قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2111|ئىنكاس: 8

تەڭرىتاغ ئەزىمەتلىرى شىئەندە......ھۇررا !.......

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

0

دوست

212

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   70.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6592
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 42
تۆھپە : 36
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 11:40:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 تەڭرىتاغ ئەزىمەتلىرى شىئەندە......ھۇررا !!!



[align=justify]    بۈگۈن يەنى 2012 - يىلى 4- ئاينىڭ 21- كۈنى شىئەندىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قەدەر چوڭ دائىرىلىك 2012 - يىللىق نورۇز مەشرىپىدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق كاتتا يىغىلىش. مەملىكەتلىك پۇتبۇل بىرلەشمىسىنىڭ 2012- يىللىق ب دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن ساھىبخان كوماندا شەنشى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقە شۇ كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 1:00 دە قەدەمىي شەھەر شىئەندە ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن شىئەندە ئوقۇۋاتقان ، بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان، خىزمەت ۋە ساياھەتكە كەلگەن ھەم سودا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلار ۋە يەرلىك كىشىلەر بولۇپ جەمئى 5000 دىن ئارتۇق تاماشىبىن نەق مەيدان مۇسابىقىنى كۆردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 500 گە يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈسىتىگە كۆك رەڭلىك مايكا كېيىۋالغان بولۇپ، مەيدىسىگە ‹‹ ھۇررا، شىنجاڭ ›› دەپ چوڭ خەت بېسىلغان ئىدى. ئوڭ مەيدىسىگە ئېنگلىزچە 1927 - يىلى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقارالىق پۇتبۇل مۇسابىقىسىنىڭ ئۇچۇرى يېزىلغان بولۇپ، كەينىگە ئاتۇش ئېكساق دېھقانلار كوماندىسىنىڭ ئەنگلىيە كوماندىسىنى 2:1 نەتىجە بىلەن، شىۋىتسىيە كوماندىسىنى 7:0 نەتىجە بىلەن يېڭىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىدى. [align=justify]     مۇسابىقە ھۇررا سادالىرى ئىچىدە باشلىنىپ باشتىن - ئاخىر قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى. مۇسابىقە جەريانىدا تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىش - سادالىرى ئۈزۈلمىدى، بولۇپمۇ، ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ۋاقىراش ، ئىسقىرتىشلىرى پۈتۈن مەيداننى ئىنتايىن لەرزىگە سېلىۋەتكەن ئىدى. بەزىلەرنىڭ ۋاقىراپ ئاۋازلىرى پۈتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ھەرگىز توختاپ قالمىدى. ئۇلار خۇددى يېڭىلمەس زور بىر قوشۇندەك ئەزىمەتلىرىمىزگە توختىماستىن مەدەتلەرنى بەرمەكتە. بىزنىڭ تەنھەركەتچىلىرىمىزمۇ بىزنىڭ ۋە پۈتكۈل دىيارىمىزدىكى قېرىنداشلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن رىقابەتچىلىرى بىلەن جاپالىق ئېلىشتى. [align=justify]     ۋاقىت ئۆتۈۋەردى، مۇسابىقە جىددىي داۋاملاشماقتا. بۇ كەسكىن ئېلىشىش ۋە تىركىشىش ھەممەيلەننى جىددىيلەشتۈرىۋەتتى. 1- مەيدان 0:0 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى. 2- مەيدان مۇسابىقىمۇ ئەندىشە ئىچىدە داۋاملاشماقتا، ئەزىمەتلىرىمىز ئۆز - ئارا ياخشى ماسلىشىپ، بارلىق تاكتىكىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ھەتتا يارىلىنىپ، كۆپ قېتىم ھۇجۇمغا ئۆتسىمۇ، شۇنچە كۆپ توپ مەستانىلىرنىڭ مەدىتى بىلەن ئۆزلىرىگە روھى كۈچ ئېلىۋاتقان ساھىبخان كوماندىنىڭ ھەيۋىسىنى يەنىلا سۇندۇرالمايۋاتقان ئىدى. بىراق ، بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سۈر - ھەيۋىسى يەنىلا ھەممىنى بېسىپ چۈشۈپ چۈشەتتى. بۇنىڭدىن ھاڭ - قالغان ھەر قايسى تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرى ئالاھىدە ئالدىمىزغا كېلىپ، بۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشنى سىنغا ئېلىشتى ۋە سۈرەتكە تارتىشتى. مانا مۇشۇنداق ئۆز - ئارا قوللاش، مەدەت بېرىشنىڭ تەسىرى بىلەن مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا 3 مىنۇت قالغاندا مۇسابىقىدە جىددى ئۆزگىرىش كۆرۈلدى. ئەزىمەتلىرىمىز چىريلىق پاسلىشىپ، بىردىنبىر ھالقىلىق غەلىبە توپىنى ئۈسسۈپ كىرگۈزدى. مانا بۇ ئىناقلىق، ھەمكارلىق ، دوستلۇق ۋە ئۆملۈكنىڭ غايەت زور كۈچ - قۇدرىتى ئىدى. بۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ ئالقىش چۇقانلىرىمز تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، ھۇررا- سادالىرىمىز شىئەن ئاسمىنى لەرزىگە سېلىپ، ھەتتا نەچچە مىڭ يىل ئۇيقۇدا ياتقان قەدەمىي جەسەتلەرنىمۇ قورقۇتۇپ ئويغۇتىۋەتكۈدەك دەرجىدە يىراق - يىراقلارغا تارقىلاتتى. [align=justify]     مۇسابىقە ئاخىرلاشتى، بىز ئەزىمەتلىرىمىزدىن سۆيۈندۇق، پەخىرلەندۇق. ئۇلار ئالدىمىزغا ئۇچقاندەك يۈگرەپ كېلىپ قوللىرىنى كۆكسىگە ئېلىپ، بىزگە ھۆرمىتىنى، رەھمىتىنى بىلدۈرۈشتى. ھەممەيلەن كۆزلىرىدە خوشاللىق، غەلىبە جىلۋىسى، ھەتتا بەزىلەر ھاياجاندىن يىغلاپ تاشىلىدى. بىز كۆرۈش سۇپىسى ئۈستىدە، ئەزىمەتلىرىمىز پەستە. بىر - بىرىمىزگە قانماي بېقىشاتتۇق، توۋلىشاتتۇق، تەبرىكلىشەتتۇق. كۆڭلۇمىزدە نىمىلەرنىدۇر سىرداشقۇمىز كېلەتتى. لېكىن بىزنىڭ نىشانىمىز، دۇئا - تېلەكلىرىمىز ۋە ئارزۇ - ئارمانلىرىمىز ئۇخشاش ئوخشاش ئىدى. بىز ئۇلارنى تونۇمايتتۇق، ئۇلارمۇ بىزنى تونۇمايتتى، بىراق بىزنىڭ يۈرۈكىمىز، كۆزلىرىمىز، غايىلىمىز، ئۈمىدلىرىمىز تونۇشاتتى. يۇرت سۆيگۈسى، يۇرت مۇھەببىتى ۋە ئىستكلىرىمىز ، قىسمەتلىرىمىز بىزنى تونۇتتى. قەلبىمىزدە بىرلا سۆز ، ئۇ بولسىمۇ، ئۆملۈك، ئۆملۈك يەنە ئۆملۈك !...... [align=justify]تۆۋەندە مۇسابىقىنىڭ بىر قىسىم سۈرەتلىرىنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق [align=justify]
مۇسابىقىدىكى ئەڭ ھاياجانلىق مىنۇتلار[align=justify]http://player.youku.com/player.php/sid/XMzg1MDM4OTg0/v.swf[align=justify]ئالدىنقى يېرىم مەيدان[align=justify]http://player.youku.com/player.php/sid/XMzg1MDYyOTUy/v.swf[align=justify]كېيىنكى يېرىم مەيدان [align=justify]http://player.youku.com/player.php/sid/XMzg1MDYyOTUy/v.swf[align=justify]قوشۇمچە:  شىئەن 2007 - يىللىق << تەڭرىتاغ لوڭقىسى >> پۇتبۇل مۇسابىقىسى [align=justify]http://player.youku.com/player.php/sid/XMzg1MDY5ODU2/v.swf[align=justify]قوشۇمچە: شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى 2012 - يىللىق نورۇز مەشرىپى خەۋەرلىرى [align=justify]http://bbs.alkin.cn/read.php?tid=6160
http://bbs.xjtsnews.com/forum.php?mod=viewthread&tid=11854
./read.php?tid=7833
http://bbs.misranim.com/thread-75540-1-1.html

现场11.jpg
现场12.jpg
现场13.jpg
现场14.jpg
现场15.jpg

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12044
توردىكى ۋاقتى: 4345
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 22:17:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلار موشۇ مۇسابىقە مەيدانىدىلا خاتىرجەم ۋارقىراپ ئۆز بېسىمىنى يىنىكلىتەلىگۇدەك ،  بولمىسا كوچىدا ۋارقىرىسىڭىز ساراڭ دىسغۇ مەيلى ، تىرۇرچى دەپ قالسا چاتاق دەڭا .............

مەنمۇ قومۇلدىكى پۇتبول  مۇسابىقىلىرىنى كۆرۇپ بۇنداق ئەركىن ۋارقىراشنىڭ پەيزىنى سۇرۇپ باقتىم ،
ئادەمنىڭ ئىچى قارنى خېلى يورۇپ قالىدىكەن ،شۇڭا ياۋرىپالىقلار كوچىدىن كىرمەي ۋارقىراپ يۇرۇيدىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم ، ئىھتىمال مۇشۇنداق ۋارقىراشنىڭ تەن ۋە رۇھى ساغلاملىققا پايدىسى كۆپتۇر بەلكىم
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

3

تېما

0

دوست

3984

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   66.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6236
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 960
تۆھپە : 571
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 22:20:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىز گە تىما ئىگىسى مۇشۇنداق ياخشى خەۋەرلەرنى بىزگە يەتكۇز گىنىڭىزگە .توپچىلىرىمىز مۇ ناھيىتى كۇچەۋاتىدۇ ھۇررا كولۇبىمۇ مۇشۇ شىنجاڭنىڭ پۇتبولچىلىقىغا زور مەدەتلەرنى بېرىۋاتىدۇ ،ئۇيغۇر ئۇچۇن توپ تەپكەن ،ئۇيغۇر پوتبولچىلىرىغا مەدەت بېرىۋاتقانلار كۆپ تەشەككۇر .

5

تېما

0

دوست

3819

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   60.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  766
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 905
تۆھپە : 541
توردىكى ۋاقتى: 192
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 22:28:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
5 - ئاينىڭ  12 - كۈنى   ئۈرۈمچىدىكى   مۇسابىقىنى  كۆرگىلى  چوقۇم  بارىمەن  .

10

تېما

0

دوست

7004

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   40.08%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2666
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1694
تۆھپە : 1002
توردىكى ۋاقتى: 280
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 03:09:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاتتا خەۋەركەن!!! بولۇپمۇ غەلبە ھېسياتىنىڭ ئورتاقلىشىشى... ھەقىقەتەن بۇ نەتىجە تەنھەركەچىلەرگىلا ئەمەس مەدەتچىلەرگىمۇ خاستۇر!!! ياشاپ كېتىڭلار ئەزمەتلەر!!! ئاخىرقى ئۈچ مىنۇت!! مانا بۇ روھ ۋە چىدام!!! ھەقىقەتەن قاتتىق تەسىرلەندىم... ... ئەلۋەتتە ئاخىرقى نىشان كەلگۈسى، ئۆملۈك بىلەن قىلىنغان ھۇجۇمدا دۇشمەن ھەر قانچە كۈچلۈك بولسىمۇ ئۇنىڭغا ئەڭ زور خەۋىپ ئېلىپ كېلەلەيدۇ...

0

تېما

0

دوست

10

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   3.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  197
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2012-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 19:40:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0

تېما

0

دوست

10

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   3.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  197
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2012-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 20:05:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەملىكەتلىك پۇتبۇل بىرلەشمىسىنىڭ 2012- يىللىق ب دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى تۆۋەندىكى توربەتتىن كۆرگەيسىلەر!
يۇرتىمىز كوماندىسى شىمالي رايون گۇرۇپپىسىدا،ئەزىمەتلەرنىڭ تەپسىلى خەۋەرلىرى بار!

http://sports.sohu.com/s2008/7416/s257087416/
Img341386038.jpg

3

تېما

0

دوست

2661

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   22.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6364
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 588
تۆھپە : 430
توردىكى ۋاقتى: 258
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 00:40:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا  ئەز مەتلەر!!!!!!!!!!.   مەن  راستىنلا  بەك ھاياجانلاندىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )