قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: meyxor

قىمار قىمار قىمار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

1341

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   34.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5647
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 320
تۆھپە : 194
توردىكى ۋاقتى: 95
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 17:44:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىندىشىم ئىنتايىن ياخشى  تېمىنى يوللاپسىز،تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىزمۇ ئىنتايىن ئورۇنلۇق.... سىز ئويناپ باقتىڭىزمۇ-يوق بىلمەيمەن.مېنىڭ 20يىللىق كۈزىتىشىم ۋە يەكۈنىمدىن قارىغاندا:
1)ئېلېكترونلۇق قىماردا 10000ئادەمنىڭ 9999ئى مۇتلەق ئۇتتۇرىدۇ!ئىشەنمىسىڭىز سىناپ كۆرۈڭ.سىزگە ئۇتقان بولۇپ كۆرۈنگىنى ھەممىسى شۇ قىمارخانىلارنىڭ شېرىكلىرى....ھەتتا لاتارىيىمۇ شۇنداق.بىرەر ئادەمگە ئۇتتۇرۇپ بېرىش پەقەت تەشۋىقات ئۈچۈن.
2)بىلەر-بىلمەي كىرىپ قالغانلار چىقىپ كېتەلمەيدۇ.چۈنكى زىياندىن ۋاز كەچمەك بەكمۇ قىيىن،ھەتتا مۈمكىن ئەمەس!
3)خىروئىن بىلەن قىمار ئوخشاش.ھەر ئىككىلىسىنىڭ خۇمارى بېسىلمايدۇ.پەقەت پۇل يوق بولغاندىلا ۋاقىتلىق تورمۇزلىنىدۇ!
4)قىمارخانا خوجايىنلىرى ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى پۇخرا ئەمەس.ھەقىقىي خوجايىن ئەزەلدىن سىز-بىزگە كۆرۈنمەيدۇ!شۇڭا ھېچكىم-ھېچنىمە قىلىۋېتەلمەيدۇ!مىلتىقنىڭ ئوقىمۇ ئۇلاردىن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ!باشقۇرىلىدىغان بومبىمۇ  ئۇلارنى تاپالمايدۇ!رادارغىمۇ چۈشمەيدۇ!


يۇقارقى بىر قېرىندىشىمنىڭ پىكرى جايىدا بوپتۇ: بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپلا تەربىيىنى كۈچەيتىش لازىم.خۇددى مېنىڭ ئانام "يالغۇز سەپەرگە چىققانلار دائىم قاراقچى ياكى جىن-ئالۋاستىغا يولۇقۇپ...... مۇنداق-مۇنداق يامان كۈنلەرنى كۆرۈپتىكەن..."دىگەن ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىپ،مەن چوڭ بولغاندىمۇ تەنھا لىقتىن قورقىدىغان بوپ قالغاندەك....ھېكايىلەرنى كۆپلەپ ئىجاد قىلىش لازىم.شۇ تەرىقىدە چارە ئىزلەپ كۆرسەك ۋە شۇنداق قىلساق،بەلكىم بىرەر يۈز يىللاردا بىر نەتىجە بوپ قالار دەيمەن.يەنە بېرى،مۇنداق ئۆزىنى يوقاتقان پاسىق ئادەملەرگە ھېسداشلىق قىلىش مۇتلەق ئەخمىقانىلىق!ئۇلارغا ئۆلۈمدىن باشقا دورا يوق! 

0

تېما

0

دوست

1341

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   34.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5647
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 320
تۆھپە : 194
توردىكى ۋاقتى: 95
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 13:02:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما باشقۇرغۇچىلارغا ياقمىدىما؟نىمىشكە باش بەتتە چىقمايدۇ؟تۇتۇرۇقسىز غەيۋەتلەر ئىت يىلىدىن ئېشەك يىلىغىچە تۇرىدىكەن؟!ياكى بىرەرسىڭلارنىڭ زىتىغا تەگدىمۇ؟
  ئارتۇق گەپ قىلماي.ئەگەر ماۋۇ مۇنبەرنى خالىس ئاچقان بولساڭلار تېمىلارنى ئاز-تولا ئىلغاپراق بىر ئىش قىلارسىلەر.بولمىسا،«فاتىپونىمنى كۆتىرىپ كېتىپتىمەن» بۇيەردىن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1642

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   64.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8620
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 176
تۆھپە : 391
توردىكى ۋاقتى: 199
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 21:49:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ بۇيەردە بۇنداق ئېلېكترونلۇق قىمارخانىغا خەلق «شاپۇرخانا» دەپ ئىسىم قويدى.
ئۇنى ئاچقۇچىلار ج خ ئورۇنلىرىدىكى بىرقىسىم چىرىك ھوقۇقدارلار بىلەن شېرىك بولۇشى مۈمكىن ، ياكى «قەرت-شاھماتخانا» ۋە بۇ «شاپۇرخانا»قاتارلىق شەكلى ئۆزگەرگەن   قىمارخانىلار  ئەسلىدىنلا ئاشۇلارنىڭ ، پەقەت كۆرۈنۈشكىلا باشقىلارنى باشقۇرغۇچىلىققا سېلىپ قويغان بولۇشى مۈمكىن.چۈنكى ھەر قېتىم  ج خ ئورۇنلىرى تۇيۇقسىز تەكشۈرگەندە بۇنداق شەكلى ئۆزگەرگەن قىمارخانىلار ئالدىن-ئالا خەۋەر تېپىپ ، خېرىدارلىرىنى بالدۇرلا چىقىرىۋېتىدۇ. ياكى'' بۈگۈن ئاز سوممىدا تىكىپ (بىر يۇەن ياكى بەش مۇ) ئويناڭلار!'' دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ.
   «شاپۇرخانا»لاردىكى ئويۇنچۇق ماشىنىلارنىڭ ھىيلىسى باركەن،كومپيوتېرغا بەك ئۇستا باللا ئۇنىڭ ھىيلىسىنى بىلىۋېلپ،( بىر ئاماللارنى قىلىپ ماشىنىنىڭ شىفىرىنى يېشىپ) بايقاپ تۇرۇپ دو تىىكىپ ئۇتىۋالسا ، ئۇ چاغدا باشقۇرغۇچىلار ئۇنداقلارنى يەنە ئازىراق پۇل بېرىپ قايتا ئوينىغىلى قويمايدىكەن،ياكى قاراقچىلارنى چاقىرىپ كېلىپ ، قەستەن جىدەل چىقىرىپ، قاتتىق ئۇرىۋېتىدىكەن.تاياق يىگەنلەر كېيىن ئۇ يەرگە قايتا كىرەلمەيدىكەن. ئەتىسىگىچە ماشىنىسىنىڭ  سېستىمىسىنى ئۆزگەرتىپ تەڭشىۋالىدىكەن. بىرقانچە كۈنگىچە تۈزۈك ئادەم كىرمىسە ئازىراق ئۇتتۇرۇپ بېرىدىغانغا تەڭشەپ بىرەر كۈن زىيانغا چىدايدىكەن...بۇ يەردە مۇشۇ سەۋەپتىن پات-پاتلا جىدەل - ماجرالار بولۇپ تۇرىدۇ، ج خ ئۇرۇنلىرىمۇ يەنىلا  ئىسپات تاپالماي ( ياكى...) ئوينىغۇچىلانى باسىدۇ.
   مۇشۇ «شاپۇرخانا» ۋە «قەرت-شاھماتخانا» دىگەندەك قىمارخانىلارغا كىرىدىغانلارنىڭ 90% بىز ئۇيغۇرلار . مۇشۇ سەۋەپتىن نى-نى ئېسىل باللار خانىۋەيران بولۇپ كەتتى.
    ھۆكۈمەت جەمىيەتنى ئېغىر دەرىجىدە قالايماقان قىلىۋاتقان ، جەمىيەت مۇقىملىقىغا، خەلق ئاممىسىنىڭ تېنچلىق-خاتىرجەملىكىگە زىيان سېلىۋاتقان بۇنداق ئۆسىمىنى نىمىشقا ۋاقتىدا داۋالىمايدۇ  ؟!!!!!!!

0

تېما

0

دوست

1341

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   34.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5647
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 320
تۆھپە : 194
توردىكى ۋاقتى: 95
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 10:28:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ مەھەللىدە ئەشۇنداق قىمارخانىدىن بىرسى بار ئىدى.بىزنىڭ قوشنىنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىشسىز قالغان بالىسىنى(داڭدار بوكسچى) يۇقىرى ئايلىق ئىشھەققى بىلەن ياللاپتۇ(پەقەت تېلىپون قىلغاندىلا بارىدىكەن،بولمىسا ئۆيدە ئۇخلايدىكەن).ئاڭلىسام ئۇيەردە بۇنداق بالىلار خېلى باركەن.نىمىش قىلىدىكەنسىلەر دەپ سورىسام،ئامانلىق قوغدايمىز دەيدۇ.ما گەپنى كۆرۈڭ:بىرقىسىم باللانىڭ «تىرىك كىرىپ،ئۆلۈك چىقىشى»نى ھاراق ياكى زەھەردىن بولدىمىكىن دەپتىكەنمەن....ھېلىقىدەك بالىلار بىرنىلا قويسا،ئۆلمىگەندىمۇ   بىرنىمە بولىدۇ دەڭ.
كىرىپ ئويناڭە!ئۇتىسىز!مىليونېر بولىسىز!ئاتا-ئانىڭىزنىڭ دۇئاسىنى ئالىسسىز!خوتۇنىڭىزمۇ ئۆيدە يالغۇز قالمايدىغان بولىدۇ!!!!!!!!!!!!!!!!

1

تېما

0

دوست

409

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9217
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 82
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 19:02:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، ھىممىتە ڭىزگە بارەك ئاللاھ .

0

تېما

9

دوست

2060

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22990
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 620
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 18:35:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىمارخانا دېگەن ھېلىقى « شاھماتخانا » لار شۇمۇ؟؟

0

تېما

9

دوست

2060

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22990
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 620
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 18:36:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر شۇنداق بولسا، ئەمسە بۇ مومكىن بولمىغۇدەك.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )