قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1265|ئىنكاس: 2

ئاكسىيە دىگەن نىمە؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

26

تېما

13

دوست

5718

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   14.36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5753
يازما سانى: 286
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 365
تۆھپە : 1564
توردىكى ۋاقتى: 717
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 15:35:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىىقندىن بېرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاكسىيە بازىرى نۇرغۇنلىغان يىڭى تېما ۋە بايلىقلارنى يارىتىپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ پاراڭ تىمىسىغا ئايلاندى ھەمدە بەزى بىر قارىغۇلارچە بۇ بازارغا كىرگۇچىلەرگە مەلۇم بايلىق ۋە خەيىم خەتەر ئېلىپ كەلدى....ئەلۋەتتە بەزى بىر بىر كىچىدىلا باي بولۇشنى ئويلاپ يۇرگەنلەرنىڭ تاۋاپكاھىغا ئايلاندى.....
 ئۇنداقتا ئاكسىيە دىگەن نىمە؟
 ئاكسيە(证券 )تۇتۇپ تۇرغۇچىنىڭ ھوقوق مەنپەئەتى يېزىلغان قانۇنىي كۇچكە ئىگە بولغان يازما دوكۇمىنت بولۇپ قانۇنلۇق بولۇشى،يازمىچە بولۇش ئۇنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ھىساپلىنىدۇ.ئۇ بىر خىل قىممەتكە ئىگە بولۇپ تۇتۇپ تۇرغۇچى تۇتۇپ تۇرۇش مەزگىلىدە مەلۇم تاۋارغا،پۇلغا ۋە ئوسۇمگە ئىرىشىش ھوقوقىغائىگە بولىدۇ، شۇڭا ۇ بىر خىل ئوبورۇت قىلىنىش(سودا قىلىش) باھاسىغا ئىگە بولىدۇ .
 قىممەتكە ئىگە ئاكسىيە(有价证券 )كەڭ مەنادىكى ۋە تار مەنادىكى دەپ بۆلىنىدۇ.
 كەڭ مەنادىكىسى تاۋارلىق ئاكسىيە(商品证券)، پۇل مۇئامىلىلىك ئاكسىيە(货币证券) ۋە كاپىتاللىق ئاكسىيە(资本证券) دەپ 3 تۇرگە بولىنىدۇ.
 كاپىتاللىق ئاكسىيە(资本证券)بولسا پۇل مۇئامىلە مەبلەغ سېلىش پائالىيىتى بىلەن بىۋاستەمۇناسىۋىتى بولغان مەبلەغ سېلىش (جۇغلاش) جەريانىدا شەكىللەنگەن دوكۇمنىتلارنى كورسىتىدۇ، ئۇ پاي(股票)، قەرز چېكى( 债券) ،فوند(基金)،پۇل مۇئامىلە قەرەللىك مېلى(金融期货) ۋە ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغان ئاكسىيەلەرنى(可转换证券)ئوز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار يەنە بازارغا سېلىنغان ۋە بازارغا سېلىنمىغان دەپ 2 گە بۆلىنىدۇ. ھازىر كوپ ساندىكى كىشىلەر تەھلىل قىلىۋاتقىنى بازارغا سېلىنغان ئاكسىيەلەرنى كورسىتىدۇ، ئۇلار تەڭ قىممەتتىكى مۈلۈككە ئىگە بولۇش، مەلۇم پايدىغا ئىگە بولۇش، ئوبورۇتچانلىققا ئىگە بولۇش ۋە خىيىم خەتەرلىك بولۇشتىن ئىبارەت ئالاھىدىلىككە ئىگە .

7

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6545
يازما سانى: 819
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3691
تۆھپە : 2461
توردىكى ۋاقتى: 557
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 11:19:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بۇنداق ئۇنۋىرتسال  تور بىكەتلەردە ئاكسىيە ھەققىدە  مەسلىھەت بىرىش بىر حىل  تەحىرسىز حىزمەت ھىساپلىنىدۇ . چۇنكى ھازىر  دۇنيادا 88دۋلەتتە پاي بازىرى بۇلۇپ ، كۇلەم جەھەتتىن دۋلىتىمىز پاي بازىرى 3-ئورۇندا  تۇرىدۇ ،دۋلەت ئىچىدە ئىككى ( شاڭحەي،شىنجىن) ئاكسىيە بىرفىسى ،135ئاكسىيە شىركىتى بۇلۇپ،بۇ بازاردا پىيىنى بازارعا سالعان شىركەتلەر 2500دىن ئاشتى (رايۇنىمىزدىن پىيىنى بازارعا سالعان شىركەت 39)  ھازىر مەبلەع سالعۇچىلار 180مىلىيندىن ئىشىپ ،3ئائىلىدىن بىر ئادەم ،9ئادەمدىن بىر ئادەم پاي سودىسى قىلىدىعان عايەت زور  زامانىۋى بازارعا ئايلاندى . رايۇنىمىزدا 7ئائىلىدىن بىر ئادەم 20ئادەمدىن بىر ئادەم پاي ئوينايدۇ ، ئەمما ئۇيعۇرلاردىن پاي ئوينايدىعانلار 200دىن بىرگىمۇ يەتمەيدۇ . ھازىر كوچىدا ئىشتان-پايپاق ،گازىر -پۇرچاق ساتقانلار  تىجارەتچى  ھىساپلانمايدۇ ، بۇ بازارنىڭ تەمىنى تىتىماي تۇرۇپ سودىگەر ئاتالعىلى ھەم ،ئىقتىسادنىڭ ھوزورىنى سۇيگىلى بولمايدۇ . 
      نوۋەتتە دۋلەت ئىچىدە ، پۇل مۇئامىلە بازىرى ،ئاكسىيە بازىرى ،ئالتۇن بازىرى ،تاشقى پىرۋوت بازىرى ،قەرەللىك مال بازىرىدىن ئىبارەت 5چوڭ بازار بۇلۇپ ھازىر ھاياتى  كۇچى ئەڭ كۇچلۇك بولعىنى ئاكسىيە بازىرى بىلەن ئالتۇن بازىرى بۇلۇپ ،بىزدەك سودىگەر مىللەت ئۇچۇن ئىقتىدارىمىزنى سىنايدىعان ئەڭ ياحشى بىحەتەر سورۇن ھىساپلىنىدۇ . ھازىر بىزدىن پاي چىكى سودىسى قىلىدىعانلارنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ ئەمما مىلىيارت مەبلىعى بار مەبلەع سىلىش شىركەتلىرىنى چورىۋاتقان قىرىنداشلىرمىز بار . قىزىققۇچىلار تەڭرىتاع ئاڭسىيە تورىعا كىرىپ كورۇپ باقسا بۇلىدۇ .
     دۋلىتىمىزدە 1986-يىلى شاڭحەيدە 6پاي بازارعا چىقىپ ،پاي بازىرى ئىچىلعان ،1992-يىلىمۇ 8پاي بار ئىدى ،1992-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۇنى بازاردا بىر تىيىنلق سودا بولمىعان . ھازىر بازار قىممىتى 4تىلىيوندىن ئىشىپ كۇنلۇك سودا مىقدارى 100مىلىيارت يۇەندىن ئاشىدۇ . دىمەك بازارنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تىز بولدى . بۇ بىز ئۇچۇن يۇزلەنمىسەك بولمايدىعان ساھە بۇلۇپ ،كىيىنكى مەۋجۇتلىقىمىزنى بەلگىلەيدىعان مۇھىم كۇچ بۇلۇپ قىلىشى مۇمكىن .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

7

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6545
يازما سانى: 819
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3691
تۆھپە : 2461
توردىكى ۋاقتى: 557
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 11:38:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاڭحەي بىرژىسى دەپ تۇزۇپ  ئۇقۇشۇڭلارنى ئۇمۇت قىلىمەن .
      ھا زىر بۇ بازاردا بىر كىچىدە باي بۇلۇپ ،بىركىچە ۋەيران بۇلىدىعان ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس .چۇنكى بازارنىڭ داۋالعۇشىعا &10لىك چەكلىمىە قويۇلعان . يەنى كۇنلۇك ئوسۇش -چۇشۇش %10دىن ئىشىپ كىتەلمەيدۇ ،شۇڭا ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق  . تونۇگۇن بازار 8نوقتا ئۇسۇپ2359نوقتىدا بازارا يىپىلدى . بازارنىڭ نوۋەتتىكى نىشانى 2380 نوقتا بۇلۇپ بۇ نوقتىدا ئازراق تەڭشىلىپ ، دۇنيادا بىرە داۋالعۇش بۇلۇپ قالمىسا داۋاملق ئوسۇپ 2500نڭقتىدىن ئاشىدۇ . ئەمما ھازىر جەنۇبى دىڭىزدىكى پىلىفىن  بىلەن بولعان سۇركىلىش بازارعا كولەڭگۇ چۇشۇرۋاتىدۇ . شۇڭا ھازىرچە بازارعا كىرمىگەن تۇزۇك .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )