قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6186|ئىنكاس: 17

بۇ مۇناپىقلار ھەققىدە ئاڭلاپ باققانمۇ ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

26

تېما

13

دوست

5745

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   14.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5753
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 365
تۆھپە : 1572
توردىكى ۋاقتى: 718
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 07:54:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇنافىقلار ھەقىدە ئاڭلاپ باققانمۇ ؟
[align=justify]



[align=justify]ھاشىم ھاجى [align=justify]
[align=justify]پاسار بەگ [align=justify]
[align=justify]ياقۇپ ئامبال

ياقۇپ ئامبال (ياقۇپ بەگ) 1884-يىلى قاغىلىق ناھيىسىنىڭ بازار ئىچىدىكى تۈگمەن ئېرىق مەھەللىسىدە تۇغۇلىدۇ ،خەنزۇچە ئىسمى يو ۋىيخۇ .ئاتىسى يۇنۇس ھاجى ھەجگە بېرىپ ھەرەمدە ئۆلۈپ كېتىدۇ.

ياقۇپ ئامبال يەتتە يېشىدىن تارتىپ بىر مەھەل دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ ساۋاتلىق بولغاندىن كېيىن ،شۇ چاغلاردا مەنچىڭ ھۆكۈمىتى تەسىس قىلغان خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇپ ،ئىمتىھاندىن ياخشى ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن ،شىيۇ سەي (تالىپ )دېگەن ئونۋانغا ئېرىشىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن ، شىنجاڭنىڭ ئۆلكە مەركىزىدىكى ئالىي مەكتەپكە متىھان بېرىپ ئۆتىدۇ ۋە ئۈچ يىل ئوقۇپ ،ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان چاغدا ئۆلكە ئىمتىھانىدىن ئەلا دەرىجىدە ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن «جۇيرىن»(چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆلكە ئىمتىھانىدىن ئۆتكەنلەرنى شۇنداق ئاتايتتى) دېگەن ئىلمى ئونۋانغا ئىگە بولىدۇ .ئوقۇش پۈتتۈرگەندە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە تەقسىم قىلىنىپ .بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ئىشلەيدۇ.
ياڭ زېڭشىن بىر كۈنى ياقۇپ ئامبالنى ئەگەشتۈرۈپ چىقىپ سەيلە قىلىدۇ .يولدىن ئۆتۈۋاتقان بىر ئۇيغۇر دېھقان ئېيتقان « تەپسەم ساندۇق ئاچىلۇر ،گۈل بېشىمغا ساچىلۇر....» دېگەن («تاھىر-زۆھرە») ناخشىسىنى ئاڭلىغان ياڭ زېڭشىن « يوۋېيخۇ ،ئاۋۇ لاۋ چەنتۇ نىمە دەۋاتىدۇ ؟» دەپ سورايدۇ .ياقۇپ بەگ ھېچ ئىككىلەنمەستىن ،« تىشىياڭزا شىياڭزى كەيلى ،تۇشىياڭدىخۇار سەنكەيلى .....دەۋاتىدۇ » دەپ جاۋاپ بېرىدۇ . بۇنى ئاڭلىغان ياڭ زېڭشىن قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتىپ « بارىكاللا ،ئىلىمدە كامالەتكە يېتىپسەن ،ناھىيىگە ئامبال بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بوپسەن ......» دەيدۇ .شۇنىڭدىن كېيىن ، ئۇ كەلپىن ،قاغىلىق قاتارلىق بىر قانچە ناھىيىدە ئامبال بولۇپ ئىشلەيدۇ .1932-يىلى چۇشمە تامدا يىغىلىق بولغاندا ، ئۇ قاغىلىققا قايتىپ كېلىپ ،ئاكىسى سىدىق بەگنىڭ قوروسىدا تۇرىدۇ . 1933-يىلىنىڭ بېشىدا ، خوتەندە زور كۆلەملىك قوزغىلاڭ بولىدۇ .شۇ چاغدىكى قاغىلىقنىڭ ئامبىلى لىيۇ شىياۋ لى يۇقۇرىنىڭ پەرمانىغا بىنائەن ،قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن خوتەنگە ئەسكەر باشلاپ ماڭغاندا ياقۇپ ئامبالنىمۇ بىللە ئېلىپ بارىدۇ .ئۇلار گۇما بىلەن قارىقاش ئارلىقىدىكى قۇماتپاشاھىم ،زاۋا دېگەن جايلاردا قوزغىلاڭچىلار بىلەن ئۇچرشىدۇ. لىيۇ شىياۋ لى قوزغىلاڭچىلارنى قىرغىن قىلىشقا بۇيرۇق قىلغاندا ،ياقۇپ ئامبال پۇقرالارنى قىرغىن قىلىشنى توسىدۇ .1933-يىلى 3-ئايدا ،يەنە قاغىلىق بىلەن گۇما ناھىيىسىدە بىر كۈندىلا قوزغىلاڭ كۆتۈرىلىدۇ .لىيۇ شىياۋ لى قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇش بىلەن بىرگە پۇقرالارنىمۇ قىرغىن قىلىدۇ ، ياقۇپ ئامبال ئەسكەر باشلىقىنى تېپىپ «پۇقرانى ئۆلتۈرۋەتسەك ،بىزگە پۇقرا لازىم بولمامدۇ؟ يەرنى كىم تېرىيدۇ ،تىجارەتنى كىم قىلىدۇ ؟ قىرغىنچىلىقنى توختىتىش لازىم !» دەيدۇ .تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى قىرىلىپ كېتىشتىن ساقلاپ قالىدۇ . كېيىن ماخۇسەننىڭ 36-دىۋىزىيىسى قاغىلىق ۋە خوتەن تەرەپكە بېرىپ ئورۇنلاشقاندا ياقۇپ ئامبال قاغىلىقتا ئۆزىنى ئامبال دەپ جاكارلايدۇ ھەم ھاكىمىيەتنى قايتىدىن تىكلەپ جەمىيەت ئامانلىغىنى ساقلاپ ،پۇقرالارنىڭ خاتىرجەم ياشىشى ۋە نورمال ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ .ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ما خۇسەن ياقۇپ ئامبالنى خوتەنگە ئېلىپ كېتىپ ،دىۋىزىيە شىتابىدا مەسلىھەتچىلىك خىزمىتىگە قويىدۇ .1937-يىلى شېڭ شىسەي 36-دىۋىزىيىنى يوقىتىپ ،ئۆز ھاكىمىيىنى تىكلىگەندە ، شېڭ شىسەينىڭ خوتەن ۋىلاياتلىك ساقچى ئىدارىسى ياقۇپ ئامبالنى قولغا ئالىدۇ ۋە 1942 -يىلى 4-ئايدا ئۇنى ۋەھشى ئۇسۇللار بىلەن قىيناپ -قىستاققا ئېلىپ ئۆلتۈرىدۇ.

سېيىت ھاجى

سېىت ھاجى قەشقەر يېڭىسارلىق بولۇپ ،1890-يىللاردا ئوتتۇرا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ .كېيىن ئۇ ئاتا-ئانىسىنى رەنجىتكەنلىكى ئۈچۈن ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ ،تەخمىنەن 1924-يىللارنىڭ ئالدى -كەينىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىغا چىقىپ ئىشلەمچىلىك بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدۇ . شۇ كۈنلەرە كىشىلەرنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن موسكۋا شەرق ئونۋېرسىتېتىنىڭ تاشكەنتتىكى شۆبىسى بولغان ئىشچىلار تېز يېتىشتۈرۈش سىنىپىدا ئوقۇيدۇ ،مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن تاشكەنىتتە ساقچى ئىدارىسىدا خىزمەت قىلىدۇ . 1935-يىلى 5-ئايدا3-ئىنتېرناتسىئونالنىڭ شېڭ شىسەيگە ياردەمگە ئەۋەتكەن ئەزالىرى تەركىبىدە شىنجاڭغا كېلىپ ،شېڭ شىسەينىڭ ساقچى باشقارمىسىدا پولكوۋنىك دەرىجىسى بىلەن مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى بولۇپ ئىشلەيدۇ .شۇ يىللاردا ئۈرۈمچىدە ئۆيلۈنۈپ ،ھازىرقى غالىبىيەت يولى (ھازىرقى ئوپىرا ئۆمىكىنىڭ ئۇدۇلى )دا ئولتۇرىدۇ .ئۇ يەنە ساقچى گارنىزون قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئىشلەيدۇ ۋە شۇ كۈنلەردە جايلاردا قولغا ئېلىشقا ھۆكۈم قىلىنغانلار ۋە مۇسادىرە قىلىنغان مال -مۈلۈكلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىشلەيدۇ .1939-يىل ئاخىردا سوۋېت خادىملىرى بىلەن بىرگە سوۋېتكە چىقىپ (چىقىپ كېتىش ۋاقتىدا ئائىلىسىنى سوۋېتكە ئېلىپ كېتىش ۋەدىسى بىلەن ئائىلىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىنى ئېلىپ ) كېتىپ ئالمۇتىدا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن ئىز -دېرەكسىز يوقايدۇ .ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئېلىپ بېرىلغان چوڭ تازىلاشتا ئۆلتۈرۈلگەن بولىشى مۈمكىن ئىكەن .

ئابدۇقادىر ھاجى
[align=justify]
ئابدۇقادىر ھاجى ئېيتىشلارغا قارىغاندا ،قەشقەر قازىرىق كەنتىدىكى ھاشىم ھاجى ئىسىملىك ،ئاۋال قەشقەر خانلىق «مەدرسىە»دە ،كېيىن بۇخارادا ئوقىغان موللا ئائىلىسىدە 1900-يىللار ئەتراپىدا تۇغۇلىدۇ .1920-يىللىرى ھاشىم ھاجى قادىر ،زاھىر ئىسىملىك ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ ھەجگە بارىدۇ .ھەج تاۋاپتىن قايتىشىدا كىچىك ئوغلى زاھىر ھاجىنى تۇركىيىدە،چوڭ ئوغلى قادىر ھاجىنى موسكۋادا ئوقۇشقا قالدۇرۇپ ،ئۆزى قەشقەرگە قايتىپ كېلىدۇ .قادىر ھاجى موسكۋا شەرق ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى جۇمھۇىيەتلىرىدە ساقچى ئىدارىلىرىدا ئىشلەيدۇ ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ،شۇ يىللاردا ئۇ ئاقسۇ ،ئۇچتۇرپان ،باي ،قەشقەر قاتارلىق جايلارغا كۆپ قېتىم كېلىپ ،كۆزگە كۆرۈنگەن ھەر ساھە مۆتىۋەرلىرى ئۈستىدە ئاخبارات توپلايدۇ .كېيىن ئۇ سوۋېت پولشېۋىكلار پارتىيىسىگە ئەزا بولىدۇ .زەينەپ ئىسىملىك سوۋېت ئىتتىپاقىلىق ،تەربىيە كۆرگەن ئۆزبېك ئايالغا ئۆيلۈنىدۇ .

1935-يىلى سوۋېت ئىتىپاقى شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىگە ياردەمگە ئەۋەتكەن يۈي شىيۇ سۇڭ (ئەسلى ئىسمى ۋاڭ شۇ چىڭ) ،مەنسۇر ئەپەندى (ئەسلى ئىسمى مەشۇر ،تەخەللۇسى ۋەتەن ئوغلى) قاتارلىق 25 كىشىنىڭ تەركىبىدە شىنجاڭغا كېلىپ ،قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ساقچى باشلىقى بولىدۇ .ئۇنىڭغا قىرغىزىستان ئەۋەتكەن ساقچى مۇتەخەسىسسى داتقىباي دېگەن قىرغىز مەسلىھەتچى ۋە ياردەمچى بولىدۇ.

قادىر ھاجى ساقچى باشلىقى بولغان 1935-يىلى 7-ئايدىن 1937-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا قەشقەر ساقچى باشقارمىسى ئىچى ، ئاخۇنۇمنىڭ يالىقى ، دۆڭباغ ،قۇمدەرۋازا ،تۆشۈك دەرۋازا ،ساقچا قورۇقى ،قۇمدەرۋازا ئىچىدىكى گۇڭگاڭ دېگەن تۈرمە قاتارلىق جايلارغا يۈزدىن ئارتۇق ئون مېتىر چوڭقۇرلۇقتا ئۆرەك كولىتىدۇ .بۇ يەرگە ئۆزى ئىشلەتكەن ۋە رولى قالمىغان ئاخباراتچىلارنى تۇتۇپ تاشلاپ ، ئۈستىگە ھاك تۆكۈپ ئۆلتۈرىدۇ.

ئابۇقادىر ھاجى خەلقنى ئۆزىگە ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن «دولىسىغا ئۇرۇپ ،يۈرۈكىنى مۇجۇش » سىياسىتىنى قوللۇنىدۇ .ئۇ قاماققا ئالغان بىگۇناھ خەلقنىڭ مال -مۈلىكىنى مۇسادىرە قىلىپ بايلىق توپلايدۇ ، لېكىن كۆرۈنۈشتە يۇرتىغا ياخشى ئىش قىلغان بولۇپ ، «قارىخان پادىشاھىم » (قاراخانىيلار پادىشاھلىقى قەبرىستانلىقى )،«ئوسمان بۇغراخان » قاتارلىق مازارلارنى چۇۋۇپ ،مازارلارنىڭ خىشلىرى ئېلىپ ،بۇلاپ -تالىغان پۇللىرىدىن ئاز-تولا سەرپ قىلىپ مەكتەپ سالىدۇ .
قادىر ھاجى ،داتقىبايلار ما خۇ سەن قىسىملىرى تۇيۇقسىز قەشقەر شەھرىگە بېسىپ كىرگەندە ئالمان -تالمان قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى قاماقخانىسىدا قامالغان مەمتىلى تەۋپىق قاتارلىق مەھبۇسلار ياتقان كامىرلارغا بېنزىن چېچىپ ،ئوت قويىۋېتىپ ،ئاتۇش ئارقىلىق سوۋېتكە چىقىپ كېتىدۇ .           
[align=justify]
[align=justify]    <   داۋامى بار> [align=justify]پاسار بەگ قەيەرلىك قاچان تۇغۇلغان؟.........دېگەندەك مەسىلىلەرنى ئېنىقلاش ئىمكانىيىتى بولمىدى،لېكىن 1936-يىلىدىن 1950-يىلىغىچە يەركەندە ئۇيغۇر ئۇيۇشما رەئىسى ،1950-يىلى يەركەنگە ھاكىم بولغان ھاجى ئابدۇرېشىت يۈسۈپنىڭ پاسار بەگ ھەققىدە ئەستە قالدۇرغانلىرىدىن تۆۋەندىكىلەرنى بىلدۇق:
1945-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى يەركەن ساقچى ئىدارىسىدا پاسار بەگ دېگەن ئادەم پەيدا بولىدۇ . ساقچى خىزمەتچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ كىشى ئۈرۈمچىدىن گۇناھكار ھېسابدا ئەۋەتىلگەن .ئۇ كېلىپ يېرىم يىلدىن كېيىن يەركەن ساقچى ئىدارىسىغا جاڭ فامىلىك بىر كىشى باشلىق بولۇپ كېلىدۇ .شۇنىڭدىن كېيىن پاسار بەگ بازارلارغا چىقىدىغان بولىدۇ.ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ساقچىدا بۆلۈم باشلىقى ،كېيىن ۋالىي مەھكىمە خەلق شلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن پاسار بەگ دەپ نامى چىقىدۇ.
1947-يىل ئاخىرلىرى ئۈرۈمچىدىن يەركەنگە ۋالىي سايلاش ھەيئىتى كېلىدۇ ۋە سايلام ئارقىلىق جۇ فاڭگاڭ قالدۇرۇلۇپ پاسار بەگ ۋالىي قىلىپ تەيىنلىنىدۇ.

پاسار بەگ 1950-يىلى قولغا ئېلىنىپ يەركەندە تۈرمىگە قامالغان مەزگىلدە ، ئۆزى توغرىسىدا تۆۋەندىكىلەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ:
پاسار بەگ ،ئۇيغۇر ،بالا ۋاقتىدا دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغان ،كېيىن خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇپ،1-دەرىجىلىك ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشىپ ،خوتەندە ساقچى ئىدارىسىغا باشلىق بولىدۇ .كېيىن ياڭ زېڭشىن دەۋرىدە ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان سىياسى قانۇن مەكتىپىنى پۈتتۈرىدۇ ۋە ئىشپىيونلۇق تەشكىلاتىنىڭ يەركەندە تۇرۇشلۇق مەسئۇلى بولىدۇ.جىڭ شۇرېن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن شىنجاڭنىڭ ھارقايسى جايلىرىدىن خەنزۇ مەكتەپتە ئوقىغان نۇر بەگ،قەشقەر كونا شەھەردىن ياقۇپ لوشى ،پەيزاۋاتتىن ئابدۇراخمان بەگ قاتارلىق 50 دەك كىشىنى ئۈرۈمچىگە چاقىرتىدۇ . بۇ 50كىشى جاڭجۇن يامۇلى ئىچىدە ئولتۇراقلىشىدۇ ۋە ئۇلارنى دۇما دەپ ئاتايدۇ. جاڭجۈن يامۇلى ئۇلارغا يۇقۇرى مۇئاش بېرىدۇ.بۇ بەگلەر ئالغان ئايلىقىغا ئەپيۇن چېكىپ بىكار يۇرۇدۇ .ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە تامغا ئويدۇرۇپ بەرگەن بولۇپ ،ئۆزلىرى مەجلىسكە قاتناشمايدۇ -يۇ،مەجلىستە قىلىنغان قارارلارغا تامغىلىرىنى باسىدۇ .غەللە-پاراق يىغىدىغان ۋاقىتتا بۇ بەگلەر ھەر قايسى ناھىيە ،ۋىلايەتلەرگە ئەۋەتىلىدۇ .بىر يىلى پاسار بەگنى يەركەنگە ئەۋەتىدۇ .پاسار بەگ يەركەن مانجۇ كۆل بېشىدىكى ئىمىن بەگنىڭ ئۆيىگە چۈشىدۇ .ئامبال ئۇنىڭغا ھەر كۈنى بەش سەر كۈمۈش ئەۋەتىپ بېرىدۇ .شۇڭا ،ئۇ ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇشتا ياشايدۇ .ھەپتىدە بىر قېتىم غەللە-پاراق ئالغان جايغا بېرىپ ئايلىنىپ كېلىدۇ .شۇ كۈنلەردە ئۇ ئامبالنىڭ قىلمىشلىرىغا نارازى بولۇپ يۇقۇرغا خەت يازىدۇ ،ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنى ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇپ كېتىدۇ .ئۇ ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇلۇپ كېتىپ 3-يىلى ھۆكۈمەت ئۇنى يەنە يەركەنگە ئەۋەتىدۇ . بۇ قېتىم ئۇ قايتىش ۋاقتىدا ئامبال بىر خاڭدەن تاۋاردا تىكىلگەن تەكىينى تۆت كىشىگە زەمبىلدە كۆتەرتىپ ،پاسار بەگ تۇرغان جايغا ئېلىپ بارىدۇ ۋە ئولتۇرمايلا «بۇ مېنىڭ ئايالىمنىڭ سىزگە ئاتاپ تىكىپ قويغان تەكيىسى ئىكەن ،قۇبۇل قىلغايسىز » دەپ چىقىپ كېتىدۇ .پاسار بەگ قارىسا تەكىيىگە 20مىڭ سەر كۈمۈش نوكچىلاپ سېلىپ قويۇلغانىكىن .ئۇ ئۈرۈمچىگە بارغاندىن كېيىن 10 مىڭ سەر كۈمۈشنى ھەر قايسى ئەمەلدارلارغا سوۋغا قىلىدۇ، بەگلەرنى مېھمان قىلىدۇ .شۇنىڭدىن كېيىن ھۆكۈمەت ئۇنى ھەر يىلى يەركەنگە ئەۋەتىدىغان بولىدۇ. جىن شۇرېن ئاغدۇرۇلۇپ ،شېڭ شىسەي ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان دەسلەپكى يىللاردا پاسار بەگ تەرجىمانلىق قىلىدۇ .كېيىن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىغا باشلىق قىلىپ تەيىنلىنىدۇ .بىر يىل بولغاندا ،ئۈرۈمچىگە چاقىرتىلىپ قولغا ئېلىنىدۇ .كېيىن گۇناھكار تەرىقىسىدە يەركەنگە ئەۋەتىلىدۇ .شۇ كۇنلەردە ئۈرۈمچى تۈرمىسىدە بىللە بولغان جاڭ فامىلىك كىشى يەركەن ساقچى ئىدارىسىغا باشلىق بولىدۇ ۋە پاسار بەگنى ساقچى ئىدارىسىغا بۆلۈم باشلىقى قىلىدۇ .كېيىن ئاستا-ئاستا ۋالىي بولىدۇ .
پاسار بەگكە 1951-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىشپىيونلۇق جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.

نۇر بەگ

نۇر بەگ قاسىم مىرزا ئوغلى (خەنزۇچە ئىسمى خو دىڭباڭ) خوتەن ئىلىچى يېڭى ئاۋاتتا تەخمىنەن 1890-يىللاردا تۇغۇلىدۇ .مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە يېڭى ئاۋاتتا دىنىي مەكتەپتە ،كېيىن قەشقەردە خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ .مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ،خوتەننىڭ مۇۋەققەت ۋالىيسى چىڭ دارېنغا تەرجىمان بولىدۇ .كېيىن ئۈرۈمچىگە چاقىرتىلىپ ،دۇبەن مەھكىمىسىدە تەرجىمان بولىدۇ .1933-يىللاردا شېڭ شىسەينىڭ قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن بولغان سۆھبىتىدە تەرجىمان بولىدۇ .قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرى جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈرۈش قىلغاندا ، نۇر بەگ ئۇلۇغچاتقا ھاكىم بولىدۇ .كېيىن ھەيئەت دېگەن نام بىلەن شېڭ شىسەينىڭ دۇبەن مەھكىمىسىدە ئىشلەيدۇ .1936-يىلى يەركەنگە ھاكىم بولىدۇ .خوجىنىياز ھاجى ئۆلكىگە مۇئاۋىن رەئىس بولغاندا ئۈرۈمچىگە چاقىرتىلىپ خوجىنىياز ھاجىمغا كاتىپ بولىدۇ .خوجىنىياز ھاجى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن خو دىڭباڭمۇ شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىدۇ .1944-يىلى تۈرمىدىن چىقىپ ،ئۈرۈمچى خەنزۇ قىزلار گىمنازىيىسىگە مۇئەللىم بولىدۇ .1945-يىلى ئۆلكىلىك ئىجىتىمائىي پاراۋانلىق باشقارمىسىغا مەسئۇل بولىدۇ .1951-يىلى قان قەرزى بار ئىشپىيون دىيىلىپ ،ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ .
(نۇر بەگ توغرىسىدىكى بۇ ماتېريال ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇرېھىم نۇرنىڭ 1989-يىلى بەرگەن ماتېريالىغا ئاساسەن رەتلەندى).
ھاشىم ھاجى ،ئۇيغۇر،سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلەت خەۋىپسىزلىكى كومتېتىنىڭ پولكوۋنىك دەرىجىلىك ئەمەلدارى (ھاشىم ھاجىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئىسمى ھەسەن).

1935-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى شېڭ شىسەيگە ياردەمگە ئەۋەتكەن يۈي شىيۇ سۇڭ(ئەسلى ئىسمى ۋاڭ شۇ چىڭ)باشچىلىقىدىكى 25نەپەر خەنزۇ،ئۇيغۇر پولشېۋىكلار پارتىيىسى ئەزالىرى بىلەن شىنجاڭغا كېلىپ ،شېڭ شىسەينىڭ ساقچى باشقارمىسىدا ئىشلەيدۇ .1935-يىلى قۇمۇل ۋىلايەتلىك ساقچى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولىدۇ.1937-يىلى ئەتىيازدا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش ئۈچۈن ئۆز دۆلىتىگە قايتىدۇ.شۇ يىلى سىمىنوف(رۇس)بىلەن شىنجاڭغا كېلىپ ،شېڭ شىسەي تەسىس قىلغان مەخپى سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولىدۇ .1938-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى شىنجاڭغا ئەۋەتكەن سىمىنوف،ياقۇپ(قازاق)لار بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا شىنجاڭدىكى ئاساسلىق مەھبۇسلارنىڭ ئىقرارنامىسىنى ئېلىپ كېتىپ ئۇزاق ئۆتمەي شۇ يىلى قىشتا سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ جاڭ شىڭ، يىڭ لىياڭ ، خوجىنىياز ھاجىم ، خۇاڭ خەنجاڭ ، شېرىپخان تۆرە، ما شاۋ ۋۇ، مەپۇز ۋاڭ ،ئابدۇللا داموللا ،سوپا شەنجاڭ قاتارلىق 108 نەپەر كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بەرسە بولىدۇ ،دېگەن تەستىقنى ئېلىپ كېلىپ شېڭ شىسەيگە يەتكۈزىدۇ. شېڭ شىسەي تەكشۈرۈپ تەستىقلغاندىن كېيىن شۇ يىلى 12 -ئايدا مەخپى سوت ھەيئىتى ھاشىم ھاجىنىڭ نازارەت قىلىشى ئاستىدا ئىككىنچى تۈرمە(ھازىرقى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئورۇنلاشقان ئورۇن)دە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئارغامچا بىلەن بوغۇپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ھاشىم ھاجى ئۆز دۆلىتىگە قايتىدۇ.

ھاشىم ھاجى 1939-يىلى ئەتىيازدا موسكۋادىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن شىنجاڭ ئۆلكىلىك سابىق ساقچى باشقارمىسىدا 6-بۆلۈم دېگەن ئاخبارات بۆلۈمىگە باشلىق بولىدۇ ۋە مەخپى سوت ھەيئىتىنىڭ خىزمىتىنىمۇ ئىشلەيدۇ.1939-يىلى شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ھەركەت باشلايدۇ.سوۋېتپەرەس خادىملارنى قولغا ئالىدۇ.مەسىلەن:ساقچى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قۇربان نىياز(سوۋېت ئىتتىپاقى قىرغىزىستان قىزىل ئارمىيە ئونۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن)،مالىيە نازارىتىنىڭ نازىرى قۇربان سەئىدى ۋە مىللىيلاردىن سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەنلەرنىڭ زور كۆپچىلىكىنى قولغا ئالىدۇ، ئۇلارغا «تۇرپان ،پىچان توقسۇندىكى دېھقانلار توپىلىڭىنى پىلانلىغان »دېگەن گۇناھنى ئارتىدۇ.سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىگە بۇ توپىلاڭنىڭ پىلانلىغۇچىلىرى ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق سوۋېت كونسۇلخانىسى بىلەن ساقچى باشقارمىسىدىكى سوۋېتلىك ئاخبارات مۇتەخەسسى ھاشىم ھاجىلار ،دەپ مەلۇم قىلىدۇ ، نەتىجىدە سوۋېت ئىتتىپاقى سوۋېت كونسۇلخانا خادىملىرى بىلەن ھاشىم ھاجىنى قايتۇرۇپ كېتىدۇ.شۇنىڭدىن كېيىن ھاشىم ھاجى شىنجاڭغا قايتا كەلمەيدۇ.يېقىندا ئۇقۇشىمىزچە ،ھاشىم ھاجى (ھەسەن)ئالمۇتۇدا 1972-يىلى ئۆلگەن .
(ھاشىم ھاجىنىڭ تەرجىمىھالى «شىنجاڭ تارىخ ماتىرياللىرى» 1-سان 111-بەتتىكى«شىنجاڭ مەخپى سوت ھايئىتى توغرىسىدا»دېگەن ماقالىدىن ۋە قۇمۇل ساقچىدا ھاشىم ھاجى بىلەن بىرگە ئىشلىگەن ھوشۇر مۇسا قاتارلىقلارنىڭ سۆزىدىن ئېلىندى)

6

تېما

4

دوست

8621

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   72.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4158
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1695
تۆھپە : 1477
توردىكى ۋاقتى: 269
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 11:04:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇناپىقلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن يۈرىكىم ھەجەپ ئاغرىدى . تېخىمۇ يامان يېرى بۇنداق مۇناپىقلارنى ھازىرمۇ يوق دەپ ئېيتالمايمىز.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

460

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   80%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5014
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 67
تۆھپە : 88
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 11:32:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاشىم،  قادى، سىيىت (ھاجىم دېگىم كەلمىدى) نۇر دېگەنلەرنى شىرىپ خۇشتارنىڭ ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن كىشىلەر دېگەن كىتىپىدا كۆرگەن. رەسىملىرىمۇ بار.
ماۋۇ قادى دېگەن مۇناپىقنى ھازىر قەشقەردە بىلىدىغانلار ئاز قالغان بولسىمۇ، كونىلار ئوبدان بىلەتتى

10

تېما

0

دوست

7004

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   40.08%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2666
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1694
تۆھپە : 1002
توردىكى ۋاقتى: 280
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 11:32:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇناپىقلىق قۇللۇقتا قالغان مىللەتلەردە بىخ ئۇرۇپ كۆكلەيدۇ، ئاۋۇيدۇ ۋە شۇ مىللەت تەرەققىياتىغا زەنجىر كېشەنلىك رولىنى ئوينايدۇ...

3

تېما

0

دوست

3984

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   66.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6236
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 960
تۆھپە : 571
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 13:46:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنۇرغۇن ئىلغار ئىدىيىدكى زىيالىلاردىن  مۇشۇنداق ئىپلاسلارنىڭ قۇلى ئارقىلىق ئايرىلىپ قالغان .

0

تېما

0

دوست

300

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3983
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 70
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 13:57:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى marjanyaxدە2012-04-15 11:04يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇ مۇناپىقلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن يۈرىكىم ھەجەپ ئاغرىدى . تېخىمۇ يامان يېرى بۇنداق مۇناپىقلارنى ھازىرمۇ يوق دەپ ئېيتالمايمىز.  

ھازىر بۇنداق مۇناپىقلار بىر ئادەمگە بىردىن توغرا كىلىدۇ  شۇڭا  گەپ سۇزدە  بەك  ئھتىيات قىلىلى

4

تېما

0

دوست

2367

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  257
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 572
تۆھپە : 336
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2012-11-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 14:02:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاغىلىقلىق ياقۇپ ئامبال نى بۇلار قاتارىدا سانىساق بولمايدىكەنغۇ؟

0

تېما

0

دوست

2363

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6285
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 427
تۆھپە : 451
توردىكى ۋاقتى: 312
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 14:52:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقۇپ ئامبال 1933-يىلى 3-ئايدا ،يەنە قاغىلىق بىلەن گۇما ناھىيىسىدە بىر كۈندىلا قوزغىلاڭ كۆتۈرىلىدۇ .لىيۇ شىياۋ لى قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇش بىلەن بىرگە پۇقرالارنىمۇ قىرغىن قىلىدۇ ، ياقۇپ ئامبال ئەسكەر باشلىقىنى تېپىپ «پۇقرانى ئۆلتۈرۋەتسەك ،بىزگە پۇقرا لازىم بولمامدۇ؟ يەرنى كىم تېرىيدۇ ،تىجارەتنى كىم قىلىدۇ ؟ قىرغىنچىلىقنى توختىتىش لازىم !» دەيدۇ .تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى قىرىلىپ كېتىشتىن ساقلاپ قالىدۇ .

مېنىڭچەپۇقرالارنى قىرغىن قىلىشنى تورىغان ئادەمنى خائىن دىيىشىش تازادۇرۇس بولمىدىمۇ قانداق؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )