قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 281892|ئىنكاس: 937

بوزقىر-ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ 1-قول بولۇشى نېمىشقا تەس؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پەرۋايىم پەلەك

0

تېما

0

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   53.29%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1208
يازما سانى: 1345
نادىر تېمىسى: 21
مۇنبەر پۇلى: 7517
تۆھپە : 4415
توردىكى ۋاقتى: 3122
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-26

نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 22:57:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ «1-قول»
بولۇشى نېمىشقا تەس؟




  ياۋ شىنيوڭنىڭ ئىلاۋىسى :

       ئالدىنقى ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى ئېنگلىزچە نەشرى»نىڭ گاۋ فامىلىلىك مۇخبىرى ماڭا ماقالە بۇيرۇتقانىدى.ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەت پۇشتىدىن بولغان« 1-قول»نىڭ كەملىك مەسىلىسى ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىۋاتقانىكەن.ئۇ مەن بېلەن يەنە بىر ئۇيغۇرغا ھەر بىرىمىزگە تەخمىنەن 1400خەت كېلىدىغان بىردىن ماقالە ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى ئېيىتتتى.يەكشەنبە كۈنى گېزىتتىن ئىككىمىزنىڭ ماقالىسىنى كۆردۈم.ئەمما، ئېلان قىلىش شەكلىدىن قارىغاندا ئۇلار ئەشۇ ئىككى پارچە ماقالىنى ئۇنۋېرساللاشتۇرۇپ خەۋەر قىلغاندەك تۇراتتى. ھازىر مەن ئەشۇ ئىككى پارچە ماقالىنى ئوقۇپ مۇھاكىمە قىلىشىڭلارغا سۇنماقچىى . ئىككى پارچە ماقالە كۆز قاراش جەھەتتە زور پەرىقلىنىپ كەتمەيدۇ.تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ماقالىسى بىر قەدەر كونكىرىتنى يېزىلىپتۇ، سان-سىفىرلارمۇ خېلى كۆپكەن. مېنىڭ ماقالەم بولسا ئەقلى تەپەككۇرنى ئاساس قىلىپ يېزىلغان بولۇپ، بۇ ئىككى ماقالە بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، دەپ قارايمەن.
     ئۇنىڭدىن باشقا «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى  ئېنگلىزچە نەشرى» گە بېسىلغان ماقالىلارنىڭ ئېنگلىزچە تەرجىمە نۇسخىسىنىمۇ قوشۇمچە قىلىپ قويدۇم. تەرجىمىدە بىزنىڭ مەقسىدىمىز ئەينەن يەتكۈزۈلدىمۇ -يوق ، ئېنگلىزچە بىلىدىغان تورداشلارنىڭ كۆرۈپ بېرىشىنى سورايمەن.

-------------------------------------------------------------------------
---------------------------------------------------------------------------  


                                            ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ «1-قول» بولۇشى نېمىشقا تەس؟  

                                                                    تۇرغۇنجان تۇرسۇن

        دۆلەت قۇرۇلغاندىن بۇيان شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى.2008-يىلى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت  كادىرلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 363مىڭغا يېتىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئومۇمىي كادىر سانىنىڭ %51.25 نى ئىگىلىدى.ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسلىكى، ھەر قايسى ئاپتونوم ئوبلاستلارنىڭ ئوبلاسىت باشلىقلىقى، ئاپتونوم ناھىيەلەرنىڭ ھاكىملىقى ھەمدە شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدىكى خەلق  دائىمىي كومېتىتېتىنىڭ مۇدىرلىقى، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ  باشلىقلىقى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ  باشلىقلىقىنى ئاپتونومىيەنى يۈرگۈزگۈچى مىللەت گىراژدانلىرى ئۈستىگە ئالدى؛ مۇتلەق كۆپ ساندىكى ۋىلايەت، ئوبلاسىت، شەھەرلەرنىڭ ۋالىيلىقى، ئوبلاسىت باشلىقلىقى ۋە شەھەر باشلىقلىقى ھەمدە ھاكىملىقى ۋە رايون باشلىقىلىقىنى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ئۆتۈگەندىن سىرىت،  ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى نازارەت، ئىدارە، كومىتېت، ئىشخانىلىرىدىمۇ ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان نۇرغۇن نازىر ، مۇدىرلار بار بولدى.
      ئەمما، بۇنىڭ بىلەن مۇنداق بىر پاكىتنى ياپقىلى بولمايدۇ: ۋىلايەتتىن ناھىيەگىچە ، ئاندىن يېزىغىچە بولغان مەمۇرىي رايونلارنىڭ دەرىجە قاتلىمىدا يەرلىك پارتكوملارنىڭ شۇجىلىقىنى ئۆتەۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى يوقنىڭ ئورنىدا. يەرلىك پارتكوملارنىڭ شۇجىلىقى ئادەتتە يەرلىك ھاكىمىيەت-باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكى «1-قول» دەپ قارىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيىتقاندا شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەتتىن «1-قول» بولغانلار يوق دېيەرلىك.
         2010-يىلىدىن ئىلگىرى پۈتۈن شىنجاڭدىكى 865يېزا –بازاردا يېزىلىق پارتكوم شۇجىسى بولغان ئۇيغۇرلارنى ساناش خۇددى كۈندۈزى يۇلتۇز سانىغاندەكلا ئىش ئىدى، ھەتتا ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى بولغان ئۇيغۇردىن بىرىمۇ يوق ئىدى، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىقىدىنغۇ ئېغىز ئاچقىلىمۇ بولمايىتتى. نېمە ئۈچۈن شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ «1-قول» بولۇشى شۇنچە تەس؟  بۇ بىر قەدەر مۇرەككەپ مەسىلە ھېساپلىنىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئامىللىرى بولۇشىى مۇمكىن :
     1- ئىقتىدار ئامىلى
     يەرلىك پارتكوملارنىڭ شۇجىلىرى شۇ رايوننىڭ ئومۇمىي خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى باشقۇرۇشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان. مۇشۇ ۋەزىپىنى ئاتقۇرغۇچىنىڭ سېياسىي ساپا، بىلىم سەۋىيە، رەھبەرلىك ئىقتىدارى ۋە دادىل،تەدبىرلىك ، كەسكىن بولۇشىغا قارىتا خېلى يۇقۇرى تەلەپلەر قويۇلىدۇ. شۇنى ئېتراپ قىلىش كېرەككى، مۇشۇنداق شەرىتكە توشۇدىغان ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى خېلىلا ئاز، بولۇپمۇ بەزى ئاساسىي قاتلاملاردا تەلەپ بېلەن ئىقتىدار ئوتتۇرىسىدىكى پەرىق نىسبەتەن زور.
      2-تىل ئامىلى
     ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك نىسبەتەن تۆۋەن ھالەتتە بولۇشىمۇ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ ئۆز رولىنى جارىي قىلدۇرىشىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان موھىم تەرەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنىڭ يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىقتىدار بېلەن ۋاستىلىق مۇناسىۋىتى بار.شىنجاڭدا ئىزچىل تۈردە خەنزۇ تىلى بېلەن مىللىي تىل ئايرىۋېتىلگەن مائارىپ تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلغان بولۇپ ، مىللىي تىلدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى «مىللىي تىلىدا ئىمتاھان بېرىدىغان مىللىي ئوقۇغۇچىلار»، خەنزۇ تىلدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى «خەنزۇ تىلىدا ئىمتاھان بېرىدىغان مىللىي ئوقۇغۇچىلار» دەپ ئاتىلىدۇ. شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى مىللىي تىلدىكى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنى ئومۇمىي يۈزلۈك يۇقۇرى دېگىلى بولمايدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ دۆلەتنىڭ فاڭجېن-سېياسەتلىرى، زامانىۋى پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرى، بازار ئىگىلىكىنىڭ يۈرۈشۈششىگە دائىر بىلىملەرنى ئىگىلىشى ۋە ئىشلىتىشىنى چەكلەپ، ئۇلارنىڭ خىزمەتتە ئۆز ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىش ۋە سېياسىي جەھەتتىن ئۆسىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ كەلمەكتە. مىللىي تىلدىكى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ئىچىدە ئىچكىرىدە ئالىي مائارىپ تەربىيىسى ئالغان ياكى ئۆزلىكىدىن تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ يېتىشكەن  خەنزۇ تىلىغا پىششىق قىسمەن ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى بولسىمۇ ئەمما ، ئۇلار سان جەھەتتىن ئاز، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلاملاردا تېخىمۇ ئاز.
       3-پارتكوم ، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھوقۇق تەقسىمات ئامىلى
       شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىدىن  يەرلىكتە پارتكوم شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرىۋاتقانلارنىڭ بەك ئاز بولۇشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ يەرلىكتە ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئاتقۇرغانلىقىدىندۇر. شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاسىت، شەھەرنىڭ ۋالىي (ئوبلاسىت باشلىقى، شەھەر باشلىقى ) سىدىن 13 ئى ئاز سانلىق مىللەتتىن. 99 ناھىيە، شەھەر،  رايوننىڭ ھاكىم  (شەھەر باشلىقى ، رايون باشلىقى) نىڭ 81 ئى ئاز سانلىق مىللەتتىن. شۇڭا پارتكوم شۇجىلىقىنى خەنزۇلارنىڭ ئۆتۈشى لازىم بولۇپ قالغان. بۇ ئەھۋال شىنجاڭدا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ.  شىنجاڭدىمۇ باشقا ئۆلكە-ئاپتونوم رايونلارغا ئوخشاشلا ھوقۇقنىڭ پارتكوم شۇجىسىغا ھەددىدىن ئارتۇق مەركەزلىشىپ قېلىش ھادىسىسى مەۋجۇت. ئەمما شىنجاڭدا بولسا بۇ خىل ھالەت تېخىمۇ ئېغىر. شۇڭا بۇ ھەقتىكى سۆز-چۆچەكلەر ناھايتى كۈچلۈك بولماقتا. يەرلىك پارتكوم بېلەن ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن ھوقۇق ئايرىش تۈزۈمىنى رېئاللىقتا ئىشقا ئاشۇرۇش ناھايتى تەس.قانداق ئەھۋالدا ھوقۇقنىڭ باراۋەر بولىدىغانلىقى ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق تەقسىماتى ئارقىلىق ئىشقا ئاشماسلىقى كېرەك ئىدى.
        4-ئىشەنىچ ئامىلى
       بۇ شىنجاڭدا خېلىلا يامان كۆرۈدىغان سۆز تېمىسى ھېساپلىنىدۇ.ئەمەلىيەتتە ئۇ ئاساسلىقى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ تونۇشىدا ئىپادىلىنىدۇ، يەنى ئۇلار دائىرىلەر ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئىشەنمىدى، شۇڭا ئاز سانلىق مىللەتلەر «1-قول »بولالمايدۇ، دەپ قارايدۇ.بۇنىڭ توغرا ياكى خاتا ئىكەنلىكىنى ۋاقتىنچە مۇلاھىزە قىلمايمىز.ئەمما ئوبىيېكتىپ ئەھۋال دەرۋەقە دەتالاشسىز شۇنداقلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەردىن «1-قول »لارنىڭ ئاز بولۇشى ھادىسىسىنى كۆپلىگەن ئاز سانلىق مىللەت ئادەتتىكى ئاممىسىنىڭ مەۋقەسىدە تۇرۇپ نەزەرىيە ۋە چوڭقۇرلۇق نۇقتىسىدىن چۈشىنىش تەس بولسىمۇ ئەمما رېئاللىقتىكى مەۋجۇت مەسىلىلەردىن ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئىشەندۈرەلمىگەچكە ئاز سانلىق مىللەتلەر «1-قول » بولالمايدۇ، دېگەن يەكۈن كېلىپ چىققان.
         ھازىرقى رېئاللىقنى مەيلى قانداق ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر كىشىنى ئەندىشىگە سالماي قالمايدۇ.ئىسلاھات –ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30يىلدىن بۇيان دۆلەت شىنجاڭغا زور تۈركۈمدە ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇيغۇرلاردىن بىر نەپەر ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى، 10نەپەر يېزىلىق پارتكوم شۇجىسى يېتىشتۈرۈپ بېرەلمىگەنلىكىنى ھەر قانچە قىلىپمۇ چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايدۇ.بەلكىم بىزنىڭ تەربىيلەش ئۇسۇلىمىزدا زور كەمچىللىكلەر باردۇ، يەنە بەلكىم  ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى دادىللىق بېلەن ئىشلىتىشتە ئېغىر دەرىجىدە شۈبھىلىنىشلەر مەۋجۇتتۇ . ئىش قىلىپ ئاۋامنىڭ تالاش-تارتىشلىرى بىكاردىنلا پەيدا بولمايدۇ. يەنە كېلىپ بۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دۆلەتنى ئورتاق ئېتىراپ قىلىشىغا قارىتا ئىنتايىن پايدىسىزدۇر.
         تارىختىن قارىساق، تۆمۈر داۋامەت ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا توقسۇن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ 1-شۇجىسى بولغان.ئۇ شىنجاڭدىكى تۇنجى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ 1-شۇجىسى بولۇپ باققان ئۇيغۇردۇر، شۇنداقلا بۈگۈنگە قەدەر ناھىيەلىك پارتكومنىڭ 1-شۇجىسى بولۇپ باققان بىردىن بىر ئۇيغۇردۇر.سەيفىدىن ئەزىزىمۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 1-شۇجىسى بولۇپ باققان. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، گەپ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىغا قانداق توغرا قاراش ۋە ئىشلىتىشتە.  
      2010-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ شىنجاڭنىڭ سېياسىي مۇھىتىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشقا دائىر سېياسەت-تەدبىرلەر ئۈزلىكسىز يېڭىلانماقتا. ئاز سانلىق مىللەتلەردىن «1-قول »لارنى تاللاپ ئۆستۈرىدىغان يېڭى ھاكىمىيەتچە نۇقتىدا سىناق قىلىش تۆۋەن مۇقامدا بولسىمۇ باشلاندى. نۆۋەتتە جەنۇبى-شىمالىي شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت-ئوبلاسىتلاردا ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلار يېزا-بازارلىق پارتكوم شۇجىلىكىنى ئۈستىگە ئالدى. ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشكارىلىشىچە ، كېيىنكى قەدەمدە سىناق نۇقتىسى ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىكىگىچە كېڭەيتىلىدىكەن. «سۇمرۇغ ھەپتىلىك ژۇرنىلى » بۇنىڭغا «بۇ دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىشەنمەسلىك ھېسىياتىنى يوقۇتۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىدۇر » دەپ باھا بەردى. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى ، بۇ ئىنتايىن موھىم پائال ئەھمىيەتكە ئىگە تەدبىر بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە يېڭى رەھبەرلەرنىڭ سېياسىي ئەقىل-پاراسىتى ۋە يىراقنى كۆرەرلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ھوقۇقنىڭ سىرتىغا ، سېياسىينىڭ چېتىگە چىقىپ قالغاندەك ھېسىياتقا كەلتۈرۈپ قويماسلىق لازىم.بەلكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى دۆلەتنىڭ سېياسىي ئەمەلىيىتى جەريانىغا قاتناشتۇرۇپ، مىللەتلەر سېياسىتى ۋە «مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»نىڭ ئالاقىدار بەلگۈلىمىلىرى بويىچە ئۇلارنى ھوقۇقتىن باراۋەر بەھرىمەن قىلغۇزۇپ، يەرلىكنىڭ ئىشلىرىنى بىرلىكتە باشقۇرغۇزۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى دۆلەتنىڭ سېياسىي ئەمەلىيىتى جەريانىغا قاتناشتۇرۇش جەريانىدا ئۇلارنى دۆلەتنى ئورتاق ئېتىراپ قىلغۇچىلارنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇش لازىم. كەلگۈسى ئۈچ يىلدا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان 2-ئۇيغۇرنىڭ، كەلگۈسى بەش يىلدا ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان تۇنجى ئۇيغۇرنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

---------------------------------------------------- --------------------------

           
                            «ئاز سانلىق مىللەتتىن 1-قولنىڭ يوقلۇقى نەزەرىيىسى» گە باھا

                                                   
                                                                          ياۋ شىنيوڭ

         جۇڭگودىكى مىللىي مەسىلىنىڭ بەزى رايونلاردا ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەر خىل.بۇنىڭ ئىچىدىكى دائىم سەل قارىلىدىغان موھىم سەۋەب ئاددىي كاللا بېلەن تەپەككۇر قىلىش ۋە ئىش كۆرۈشتۇر. ئۇ ھۆكۈمەتنى ھەل قىلغۇچ تەدبىر بەلگۈلەش ۋە خىزمەت ئۇسۇلى جەھەتتىكى ئاددىي-قوپاللىققا يېتەكلەپ، ئوخشىمىغان مىللەت توپىغا تەۋە قوۋىمنىڭ كونكىرىتنى مەسىلىلەر ھەققىدە ئوبىيېكتىپ ھۆكۈم چىقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئارىلىققا ھاڭ پەيدا قىلىپ، مىللىي توپنىڭ ئۆچمەنلىكىنىڭ داۋام قىلىشى ۋە قارا نىيەتلەرنىڭ توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ.نۆۋەتتىكى «شىنجاڭدىكى 1-قوللار ئارىسىدا ئاز سانلىق مىللەتلەر يوق» دېگەن نارازىلىق ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
        ئاۋال شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، مەيلى مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈزۈم بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر شىنجاڭدا ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي ھوقۇقنىڭ ئىگىلىرى پارتىيە شۇجىلىقىنى ئۈستىگە ئالغان خەنزۇلاردۇر.بۇ ئاللىقاچان ماھىيەت خاراكتىرىنى ئېلىپ، مىللەت تەركىبىگە ئاساسەن ھوقۇق تەقسىم قىلىشنىڭ مونوپولىغا –چەتكە قېقىش خاراكتىرىنى ئالغان مېخانىزىمغا ئايلىنىپ بولدى. شۇڭا ئۇنىڭ نارازىلىق ۋە گۇمان پەيدا قىلىشى تەبىئىي. بۇ ج ك پ نىڭ ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئۆزى ھەىققىدە قايتا ئويلىنىشىغا تېگىشلىك مەسىلىدۇر.ئەمما مۇبادا بىزنىڭ تونۇشىمىز پەقەت ھوقۇققا بولغان مىللىي توپ تەقسىماتىنىڭ نىسبەتسىزلىكى ئۈستىدىكى نارازىلىقتىلا توختاپ قېلىپ مەسىلىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىنى كۆرۈپ يەتمىگەندە بىر تەرەپلىمىلىك پەيدا بولۇپ ، ئۆزىمىز كەلتۈرىۋاتقان پاكىتلارمۇ كۆڭۈلدىكىدەك مېۋە بېرەلمەسلىكى مۇمكىن.
        مەسىلەن مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر زاتلارنىڭ نارازىلىقىنى ئاڭلىغىنىمىزدا ئۇلارنىڭ سۆزى  كىشىنى خۇددى شىنجاڭدا ئەزەلدىن ھەرقانداق بىرەر ئازسانلىق مىللەت پۇشتىدىن بولغان كادىرنىڭ ھەرقانداق دەرىجىدىكى بىرەر پارتىيە شۇجىلىقىنى ئۆتەپ باقمىغاندەك ھېسىياتقا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. بۇ ئەلبەتتە پاكىتقا ئۇيغۇن ئەمەىس.سەيپىدىن ئەزىزى ئىلگىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 1-شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېتنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ 1-سېياسىي كومېسسارى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش –قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ 1- سېياسىي كومېسسارى بولغان. سەيپىدىن ئەپەندى «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» نىڭ موھىم رەھبەرلىرىنىڭ بىرى ئىدى.ئەشۇنداق كەچمىشى بار ئادەمگە مالىمانچىلىق قاپلىغان مەدەنىيەت  زور ئىنقىلابى دەۋرىدە دۆلەت شىنجاڭنىڭ پارتىيە-ھۆكۈمەت-ئارمىيەنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبەرلىكىنى قورقماي بېرەلىگەن. ئەجىبا بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ ئەلبەتتە بۇ ھازىرقى ج ك پ دە ئۆزىگە بولغان ئىشىنىشنىڭ كەملىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.ئۇنداقتا بۇنىڭدىن ھازىرغىچە ئۇيغۇرلاردىن كومپارتىيە ئەزالىرى يوق، كىشىنى توللۇق خاتىرجەم قىلىدىغان ئاپتونوم رايوننىڭ 1-قولى بولالىغۇدەك ئۇيغۇر يوق دېگەن ھۆكۈم كېلىپ چىقامدۇ قانداق؟ بۇنداق دېسەم خاتا چۈشىنىش پەيدا بولۇپ قالمىسۇن. دېمەكچىمەنكى ، ئىشىنىش نوقۇل بىر تەرەپتىن ئەمەس بەلكى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولىدۇ.
       يەنە چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا  ، ئازسانلىق مىللەت پۇشتىدىن بولغان كادىرلاردىن 1-قولنىڭ چىقماسلىقىغا  نوقۇل بىر تەرەپلىمە قاراش بېلەن نارازى بولۇش تازا ئاقىلانىلىق ئەمەس.  
     1-جۇڭگونىڭ يولغا قويۇۋاتقىنى پارتىيە شۇجىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى.ئەمما بۇ قانداقتۇر مەمۇرىي رەھبەرنىڭ ھېچقانداق ھوقۇقى بولماسلىقى كېرەك ياكى ئۇلارنىڭ ھوقۇقى موھىم ئەمەس دېگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ.يەنە كېلىپ مەمۇرىي رەھبەرمۇ سېپى ئۆزىدىن پارتىيىنىڭ ئادىمىدۇر. شۇڭا ساناقلىقلا مىللىي كادىرلارنىڭ 1-قول بولۇشىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭدا ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشقا راستىنلا قاتناشمىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.ھازىر ھوقۇق پارتىيە شۇجىسىگە مەركەزلىشىپ قالغانلىقتىن مەمۇرىي رەھبەرنىڭ ھوقۇقىنىڭ قىسمەن ئاجىزلاپ قالغانلىقى راسىت. ئەمما بۇ ئايرىم ماھىيەتلىك مەسىلىدۇر.  
       2-پارتىيىنىڭ يادرولۇق رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى بېلەن مىللىي ئاپتونومىيە ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ ئەمما بىرلىككە كەلتۈرۈلمىگەن، پارتىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدا «مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە»نىڭ پىرىنسىپلىرى يولغا قويۇلمىغان.ئەينى ۋاقىتتا مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۈلەش ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلغان لېنىن سوۋېت كومپارتىيىسىنىڭ ئىچىدە مىللەت تەركىبى بويىچە ھوقۇق تەقسىم قىلىشقا ئۆكتە قوپقان. شۇڭا مىللىي رايونلاردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملاردىن مىللەتلەر توپىنىڭ نوپۇس نىسبىتى بويىچە پارتكوم شۇجىلىرىنى سەپلەشنى تەلەپ قىلىش ھېچ بولمىغاندا تۈزۈم جەھەتتىكى سەۋەبىنىڭ كەملىكىدىن بولغان .
        3 -تېخىمۇ موھىمى تالاي ئۇيغۇر زاتلارنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى نارازىلىقى ئەمەلىيەتتە ھازىرقى ھوقۇق تەقسىماتىنىڭ يېتەرلىك دېمىگراتىك يوسۇندا ئېلىپ بېرىلغانلىقىدىغا گۇمان قىلىۋاتقانلىقىدا ئەمەس بەلكى ئوخشىمىغان مىللەت توپىنىڭ نوپۇس نىسبىتى بويىچە ھوقۇق تەقسىم قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىدا ئىپادىلىنىدۇ. كۆپ مىللەتلىك زامانىۋى دۆلەتتتىكى ھوقۇقنىڭ قانۇنلۇق بولۇشىنىڭ ئاچقۇچى ھوقۇق تەقسىماتىنىڭ مىللەت توپىنىڭ نوپۇس نىسبىتىگە ئۇيغۇن كەلگەن-كەلمىگەنلىكى )بۇ پەقەت نەتىجە ،سەۋەب ئەمەس (دە ئەمەس بەلكى ئەمەلدارلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە ئەل رايى بويىچە تاللانغانمۇ-يوق، قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ-يوق، ھەقىقى مېخانىزىم خەلقنىڭ ئەمەلدارلارنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى نازارەت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلالىشىنى ئۆزىدە ھازىرلىدىمۇ -يوق قاتارلىق تەرەپلەردە گەۋداىلىنىدۇ.مۇبادا مۇكەممەل بولغان نازارەت مېقىانىزىمى ئورنىتىلمىسا شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملىرىنىڭ 1-قوللىرى خەنزۇدىن ياكى ئۇيغۇردىن بولمىسۇن ياكى نۆۋەتلىشىپ ۋەزىپە ئۆتىمىسۇن ئۇيغۇر ياكى باشقا مىللەت توپىدىكى خەلقلەرنىڭ ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولالامدۇ؟ يەنە كېلىپ بۇ باشقا مىللەت توپىدىكىلەر ئۈچۈن ئادىللىق  ھېساپلىنارمۇ؟ بۇ خىل تەپەككۇر يولى بېلەن بۇ ھەقتىكى گەپ-سۆزلەر ھوقۇق تەقسىماتىنىڭ ئادىل،دېمىگراتىك بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئىپادە قىلىنىشى كېرەككى، ھوقۇق-مەنپەئەت تەقسىماتىدىكى مىللەت پۇشتىنىڭ باراۋەرسىزلىكى قاتارلىق ھادىسىلەردىلا توختاپ قالسا مەقسەت ئارىلىشىپ كېتىشى ھەتتا سىنىپىي خارەكتىرلىك باراۋەرسىزلىك مەسىلىلىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ قېلىشى مۇمكىن.
         ئېيتىشلارغا قارىغاندا، جاڭ چۇنشىيەن شىنجاڭدا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن مىللىي كادىرلاردىن 1-قولنىڭ كەم بولۇش مەسىلىسىگە ئېتىبار بېرىشكە باشلىغان ھەم يېزا دەرىجىلىك پارتكوملارغا ئاز سانلىق مىللەت پۇشتىدىن بولغان پارتكوم شۇجىلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە تۈرۈتكە بولغان. بۇنى ئەلبەتتە ئىجابىي تەرەپتىن مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولسىمۇ ئەمما چوڭ يۈزلىنىشتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا بۇ جەھەتتە زور ئىلگىرىلەش بوپ كېتىشى ناتايىن. جۇڭگو سېياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ دېمىگراتيەلىشىشى ، سۈرئىتى، سالمىقى قاتارلىق ئاساسىي يۆنىلىشى جەھەتتىن ئېيىتقاندا نۆۋەتتە ئاۋال مۇنۇ ئۈچ تەرەپتىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە تېگىشلىك : بىرىنچىدىن ، تۈزۈلمىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھوقۇق تەقسىماتى ، نازارەت قىلىشنى دېمىگراتىيەلەشتۈرۈش ، تۈزۈملەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش ؛ بۇنىڭ ئىچىدە ھوقۇقنىڭ پارتكوم شۇجىلىرىگە مەركەزلىشىپ قېلىش مەسىلىسىنى ھەقىقىي يوسۇندا تۈپتىن ئۆزگەرتىش.ئىككىنچىدىن، گىراژدانلار ھوقۇقنى نازارەت قىلىدىغان ئۈنۈملۈك مېخاينىزىمنى پائال بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش.ئۈچىنچىدىن ، ئاساسىي قاتلامدىكى ھوقۇق ياكى قىسمەن ھوقۇقلارنى ئاۋام سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشنىڭ سىناق نۇقتىسىنى ھەقىقىي يوسۇندا بەرپا قىلىپ، ئۇنى پەيدىن-پەي كېڭەيتىشنى قولغا كەلتۈرۈش. پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ھوقۇق تەقسىماتىنى دېمىگراتىيەلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھوقۇقنىڭ پاك، يۇقۇرى ئۈنۈم بېلەن يۈرگۈزىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. بۇ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولغان سېياسىي دېمىگراتىك تۈزۈمنىڭ ئەڭ ئاخىردا ۋۇجۇتقا كېلىپ ، تۈرلۈك تۈزۈم خاراكتىرلىك ھوقۇق-مەنپەئەت باراۋەرسىزلىكى قاتارلىقلارنى يوقۇتۇش ۋە ئۈنۈملۈك تىزگىنلەشكە شەرت-شارائىت ھازىرلايدۇ.

附《环球时报》发表样式:
http://blog.sina.com.cn/s/blog_60f25ed70102dw9y.html

يۇقۇرقى ئۇلىنىشتىن بوزقىر تەرجىمە قىلدى .

نىكاھنىڭ قىيىنل

0

تېما

0

دوست

7001

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   40.02%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1318
يازما سانى: 270
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1705
تۆھپە : 991
توردىكى ۋاقتى: 1343
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 10:19:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بوزقىر ئاكا!
  تېمىڭىزنى ئوقۇمايلا ئىنكاس يېزىشقا ئالدىراپ كەتتىم. سىز ھەقىقەتەن زىيالىلارغا خاس مەردانىلىق بىلەن  قىمەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ، تەن سالامەتلىكىڭىزنىڭ تەسىرگە  ئۇچۇرىشىغا قارىماستىن بىزگە قىممەتلىك تېمىلارنى تەرجىمە قىلىپ يوللاپ سۇنىۋاتىسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ نامىدا سىزگە رەھمەت  ئېيتىمەن.
   گەرچە بۇ تېمىڭىزنى تېخى ئوقۇمىغان بولساممۇ  لىكىن سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنىڭ ھەقىقەتەن ئادەمنى ئويلىنىشقا ،تەپەككۇر قىلىشقا يىتەكلەيدىغان، تەسىرچانلىقى كۈچلۈك،تېتىمىلىق يازما بولىدىغانلىقىغا باغانسىرى ئىشىنىپ كەلدىم.چۈنكى سىز قەلىمىڭىزگە تولىمۇ مەسئۇلىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ھەقىقى ساناقلىق زىيالىرىمىزنىڭ بىرى.
  قالغان تەسراتلىرىمنى تورداشلارنىڭ مۇنازىرىسى داۋامىدا يازىمەن.

باھا سۆز

sd.uyhur  ياخشى يىزلىپتۇ..............  يوللىغان ۋاقتى 2013-3-18 11:11
kamsoz  تەن سالامەتلىكىڭىزنىڭ تەسىرگە ئۇچۇرىشىغا قارىماستىن دىگەن نېمە گەپ ؟؟؟ تېمىدىن چەتنەپ كەتمەڭ  يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 12:19
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

7366

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   47.32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1896
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1773
تۆھپە : 1037
توردىكى ۋاقتى: 273
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 11:10:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ 1-قول بولۇشى نېمىشقا تەس؟

ئازسانلىق مىللەتلەردىن 1-قولنى قويۇشتا بۇرۇنقىدىن ئىلگىرلەش بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم. چۈنكى بىرنەچچە ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىق يېزا-بازارنىڭ 1-قوللىرى ئىلگىرى خەن مىللىتىدىن ئىدى، لېكىن ھازىر خۇيزولاردىن قىلىپ تەيىنلىدى.

باھا سۆز

33ablikim  توغرا خۇيزۇلارمۇ ئازسانلىق مىللەت  يوللىغان ۋاقتى 2013-3-9 16:23
yalguztograk  بوزقىر ئەپەندىم سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىزغا، دادىل ئىزدىنىش روھىڭىزغا ئاپىرىن ئوقۇيمەن.  يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 17:38
پەرۋاز

22

تېما

17

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

پەرىشتە

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 2632
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 14307
تۆھپە : 8636
توردىكى ۋاقتى: 3090
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-28

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 11:21:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ 1-قول بولۇشى نېمىشقا تەس؟

ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتى شىنجاڭ ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ئاپتۇنۇمىيە ھوقۇقى ئارقىلىق قوغدالمىغاندا ، بىرىنچى قول باشلىق بولغان تەغدىردىمۇ يەنىلا ئوخشاش ،نازارەت ۋە باشقا شەكىللەر ئارقىلىق يەنىلا يېڭى كۆلنىڭ سۇيى تاتلىق بارا بارا ساسسىق بولۇپ قالامدىكىن دەيمەن ،
مەن سىياسەت دىگەن نەرسگە قارىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ جانىجان مەنپەئەتى ، مەۋجۇتلىقى ، تەڭ باراۋەرلىكى ، ۋە ئىنسانى ھوقۇقى يەنىلا قانۇن ئارقىلىق كاپالەتلەندۇرۇلۇشىنى ئۇمۇت قىلمەن ، بولۇپمۇ ئاپتۇنۇمىيە قانۇنى يۇرگۇزۇلىشى كېرەك دەپ قارايمەن ،

ئەمما جاڭچۇنشەن  چىقىپ شىنجاڭنىڭ سىياسى ھاۋاسىدا بۇرۇنقىغا قارىغاندا  تازىلىنىش ۋە ساپلىىشىش بولۇۋاتقانلىقىمۇ بىر ئەمىليەت ،

1مىليارت ئۇچيۇز مېليۇن ئادەمنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر باراۋەر بولىمەن ، يوقاپ كەتمەيمەن ، ھەقىقى قەلىپ سادايىمىنى مەركەزگە پارتىيەگە ئاڭلىتالايمەن دەيدىكەن ئۇنداقتا بىردىن بىر يول دەل ئاپتۇنۇمىيە قانۇننى ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ،

باھا سۆز

yalguztograk  راست دەيدۇ ئۆزگۈرۈش بولغاندىلا تەرەققىيات بولىدۇ. بۇنى جاڭ شۈجى ئىنىق ئوتتۇرغا قۇيۇپتۇغۇ چوڭ يىغىندا  يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 17:39

0

تېما

0

دوست

3874

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  860
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى: 942
تۆھپە : 524
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 11:40:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     مەلۇم بىر باغداش تورىنىڭ ئىشتراكچىسى بولغان يازغۇچى ئەدىبنىڭ بوزقىرنى تەرىپلىگەن سۆزى قايتا يادىمدىن كەچتى ، بۇ ئەدىپ تور ئەدەبىياتى ۋە بوزقىر توغرىسىدا سۆزلەپ : "بوزقىرنىڭ تېمىلىرىنى كۆرۈپ شىنجاڭدا بوزقىردىن باشقا ئادەم خەنزۇتىلى بىلمەيدىغاندەك بىلىندى" دىگەن ئىدى .

 يوقىرىقى تېمىغا كەلسەك :
 شىنجاڭ تېنىچ يول بىلەن ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن كەنتلەر يولغا قويۇلغاندا دەسلەپ بولۇپ ئاز سانلىقلاردىن كەنت شۇجىسى  قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ سايلام قىلغانكەن  ،لېكىن ئەمەتنى بولسۇن دىسە سەمەت ئۇنماي ، سەمەت بولسۇن دىسە مەممەتلەر سەمەت ئەينى ۋاقىتتا مانداق خاتالىق ئۆتكۈزگەن دەپ ...
  ئەمىسە  مەمەت بولسۇن دىسە مەمەتتىمۇ چاتاق باتتى دەپ بىر بىرسىنى بولغىلى قويماي ، ئاخىرى ئەمىسە ۋاڭ ئەپەندى بولسا قانداق دەپتىكەن ئەمەت سەمەت مەمەتلەر بىردەك قوشۇلۇپتىكەن ،
     ئاخىرىدا شۇنى دەيمىزكى ھوقوقنىڭ خەنزۇلارنىڭ قولىدا ياكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قولىدا بولۇش مۇھىم ئەمەس ، ھەقىقى بىر ۋىجدان ئىگىسى ھوقوق تۇتقاندا خەلق تۇرمۇشى ياخشىلىنىدۇ. 
   جاڭ چۈنشەن شۇجى بۇنىڭ ئىسپاتى .

22

تېما

17

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

پەرىشتە

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 2632
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 14307
تۆھپە : 8636
توردىكى ۋاقتى: 3090
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-28

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 11:53:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:Re:ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ 1-قول بولۇشى نېمىشقا تەس؟

بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى arknurدە2012-04-25 11:10يوللىغان يازمىسىغا نەقىل Re:ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ 1-قول بولۇشى نېمىشقا تەس؟ :
ئازسانلىق مىللەتلەردىن 1-قولنى قويۇشتا بۇرۇنقىدىن ئىلگىرلەش بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم. چۈنكى بىرنەچچە ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىق يېزا-بازارنىڭ 1-قوللىرى ئىلگىرى خەن مىللىتىدىن ئىدى، لېكىن ھازىر خۇيزولاردىن قىلىپ تەيىنلىدى.  

يەرلىكىتىكى جۇگۇلياڭلارنىڭ ئىشىدە بۇ چوڭ مىللەتچىلىكنى ۋايىغا يەتكۇزۇپلا ۋاتۇدۇ بۇ يەرلىكتىكى غوجاملار

چ چ: 654354470

2

تېما

0

دوست

9535

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   90.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  252
يازما سانى: 354
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 2276
تۆھپە : 1381
توردىكى ۋاقتى: 1469
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 12:27:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 كەلگۈسىدە دۆلىتىمىزنىڭ مىللى تېرتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ۋە مىللەتلەر سىياسىتىنى تېخىمۇ ياخشى يۈرگۈزىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
چ چ: 654354470

1

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   16.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6545
يازما سانى: 913
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3691
تۆھپە : 2543
توردىكى ۋاقتى: 552
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 12:27:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.ئەينى ۋاقىتتا مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۈلەش ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلغان لېنىن سوۋېت كومپارتىيىسىنىڭ ئىچىدە مىللەت تەركىبى بويىچە ھوقۇق تەقسىم قىلىشقا ئۆكتە قوپقان. شۇڭا مىللىي رايونلاردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملاردىن مىللەتلەر توپىنىڭ نوپۇس نىسبىتى بويىچە پارتكوم شۇجىلىرىنى سەپلەشنى تەلەپ قىلىش ھېچ بولمىغاندا تۈزۈم جەھەتتىكى سەۋەبىنىڭ كەملىكىدىن بولغان .
...............................................................................................
   مەن ھەممىدىن يۇقۇردىكى بولەككە بەكرەك قىزىقتىم .

uyghur

1

تېما

0

دوست

5295

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4471
يازما سانى: 210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1280
تۆھپە : 757
توردىكى ۋاقتى: 152
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 12:32:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ يۇرىتتا بۇ ئىشلاردا خىېلى ئىلگىرلەش بولدى،ئىككى يېزىمىزنىڭ شۇجىسىنىڭ ئانىسى ئۇيغۇر،دادىسى خەنزۇ.

1

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   16.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6545
يازما سانى: 913
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3691
تۆھپە : 2543
توردىكى ۋاقتى: 552
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 12:37:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     مەن ھازىر ، كىچىك ۋاقتىمدا  دوسلۇرۇم بىلەن كۇندە كىرىپ توپ ئوينايدىعان ھەربى قىسىمنىڭ  ئالدىدىن ئوتسەممۇ تىنىم شۇركىنمىدۇ .  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-4-28 18:28 , Processed in 0.060101 second(s), 5 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش