قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5569|ئىنكاس: 49
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

نېمىشقا ئوقۇش تارىخى تۆۋەنلەر ئۈندىداردا ھەمىشە ئاۋازلىق پاراڭل...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

2

دوست

874

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55209
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 40
تۆھپە : 275
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-10
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-17 22:04:19 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
CEO باشقۇرۇش ئۈزۈندىلىرى سالونىدىن نۇر تورى تەرجىمە قىلدى:

مېنىڭ ئۈندىدارىمدا تۆت توپ بار:

A بولسا باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ساۋاقداشلار توپى

B بولسا ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقداشلار توپى

C بولسا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقداشلار توپى

D بولسا ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقداشلار توپى

بۇ تۆت توپنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى: توپ ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئوقۇش تارىخى سەۋىيەسى ئوخشىمايدۇ. چۈنكى ھەربىر ئادەم باشلانغۇچتىن ئالىي مەكتەپكىچە بىرگە ئوقۇپ بولالمايدۇ، كۆپىنچىلەر ئوتتۇرا يولدا چۈشۈپ قالىدۇ، شۇڭا A توپتىن D توپقىچە بولغانلارنىڭ ئوقۇش تارىخى پەيدىنپەي يۇقىرىلاپ ماڭغان.

بىر ئىنتايىن ئەھمىيەتكە ئىگە ھادىسە بولسا: مەن ئوقۇش تارىخى قانچە تۆۋەن توپنىڭ ئۆزئارا ئاۋازلىق پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى؛ ئوقۇش تارىخى قانچە يۇقىرى بولسا خەت يېزىشنى شۇنچە ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بايقىدىم!

مەنمۇ ئۈندىداردا ئاۋاز يوللايدىغانلاردىن بارغانسېرى بىزار بولۇشقا باشلىدىم.

بەزىدە بىر توپنى ئېچىپ، كۆپچىلىكنىڭ نېمىنى پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ باقماقچى بولساق، ئەگەر ئاۋازلىق بولسا ئاڭلاشتىن ئېرىنىپ قالىمىز.

ئاۋازلىق ئۇچۇرنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ئاستا، ھەربىر ئاۋازنى ئېچىپ جىممىدە تۇرۇپ ئاڭلىشىڭىز كېرەك، بەزىلەر پات-پات يەرلىك شىۋىسىنى ئارىلاشتۇرۇۋالىدۇ، بىر قېتىم ئاڭلاپ چۈشەنمىسىڭىز قايتا ئاڭلاشقا توغرا كېلىدۇ؛ يەنە كېلىپ ئاۋازنى ئۆتكۈزۈۋەتكىلى بولمايدۇ...

ئەكسىچە، ئەگەر يېزىق بولسا ئۇچۇرنى قوبۇل قىلىش ئۈنۈمى تېز بولىدۇ، مۇنداقلا قاراپ ئۆتۈپ كەتسىڭىزمۇ بولىدۇ، ياكى تەپسىلىي ئوقۇسىڭىزمۇ بولىدۇ، يەنە تېخى ساقلىۋالغىلى، تارقاتقىلى، ئورتاقلاشقىلى بولىدۇ، ئىشقىلىپ كىشىگە ئازادىلىك بېغىشلايدۇ.

شۇڭا، ئاۋاز يوللىغان كىشىلەر ھەمىشە ئۆزىگە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، پەقەت كۇنۇپكىنى بېسىپ بىردەم سۆزلىسىلا ئاخىرلىشىدۇ؛ لېكىن خەت يازىدىغانلار ھەمىشە باشقىلارغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن بولۇپ، باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلماسلىقنى ئۈمىد قىلىدۇ.

بۇ دەل ئاۋاز ۋە يېزىقنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى!

ئادەمنىڭ ئەڭ تەڭلىكتە قويىدىغىنى: ئەگەر يىغىن ئېچىۋاتقان، مېھمانلار بىلەن كۆرۈشۈۋاتقان ياكى ئاممىۋى سورۇندا بولسىڭىز، باشقىلار يوللىغان ئاۋازلىق پاراڭنى ئاڭلامسىز ياكى ئاڭلىمامسىز؟

مۇھىم ئىشتىن خەۋەرسىز قېلىشتىن قورقىسىز، شۇنداق قىلىپ ئاڭلاشنى باشلايسىز، شۇنداق قىلىپ تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ:

ئەگەر ئاۋازنى سىرتىغا چىقىرىپ ئاڭلىسىڭىز، ئەتراپىڭدىكى كىشىلەرمۇ ئاڭلاپ قالىدۇ.

ئەگەر كانىيىدىن ئاۋازىنى چىقىرىپ ئاڭلىسىڭىز ئېنىق ئاڭلىيالمايسىز، ئاندىن ئاۋازىنى تەڭشەپ قايتا ئاڭلاشقا مەجبۇر بولىسىز.

ئاۋازىنى چوڭايتقاندىن كېيىن يەنىلا ئېنىق ئاڭلىيالمايسىز! شۇنداق قىلىپ ئاۋازنى سىرتىغا چىقىرىپ، ئاندىن ئاۋازىنى پەسەيتىپ، يانفون كانىيىنى قۇلاققا ياقىسىز، ئاندىن قول بىلەن يانفون ۋە قۇلاقنى ئىتىۋالىسىز، خۇددى باشقىلار بىلەن بىر ئىشنى مەخپىي پىلانلاۋاتقانغا ئوخشاپ كېتىدۇ...

يەنە بەزىدە مۇنداق بولىدۇ: كانىيى ئارقىلىق ئاۋازنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز، ئاقىۋەت قۇلاققا ياقسىڭىز ئاۋازنى ئاڭلىيالمايسىز، ئەسلىدە يۈزىڭىز ئېكرانغا تېگىپ ئاۋاز توختاپ قالغان بولىدۇ!

ماقۇل، ھەممىسى نورمال بولغان ھالەتتىمۇ، 59 سېكۇنتلۇق بىر ئۇچۇرنى 49 سېكۇنت ئاڭلاپ بولغاندا، تۇيۇقسىز يەنە بىر ئاۋازلىق ئۇچۇر كەلسە، ھەممىنى قايتىدىن ئاڭلاشقا توغرا كېلىدۇ...

ھەمدە ئاۋازلىق پاراڭلاشقانلار كۆپىنچە ۋاقىتتا سىز بىلەن قۇرۇق پاراڭ قىلىدۇ، 60 سېكۇنتلىق ئاۋازىنى ئاڭلاپ بولسىڭىز، ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر پەقەت نەچچە سېكۇنتلۇق...

ئۈندىدار بۇرۇنلا ئاۋازنى يېزىققا ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما 60 سېكۇنتلۇق ئاۋازنى ئايلاندۇرۇشقا ھېچ بولمىغاندا 15 سېكۇنت ۋاقىت كېتىدۇ ھەمدە كۆپىنچە ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللىغۇچىلار ئۆلچەملىك تىلدا سۆزلىمەيدۇ، يېزىققا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن قالايمىقان ئىكەنلىكىنى بايقايسىز...

ئىشقىلىپ مەن دائىم بۇنداق ئەھۋالغا ئۇچرايمەن، ساراڭ بولاي دەپ قالىمەن، قارشى تەرەپنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكۈم كېلىدۇ!

ساڭا ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللىغانلارنىڭ ھەممىسى شەخسىيەتچى، ئۇلار ئۆزىگە قولايلىق بولۇشىنىلا ئويلايدۇ، كۇنۇپكىنى بېسىپ، ئېغىزىنى مىدىرلىتىپ قويۇپلا ئىشىنى پۈتتۈرىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ ئۇچۇرنى قوبۇل قىلىشىغا قانداق جەريان كېتىدىغانلىقى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ.

لۇشۈن مۇنداق دېگەن: ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغانلىق پۇلنى دەپ جانغا زامىن بولغانلىق. كونىلار «ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت» دېگەن!

ماڭا ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللىغانلارغا شۇنى دېگۈم كېلىدۇ، سىلەر مېنىڭ بايلىقىمنى بۇلاۋاتىسىلەر!

ھازىر جەمئىيەتنىڭ رېتىمى شۇنداق تېز تۇرسا، كۆپچىلىك ئالاقە قىلغاندا تېخىمۇ سەمىمىي بولساق بولمامدۇ؟ ئۆتۈنۈپ قالاي!

ئەمەلىيەتتە، ئۈندىدارنىڭ ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللاش ئىقتىدارىنى كەشىپ قىلىشى يېقىنلار ئۆزئارا ئالاقە قىلىشى ئۈچۈندۇر. ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللىغۇچى ئاتا-ئانىڭىز، ئايالىڭىز، مۇھەببىتىڭىز، بالىڭىز بولغاندا، ئاندىن ئاۋازنى ئاڭلىسىڭىز ئەھمىيتى بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسىڭىز خۇشال بولىسىز.

بۇنىڭدىن سىرت، سىزگە ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللىغانلار ئۆزمەپتۇن كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بولۇپ، ئۇلار ھەمىشە ئۆزىنىڭ ھەممە نېمىسىنى نامايان قىلغۇسى كېلىدۇ، ئاۋاز يوللىسا ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئىش قىلغاندەك بولىدۇ.

پەقەت ئىككى خىل ئەھۋال ئاۋازلىق پاراڭلىشىشقا ماس كېلىدۇ: بىرى تۇغقانلار ئارا، يەنە بىرى سۆيگىنىمىز بىلەن.

بۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق ئادەم ئاۋازلىق پاراڭلىشىشقا ھەقىقەتەن ماس كەلمەيدۇ!

تەكىتلەشكە تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا شۇكى، ئاۋازلىق سۆزلىشىشنىڭ بىر يوشۇرۇن ئارتۇقچىلىقى بار: سۆزلىشىش خاتىرىسىنى سۈرەت شەكلىدە كېسىپ ساقلىۋېلىش ئاۋارىچىلىقىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، بەزىلەر ئۆزىنىڭ سۆزلىرىنى ساقلاپ ئىسپات قىلىۋېلىشىڭىزنى خالىماي، سىزگە ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللايدۇ. شۇڭا سىز قارشى تەرەپتىن ئاگاھ بولىشىڭىز كېرەك.

شۇڭا مەن پەقەت بىر خىل ئەھۋالدا ئاندىن باشقىلارغا ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللايمەن، يەنى ماشىنا ھەيدەۋاتقان ياكى تاماق قىلىۋاتقاندا، ئەلۋەتتە قارشى تەرەپكە ھازىر ئالدىراشلىقىمنى، ۋاقىت چىققاندا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىمنىمۇ ئەسكەرتىپ قويىمەن.

نېمىشقا ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەتى سۆزلىشىشنى ئەمەس، بەلكى يېزىقنى بەلگە قىلىپ بارلىققا كەلگەن، تېخى فىلىمنى بەلگە قىلغانمۇ ئەمەس؟ تۈپكى سەۋەبى: يېزىق ئاندىن ئىنسانلار مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ ھەقىقىي ۋاسىتىسى.

يېزىقنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە قىسىلغان ئۇچۇر ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك، ئۇچۇر زىچلىقى ئاۋازغا قارىغاندا ناھايىتى كۆپ. تۆت داڭلىق ئەسەرنى قوشساقمۇ 10MB كەلمەيدۇ، 10 مىنۇتلۇق مۇزىكا ياكى بىر مىنۇتلۇق فىلىمنىڭ سىغىمى 10MB كەلمەيدۇ.

كۆپچىلىك ئويلاپ باقايلى، ئەگەر بۇ دۇنيادىكى ئۇچۇرلار ئاۋازلىق ياكى فىلىملىق بولسا، ئۇنداقتا يەر شارى راستىنلا پارتلاپ كەتمەمدۇ!

ئىنسانلار مىڭ تەستە «يېزىق»نى كەشىپ قىلىپ مەدەنىيەتلىك دەۋرگە كىرسە، سىلەر چېكىنىپ ئاۋازلىق ئالاقە دەۋرىگە قايتامسىلەر؟!

شۇڭا، مېنى ھۆرمەت قىلماقچى بولسىڭىز، ماڭا ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللىماڭ!


bagdax

2

تېما

9

دوست

905

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   81%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25565
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 275
توردىكى ۋاقتى: 37
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-31
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-17 22:24:28 |ئايرىم كۆرۈش
ئاۋازلىق پاراڭلىشىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوقۇش تارىخى تۆۋەن بولىشى ناتايىن...ئادەتتە مەنمۇ ئۈندىدار ئاۋازلىق پاراڭلىشىشنى ياقتۇرمايمەن..مەيلى قايسى جەھەتتىن بولسۇن بەزى ۋاقىتلاردا بەكلا قولايسىز ...[/b]

Немә десәң дәвәргин сөзүм шу

23

تېما

10

دوست

4081

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   69.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22057
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 55
تۆھپە : 1205
توردىكى ۋاقتى: 111
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-5

پەخىرلىك ئەزا

ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-17 22:27:57 |ئايرىم كۆرۈش
ئ‍ەسسالام ئ‍ەلەيكۇم قېرىندىشىم سىز ھازىر جەمئىيەتتە ئ‍ەڭ مودا بولىۋاتقان ھەممە بىلىدىغان ئ‍ەمما كۆڭلىدىن چىقىرالمايۋاتقان مۇڭداشقۇ(تىلىمىزدىكى شالغۇت،قېچىرسۆز ئ‍اتالغۇسى Wechat 微信ئۈن دىدار)كېسەللىكى ھەققىدە ئ‍ەتراپلىق ئ‍ىزدىنىپسىز،ھارمغايسىز،قەلىمىڭىزگە بەرىكەت،كۆڭلىڭىزگە ياخشلىق يا بولسۇن،مەن خىزمەت ۋاقتىدا خىزمەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا ئ‍اڭلاپ قويىمەن،چەمبىرەكنى تۇققانلار،ساۋقداش،ئىشداش،ئوقۇغۇچى....دەپ ئ‍ايرىم توپقا ئ‍ايرىۋالدىم،شۇڭا خىزمەتتىن باشقا چەمبىرەك توپىنى ئ‍ىشتىن چۈشۈپ ئ‍اڭلاپ قويىمەن،ئادەتتە يېزىقلىق يازما بولسا  كۆڭۈل قويۇپ ئ‍وقۇيمەن،مەن سىز ئ‍ايرىغان توپ ئ‍ىچىدىكى 4-توپ D توپىغا مەنسۇپكەنمەن،ئەمما قالغان 3 توپنى كەمسىتمەيمەن،چۈنكى ھەممەيلەننى يازغۇچى بول دەپ يوقۇرى تەلەپ قويساق تازا قاملاشمايدۇ،"قۇچقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن"،بىراۋ سۆزلەشكە ئ‍ۇستا ،بىراۋ يېزىققائ‍ۇستا،يەنە بىراۋ ھەر ئ‍ككىسىگە ئ‍ۇستا بولۇشىمۇ مۇمكىن،مەنچە تېما ياخغى قويۇلماپۇ، مۇمكىن بولسا ئ‍اۇ ھاقارەت تىپىدىكى تېمىنى ئ‍ۆزگەرتىپ قويارسىز ياكى بولمىغاندا باشۇرغۇچىلار ئ‍ۆزگەرتىپ قويۇشىنى باغداش تورىدىكى80000دىن ئ‍ارتۇق  تورداشلار نامىدىن قەتئىي تەلەپ قىلىمەن،چۈنكى ئ‍ىنسانلار ھوقۇقدا باپ- باراۋەردۇر دەپ قارايمەن،ھەممە نەرسە مۇۋاپىق بولسىلا كۇپايە،ئەمما ئ‍ىنساننى تەبىقە ۋە دەرىجىگە ئ‍ايرىۋېلىش  مەنچە ئ‍اخماق-نادانلارنىڭ ئ‍ىشى،"ھەممە ئ‍ۆز تەقدىرىنىڭ خوجايىنىدۇر"،شۇڭا ئ‍ادەتتە خىزمەتنى ياخشى ئ‍ىشلەش ئ‍الدىنقى شەرتى ئ‍استىدا ھەر كۈنى ئ‍ىشخانا ۋە ئ‍ۆيدە ،كومپيوتېر،سۆزلەشكۈدەا تورغا چىقىپ دۇنيا يېڭىلىقتىن خەۋەردار بولىمەن،بولمىسا مەن ۋەزىيەت ئ‍ارقىدا قېلىشىم تۇرغانلا گەپ.سىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى يازمىلارنى  يېزىپ چىقىشىڭىزنى ئ‍ۈمۈد قىلىمەن،خەير خوش ،ئ‍امان بولۇڭ!

0

تېما

1

دوست

5150

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33176
يازما سانى: 313
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3
تۆھپە : 1598
توردىكى ۋاقتى: 448
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-11
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-17 22:30:59 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SARSAN_8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-12-17 23:44  

    قۇرۇق چىلەك بەك تاراڭشىدۇ .
bagdax

2

تېما

23

دوست

2011

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81560
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 562
توردىكى ۋاقتى: 159
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-2

قىزغىن ئەزا

5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-17 22:41:57 |ئايرىم كۆرۈش
بىر  كۈن كەشكىچە  ئ‍ۈندىدار ئ‍ويناپ بېشىنى يانفۇندىن كۆتۈرمەيۋاتقانلارغا ھەيرانمەن…مەنغۇ  ئ‍ۈندىدارنى تاقىۋەتكىلى  بىر يىل بولاي  دىدى…
ھەرقانداق ئ‍ىش قىلماقچى بولسام  ماڭا پايدىسى بارمۇ يوق؟  پايدىسى بولسا  قانداق پايدىسى بار دېگەننى ئ‍اۋۋال ئ‍ويلىشىدىغان بولدۇم…

10

تېما

7

دوست

2627

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55887
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 833
توردىكى ۋاقتى: 268
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-1
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-17 22:55:08 |ئايرىم كۆرۈش
مەن ئالدىراش ھەم ئوقۇش تارىخىم تۆۋەن ئاۋازلىق پاراڭلىشنى ياخشى كۆرىمەن

0

تېما

0

دوست

214

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   71.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  86322
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-8
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-18 00:30:17 |ئايرىم كۆرۈش
ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ 15-20 يىل كۆرۈشمىگەنلەر بىر-بىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشقا خۇشتار دەپ قارايمەن.

4

تېما

17

دوست

4574

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   85.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  77182
يازما سانى: 516
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1335
توردىكى ۋاقتى: 595
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-16
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-12-18 10:23:12 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   umud007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-12-18 10:26  

بۇ تېمىدا ئېيتىلغان مەسىلىنى مۇتلەق دىيىشكە بولمىسىمۇ ، ئەمما غالىپ رىئال مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ. ئېھتىمال بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىدەك بولىشى مۇمكىن:

1-ئوقۇش نەتىجىسى ياخشى بولغان كىشى  خەتنى ياخشى كۆرگەن كىشى، ئۇنىڭ خەت يېزىشقا مۇھەببىتى بولىدۇ. ئەكسىچە ئوقۇش نەتىجىسى ياخشى بولمىغان كىشى ئېھتىمال خەتنى ئانچە ياخشى كۆرمەيدىغان كىشى.
2-ئوقۇش نەتىجىسى ياخشى بولمىغان كىشىنىڭ ئېھتىمال ئىملاسى چىرايلىق ئەمەس،يەنى خەت يازغاندا ئىملاغا دىققەت قىلمايدۇ (خوتەنلىك بولسا تېخىمۇ شۇنداق،«ر»نىڭ ئورنىغا «ي» نى يېزىپ قويىدۇ)دە - خىجىل بولۇپ قالىدۇ.(خوتەنلىك دوستلارغا تىگىپ كەتمىگەي ،ئەمەلىيەتتە مەنمۇ خوتەنلىك)
3-ئوقۇش نەتىجىسى ياخشى بولمىغان كىشى ھورۇن كېلىدۇ. شۇڭا خەت يېزىشقا ئېرىنىدۇ ۋە ئاۋارىچىلىق ھېس قىلىدۇ.

خۇلاسە قىلغاندا ؛ يېزىق ئارقىلىق ياكى ئاۋاز ئارقىلىق ئالاقە قىلىش ھەر كىشىنىڭ ئۆز ئەركىنلىكى. ئەمما تېمىدا يېزىق ئارقىلىق ئالاقە قىلىش تەشەببۇس قىلىنىپتۇ، دەر ھەقىقەت يېزىق ئارقىلىق ئالاقە قىلىش كىشىگە بىرخىل قولايلىق ۋە ئازادىلىك ئېلىپ كېلىدۇ.شەخسەن مەن ئۆزۈم  يېزىق ئارقىلىق ئالاقە قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن ۋە دوستلىرىمنىڭمۇ ئىملاغا دىققەت قىلغان ھالدا يېزىق ئارقىلىق ئالاقە قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )