ئۈچۈن، سىزنىڭ بالىلىرىڭىز ئۈچۈن، ھەمدە سىز بىلەن بىر ئىناق ۋە يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلاش ئۈچۈن. ئەرلەر پۇل ئۈستىدە كۆپرەك غەم يەيدۇ. شۇڭلاشقا سىز ئېرىڭىزنى توغرا چۈشىنىڭ.

     3. جىنسىي مۇناسىۋەت ئەرلەرگە كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلىدۇ

     ئەر-ئاياللىق جىنسىي مۇناسىۋەت ياخشى بولغاندا، ئەرلەر يېڭىچە كۈچ-قۇۋۋەتكە ئېرىشىدۇ. ئەرلەرنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت مەخلۇقلىرى ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان. دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە بارلىق ئەرلەر ئورتاق ھالدا ئىپادىلەيدىغان نارازىلىق ئايالىنىڭ ئۆزىگە جىنسىي مۇناسىۋەت پۇرسىتىنى يېتەرلىك دەرىجىدە بەرمىگەنلىكى. بۇ خىل ئەھۋال ھەممە مىللەت، ھەممە دىن، ۋە ھەممە مەدەنىيەتلەردە ئوخشاش دەرىجىدە مەۋجۇت. ئاياللار جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ ئەرلەر ئۈچۈن بىر خىل بىئولوگىيىلىك زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشىنىپ يېتەلمەيدۇ. ئەرلەرنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتكە بولغان ئېھتىياجى يېمەكلىك، ئىچىملىك ۋە ئۇخلاش قاتارلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى بىلەن ئوخشاش ئەمەس. ئەرلەرنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت تۇرمۇشى ئوڭۇشلۇق ماڭمايدىكەن، ئۇلار ئاسانلا تېرىكىدىغان، ئاسانلا ئايالىدىن قۇسۇر ئىزدەيدىغان، ۋە ئايالى بىلەن ئۇرۇشقىلى ئاران تۇرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، جىنسىي مۇناسىۋەت ئەرلەرنىڭ ھېسسىيات قۇلپىسىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ. ئەرلەر جىنسىي مۇناسىۋەتتە قانائەت ھېس قىلغاندىلا، ئاندىن ئۆزىدە بىر ئەردەك تۇيغۇنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرەلەيدۇ. پەقەت شۇ چاغدىلا ئايالى سادىر قىلغان ھەر قانداق كەمچىلىك يېتەرسىزلىكلەرنى ئەپۇ قىلىۋېتەلەيدۇ. ئەرلەر ئايالى بىلەن بولغان جىنسىي مۇناسىۋەت تۇرمۇشىدا قانائەت ھېس قىلالمايدىكەن، ئايالى سادىر قىلغان ۋە ئۆزى ئويلاپ تاپقان خاتالىقلارنىڭ ھېچ قايسىسىنى ئەپۇ قىلىۋېتەلمەيدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەت ئەرلەرگە ئايالىنىڭ مۇھەببىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەرلەر ئايالىغا بۇرۇنقىدىنمۇ كۈچلۈك سۆيگۈ بېرىدىغان بولىدۇ. ئەرلەر جىنسىي مۇناسىۋەت تۇرمۇشىدا قانائەت ھېس قىلغاندا، ئۆزىنى دۇنيادىكى ھەر قانداق ئىشنى قىلىۋېتىشكە تەييار بولغاندەك ھېس قىلىدۇ. ئەرلەر جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئۆزىدە بىر ئەرگە لايىق جىسمانىي كۈچ بارلىقىنى ھەقىقىي تۈردە ھېس قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ ئەرلىكىنى ھەقىقىي تۈردە ھېس قىلىدۇ.

     ئاياللار ئېرىگە يېتەرلىك دەرىجىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەت پۇرسەتلىرىنى يارىتىپ بېرىپ، ئېرىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتكە بولغان ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرۇپ تۇرىدىكەن، ئۇنىڭ ئېرى ئۆزىنى بىر تولۇق ئەردەك ھېس قىلىپ، ئۆزىدە باشقىچە كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىدە پۈتۈن دۇنيانى ئۆزىگە بويسۇندۇرالايدىغان بىر خىل ئىرادە ھاسىل قىلىدۇ. ناھايىتى زور دەرىجىدىكى خۇشاللىق ۋە رازىلىققا ئىگە بولۇپ، تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن غەم-ئەندىشىلەرنى ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇلۇپ كېتەلەيدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ئەكسىچە جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئايال كىشى ئېرىنى رەت قىلىدىكەن، ئۇ ھالدا ئەر «مەن ئۆزۈمنىڭ خوتۇنىغىمۇ بىر ئەر بولالمىسام، قانداقمۇ باشقا دۇنياغا بىر ئەر بولالاي؟» دەپ ئويلايدۇ. ئاياللارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئېرىنى رەت قىلىشى، ئەرلەرنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرىدىغان ئەڭ كۈچلۈك ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا بىزنىڭ دىنىمىزدا بىر ئايالنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئېرىنى رەت قىلىشى چەكلەنگەن. بۇ يەردىكى رەت قىلىش ئېرىنىڭ ئەرلىكىنى رەت قىلىش بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق رەت قىلىش بىر ئايالنىڭ ئېرىگە قىلغان ئەڭ چوڭ ھۆرمەتسىزلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

     چۈشكۈنلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئەرلەرنىڭ خېلى كۆپى ئايالىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئۆزىنى رەت قىلىشى تۈپەيلىدىن شۇنداق بولىدۇ. ئەمما ئاياللار جىنسىي مۇناسىۋەتنى رەت قىلىش ئېرىنىڭ تۇرمۇشىدا قانچىلىك ئېغىر كرىزىس پەيدا قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتەلمەيدۇ. ئەرلەر ئۆزىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى بىر قۇتىنىڭ ئىچىگە قاچىلاپ ماڭىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىدىكى ئۇنداق مەسىلىلەر ھەققىدە ئاسانلىقچە باشقىلار بىلەن پاراڭلاشمايدۇ. شۇڭلاشقا ئاياللار ئېرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ نېمە ئۈچۈن ناچارلىشىشقا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمەي قالىدۇ. ئەرلەر ئۈچۈن ئايالى بىلەن بولغان جىنسىي مۇناسىۋەت نورمال داۋاملاشماي، بىر ئېغىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالىدىكەن، بەزى ئەرلەر ناھايىتى تېزلا ئاجرىشىپ كېتىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەت نورمال داۋاملاشمايدىكەن، ئەرلەر داۋاملىق ئايالىدىن قۇسۇر ئىزدەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئايالى سادىر قىلغان ھەر بىر مەسىلە ئېرىگە 10 ھەسسە ياكى 100 ھەسسە ئېغىر مەسىلە بولۇپ كۆرۈنىدۇ. بەزىدە ئەرلەر ئايالىنىڭ مەسىلىسىنى ئۆزى ئويدۇرۇپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئەگەر ئۇ مۇناسىۋەت جايىدا ماڭىدىكەن، ئەرلەر ئايالىنىڭ باشقا نۇرغۇن يېتەرسىزلىكلىرىگە، مەسىلەن، تەمسىز تاماق، ۋاقتىدا يۇيۇلمىغان كىر، ۋە قالايمىقان تۇتۇلغان ئۆي قاتارلىقلارغا ئازراقمۇ پەرۋا قىلمايدۇ.

     شۇڭلاشقا ئاياللار ئېرىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتكە بولغان ئېھتىياجى يالغۇز بىئولوگىيىلىك ئېھتىياجلا بولۇپ قالماستىن، ئۇ يەنە پىسخولوگىيىلىك ئېھتىياج ئىكەنلىكىنىمۇ تولۇق چۈشىنىپ يېتىشى كېرەك. بۇ ئەھۋال ھازىرقى زامان پىسخولوگىيە ئىلمىدە تولۇق جەزملەشتۈرۈلگەن. ئېرىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتكە بولغان تەلىپىنى رەت قىلىش ئاياللارنىڭ «مەن ئۈچۈن سەن بىر ئەر ئەمەس، مەن ئۈچۈن سېنىڭ بىر ئەر بولۇشقا سالاھىيىتىڭ توشمايدۇ»، دېگىنى بىلەن ئوخشاش. ئەگەر ئېرىڭىز سىزگە بىر ئەر بولالمىسا، ئۇ قانداقمۇ باشقا دۇنيا ئۈچۈن بىر ئەر بولالىسۇن؟

     4. ئەرلەرنى ھەممە ئاياللار جەلپ قىلىدۇ

     ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئەرلەرنى تەبىئىي ھالدا ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. بىر ياكى بىر قانچە ئاياللار ئەمەس، ھەممە ئاياللار ئەرلەرنى جەلپ قىلىدۇ. ناھايىتى بەختلىك ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشىنى ياشاۋاتقان ئەرلەر، ھەمدە ئايالىغا ئۆلگۈچە كۆيىدىغان ئەرلەرنىمۇ باشقا ئاياللارنىڭ ھەممىسى جەلپ قىلىدۇ. ئەرلەر ئەنە شۇنداق يارىتىلغان. ئاشۇنداق خاراكتېر ھەممە ئەرلەرگە تەبىئىي ھالدا ئاتا قىلىنغان. ئۆزىنىڭ ئايالى ئاجايىپ گۈزەل، ئۆزىنىڭ ئايالى ئاجايىپ كېلىشكەن، ۋە ئۆزىنىڭ ئايالىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان ئەرلەرنىمۇ باشقا ئاياللار ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. سىزنىڭ ئېرىڭىز سىزگە پۈتۈن قەلبى ياكى پۈتۈن يۈرىكى بىلەن كۆيۈشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭ مېڭىسىنىڭ بىر پارچىسىنى ۋە ئۇنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ بىر قىسمىنى باشقا يۈزلىگەن، مىڭلىغان ۋە ئون-مىڭلىغان ئاياللار جەلپ قىلىپ تۇرىدۇ.

     ئاياللارنىڭ تۇرقىغا كەلگەندە، ئەرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاياللارنىڭكىگە زادىلا ئوخشىمايدۇ. بىر ئايال بىر ئۆيگە كىرگەندە، ئۆيدىكى باشقا ئاياللار دەرھال ئۇنىڭ سومكىسىنىڭ قانچىلىك ھەشەمەتلىك ئىكەنلىكىگە، ئۇنىڭ كىيىمىنىڭ ۋە ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ قانداقراق ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىپ، كۆڭۈللىرىدە شۇلارنى باھالايدۇ. ئەمما ئۇ ئاياللار ھېلىقى ئايالنىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىم ئۇنىڭ بەدىنىنى نەقەدەر چىڭ يېپىپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا، ئۇنىڭ كىيىمىدە بەدەننىڭ شەكىللىرى قانچىلىك كۆرۈنۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا، ۋە ئۇ ئايالنىڭ بەدىنىنىڭ قانچىلىك قىسمى كۆرۈنۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا ئانچە دىققەت قىلمايدۇ. ئەمما، ئۆيگە كىرگەن ھېلىقى ئايالغا ئۆيدىكى ئەرلەر قارىغاندا، ئۇلار ئۇ ئايالنىڭ ئۈستىدىكى كىيىم قانچىلىك چىڭ ئىكەنلىكىگە، ئۇنىڭ بەدەن شەكلى قايسى دەرىجىدە بىلىنىپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا، ئۇ ئايالنىڭ بەدىنىنىڭ قايسى قىسمى كىيىم بىلەن يېپىلماي، كۆرۈنۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىدۇ. ئەرلەر ئۇ ئايالنىڭ سومكىسى، كىيىمى ۋە ئالتۇن-بۇيۇملىرىنىڭ قانداقراق ئىكەنلىكىگە، ۋە ئۇلارنىڭ قىممەت-ئەرزانلىقىغا ئاساسەن دىققەت قىلمايدۇ. ئاشۇ ئايالغا قاراۋاتقان ئەرلەرنىڭ قانچىلىك دىندار ۋە قانچىلىك ئەخلاقلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر بىر ئەرنىڭ كاللىسىدا ھېلىقى ئايالغا يەنە بىر قېتىم قارىۋېلىش ئىستىكى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەخلاقىنى ساقلاپ، ئۇنىڭغا قارىماي، ئۆزىنى كونترول قىلىپ تۇرۇش ئوتتۇرىسىدا جىددىي كۈرەش يۈز بېرىدۇ. ھەر بىر ئەر ئەنە شۇنداق تەبىئىي خاراكتېر بىلەن يارىتىلغان.

     مەيلى بىر ئەر توي قىلغان ياكى بويتاق بولسۇن، ياش ياكى ياشانغان بولسۇن، ئۇنىڭدا يۇقىرىدىكىدەك خاراكتېر تەبىئىي ھالدا بار بولىدۇ. ھەممە ئەرلەر بىر چىرايلىق ئايالغا، ياكى ئاياللارنىڭ چىرايلىق بەدەنلىرىگە كۆز يۈگۈرتۈشتىن ناھايىتى زور ھۇزۇر ئالىدۇ. ئەرلەر بىر يەرگە جىددىي ئىش بىلەن كېتىۋېتىپ، يولدا مەخسۇس چىرايلىق ئاياللارنى ئىزدەپ يۈرمىسىمۇ، كۆز ئالدىدا بىرەر چىرايلىق ئايال پەيدا بولىدىكەن، ئەرنىڭ كاللىسىدا ھېلىقى ئايالنىڭ كۆرۈنۈشى سېزىپ-سەزمەي پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. يەنى، بۇنداق ئىشلار ئەرلەر ئۈچۈن مەخسۇس تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئۆزلۈكىدىن، ئۆزى سېزىپ-سەزمەيلا يۈز بېرىدۇ. بىر قولىدا ئايالىنىڭ قولىنى تۇتۇپ مېڭىۋاتقان ئەرلەرنىڭ كاللىسىنىڭ بىر قىسمىدىمۇ ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاياللارنىڭ كۆرۈنۈشلىرى نامايان بولۇپ تۇرىدۇ. ئەرلەر ئۈچۈن باشقا ئاياللارغا دىققەت قىلماي ياشاش ئىنتايىن تەسكە چۈشىدىغان بىر ئىش. ئۇنى ئاز دېگەندەك، ئەرلەر ئۇخلىغاندا كۈندۈزى كۆرگەن ئاياللارنى چۈشىدە كۆرىدىغان ئەھۋاللارمۇ داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.

     ئادەتتە ياش يىگىتلەرنىڭ مېڭىلىرىگە قىزلار ھەققىدىكى خىياللار ھەر 2 - 3 مىنۇتتا بىر قېتىم كىرىپ تۇرىدۇ. بويتاق يىگىتلەر ئۈچۈن مەلۇم بىر ۋاقىت ئارىلىقىدا قىزلارنى خىيالىغا كىرگۈزمەي، پۈتۈن زېھنىنى باشقا ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتۈش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس.

     پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەققىدىكى ئەبۇ داۋۇت يازغان بىر ھەدىستە دېيىلىشىچە، پەيغەمبىرىمىز ئۆيىنىڭ ئالدىدا يولغا قاراپ ئولتۇرغىنىدا ئالدىدىن بىر ئايال ئۆتكەن. شۇ چاغدا ئۇنىڭدا بىر خىل جىنسىي مۇناسىۋەت ئىستىكى قوزغالغان. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيىگە كىرىپ، ئايالى بىلەن كارىۋاتقا چىقىپ، ئۆزىدىكى تەشنالىقنى قاندۇرۇپ، ئاندىن سىرتقا يېنىپ چىققان، ھەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بىر ئايال سىرتتا ماڭغاندا، شەيتان ئۇنىڭ جامالىنى ئەتراپىدىكى ئەرلەرگە ئەسلىدىكىدىن كۆپ گۈزەل قىلىپ كۆرسىتىدۇ. يەنى شەيتان ئۇنى گۈزەللەشتۈرۈۋېتىدۇ. شۇڭلاشقا بىر ئەر سىرتتا بىر ئايالنى كۆرۈپ، ئۆزىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئىستىكى تۇغۇلغاندا، ئۇ ئىستەكنى ئۆز ئايالى بىلەن قاندۇرۇۋەتسە بولۇۋېرىدۇ. چۈنكى باشقا ئاياللاردا بار نەرسە ئۇنىڭ ئۆز ئايالىدىمۇ بار. مانا بۇلار بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز دېگەن سۆزلەر.

     پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ داڭلىق نەۋرىسى ئىبن ئابباس قۇرئاندىكى «ئاللاھ بارلىق چوڭ گۇناھلارنى ئۆتكۈزگەن كىشىلەرنى جازالايدىغان بولۇپ، توغرا يول تۇتقان كىشىلەرنىڭ كىچىك گۇناھلىرىنى بولسا ئەپۇ قىلىدۇ»، دېگەن مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر سۈرىگە ئىزاھات بېرىپ، «كىچىك گۇناھ مىساللىرى ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى مىسال بىر ئەرنىڭ بىر ئايالغا نەزەر تاشلىشىدۇر»، دېگەن.

     قىسقىسى، ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا نەزەر تاشلىشى بىر ساقلانغىلى بولمايدىغان كىچىك گۇناھ بولۇپ، ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا نەزەر تاشلاش-تاشلىماسلىقى جېڭىدە يۈزدە-يۈز پىرسەنت ئۇتالايدىغان ئەرلەر ئاساسەن مەۋجۇت ئەمەس.

     بۇ خىل ئەھۋال قىز-ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىپ، ئۇلاردا قىممىتى تۆۋەن كىشىلەردەك تۇيغۇ پەيدا قىلىپ، ئۇلارنى روھىي جەھەتتىن چۈشكۈنلەشتۈرۈشى مۇمكىن. ئەمما، بىزنىڭ بۇ يەردە يۇقىرىدىكى ئەھۋاللارنى يېزىشىمىز ھەرگىزمۇ ھەدە-سىڭىللارنى چۈشكۈنلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئەمەس. بىزنىڭ مەقسىتىمىز سىلەرنى ئەر-ئاياللىق ھاياتىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ مېڭىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بىلىم ۋە كۈچ-قۇۋۋەت بىلەن تەمىن ئېتىشتىن ئىبارەت.

     مۇشۇنداق ئىشتا ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنى نورمالنى داۋاملاشتۇرۇپ مېڭىشتا بىلىشكە تېگىشلىك يەنە ئىككى نەرسە بار.

     ئۇنىڭ بىرى، ئەگەر سىز ئېرىڭىزنىڭ باشقا بىر ئايالغا نەزەر تاشلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالىدىكەنسىز، سىز ئۇنىڭغا ئاچچىقلىنىڭ. ئۇ ئىشنىڭ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى ئاغرىتقانلىقى ۋە سىزنى تېرىكتۈرگەنلىكىنى ئېرىڭىزگە ئېيتىڭ. ھەمدە بىر ياخشى خوتۇن بولۇشقا تىرىشىپ، ئېرىڭىزدىن ئۆزىڭىزنىڭ قانداق ياردەمدە بولالايدىغانلىقىڭىزنى سوراپ بېقىڭ. ئەمما، ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئېرىڭىزنىڭ باشقا بىر ئايالغا بىر قېتىم نەزەر تاشلىغانلىقىنى «ئېرىم ئەمدى مېنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ»، دەپ چۈشەنمەڭ. يۈز بەرگەن ئۇنداق ئىشنىڭ ئېرىڭىزنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتى بىلەن ھېچ قانداق مۇناسىۋىتى يوق. يۈز بەرگەن ئۇ ئىش ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىنى نامايان قىلىپ بەرمەيدۇ. باشقا ئاياللارنىڭ ئېرىڭىزنى جەلپ قىلىشى بىر يۈزەكى ئىش بولۇپ، ماھىيەتتە ئېرىڭىز يەنىلا سىزنى بۇرۇنقىدەكلا سۆيىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا باشقا ئايال ئېرىڭىزنىڭ يۈرىكىنى جەلپ قىلالمايدۇ. ئۇنداق ئىش سىزنىڭ ئېرىڭىزنى جەلپ قىلالمايدىغانلىقىڭىزنى، سىزنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە گۈزەل ئەمەسلىكىڭىزنى چۈشەندۈرۈپ بەرمەيدۇ. ئەرلەرنىڭ باشقا ئاياللارغا نەزەر تاشلىشى جىنسىي مۇناسىۋەت ئىستىكى تۈپەيلىدىنمۇ ئەمەس. ئەرلەر ئۆزلىرى ئۇچراتقان ھەر بىر چىرايلىق ئايال بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى ئويلىمايدۇ. بەلكى، ئاياللارنىڭ سىرتقى گۈزەل جامالىغا كۆڭلىدە ئاپىرىنلىق ۋە قايىللىق بىلدۈرۈش ئەرلەرنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتىدۇر. بىز بۇ يەردە كۈچلۈك دەرىجىدە تەكىتلىمەكچى بولغان ئاساسىي نۇقتا ئەنە شۇ.

     ئۆتكەندە دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق 5 نەپەر ئايال مودېللارنىڭ بىرى يولۇققان مۇنداق بىر ئەھۋال دۇنياغا بىر ناھايىتى چوڭ خەۋەر بولۇپ تارقالدى: ئۇ ئايال بىر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، ئېرىنىڭ يالىڭاچ ئاياللارنىڭ رەسىملىرى بېسىلىدىغان بىر ژۇرنالنى كۆرۈپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال ناھايىتى قاتتىق خاپا بولۇپ، ئېرى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن. دېمەك، دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل مودېللارنىڭ بىرىنى خوتۇن قىلىپ ئېلىۋالغان ھېلىقى ئەر ئۆز ئايالى بىلەنلا قانائەت ھېس قىلماي، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە باشقا ئاياللارنىڭ يالىڭاچ رەسىملىرىنى كۆرگەن. مەسخىرىلىك بولغىنى شۇكى، ئۇ ئەر باشقا ئاياللارنىڭ مەينەت رەسىملىرىنى كۆرۈپ ئولتۇرغاندا، ئېھتىمال دۇنيادىكى باشقا مىليونلىغان ئەرلەر ئۇنىڭ ئۆز خوتۇنىنىڭ رەسىملىرىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە بۇ ئەرنىڭ قىلغانلىرىنى «ئورۇنلۇق ئىش»، دەپ ھېسابلىغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ قىلغىنى توغرا ئەمەس. ئەمما سىز ھەرگىزمۇ ئېرىڭىزنىڭ باشقا ئاياللارغا نەزەر تاشلاپ قويۇشى بىلەن ئۆز غۇرۇرىڭىزنى زەخمىلەندۈرۈۋالماڭ، ئۆز قىممىتىڭىزنى چۈشۈرۈۋالماڭ، ۋە ئۆز ھۆرمىتىڭىزنى ئاجىزلاشتۇرۇۋالماڭ. سىز ئېرىڭىزنىڭ ھېلىقىدەك قىلىقىنى تەنقىدلىسىڭىز ۋە ئەيىبلىسىڭىز بولىدۇ. ئەمما ئېرىڭىزنىڭ ئۇنداق قىلىقىنى ئۆزىڭىز بىلەن باغلىۋالماڭ. ئېرىڭىزنىڭ ئۇنداق قىلىقىنىڭ ئېرىڭىزنىڭ سىزگە بولغان سۆيگۈسى بىلەن ھېچ قانداق مۇناسىۋىتى يوق.

     ئۇنىڭ يەنە بىرى، يۇقىرىدا چۈشەندۈرۈلگىنىدەك، ھەممە ئەرلەرنىڭ باشقا ئاياللارغا نەزەر تاشلاشتىن ئىبارەت بىر مەسىلىسى بار. سىز ئاشۇنداق ئەرلەرنىڭ بىرىنىڭ ئايالى بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن، ئېرىڭىزنىڭ باشقا ئاياللارغا دىققەت قىلىۋاتقانلىق كۆرۈنۈشلىرىنى داۋاملىق ئۇچرىتىپ تۇرىسىز. ھەمدە ئاشۇنداق ئەھۋاللارغا ئاچچىقلىنىسىز ۋە ئۇلاردىن تېرىكىسىز. شۇنداق قىلىش بىلەن بىللە، سىز ئېرىڭىزنى توغرا چۈشىنىش يولىدىمۇ ئازراق تىرىشچانلىق كۆرسىتىڭ. ئېرىڭىزنىڭمۇ جىنسىي مۇناسىۋەت مەسىلىسىدە تەبىئىي ھالدا پەيدا بولغان ئىچ پۇشۇقى ۋە تېرىكىشلىرى بارلىقىنى تونۇپ يېتىڭ. ئەگەر ئېرىڭىز جىنسىي مۇناسىۋەت ئىشىدىكى تەشنالىقىنى سىز ئارقىلىق قانائەتلەندۈرەلمىسە، ئۇنىڭغا باشقا قانداق ئامال بار؟ ھازىر سىز كوچىلارنىڭ قانداقلا يېرىگە بېرىڭ، ناھايىتى ئوچۇق كىيىنگەن قىز-چوكانلارنى قەدەمدە بىر ئۇچرىتىپ تۇرىسىز. ئۇنداقلارنى تېلېۋىزورلاردىمۇ داۋاملىق ئۇچرىتىپ تۇرىسىز. شۇڭلاشقا ئېرىڭىزگە بىر ئاز ھېسداشلىق قىلىڭ، ئېرىڭىزگە بىر ئاز مېھرىبانلىق كۆرسىتىڭ، ھەمدە ئېرىڭىزگە ئۆز سۆيگۈڭىزنى تولۇق نامايان قىلىڭ. ئېرىڭىزنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتكە بولغان تەشنالىقىغا يېتەرلىك دەرىجىدە ئېتىبار بېرىڭ. ئەگەر سىز ئېرىڭىزگە ئۆز بەدىنىڭىزنى كۆرسەتمىسىڭىز، ئېرىڭىزنىڭ سىزدىن تولۇق ھۇزۇر ئېلىشىغا يول قويمىسىڭىز، ئۇنداقتا ئېرىڭىز قانداق قىلىدۇ؟ سىزدە ياراتقۇچىمىز ئاتا قىلغان بىر گۈزەل جامال بار بولۇپ، ئېرىڭىزنىڭ ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىشىغا پۇرسەت بېرىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز ئېرىڭىز سادىر قىلىش ئېھتىماللىقى بار بولغان بىر قىسىم مەسىلىلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

     5. ئەرلەر ئۈچۈن «رومانتىك مۇناسىۋەت» دېگەن سۆز «جىنسىي مۇناسىۋەت» دېگەن سۆز بىلەن ئوخشاش

     ئەرلەر ئايال كىشى بىلەن بولغان رومانتىك مۇناسىۋەتنى ئىستەيدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب رومانتىك مۇناسىۋەتنى «جىنسىي مۇناسىۋەت» پەللىسىگە چىقىشنىڭ شوتىسى قىلىشتىنلا ئىبارەت. ئەرلەر ئۈچۈن رومانتىك مۇناسىۋەت بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت چەمبەرچاس باغلانغان. ئەرلەر ئايالىغا بىرەر سوۋغات بېرىش ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا بىرەر ئىشنى قىلىپ بېرىشنىڭ ئاياللار چۈشەنچىسىدىكى ئەھمىيىتىنى ئاساسەن چۈشەنمەيدىغان بولۇپ، ئۇلار ئايالىغا ياكى بىرەر ئايالغا مەلۇم بىر سوۋغاتنى تەقدىم قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش مەقسىتىگە يېتىشنى ئويلايدۇ. ئاشۇنداق مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا «ئەرلەر ئۇنچىۋالا رومانتىك ئەمەس» دېسە چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولمايدۇ.

     بۇ ئىش ئۈستىدە بىر قېتىم ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، تەكشۈرۈشكە قاتناشقان مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەرلەر «مېنىڭ بىر رومانتىك ئەر بولغۇم بار»، دېگەن. شۇنداق بولۇپ تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن ئەرلەر بىر رومانتىك ئەر بولۇش ھەققىدە شۇنچىۋالا بىلىمسىز كېلىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئەرلەر بۇ ئىشتا ئۇنچىۋالا بىلىمسىز ئەمەس بولۇپ، ئەرلەرنىڭ رومانتىك بولماسلىقىدىكى ئەڭ مۇھىم ياكى 1-ئورۇندا تۇرىدىغان سەۋەب، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ رومانتىك بولۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقىنىڭ ئايال كىشى تەرىپىدىن رەت قىلىنىشى، مەسخىرە قىلىنىشى، زاڭلىق قىلىنىشى ياكى ئېتىۋارغا ئېلىنماسلىقىدىن ناھايىتىمۇ ئەنسىرەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، ئەرلەر ئۆزلىرىنىڭ رومانتىك بولۇش يولىدىكى ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولماي قېلىشىدىن تولىمۇ ئەنسىرەيدۇ. شۇڭلاشقا ئاياللار ئېرىنىڭ رومانتىك بولۇشقا ئۇرۇنغان ئىش-ھەرىكەتلىرىگە ئالاھىدە دىققەت بېرىشى، ۋە ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.

     مەسىلەن، سىزنىڭ ئېرىڭىز بىر ئاخشامنى ناھايىتى رومانتىك ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ، سىزنى سىرتتىكى بىر ياخشى رېستورانغا ئاپىرىپ مېھمان قىلىش قاتارلىق بىر قاتار ئىشلارنى پىلانلىغان بولسۇن. ئەگەر سىز ئاشۇ رېستورانغا بېرىپ، ئالدىڭىزغا ئەكەلگەن تاماقنى ياراتماي، ئاشپەزنى تەنقىد قىلىدىكەنسىز، سىزنىڭ ئېرىڭىز سىزنىڭ ھېلىقى قىلىقىڭىزنى «مەن بۇ رومانتىك كېچىنى دېگەندەك قاملاشتۇرالمىدىم»، دەپ چۈشىنىدۇ. ئەگەر ئېرىڭىز سىزنى بىر كىنوغا ئاپارغان بولۇپ، سىز ئۇ كىنونى ياراتمىسىڭىز، ئۇنىڭ ئېرىڭىزگە بولغان تەسىرىمۇ يۇقىرىقىدەك بولىدۇ. بۇ يەردە سىز ئېرىڭىزنى ياراتماسلىققا ئۇرۇنمىدىڭىز، ئەمما ئېرىڭىز بۇ ئىشنى ئەنە شۇنداق چۈشىنىپ قالىدۇ. ئەگەر ئېرىڭىز سىزگە بىر سوۋغات بەرگەندە ئۇ سوۋغات سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگە ياقماي، سىز «بۇنى نېمىشقىمۇ ئالغانسىز؟ بۇنداق نەرسىگە پۇل ئىسراپ قىلىپ نېمە قىلاتتىڭىز؟» دەيدىكەنسىز، ئېرىڭىز سىز ئۈچۈن بىر رومانتىك ئىش قىلىمەن، دەپ، مەغلۇپ بولغاندەك ھېسسىياتقا كېلىدۇ.

     قىسقىسى، ئەرلەر ئايالىغا مەلۇم بىر رومانتىك ئىشنى قىلىپ بەرگەندە، ئۇ ئايالىنىڭ ئۆزى قىلغان ئىشنى ناھايىتى ياقتۇرۇشىنى، ئۇنىڭغا ناھايىتى خۇشال بولۇشىنى، ھەمدە ئۆزىگە باشقىچە يېقىملىق قىلىشىنى ئىستەيدۇ. شۇنداقلا شۇ كۈنى ئاخشىمى كارىۋاتتىكى ئىشنىڭمۇ يۈز بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

     رومانتىك ئىشلارنىڭ ئېنىقلىمىسى ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئۈچۈن ئوخشاش بولماي قېلىشىمۇ مۇمكىن. مەسىلەن، بىر ئايال ئۈچۈن ئۆيدە ياخشى تاماقتىن بىرنى ئېتىپ، تاماق ئۈستىلىگە شاملارنى يېقىپ قويۇپ، ئېرى بىلەن بولغان قىزغىن پاراڭلار ئىچىدە ئۇ تاماقتىن بەھرىلىنىپ، ئاندىن ئېرى بىلەن ئۆيىدىكى سافادا ئولتۇرۇپ، بىر كىنونى بىللە كۆرۈشنىڭ ئۆزى بىر رومانتىك ئىش بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئۇ ئايالنىڭ ئېرى ئۈچۈن بولسا سىرتقا چىقىپ، ئايالى بىلەن بىللە تاماق يەپ، ئۇنىڭدىن كېيىن كىنوخانىدا بىر كىنو كۆرۈپ، ئاندىن ئاخشىمى كارىۋاتقا بىللە چىقىش بىر رومانتىك ئىش بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەر بىلەن ئايالنىڭ رومانتىك ئىش ھەققىدىكى چۈشەنچىسىدە خېلى چوڭ پەرق بار. ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇشۇنداق ئوخشىماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن ئوبدان پاراڭلىشىپ، قارشى تەرەپنىڭ «رومانتىك ئىش» چۈشەنچىسىنى بىلىۋېلىشتىن ئىبارەت.

     يەنە بىر مەسىلە، ئەگەر مەلۇم بىر كۈندىكى رومانتىك ئىشلارنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭ كارىۋاتقا بىللە چىقىشى بولمايدىكەن، ئۇ ھالدا ئەردە ئۈمىدسىزلىك ياكى يارىتىلماسلىق تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. بۇ ئەھۋالمۇ ئەرلەرنىڭ بىر خىل جىنسىي مۇناسىۋەت مەخلۇقلىرى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ رومانتىك ئىش يولىدىكى تىرىشچانلىقى ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭ كارىۋاتتىكى ئىشى بىلەن مۇكاپاتلانغىنى ياخشى. ئەگەر بىز يۇقىرىقىدەك چۈشەنچىلەر ئاساسىدا غەربنىڭ مەدەنىيىتىگە قاراپ باقىدىغان بولساق، ئەر-ئوغۇللارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاخشىمى خوتۇن-قىزلارنى تاماققا ئاپىرىشقا شۇنچىۋالا كۈچەيدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز.

     ئامېرىكىنىڭ بىر كىنوسىدا بىر ئوغۇل بىر قىزنى ئاخشىمى بىر چايخانىغا ئاپىرىپ قەھۋە ئېلىپ بېرىدۇ. قەھۋەنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن يىگىت ئۇ قىزنى ئۆزىنىڭ ياتىقىغا ئاپىرىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئۇ قىز ئۇنىمىسا، «ئۇنداقتا ماڭا ھېلىقى قەھۋەنىڭ پۇلىنى تۆلىۋەتكەن بولسىڭىز»، دەيدۇ. بۇ بىر سەل ئۇچىغا چىققان ئەھۋال. ئەمما غەربتە ئاشۇنداق ئىشلارنى خېلى كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

     قىسقىسى، ئەگەر ئېرىڭىز سىزگە بىر رومانتىك ئىشنى قىلىپ بەرگەندە سىز ئۇنى ياراتمايدىكەنسىز، ئۇ سىزنىڭ ناھايىتى چوڭ خاتالىقىڭىز بولىدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك، ئەرلەرنىڭ غۇرۇرى ئايال كىشىنىڭ تەنقىدى ئالدىدا ئىنتايىن ئاجىز كېلىدۇ. ئەگەر ئېرىڭىز سىزگە بىرەر رومانتىك ئىشنى قىلىپ بېرىدىكەن، سىز ئۇنىڭغا چوقۇم باشقىچە يېقىملىق قىلىڭ. بەزىدە سىز ئېرىڭىزنى تەنقىدلەش يۈزىسىدىن دېگەن بىر قانچە ئېغىز گەپ ئىككىڭلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رومانتىك مۇناسىۋەتنىڭ بىر قانچە يىل ئۈزۈلۈپ قېلىشىغا سەۋەب بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.

     6. چىرايلىق بولۇشقا ئىنتىلىشنىڭ ئۆزى بىر خىل گۈزەللىك

     ئەرلەر ئايالىنىڭ بەدىنى يېڭى توي قىلغان ۋاقتىغا قارىغاندا سەل يوغىناپ قالغانلىقىغا ئاساسەن پەرۋا قىلمايدۇ. ئەمما ئۇلار ئايالىنىڭ چىرايلىق كۆرۈنۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان-ئۇرۇنمايۋاتقانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. ئايالىنىڭ ئەتىر ئىشلىتىپ، يۈزىگە گىرىم قىلىپ، ۋە چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىپ، شۇ ئارقىلىق چىرايلىق كۆرۈنۈشكە تىرىشىۋاتقان-تىرىشمايۋاتمايدىغانلىقىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەرلەر ئاساسەن ئايالىنى باشقا ئاياللارغا ۋە ئالىي دەرىجىلىك ئايال مودېللارغا سېلىشتۇرمايدۇ. ئەرلەر ئاساسەن ئۆزىنىڭ ئايالىنىڭ بەدەن قۇرۇلۇشىغا رازى بولۇپ ئۆتىدۇ. ئەمما ئايالى ئۆزىدىن-ئۆزى خەۋەر ئالمىغاندا، ۋە ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپىتىنى ئوڭلاپ يۈرمىگەندە، ئەرلەرنىڭ ئىچى پۇشۇپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ.

     ئاياللار بىرەر ئاياللارنىڭ يىغىلىشىغا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا بىرەر پائالىيەتكە بېرىشتىن بۇرۇن نەچچە سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئۆزىگە گىرىم قىلىپ، ياخشى كىيىنىپ، ئۆزىنى پەردازلايدۇ. ئەمما ئېرى كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتىپ كېلىشتىن بۇرۇن 5 مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئۆزىنى ئازراق ئوڭلاپ قويمايدۇ. ئېرىنىڭ ئالدىدا چىرايلىق كۆرۈنۈشكە ئازراقمۇ تىرىشىپ قويمايدۇ. بۇ ئەرلەر ئەڭ كۈچلۈك دەرىجىدە نارازى بولىدىغان بىر ئەھۋال. ئوبدان ئويلىنىپ بېقىڭ: سىزنىڭ چىرايلىق جامالىڭىزدىن ۋە سىزنىڭ چىرايلىق قىياپىتىڭىزدىن بەھرىلىنىشكە ۋە سۆيۈنۈشكە شەرتى ھەممىدىن بەك توشىدىغان كىشى ھەرگىزمۇ سىز بارغان ئولتۇرۇشتىكى باشقا ئاياللار ئەمەس. سىز بارغان تويدىكى باشقا دوستلىرىڭىز ئەمەس. سىزنىڭ چىرايلىق جامالىڭىزدىن ۋە سىزنىڭ چىرايلىق قىياپىتىڭىزدىن بەھرىلىنىشكە ۋە سۆيۈنۈشكە شەرتى ھەممىدىن بەك توشىدىغان كىشى سىزنىڭ ئېرىڭىز. شۇڭلاشقا ئۆزىڭىزنى ئېرىڭىزنىڭ ئالدىدا چىرايلىق كۆرسىتىشكە تىرىشماي، باشقىلارنىڭ ئالدىدا چىرايلىق كۆرسىتىشكە تىرىشقىنىڭىزنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟

     ئاياللار ئاساسىي جەھەتتىن ئېرىنىڭ ئالدىدا چىرايلىق ياسىنىپ يۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئانچە چۈشەنمەيدۇ. ھەمدە «مەن دەرىجىدىن تاشقىرى مودېللار بىلەن رىقابەتلەشمىسەم بولمايدۇ»، دېگەن ئىدىيىگە رەسمىي ئىشىنىدۇ. ئەمما، ئالدىنقى قېتىملىق ماقالىدە تىلغا ئېلىنغىنىدەك، ئەرلەر بىر ۋاقىتتا پەقەت بىرلا ئىشنى ئويلايدىغان بولۇپ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئايالىنىڭ بەدەن قۇرۇلۇشىنى دەرىجىدىن تاشقىرى مودېللارنىڭ بەدەن قۇرۇلۇشى بىلەن سېلىشتۇرۇپ يۈرمەيدۇ. ئەرلەرنىڭ ئىستەيدىغىنى ئايالىنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىدا چىرايلىق كۆرۈنۈشكە ئىنتىلىشى، ۋە شۇ يولدا زۆرۈر بولغان تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشىدىن ئىبارەت.

     ئاياللارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تۇرىقىغا نىسبەتەن ئۆز ئىشەنچىسىنىڭ يوقلۇقى بىر ئېغىر مەسىلە. بۇ يەردىكى بىر ياخشى ئەھۋال شۇكى، ئەگەر بىر ئايال ئېرى ئۆيگە قايتىپ كېلىشتىن بۇرۇن 5 - 10 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ تۇرقىنى بىر ئاز ئوڭلاپ، ئۆزىگە ئەتىر چېچىپ، ئۆزىنىڭ كۆرۈنۈشىنى بىر ئاز چىرايلىقلاشتۇرۇپ قويىدىكەن، ئۇنىڭ ئېرى ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە ئايالىنىڭ ئۆزى ئالدىدا چىرايلىق كۆرۈنۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى سېزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئايالىدىن مىننەتدار بولىدۇ ۋە سۆيۈنىدۇ. غەربتە ئېلىپ بېرىلغان بىر ئىلمىي تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئەرلەرنىڭ 85 پىرسەنتى ئۆزلىرى ئۈچۈن مۇھىم نەرسە ئايالىنىڭ 10 - 20 يىل بۇرۇنقى ۋاقىتتىكىدەك ياش كۆرۈنۈشى ئەمەس، بەلكى ئايالىنىڭ ئېرىنىڭ ھېسسىياتىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئېرى ئالدىدا چىرايلىق ياسىنىپ يۈرۈشكە ئۇرۇنۇشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

     ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ سىرتقى قىياپەتلىرىگە ھەددىدىن زىيادە سەزگۈر بولۇپ ياشايدۇ. ئۆزلىرىنىڭ سىرتقى قىياپەتلىرىگە ھەددىدىن زىيادە كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىدۇ. ئەرلەرنىڭ بۇنداق ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى ئاياللارنىڭكىگە ئازراق يېقىنمۇ كەلمەيدۇ. كۆپ سانلىق ئەرلەر ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىم نەرسە، ئايالى ئۆزىنىڭ ئالدىدا ۋە ئۆي ئىچىدىمۇ چىرايلىق كۆرۈنۈپ يۈرۈش ئۈچۈن يېتەرلىك دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىدىن ئىبارەت. ئاياللارنىڭ چىرايلىق كۆرۈنۈشكە ئۇرۇنۇشى ئېرىنىڭ كۆزىگە چىرايلىق ياسانغان بولۇپ كۆرۈنىدۇ. ئاياللارنىڭ بىر گۈزەل قىياپەتكە كىرىشكە تىرىشىشى ئېرىنىڭ كۆزىگە گۈزەللەشكەن بولۇپ كۆرىدۇ. بۇ ھەر بىر ئايال كىشى تونۇپ يېتىشكە تېگىشلىك ناھايىتى مۇھىم ۋە ناھايىتى ئاددىي چۈشەنچىدۇر.

     7. ئەرلەرنىڭ «ئۆڭكۈردىكى ۋاقىت» غا ئېھتىياجى بار

     ئەرلەرنىڭ بىر تەبىئىي خۇسۇسىيىتى شۇكى، ئۇلار ھەر كۈنى ئازراق ۋاقىتنى ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئۆتكۈزۈشنى ئىستەيدۇ. ئۇلار ھەر كۈنى مەلۇم بىر ۋاقىت ئىچىدە بارلىق ئىشلاردىن قول ئۈزۈپ، ھەمدە بىر يەردە ئۆزى يالغۇز تۇرۇپ، ژۇرنال ئوقۇش، ئىنتېرنېتتىكى نەرسىلەرنى تەكشۈرۈش ۋە تېلېۋىزور خەۋىرىنى كۆرۈشكە ئوخشاش ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەرلەر چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە، كۆڭلىدىكى ئىشلارنى باشقىلارغا دەپ يۈرمەيدۇ. بەلكى ئۆزى يالغۇز ئاشۇ مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىدۇ. ئاشۇنداق ۋاقىتلاردا ئەرلەر ئىككى ئېڭىكىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ، باشقا ھېچ قانداق ئىش قىلماي تۇرۇپ ئويلانمايدۇ. بەلكى تېلېۋىزوردا خەۋەر كۆرۈشكە ئوخشاش بىر ئىش بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرۇپ، كاللىسىنىڭ ئارقا تەرىپىدە ئۆزى دۇچ كەلگەن چوڭ مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىدۇ. ھەمدە ئاشۇنداق بىر مۇھىتتا ئۆز مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى ئويلاپ تاپالايدۇ. ھەر بىر ئەر ئۆزىنىڭ ئازراق ۋاقتىنى ئۆزى يالغۇز ئۆتكۈزۈشكە ئېھتىياجلىق بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ «ئۆڭكۈردىكى ۋاقتى» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇلار بىر كۆڭۈلدىكى ئۆڭكۈرگە كىرىپ، ھەممە ئىشلاردىن قول ئۈزىدۇ. ئاياللار ئېرىنىڭ مۇشۇنداق بىر ئېھتىياجىنى توغرا چۈشىنىشى، ھەمدە ئېرى ھېلىقى ئۆڭكۈرگە كىرىپ كەتكەندە ئۇنىڭغا پاراكەندىچىلىك سالماسلىقى كېرەك. ئەرلەرمۇ ئۆڭكۈردىن چىقىپلا كارىۋاتقا چىقىپ ئۇخلاپ، ئايالى بىلەن ھېچ قانداق ۋاقىتنى بىللە ئۆتكۈزمىسىمۇ بولمايدۇ. ئۇنداق قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل ناچار ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

     ئەرلەر ئاياللارغا ئوخشاش كۆڭلىدىكى ئىشلارنى باشقىلارغا داۋاملىق دەپ تۇرمايدۇ. بىر قىسىم ئىشلارنى ھېچ كىمگە دېمەي، ئۆزىنىڭ كۆڭلىدە ساقلايدۇ. بۇ ئەرلەرنىڭ بىر خىل تەبىئىي خۇسۇسىيىتى. ئەرلەر بىر جىمجىت يەردە ئولتۇرۇپ، يەنە بىر ئىشنى قىلغاچ ئۆزى دۇچ كەلگەن مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىدۇ. ئۇنداق «جىمجىت يەر» تېلېۋىزورنىڭ ئالدى بولۇشىمۇ مۇمكىن، كومپيۇتېرنىڭ ئالدى بولۇشىمۇ مۇمكىن، ياكى قولىدىكى كىتاب بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇڭلاشقا سىزنىڭ ئېرىڭىزگە دەيدىغان بىر مۇھىم گېپىڭىز چىقىپ قېلىپ، ئۇنى ئېرىڭىزگە دېمەكچى بولغان ۋاقىت ئېرىڭىزنىڭ «ئۆڭكۈردىكى ۋاقتى» غا توغرا كېلىپ قالىدىكەن، سىز ئەڭ ياخشىسى ئېرىڭىزنىڭ ئويلىنىش جەريانىنى بۇزۇۋەتمەي، ئۇنىڭغا «ئامرىقىم، مېنىڭ سىزگە دەيدىغان بىر مۇھىم گېپىم بار ئىدى. ئۇنى سىزگە قاچان دېسەم بولىدۇ؟» دەپ سوراڭ. بۇ ئىشتا ئەرلەرمۇ ئادىل بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئېرىڭىز «سائەت 8 دە پاراڭلىشايلى»، دەپ سىزگە بىر ۋاقىتنى بەلگىلەپ بەرگەن بولسا، ئۇمۇ چوقۇم ئۆزىنىڭ ۋەدىسىنى ساقلىشى كېرەك.

     بەزىدە سىز ئېرىڭىز بىلەن گەپ تالىشىۋاتقاندا، ئېرىڭىز ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كېتىپ، ئىشىكنى يېپىۋالىدۇ. ئۇنىڭ بۇ قىلىقى ھەرگىزمۇ ئۆزىنى سىزدىن ئېلىپ قاچقانلىقى ئەمەس، بەلكى بۇ ئۇنىڭ «ئۆڭكۈرگە كىرىپ كېتىشى» بولۇپ، ئۇ ئاشۇ ئۆيدە جىمجىت ئولتۇرۇپ، سىلەر دېيىشكەن ئىشلار ئۈستىدە ئويلىنىدۇ. ئەرلەرنىڭ چوڭ-چوڭ ئىشلار ئۈستىدە ئويلىنىش ئۇسۇلى ئەنە شۇ. شۇڭلاشقا سىز ئېرىڭىزنىڭ بۇنداق ئىشلىرىنى توغرا چۈشىنىشىڭىز كېرەك. ئاياللارنىڭ بىر مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى بولسا ئېرى بىلەن گەپ تالىشىش، مۇنازىرە قىلىشىش، ئوخشاش گەپلەرنى قايتا-قايتا تەكرارلاش، ۋە دوستلىرىغا دەرد تۆكۈش قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلار بۇ جەھەتتە ئەرلەرگە زادىلا ئوخشىمايدۇ. ئەگەر سىز ئەرلەرنىڭ مۇشۇنداق پىسخولوگىيىلىك خۇسۇسىيەتلىرىنى تولۇق چۈشىنىدىكەنسىز، سىزنىڭ ئېرىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىز ئۇزۇن مۇددەتكىچە ساغلام داۋاملىشىدۇ.

     مانا بۇلار ھەر بىر ئايال كىشى بىلىشكە تېگىشلىك ئەرلەرگە ئائىت 7 مۇھىم ئىش.

     يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۇقۇملارنىڭ بىر قىسمى، بولۇپمۇ ئەرلەر ئايالىدىن ئىستەيدىغان 1-ئورۇندىكى مۇھىم نەرسە ئايالىنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەتلىشى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى چۈشەنچىلەر بىر داڭلىق كىتابتىن كەلگەن. ئۇ كىتابنىڭ ئاپتورى ئۈچ قېتىمدەك توي قىلىپ، مەغلۇپ بولغان «لورا دويىل» (Laura Doyle) ئىسىملىك ئايال بولۇپ، ئۇ دەسلىپىدە ئېرى بىلەن ھوقۇق تالىشىپ ئۆتكەن. ئەمما تۇرمۇشى ئوڭۇشلۇق بولمىغاندىن كېيىن، «مەن بىر شۇنچە ياخشى ئايال تۇرسام، نېمە ئۈچۈن مېنىڭ تۇرمۇشۇم ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ؟» دەپ ئويلاپ، تۇرمۇشتا بىر يېڭىچە پەلسەپىۋى ئىدىيە قوللىنىشقا باشلىغان. ئاندىن ئۇنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. ئۇ ئايال ئۆز سەرگۈزەشتلىرى ھەققىدە بىر كىتاب يازغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى «تەسلىم بولغان ئايال» (The Surrendered Wife). بۇ كىتاب غەربتىكى داڭلىق كىتابلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئۇ ھەر بىر ئايال كىشىنىڭ ئوقۇپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ. مەن ئىمكانىيىتى بار ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ بۇ كىتابنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، نەشر قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

20161205_book.jpg

لورا دويىلنىڭ «تەسلىم بولغان ئايال» ناملىق كىتابىنىڭ مۇقاۋىسى.

bagdax

6

تېما

2

دوست

7452

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   49.04%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22397
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 2404
توردىكى ۋاقتى: 193
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-8
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
     مەيلى  كىم  يازسۇن    ئاجايىپ  ئەتراپلىق   يېزىلغان  ئەسەركەن   ، نوۋەتتىكى  ئەرلەرگە  جەڭ  ئېلان  قىلىۋاتقان  ئاياللارنىڭ   قولىدىن  چۈشۈرمەيدىغان   ئوقۇشلۇق  كىتاۋىكەن  ،  بۇ  ئەسەرنى  پۇتۇن  تورلاردا  ، گېزىت -جورناللاردا  ، تىلىۋۇزۇرلاردا    تەكرار  بېرىپ   ئاياللارنى  ئوقۇشقا  رىغبەتلەندۇرۈش  كېرەك  ،  بىراق  ئوقۇيدىغىنى  قانچىلىك  ؟   ئەمەل  قىلىدىغىنى  قانچىلىك  ،؟    چۈشۈنىشى  قانچىلىق  ؟  ھەم  ئەمەل   قىلغۇدەك  ئەرلىرىمىزنىڭ  ساپاسى   قانچىلىك  ؟   بۇنى  بىلمىدىم ... چۈشكۈنلىشىپ  كېتىۋاتقان  ئۇيغۇر  جەمىيىتىدە  ئاجرىشىش  نىسبىتىنىڭ    شىددەت  بىلەن  ئۆرلىشى  ، باي -كەمبەغەللىك ،  شەھەر -يېزىلىق ، ئىشسىزلىق  ، بوشاڭلىق  ،  ئۈمۈدسىزلىك   ،  كېلەچەك ......ھەممە  ئادەمنى  گاڭگىرىتىپ  قويدى  ،  ئائىلە  بىر  جەميەتنىڭ   ھۈجەيرىسى  ئىكەن   نىمە  بولۇشتىن  قەتئى  نەزەر  بىز  شۇ  ئائىلىدە  ئۆسۇپ  ياشايمىز  ، پائالىيەت  قىلىمىز  ، داڭدار  كىشىلەردەك  بولمۇساقمۇ  يول  قويۇشنى   ،  ئۆزارا  چۈشۈنۈشنى   بىلىۋالساقمۇ  ئوڭاي  ئەمەس  ،  جەميەتنىڭ   بۇنچىلىك   بۇزۇلۇپ  كېتىشىدە    پۈتۈن  گۇنانى  ئاياللارغا  دۆڭگەپ  قويغۇم  كېلىدۇ  ،  بىراق   خوشنا  مەلىدىكى   بىر  ئايالنىڭ  ئۆيلەنمىگەن  بالىسىغا   نىمە  بولسا  بولسۇن    مائاشلىق    ئايال  ئېلىپ  بېرىمەن  دىگىنى    مېنى  يەنە  ئويلاندۇرۇپ  قويدى  .مەيلى  بالىسى  بار  خوتۇننى  ئالسىمۇ  ئۆزىنىڭ  ئىشى   ،  بىراق  ئەر  دىگەن  ئەردەك  ، خوتۇن  دىگەن  خوتۇندەك  بولغىنى  ياخشى  ، بىز  ئاياللارغا  ھوقۇقنى  بەك  كۆپ  بېرىۋەتتۇق   ، ئەسلى  ئۇنداق  بولماسلىغى  كېرەك  ئىدى  ...........

2

تېما

0

دوست

901

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   80.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32258
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 276
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-9
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئالدىنقى يازمىمۇ ناھايىتى ياخشى چىقىپتىكەن، بۇمۇ ناھايىتى ئەتىراپلىق، چۈشىنىشلىك يازما بوپتۇ، سىزنىڭ نادىر ماقالە، يازمىللىرىڭىزنىڭ قەتئى ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن، جاپا چەكتىڭىز، رەھمەت سىزگە!

0

تېما

1

دوست

755

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  77423
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 228
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-8
يەر
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
قىز ئاياللىرىمىزدا ساپا دىگەن شۇندا باركى،  بىر ئاكمىز 4يىل ئىلگىرى توي قىلدىغان بۇلۇپ بىر قىزنى ئىلىش قارارىغا كەپتۇ دە ئۆدىكىلگە دەپ بۇ قىز بىلەن توي قىلىشنى ئويلاپتۇ، ئۇلار بىر كۈنى كۆرشىپ مەن سىز بىلەن توي قىلمەن دەپ كۆڭلىدىكنى ئىيتىپتۇ شۇ ئەسنادە بۇ قىز ئاكمىزغا مۇنداق دەپتۇ: ماڭا كۆپ يىگىتلەر توي تەلپىنى قويدى مەن ئىزچىل رەت قىلىپ كەلدىم ھەتتاكىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىى ماشىنىسى بار يىگىتلەرمۇ بارتى رەت قىلدىم دەپتىكەن . ئاكمىز ھەتتاكى ماشىنىسى بار يىگىتلەرمۇ؟ دەپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كىتىپ يۇقال دەپكا كىتىپ قىلىپ ئىككىنجى ئىزدىمەي ھازىرقى ئايالىنى دادىسنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن چىراينىمۇ كۆمەي تۇرۇپ دادامغا يارغان بولسا مەيلى دەپ جاڭزىغا بارغاندا كۆرەپلام توي قىلغان ھازىر ئۈچ ئوغلى بار ئايالى بەك ئىتائەتمەن ئىسىل ئايال تۇرمۇشى بەك بەخىتلىك.
bagdax

1

تېما

4

دوست

2337

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  78257
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 628
توردىكى ۋاقتى: 44
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-8

قىزغىن ئەزا

5#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
گۇناھنى يالغۇز ئاياللارغىلا ،ياكى ئەرلەرگىلا يۈكلەپ قۇيىۋاتقانلارغا كۈلگۈم كىلىدۇ ...ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئۇنچىۋالا ئەقىلسىز ئەمەس ،بىر ئەرنىڭ قۇلىدا ئىتائەتمەن ،ياخشى ئايال ،كۈيۈمچان ئانا بۇلۇپ ياشاۋاتقانلار بار ....ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنچىۋالا ئەسكى ،ۋاپاسىز ئەمەس ،بىر ئايال بىلەن شۈكرى -قانائەت قىلىپ ،كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەي ،بالىلىرىغا مىھرىبان دادا بۇلۇپ ياشاۋاتقانلار بار....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )