ئەسسىلام ، باغداش تورىنىڭ قىزغىن كۆرۈرمەنلىرى :
تور بېكىتىمىز قايتا ئېچىلغىلى بىر ئايدىن ئاشتى ،مۇشۇ جەرياندا كونا -يېڭى ئەزالارنىڭ قىزغىن قوللىشى بىلەن تور بېكىتىمىز تېمىلىرى خېلى كۆپەيدى ،ھەم نۇرغۇن نادىر تور ئەسەرلىرى ئەۋەتىلدى ،بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق نادىر بولغان ئەسەرلەرنىڭ ئەۋەتىلىپ تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز !بۇ بىر ئايدا تور بېكىتىمىزنىڭ باشقا سەھىپىلىرىنى ئىشلەش بىلەن بولۇپ كېتىپ مۇنبەرنى ياخشى باشقۇرۇپ كېتەلمىدۇق ، بۇندىن كېيىن مۇنبەرگە بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ يوقىرى ساپالىق مۇنبەر قۇرۇشقا تىرىشىمىز!
تور بېكىتىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتنى ۋە تەشۋىقاتنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن تور بېكىتىمىز بىر قانچە باشقۇرغۇچى ۋە خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلماقچى : ئۇيغۇر تور ساھەسى ئۈچۈن بىر كىشلىك تۆھپە قوشۇشنى خالىسىڭىز سېپىمىزگە قوشۇلۇڭ :
1- مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى (5 نەپەر)
شەرتى :باغداشنى قىزغىن سۆيىدىغان ، باغداش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى خالايدىغان بولىشى كېرەك ،كومپىيوتور دا مەلۇم دەرىجىدە ئاساسى بولىشى كېرەك .يېزىقچىلىق ۋە تەھرىرلىك خىزمىتى قىلالايدىغان بولىشى كېرەك :
ئەسكەرتىش :(باشقۇرغۇچىلىق خىزمىتى قىلغانلارغا مائاش بېرىلمەيدۇ : لېكىن بىز ھەر ئايدا ياخشى ئىشلىگەن باشقۇرغۇچىلارنى ، كىتاپ ، كومپىيوتور بويۇملىرى قاتارلىق مەدەنىيەت بويۇملىرى بىلەن مۇكاپاتلاپ تۇرىمىز !
2-تەرجىمان(2 نەپەر)
خەنزۇتىلى سەۋىيىسى يوقىرى بولغان بىر نەپەر تەرجىمان قوبۇل قىلىندۇ ،(مائاش يۈز تۇرانە دېيىشىلىدۇ)
ئۆز خىزمەت ئورنىدا تۇرۇپ ئىشلەشكە بولىدۇ ، ئۆز خىزمەت ۋاقتىڭىزغا دەخلى يەتمىگەن ئاساستا تور بېكىتىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلسىڭىز ئەلۋەتتە ئۆزىڭىز ئۈچۈنمۇ قوشۇمچە كىرىم يارىتالايسىز!
3-مۇخبىر(سانى چەكلەنمەيدۇ)
مۇخبىرلىق خىزمىتىدىن خەۋىرى بار ،شۇنداقلا مۇخبىرلىق خىزمىتى قىلىشنى خالايدىغان ھەۋسكارلار بولسىمۇ بولىدۇ ، رايون چەكلەنمەيدۇ، شىنجاڭنىڭ ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقانداق يېرىدا بولۇڭ سىز پەقەت بىز ئۈچۈن ساغلام بولغان خەۋەرلەرنى تەمىنلەپ بېرەلەسىڭىزلا بولىدۇ.(مائاش -ئىش ھەققىگە قارىتا بېرىلىدۇ،ۋە مۇكاپاتلىنىپ تۇرىلىدۇ)
دىققىتىڭىز داۋاملىق باغداشنىڭ تەرەققىياتىدا بولسۇن !
ھۆرمەت بىلەن :
باغداش تور بېكىتى
1.شۇنداقلا يەنە تور بېكىتىمىز ئۈچۈن خالىس تۆھپە قوشىۋاتقان ئەزالارنىمۇ مۇكاپاتلاپ تۇرىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز .
ئەسكەرتىش :
1.شۇنداقلا يەنە تور بېكىتىمىز ئۈچۈن خالىس تۆھپە قوشىۋاتقان ئەزالارنىمۇ مۇكاپاتلاپ تۇرىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز .
2.ئەگەر سىز يوقىرى خىزمەتلەرنى قىلىشنى خالىسىڭىز مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس شەكلىدە پىكرىڭىزنى يوللاڭ ، ياكى تور ئارقىلىڭ ئالاقىلىشڭ : QQ:137183568
|