قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1029|ئىنكاس: 30
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بۇغدايلىق ئۆچمەيدۇ (ئۇمۇن)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

38

تېما

37

دوست

6206

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   24.12%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21614
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 95
تۆھپە : 1966
توردىكى ۋاقتى: 436
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-13
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
مۇزىكىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىغانلار،ئۇسۇل ئوينىغانلارنى ساراڭ چاغلايدۇ - گېرمان پەيلاسوپى نىچى

     سەنئەتنىڭ تىلدا ئەكس ئېتىشى بولغان ئەدەبىيات ئېستېتىك ئېھتىياجلارنى پەرق قىلالايدىغان كىشىلەرنىڭ تاللىشىدۇر. ئېستېتىك ئېھتىياجلىرى بولمىغان ياكى ئېستېتىك ئېھتىياجنى ئوشۇقچە دەپ قارىغان كىشىلەرنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ھەققىدە بىلىشكە ئىگە بولۇشى ئىمكانسىز. چۈنكى سەنئەت چۈشىنىش بىلەن بىرگە ھېس قىلىشنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ.

     بۇرۇن ھېسسىي جەھەتتە نامرات كىشىلەرنىڭ ئەدەبىيات سەنئەت ئېھتىياجى بولمايدۇ دەپ قارايتتىم. كىيىنكى كۆزىتىشلىرىم ئەقلى جەھەتتە قاتتىق كىرىزىستىكى كىشىلەرنىڭمۇ ئەدەبىيات-سەنئەت ئېھتىياجىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

     تۇغما تالانتلىق كىشىلەر مول ھېسسىياتقا ۋە ئېستېتىك ئېھتىياجغا ئىگە كىشىلەردۇر. گېتلىرنىڭ رەسىم سىزىدىغانلىقى، ئېينىشتىيننىڭ ئىسكىرىپكا ئۇستىسى ئىكەنلىكى، ماۋزېدۇڭنىڭ شېئىر يازىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان نۇرغۇنلىغان مىساللارنى تىزىپ يۈرۈشنىڭ ئانچە ئەھمىيىتى يوق.

     ماڭا نىسبەتەن ئۆزىنى، ئۆزلەرنى ۋە ئارزۇلارنى ئىپادىلەش سەنئەت جۈملىسىدىندۇر. ئۆزىنى تونۇش جەريانىنى، رېئاللىقتىن ھېس قىلغىنىنى، كۈتكەنلىرىنى ۋە ئارزۇلىرىنى ئىپادىلەشكە ئۇرۇنۇش سەنئەتنىڭ بەرپا بولۇش جەريانىدۇر.

     سەنئەت يۇقىرى قاتلام كىشىلىرىنىڭ، ھېسسىي ۋە ئەقلى تالانت ئىگىلىرىنىڭ قىززىقىشىدۇر.

     مەلۇم قېلىپنىڭ ئاستىدا ئەسىرلەر بويىچە ئىدىيە باسقۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان، ئىدېئولوگىيەلەرنىڭ، سىياسىي قاراشلارنىڭ، ئېتىقاد سىستېمىلىرىنىڭ تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى ئەدەبىيات دەپ ھېس قىلىپ چوڭ بولغان كىشىلەردىن ئەلۋەتتە ساغلام ئەدەبىيات-سەنئەت قارىشى تەلەپ قىلىش زوراۋانلىق ھېسابلىنىدۇ.

     بىنورمال ئەدەبىيات قارىشىنىڭ تىپىك ئالامىتى ئەدەبىياتنى چاكار سۈپىتىدە تىلغا ئىلىشتىن ئىبارەت. ئەدەبىيات-سەنئەت تەربىيەۋى ئەھمىيەت تەلەپ قىلىدىغان ئەخلاق دەرسلىكى، ئىپادىلەش ۋاستىلىرى ۋە تەسەۋۋۇرنى چەتكە قاقىدىغان ئاخبارات خەۋەرلىرى، جەمئىيەتنى تۈزەشنى نىشان قىلىدىغان قانۇنى ماددىلار، ياكى ئېتىقاد ۋە سىياسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى ئەمەس. بىزدىكى ئاتالمىش ئەدەبىياتچىلار تەتقىق قىلىۋاتىمەن دەپ قالغان ئىلمىي يازمىلار تېخىمۇ ئەمەس. ئەدەبىيات سەنئەت راتسىئونالىزىم ۋە پوزىتىۋىزىمنىڭ مونوپۇللىقىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇنىڭدا تەجرىبىچىلىك ياكى لوگىكىچانلىق تەلەپ قىلىنمايدۇ. سەنئەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگەن كىشى ئەڭ ئاۋۋال سەنئەتتىن لوگىكا ئىزدىمەيدۇ. ئەدەبىيات-سەنئەت لوگىكا قېلىپىغا سىغىدىغان نوقۇل ھۆكۈم خاراكتېرلىك جۈملىلەر ئەمەس. ئۇ ئەركىن، كۆپ تەرەپلىك ۋە مۇئەييەن چەك-چېگراسى بولمىغان مەنىۋى كەڭلىكنىڭ مەھسۇلى.

     شېئىر ئەدەبىياتتا سەنئەتلىك خۇسۇسىيىتى ئەڭ كۈچلۈك ژانىر.ئۇنىڭدا مەلۇم لوگىكا ئۆلچىمى، مەزمۇن بىردەكلىكى ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتە مۇئەييەن قىلىپ يوق. بىر شېئىرنى تەھلىل قىلغاندا ئۇنىڭدىن لوگىكىلىق سىجىللىقنى تەلەپ قىلىش ياكى شېئىرغا مەزمۇن ئۆلچىمى قويۇش سەنئەتنىڭ خۇسۇسىيىتىگە مۇخالىپتۇر.

     شېئىرنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇشنىڭ ئۆزى سەنئەت ساۋاتسىزلىقىنىڭ ئىپادىسى. شېئىر تۇيغۇ ۋە كۆز قاراش خاتىرىسىدۇر، ئۇنىڭدا مۇئەييەن كۆز قاراش ۋە لوگىكىلىق سىجىللىق بولۇشىمۇ بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. شېئىر ئاتا قىلغان ئېستېتىك زوق شېئىرنى چۈشىنىش ئەمەس، شائىرنىڭ شېئىرنى خاتىرىلەش جەريانىدىكى ھېسسىياتىنى ياكى خاتىرىلىمەكچى بولغان ئىدىئالىنى ھېس قىلىشتىن ئىبارەت.

     ئەگەر شائىر شېئىرنى ئوقۇرمەنلىرىگە مەلۇم ئىدىيەنى ياكى دۇنيا قاراشنى چۈشەندۈرۈش مەقسىتىدە يازسا ئۇنىڭ شېئىر بولۇشىنىڭ ئەھمىيىتى يوق. ئاممىباب ئۇسۇلدا،لوگىكىلىق جۈملىلەر بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى تېخىمۇ جانلىق يېتەكلەپ ماڭغىلى بولىدۇ. شېئىر يېزىش ئىپادىلەشنى قوغلىشىشتۇر. بىرى شېئىر يازغان ئىكەن ئېستېتىكا قوغلاشقان، يازمىسىنى سەنئەت بىلەن يۇغۇرغان بولۇشى كېرەك.

     ئەگەر بىرى ئىلمىي ئەسەر يازماقچى بولسا، ئىلمىي مېتودقا، لوگىكىچانلىققا، ئىلمىي تېرمىنلارغا قاتتىق دىققەت قىلىش كېرەك. ئىلمىي ئەسەرگە شېئىرى جۈملىلەرنى، ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەرنى، مىستىك ۋە دوگماتىك ھۆكۈملۈكلەرنى قاتالمايمىز. ئوخشاش شەكىلدە شېئىرغا شېئىرى تىل شەكلى، كەڭ ۋە مول تەسەۋۋۇر، چەكلىمىسىز تەپەككۇر مۇھىمى ئېستېتىكا ۋە سەنئەتلىك خۇسۇسىيەت كېرەك. بەدىئىيلىكى كۈچلۈك ۋە سەنئەت خۇسۇسىيىتى مول ئىپادىلەش شەكلى شېئىرنىڭ روھى. شېئىردىن لوگىكىچانلىق، تەربىيىۋىي ئەھمىيەت تەلەپ قىلىش پۈتۈنلەي پوزىتىۋىست پارادىگمانىڭ زىيانكەشلىكى. جەمئىيىتىمىزدە ئىلمىي مەسىلىلەرگە ئوبيېكتىپ ۋە مەنتىقلىق تەپەككۇر بىلەن يېقىنلىشالمايۋاتقان بەزى كىشىلىرىمىزنىڭ كىشىنىڭ غىدىغىنى كەلتۈرىدىغان پالەش تەپەككۇرى بىلەن ئەدەبىيات سەنئەتتىن ئوبيېكتىپلىق ۋە لوگىكا تەلەپ قىلىشقا ئادەتلەنگەنلىكى كىشىنى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.

     ئوبيېكتىپلىق ۋە لوگىكاچانلىقنى بىلىمگە تەلەپ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويىمىز. جەمئىيەتنى، ئىنساننى، ئەتراپىمىزدىكى ھادىسە ۋە شەيئىلەرنى تەتقىت قىلىشتا لوگىكاچانلىقنى ۋە ئوبىكتىلىقنى تەلەپ قىلىمىز، رېئال مەسىلىلەرگە رېئال پوزىتسىيە تۇتۇش ئاساسى ئېقىم قىلىپ تاللايمىز. بىراق سەنئەت ئەسەرلىرىگە بىلىمنىڭ كۆزىدە ياكى رېئال شەيئىلەر تەكشىلىكىدە مۇئامىلە قىلغاندا خاتالىشىمىز.

     بىزدىكى بۇ قىزىقارلىق ئەھۋال كىشىنى ھەقىقەتەن ھەيرانلىققا مۇپتىلا قىلىدۇ.بىلىمگە مىستىك ۋە دوگما تەشەببۇسلىرى بىلەن يېقىنلىشىدىغان كىشىلەر ئەدەبىيات-سەنئەتكە كەلگەندە قاتتىق لوگىكىچان ۋە مەسىلىلەرگە ئوبيېكتىپ تەلەپ قويىدىغان كىشىلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ پەۋقۇلئاددە پوزىتسىيە كىشىنى تەسىرلەندۈرسىمۇ، لېكىن بۇ خىلدىكى نادانلىق «كىچچىككىنە ئىش» تامغىسى بىلەن يول قويىدىغان سەۋيىدە ئەمەس.

     نېمىگە قانداق پوزىتسىيەدە يىقىنلىشىشدا يېقىنلىشىدىغان ئوبيېكتنىڭ خاراكتېرىنى چىقىش قىلىشى كېرەك.سەنئەت ئەسەرلىرىگە سەنئەتنىڭ،ئىلمىي مەسىلىلەرگە بىلىمنىڭ پوزىتسىيەسى بىلەن يېقىنلىشىش كىشىنىڭ ساپاسى،ئۇنىۋېرسال جۇغلانمىسى ۋە ئەقلى سەۋىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەدەبىيات-سەنئەت بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى كۆپ كىشىلەرنىڭ ئېستېتىك سەۋىيەسى يۇقىرى، تەسەۋۋۇرى مول بولىدۇ. `ئەدەبىيات-سەنئەت ئىنساننىڭ ئېستېتىك ئېھتىياجىنىڭ يۇقىرى پەللىسى. شېئىردىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلىش شېئىرنى ھېس قىلالايدىغان ئىقتىدار بىلەن بولىدۇ.

     كۆيۈۋاتقان بۇغداي ھەققىدىكى دەسلەپكى ماقالىدە، كۆيۈۋاتقان بۇغداينىڭ ئەڭ مۇھىم مۇۋەپپەقىيىتى ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىر تەبىرلىرىدىن ھالقىپ چىققان ئىزاھاتلار بىلەن ئىجادىيەت قىلغانلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتكەنىدىم.

     ئەنئەنىۋىي ئەدەبىيات دەيدىغان ئۇقۇم ئەدەبىيات نەزەرىيەسىدە پەقەت مەلۇم ئۇسلۇب بىردەكلىكىگە ئىگە شېئىرلارنىڭ ئۇسلۇب ئەنئەنىسىنى كۆرسىتىدۇ. نوقۇل ئۇيغۇر شېئىر ئەنئەنىسى، ئەرەب شېئىر ئەنئەنىسى دەيدىغان قاتتىق ئۆلچەملىك شېئىر ئەنئەنىسى مەۋجۇت ئەمەس. بۇنى ئاتالمىش ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى ياكى شېئىر ھەۋەسكارلىرى كاللىسىغا تولۇق يەرلەشتۈرۈشى كېرەك.

     دىۋان شېئىر ئەنئەنىسى، ئەركىن شېئىر ئەنئەنىسى، زامانىۋى شېئىر ئەنئەنىسى دەپ كاتىگورىيىلەشتۈرىدىغان ئۇقۇمنى چالا ئۇستىلار ئەقىلسىزلىقى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي شېئىرىيىتى دەيدىغان تومتاق ئۇقۇمغا ئۆزگەرتىۋالغان. ئۇيغۇر كىلاسسىك (كونا) شېئىرىيەت بىلەن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي شېئىرىيەت دەيدىغان ئىككى ئۇقۇمنى ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچ قىلىۋەتكەن كىشىلەر ھە دەپ تارقىتىشقان.

     ئەدەبىيات دۇنياۋى ساھە، ئۇنىڭ مىللىتى، ئىرقى ۋە جىنسى بولمايدۇ .كىلاسسىك شېئىرىيەت تەبىرلىرى ئىنتايىن كونكرېت، ئاددىي ۋە قېلىپلاشقان. زامانىۋى شېئىرىيەت تەبىرلىرى ئابستراكت، كەڭ ۋە كۆپ خىللىققا ئىگە. زامانىۋى شېئىرىيەت ئەنئەنىسى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا زۆرۈر بولغان لېكىن مۇئەييەن ئورۇنغا ئىگە بولالمايۋاتقان ساھە. بۈگۈنكى دۇنيا ئەدەبىياتىدا زامانىۋى شېئىرىيەت تەبىرلىرىدە قىلىنغان ئىجادىيەتلەر ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. مەدەنىيەت-سەنئەت تەرەققىي قىلغان جەمئىيەتلەردە شېئىر دېيىلگەن ھامان ھېچكىمنىڭ كاللىسىغا قاپىيەلىك، ۋەزىن-تۇراقلىق مىسرالار كەلمەيدۇ. قاپىيەلىك، ۋەزىنلىك شېئىرلار شېئىرنىڭ پەقەتلا بىر تۈرى، يەنە كېلىپ كىلاسسىك بىر تۈرى. زامانىۋى شېئىرىيەت قاپىيە ۋە ۋەزىنگە ئەمەس، تىلغا، سىمۋول ۋە ئىماگلارغا، ئىپادىلەش سەنئىتىگە قىزىقىدۇ.

     زامانىۋى دېگەن سۆز تومتاق ئىزاھتا زامانغا لايىق دېگەن مەنىگە ئىگە.زامانغا لايىق ئەدەبىياتى بولمىغان،زامانغا لايىق ئەدەبىيات ئەنئەنىسى بولمىغان بىر مىللەتنىڭ ئېستېتىك ئېھتىياجلىرى ۋە سەۋىيەسىدىن گۇمانلىنىشقا ھەققىمىز بار.

     قارىسام ئەدەبىيات دەيدىغان خەتنىڭ ھەرپلىرىنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ توغرا ئوقۇشتىن باشقا، ئەدەبىيات ھەققىدە ھېچقانداق ساۋاتى بولمىغان بىر ھەۋەسكار كۆيۈۋاتقان بۇغداي توغرىسىدا ئانالىز (ئانالىز دېگەندىن جۆيلۈش دېگەن مۇۋاپىقراق) يېزىپتۇ. ئەدەبىيات ھەققىدە ھاياتىمدا ئۇچراتقان ئەڭ قورقۇنۇچلۇق يازما ئىدى. پەرھات تۇرسۇننىڭ «كۆيۈۋاتقان بۇغداي» ناملىق شېئىرىدىكى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنى ئاسترونومىيە بىلىملىرى بىلەن،كۆيۈۋاتقان بۇغداينى تېئولوگىيە بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۇرۇپ، ئاپتورنى دىنسىز ۋە بىلىمسىزغا چىقىرىش ئۈچۈن ئەقلى يار بەرگەن پۈتۈن تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپتۇ. ئەدەبىيات نادانلىقنىڭ تىپىك ئۆرنىكى ياكى چەكسىز دۆتلىكىنىڭ مىسالى سۈپىتىدە تىلغا ئىلىنىشقا ئەرزىگۈدەك يازما بولۇپتۇ. ھېلىقى كىشىگە ئۇيغاق ھالدىمۇ قارا باسقۇزىدىغان 7 سوئال بىلەن بىرلىكتە ئەنئەنىۋىي تىتىقسىزلىق ۋە دۆتلىكنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە تىللاردا داستان بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن. كۆيۈۋاتقان بۇغداي ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى زامانىۋى شېئىر ئەنئەنىسىنىڭ جەۋھىرى ھېسابلىنىدۇ. كۆيۈۋاتقان بۇغداينىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ھەققىدىكى قىسقا ئانالىزىمدا تىلغا ئىلىپ ئۆتكىنىمدەك توپلام تىل قوللىنىش، مەزمۇن تاللاش، ئىپادىلەش جەھەتتە ئۆزىگە خاس ئۆزگىچىلىك ھازىرلىغان.

     شېئىر ھەققىدە ئاز-تولا ساۋات ھازىرلىغان، زامانىۋى ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى ۋە نەزەرىيەلىرى بىلەن ئۇچراشقان ،ئستىتىك ئېھتىياجى ۋە سەۋىيەسى يۇقىرى ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن كىتاب بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە. كوچا نەزمىلىرى ۋە قوشاقلاردىن باشقا شېئىر كۆرمىگەن كىشىلەرنىڭ ھەيرانۇ ھەس قىلىپ قوبۇل قىلالماسلىقى ئۈمىدسىزلەندۈرسىمۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ئەپسۇسلىنىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئۆزىنىڭ دۆتلىكىدىن ئەپسۇسلىنالايدىغانلاردا ئازراق بولسىمۇ ئۈمىد بار. ئۇلارغا ئۆزىدىن ئەپسۇسلىنىشى ئۈچۈن ئىمكان قالدۇرۇش ئەخلاق مەسىلىسى.

     كۆيۈۋاتقان بۇغداي ئاۋانگارتلارنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئەمگىكى بىلەن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە سۇنغان سوۋغا. ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئاۋانگارتلارغا ئوخشاش، بىلىم، سەنئەت، پەلسەپە، تېخنىكا، ناخشا-مۇزىكا، ئىقتىسادقا ئوخشاش ساھەلەردىمۇ يېتىشىپ چىقىۋاتقان ئاۋانگارتلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن يېڭى قەدەملەر تاشلىشىغا تىلەكداشمەن.

     ئۇمۇن سالونى ئارقىلىق ئەڭ يېڭى ئىلىم-پەن ئۇچۇرلىرىنى، سەنئەت، پەلسەپە ياكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئانالىز ماقالىلىرىنى ۋە ھەر خىل تەرجىمىلەرنى ئەڭ تىز سۈرەتتە كۆرەلەيسىز. كېيىنچە داڭلىق زىيالىيلار بىلەن بولغان ھەر خىل تېمىدىكى مۇنازىرە ۋە سۆھبەت سىنلىرىنى ئېلان قىلىمىز.

     ئۈندىدارنىڭ ئىزدەش كۆزنىكىدىن (umun) نى ئىزدەپ قوشۇۋالسىڭىز بولىدۇ.
bagdax

ھەقىقەت ئارقىلىق ئادەمنى تونۇ!

0

تېما

4

دوست

9667

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   93.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18936
يازما سانى: 670
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 2984
توردىكى ۋاقتى: 741
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-14
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
راس بۇغدايلىقتىكى بۇ ئۆت ئۆچمەيدىغاندەك قىلىدۇ،ئۆچەپ قالاي دىسە پات پات ماندا پۈۋلەپ قۇيۇشىمىز بار.
لىكىن بۇنىڭغا ئىنسانىيەتنىڭ قانۇنىيىتى يول قۇيماسمىكى.

2

تېما

21

دوست

2235

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81560
يازما سانى: 347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 628
توردىكى ۋاقتى: 145
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-13

قىزغىن ئەزا

ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:03 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ قېتىم ئ‍اجايىپ سۆزلەپ قويۇپسىز ،،ئ‍وخشىتىشلىرىڭىز ۋە باھا بىرىشلىرىڭىز ئ‍اجايىپتە  …كىيىنكى قېتىم ئ‍اممىباپ چۈشۈنۈشلۈك قىلىپ نوتو دېگەن نېمە؟ توغرىسىدا بىر ئ‍ىزاھاتلىق تېما يازمامسىز، كۆپرەك بىلىمگە ئ‍ىگە بۇلۋالايلى…
رەھمەت سىزگە …ھارمىغايسىز قېرىندىشىم…

0

تېما

0

دوست

1848

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   84.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8346
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 110
تۆھپە : 526
توردىكى ۋاقتى: 378
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-14
يەر
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:35 |ئايرىم كۆرۈش
شېىر ئەدەبىيات ھەققىدە خېلى قايىل قىلىش كۈچىگە ئېگە بايانلارنى ئوتتۇرغا قويۇپسىز!
bagdax

17

تېما

13

دوست

4615

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   87.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  47659
يازما سانى: 399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 1379
توردىكى ۋاقتى: 404
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-14
5#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 04:27 |ئايرىم كۆرۈش
ئۇمۇن ئەپەندىنىڭ ئىنكاس قايتۇرغىنى ياخشى بولىدى، دېمەك ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىلاھ ئەمەسكەن، ئادەم بىلەن دىيالوگ ئېلىپ بارىدىكەن.نېچىخنىڭ مۇتلەق ھۇقۇقلۇقى بىلەن بىزگە ئۆزىمىزنىڭ سەنئەتنى بىلمەيدىغانلىقىمىزنى، ھەتتا بۇدۇنيادا ياشاش ھۇقۇقىمىزنىڭ يوقلىقىنى ئەسكەرتىپسىز.
ئۇنداقتا سىزگە ئۆزىڭىزنىڭ ئۇسۇلى بىلەن روھى ئازابىڭىزنى يوقتىش تەكلىپى بەرسەممۇ بولىدۇ: ئۆزىڭىزنى ئۆلتۈرۋېلىڭ.
باش سۈرئىتىڭىزدىكى مۇنەۋۋەر ئارتىس خېس لېدجېرمۇ جوكېرنىڭ رولىدىن چىقالماي چۈشكۈنلۈكتىن قازا قىلغان، ئۆزىنى سەنئەتكە بېغىشلىغان.
ئەمما مېنىڭ ئادىمىيلىكىم سىزگە مۇنداق تەكلىپ بىېرشىمگە يول قويمايدۇ.
سىزدە ئادىمىيلىك بارمۇ؟ سەنئەت قارشى ئوخشىمىغانلىق سەۋەبىدىن يۇقىرى قاتلامدا بولمىغان نەچچە مىليون كىشنىڭ بارلىقىنى، تۇغۇلىشىدىنلا بار بولغان ھۇقۇقنى ئنىكار قىلامسىز؟
سىزنى مەبۇدە چاغلاپ باش ئۇرغاندىلا، سىز تەرغىپ قىلغان قىممەت قارىشىدىلا ياشىسا ئۇلارنىڭ ئاندىن قىممىتى بولدىكەندە؟

31

تېما

30

دوست

9939

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   98.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5753
يازما سانى: 477
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 375
تۆھپە : 2904
توردىكى ۋاقتى: 1186
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-13
6#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 06:51 |ئايرىم كۆرۈش
ەدەبىيات ئادەتتە ئادەمنى قايمۇقتۇرىدىغان كونكرېتلىققا ئىگە بولىدۇ.

0

تېما

0

دوست

84

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  85516
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 26
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-13
7#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:55 |ئايرىم كۆرۈش
   قارىسام پەرھات تۇرسۇننىڭ دېگىنى «بۇغداي» ئىكەنۇ، مۇنۇ يازمىدا «بۇغدايلىق» دېيىلىپتۇ. ۋاھالەنكى، تىل نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، «بۇغداي» تۈپ ئىسىم، «بۇغدايلىق» بولسا ياسالما سۈپەت. ئەجەبا، بۇنداق ياسالمىلىق نېمىگە زۆرۈر بولۇپ قالدىكىن؟
   لوگىكا نوقتىسىدىن ئېيتقاندا، «بۇغداي» خاس ئۇقۇم، «بۇغدايلىق» بولسا توپلام ئۇقۇم. دېمەك، بۇ يەردە ئەينى ئۇقۇمنىڭ ھەجمى كېڭەيتىۋېتىلگەن. مۇئەييەن بىر تەپەككۇر شارائىتىدا بىر ئۇقۇمنىڭ ھەجمىنى كېڭەيتىۋېتىش لوگىكىدىكى «ئەينىيەت قانۇنىيىتى»گە خىلاپ بولۇپ، بۇنداق قىلمىشنى لوگىكىدا «نەيرەڭۋازلىق» دەپ سۈپەتلەيدۇ.

0

تېما

0

دوست

2269

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35824
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 696
توردىكى ۋاقتى: 105
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-13
8#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:44 |ئايرىم كۆرۈش
ئەخلەت تېما!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )