(ساتېرا)
بوۋىلاردىن ئاڭلىغان جىن بار يەردە چاتاق بار، ئۆز-ئۆزىنى داڭلىغان كىشىلەردە چاتاق بار. مېڭىۋېتىپ توختىغان قەدەملەردە چاتاق بار ئۆزىنىلا ئويلىغان ئادەملەردە چاتاق بار ئېزىقىشقا يول قويغان ئەشۇ ئەردە چاتاق بار.
تاپتىن چىققان ئەرلەرنى بىلمەك ئاسان سەپ سېلىپ، قۇيرىقى بار ئۇلارنىڭ تۇتاي دىسەڭ كاپ قىلىپ. ھېچ ھالىڭنى قويمايدۇ ئۇلار سېنى خاپ قىلىپ، ئەدىپىنى بەرمىسەڭ ۋاختىدىلا شاپ بىلىپ تۇيۇقسىزلا خوش بولغان ئەشۇ ئەردە چاتاق بار.
ئۆيگە كىرسە چاچ تاراپ،سىرىتلاردا تاش يالاپ، تۈزەشتۈرۈپ ئۆزىنى بىردىن نەچچەن قاش قاراپ خېيالىدا نەگىدۈر بېرىش ئۈچۈن باش تاراپ، سايرىمىسا تېلىفۈن لەۋلىرىنى بوش يالاپ بىر ئىزىدا تۇرمىغان ئەشۇ ئەردە چاتاق بار.
تۇيۇقسىزلا يېڭىدىن سېتىۋالسا كۆپ كىيىم، ئائىلىگە خەجلەشكە يەتمەي قالسا توپ كىرىم. ئۆزىچىلا بوپ قالسا تەۋى نازۇك بىر قىسىم ئۇنىمىسا يالۋۈرۈپ يول قويساڭمۇ كۆپ قېتىم ئۆيگە سادىق بولمىغان ئەشۇ ئەردە چاتاق بار.
قارىماققا نۇرمالدەك يېڭىلانسا ھەممە تەڭ، پايپاق،لۆڭگە،گالىستۇك بولۇپ ھەمدە رەڭمۇ-رەڭ. ساقال ئالغۈچ،سومكىلار پاكىز بولۇپ قالسا ئەڭ گەپ قىلساڭلا توساتتىن سوغاق قاراپ،تۈرسە يەڭ بىر خىلىدا بولمىغان ئەشۇ ئەردە چاتاق بار.
ئىشتىن چۈشۈش ۋاقتىدا دەل كەلمىگەن ئۆيگىمۇ، سائەت تىلى ھەتتاكى بەلگە بەرگەن نۆلگىمۇ. تېلىفۈن قىلىپ سورىساڭ ئازار يەتكەن شۇندىمۇ بىر كېچىچە كىرمىگەن نەگە كەتكەن ئۆلدىمۇ ئۆيدە بىردىن بولمىغان ئەشۇ ئەردە چاتاق بار.
ئۆيدە بولۇپ تاماق يەپ ئولتۇرغاندا ھەممە تەل، تېلىفۈن كېلىپ ئۆزگەرسە ئاۋازى بوش ھەمدە سەل. ئىدارىدا يىغىن بار دەپ يۈگۈرسە بىمەھەل غايىپ بولسا مىنۇتتا خوش دېمىسە كەتسە گەر ئازراق كۆڭۈل قويمىغان ئەشۇ ئەردە چاتاق بار.
چىقسا ئەگەر سىرىتقا قېچىۋالسا يىراققا، يالغۇز قويۇپ ئايالنى ئۆتىۋالسا بىر ياققا. پۇل بەرمىسە دوق قىلىپ تۇرىۋالسا پايپاققا، بالىلارنى تەلمۈرتۈپ ئېپ بارمىسا يا باققا ۋەدىسىدە تۇرمىغان ئەشۇ ئەردە چاتاق بار.
ھەقىقىي ئەر ۋېژدانلىق يول بەرمەيدۇ باشقىغا، ئۆزنى ئەمەس ھەممىنى مېنىڭ دەيدۇ دائىما. مۇھتاج ئەمەس يەنە ئۇ ئالدانمايدۇ ماختاشقا، بىرنى ھامان بىر دەيدۇ ئىشەنمەيدۇ يالغانغا ھەقىقەتنى تۇيمىغان ئەشۇ ئەردە چاتاق بار. |