قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1629|ئىنكاس: 2

ماۋزىدۇڭ نىمىشقا دالاي لامانى توسىمىغان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

87

تېما

0

دوست

2459

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 557
تۆھپە : 283
توردىكى ۋاقتى: 335
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 13:05:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 ماۋزېدۇڭ نېمىشقا دالاي لامانى توسمىغان؟


ماۋزېدوڭ نىمىشقا دالاي لامانىڭ سىرىتقا قېچىشىنى توسىماسلىق توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن .شىزاڭدىكى ئەكسىيەتچىلەر مەخسەتلىك بۆلگۈنچىلىك قىلغاندالاي لاما بىلەن بەنچەن ھەزرەت 1956-يىلنىڭ ئاخىرىدا تەكلىپكە بىنائەن ھىندىستاندا زىيارەتتە بولغان.شىزاڭنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ئەكسىيەتچىلەر چەتئەلدىكى دۈشمەن كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاغدۇرمىچىلىق قىلىپ،دالاي لامانىڭ شىزاڭغا قايتىشىنى تۇسۇپ،ھىندىستاندا «چەتئەل سەرگەردان ھۆكۈمىتى»قۇرماقچى بولغان.ئۇلار شىزاڭنىڭ چاڭدو رايۇنىدىكى بەزى رايۇنلاردا قوراللىق توپلاڭ كۆتۈرۈپ،دالاي لامانىڭ ھىندىستاندا قېپقالغاندەك ۋەزىيەت شەكىللەندۈرمەكچى بولغان.
مەركەز شىزاڭنىڭ تارىخى ۋە رىئال ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ،سەۋرىچانلىق بىلەن كۈتۈش فاڭجىنىنى قوللىنىپ،2-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ( 1958-1962) ئىسلاھات ئېلىپ بارماسلىقنى قارار قىلغان بۇلۇپ،ئالتە يىلدىن كېيىن ئىسلاھات ئېلىپ بىرىش-بارماسلىقنى يەنىلا شىزاڭلىقلار ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋال ۋە شارائىتقا ئاساسەن بەلگىلەيدىغان بولغان.شىزاڭدا 1957-يىلى «ئالتە يىلغىچە ئىسلاھات ئېلىپ بارماسلىق» فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن مەركەز شىزاڭدىن 30مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر ۋە خىزمەتچىنى چىكىندۈرۈپ چىقىپ،شىزاڭدا 10 مىڭدىن كۆپرەكلا ئەسكەر ۋە خىزمەتچىنى قالدۇرغان.شۇڭا شىزاڭنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى بۆلگۈنچىلەر «توپىلاڭ كۆتىرىدىغان پۇرسەت پىشىپ يىتىلدى»دەپ قارىغان.شىزاڭدىكى توپلاڭچىلار 1957-يىلى مايدا لاساغا يىغىلىپ، «چۈشىگاگجۇ» (سىچۈەن،يۈننەن،گەنسۇ،چىڭخەي قاتارلىق زاڭزۇلار توپلاشقان رايۇنلارنى كۆرسىتىدۇ) دىگەن توپلاڭچى تەشكىلات قۇرۇپ،بۇ رايۇنلارنى شىزاڭ بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ،«بۈيۈك شىزاڭ جۇمھۇريىتى» قۇرماقچى بولغان.1959-يىلى ئەتىيازغا كەلگەندە 1 مىليون 200 مىڭ ئاھالىگە ئىگە شىزاڭدا قوراللىق توپلاڭچىلار 23 مىڭغا يەتكەن.بۇنىڭ ئىچىدە توپلاڭچىلارنىڭ تايانىچ كۈچى بولغان «تىبەت ئارمىيىسى»نىڭ سانى 1951-يىلدىكى 1400دىن 3000غا يىتىپ ئېشىپ كەتكەن.ماۋزېدوڭ توپلاڭچىلارنى تىنجىتىش چارىسىنى بېكىتكەن.توپلاڭچىلار 1959-يىلى 10-مارت دالاي لامانىڭ شىزاڭ ھەربىي رايۇنىدا ئۇيۇن كۆرۈش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ چاتاق چىقارغان.ئۇيۇن كۆرۈشنى دالاي لاما ئۆزى ئوتتۇرغا قويغان ھەم شىزاڭ يەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغان.لېكىن توپلاڭچىلار «خەنزۇلار دالاي لامانى زەھەرلەپ ئۆلتۈرمەكچى بۇلۋاتىدۇ» دەپ پىتنە-پاسات تارقاتقان ھەم بۇنى باھانە قىلىپ،ئاۋال لاسادا توپلاڭ كۆتۈرگەن.خۇبىينى كۆزدىن كەچۈرۋاتقان ماۋزېدوڭ 11-مارت ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى،غەربىي جەنۇپ بىيرۇسى،غەربىي جەنۇپ ھەربىي رايۇنى،شىزاڭ خىزمىتى كومىتېتى ۋە شىزاڭ ھەربىي رايۇنىغا جىددى تېلگىرامما يوللاپ: شىزاڭ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ھازىرقى تاكتىكىسى ھەربىي جەھەتتە مۇداپىيىدە تۇرۇپ،سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك ھۇجۇمغا ئۆتۈش.بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت-شىزاڭنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنى ئىچكى جەھەتتە پارچىلاپ،تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بىز تەرەپكە ئۆتكۈزۈش»دىگەن.ماۋزېدوڭ يەنە:«دالاي لاما ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى قاچماقچى بولسا،ئارمىيىمىز ئۇلارنى ھەرگىز توسىمىسۇن» دەپ ئالاھىدە كۆرسەتمە بەرگەن.ماۋزېدوڭ 15-مارت يەنە ۋۇچاڭ شەرقىي كۆلدىكى داچىدا جاڭ جىڭۋۇ ۋە جاڭ گوخۇا بىلەن كۆرۈشۈپ،شىزاڭدىكى ئېغىر ۋەزىيەت ھەم توپلاڭنى تىنجىتىش،دىمىكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بىرىش قاتارلىق مەسىللەردە پىكىرلەشكەن.ماۋزېدوڭ:«يامغۇرنىڭ ياققۇسى كەلسە يېغىۋىرىدۇ،تۇل خۇتۇننىڭ ئەرگە تەككۈسى كەلسە تىگىۋىرىدۇ.ئۇلارنىڭ سىنپىي ماھىيىتى ئۇلارنىڭ چاتاق چىقىرىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن»دىگەن.
ئۇ يەنە:«توپلاڭ چىقارغان بولسا ياخشى بوپتۇ،ئاۋال توپلاڭ كۆتۈرسە،ئاۋال ئۆزگەرتىمىز، كېيىن توپلاڭ كۆتۈرسە،كىيىن ئۆزگەرتىمىز،توپلاڭ كۆتۈرمىسە،ئالدىرىماي ئۆزگەرتىمىز ئەمەسمۇ.ئۇلار ھازىر توپلاڭ كۆتۈرۈپتۇ،شۇڭا،بىز بىر تەرەپتىن توپلاڭنى تىنجىتساق،يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزگەرتىمىز.بىزنىڭ باش فاڭجىنىمىز-ھەربىي جەھەتتە زەربە بىرىش ۋە سىياسىي جەھەتتە قولغا كەلتۈرۈشنى ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈش.ئاز ساندىكى ئەكسىيەتچىلەرنىڭ قوراللىق توپلاڭ كۆتۈرۈشى نەتىنجىسىدە،كۆپ ساندىكى ئەمگەكچى خەلىق ئۈزۈل-كېسىل ئازات بۇلىدىغان بولدى» دىگەن.
رەئىس ماۋزېدوڭنىڭ بۇ سۆزى شىزاڭدىكى توپلاڭنى تىنجىتىپ، ئىسلاھات ئېلىپ بىرىشقا ئاساس سېلىپ بەرگەن.17-مارت ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيرۇ يىغىنى ئۆتكۈزگەن.يىغىن قاتناشچىلىرى ئاساسەن:ئەڭ ياخشىسى دالاي لامانى ئامالنىڭ بارىچە لاسادا قېلىشقا كۆندۈرۈش كېرەك.ئەگەر ئۇ كىتىمەن دەپ چىڭ تۇرۋالسا،بۇنىڭمۇ ھىچقىسى يوق.چۈنكى بىزنىڭ ھازىرقى ئاساسلىق خىزمىتىمىز توپىلاڭنى قەتئىي تىنجىتىپ،ئومميۈزلۈك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش دىگەن پىكىرگە كەلگەن.جۇئېنلەي يەنە:بۇ قېتىمقى ۋەقە ھىندىستان دائىرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك،ئامىرىكا بىلەن ئەنگىليە ھىندىستان دائىرلىرىنى  پەردە ئارقىسىدا ئاكتىپ قوللاۋاتىدۇ،توپلاڭچىلارنىڭ قوماندانلىق مەركىزى ھىندىستاندىكى كالىمپوڭدا،دىگەن.لاسادا 17-مارت تۇيۇقسىز ۋەقە يۈز بېرىپ،قوراللىق توپلاڭچىلار چىڭخەي –شىزاڭ تاشيولىدىكى لاسا تىرانسىپورىت پونكىتىنىڭ ماي ئىسكىلاتى ۋە ئىستاھكاملىرىغا  30 نەچچە پاي زەمبىرەك ئوقى ئاتقان.بۇ پونكىتتىكى ئىقتىساد ساقچىسى زېڭ خۇيشەن يوليۇرۇق سورىمايلا،60 مىللىمىتىر كالبىرلىق مىناميوت بىلەن ئىككى پاي ئوق ئېتىپ،ئۇلارغا قايتۇرما زەربە بەرگەن.شۇكۈنى كەچ سائەت 10لاردا توپلاڭچى گۇرۇھ دالاي لاما ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى لاسادىن مەجبۇرى ئېلىپ چىقىپ،ئامىرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ياردىمىدە ھىندىستانغا قاچقان.دالاي لاما ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئامىرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىدە مەشىقلەنگەن شىزاڭلىق جاسۇسلارنىڭ ياردىمىدە ھىندىستانغا قېچىپ بارغان.دالاي لاما ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ھىندىستان كونتۇرۇللىقىدىكى رايۇنغا يىتىپ بارغان كۈنى ھىندىستان زۇڭلىسى نېھرو:«ھىندىستان ھۆكۈمىتى دالاي لاماغا سىياسىي پاناھلىق بىرىدۇ» دەپ جاكارلىغان.
 شۇنىڭدىن كېيىن شىزاڭنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ئەكسىيەتچى گۇرۇھ بىلەن چەتئەل ئەكسىيەتچىلىرى بۇ ئىككى پاي زەمبىرەك ئوقىنى دەستەك قىلىپ:بۇ ئىككى پاي زەمبىرەك ئوقى دالاي لامانى قورقۇتۇپ قاچرۋەتكەن،دەپ داۋراڭ سېلىپ،دالاي لامانىڭ سىرتقا قېچىشىدىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى يۇشۇرماقچى بولغان.توپىلاڭنى تەلتۈكۈس تىنجىتىش خەلىق ئازاتلىق ئارمىيىسى 1960-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا،نۇرغۇن توپلاڭچى توپلىشىۋالغان ئىچكى رايۇنلار ۋە چىگرا بويىدىكى رايۇنلاردا ئالتە قېتىم تازلاش ئېلىپ بېرىپ،20 مىڭدىن كۆپرەك قوراللىق توپلاڭچىنى يوقاتقان.1960-يىلىنىڭ كىيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ توپىلاڭنى تىنجىتىش كۈرىشى ئومۇميۈزلۈك تازلاش باسقۇچىغا قەدەم قويغان.1961-يىلىنىڭ ئاخىرى شىزاڭ رايۇنىدىكى قوراللىق توپىلاڭ تەلتۈكۈس تىنجىتىلغان.خەلىق ئازادلىق ئارمىيەسى ئۈچ يىل داۋاملاشقان توپلاڭنى تىنجىتىش كۈرشىدە 93 مىڭدىن كۆپرەك توپلاڭچى ۋە باندىتنى يوقۇتۇپ،35مىڭ 500دىن كۆپ ھەرخىل قورال-ياراق،70 ھەرخىل زەمبىرەك ۋە 41تىلگىرامما ئاپىراتىنى ئولجا ئېلىپ،پاراشۇت بىلەن چۈشكەن 25 جاسۇسنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ياكى ئەسىرگە ئالغان.قوراللىق توپلاڭنى تىنجىتىش بىلەن بىللە،پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ماۋزېدوڭ شىزاڭدا دەرھال دېمكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بىرىشنى قارار قىلغان.شىزاڭ ئاپتۇنۇم رايۇنى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش كومىتېتى 1969-يىل 17-ئىيۇل «دىمۇكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش قارارى»نى ماقۇللاپ، شىزاڭدا ئاممىۋى خاراكتىرلىك داغدۇغىلىق دىمۇكراتىك ئىسلاھات ھەركىتى قوزغاپ،فېئودال يانچىلىق تۈزۈمنى بىراقلا پاچاقلاپ تاشلىغان.

3

تېما

0

دوست

151

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   50.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 25
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2011-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 13:25:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توسىماي مانا ھازىر ياخشى بولىۋاتامدا ئەمدى ،،،،،،،،،،،
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

30

تېما

6

دوست

7362

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   47.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1679
تۆھپە : 1099
توردىكى ۋاقتى: 336
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 23:38:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە  ئىشقا  سەۋەپ  تەييار...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )